• شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت

    يوللانغان ۋاقتى:25-03-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دېكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتت

    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت



    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دېكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىر قىلىنغان، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
    ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئىرىشكەن.
    چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى »دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.
    شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.
    چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى.
     

    ئەمدى تۆۋەندىكى سۆھبەتنى بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتىمىز:

    يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ
    (شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بىلەن ئايسىمە ئىدرىسنىڭ سۆھبىتى)

    ( قەلەمكەش دوستۇم ئايسىمە ئىدرىس بىلەن سۆھبەت)

    كۆڭلىمىزنىڭ يېقىنلىقى سەۋەبىدىنمىكىن، بىز ناھايىتى تىزلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. روھىمىز بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە يۇلقۇنۇپ، بەزىدە يىغلاپ، بەزىدە كۈلۈپ، بىزنى قايناق ھاياجان ئالىمىدە ناھايىتى ئۇزاق پىچىرلاتقۇزدى.
    ئايسىمە: سىزنىڭ شىئىرلىرىڭىزدىن بىرخىل مەردانىلىك، مەردلىك ھىسلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. لىكىن، تېخىمۇ ئىچكىرلىسەك، ئاشۇ مەردانە ئاياللار يەنە بىردىنلا مۇلايىم، نازۇك، ھەتتا بويسۇنغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئاياللىق سۈلكىتى، قىزلىق نازاكىتىنى نامايان قىلىدۇ. مۇشۇ نوقتىدا سىزنىڭ شىئىرىڭىزنى ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسىغا تولىمۇ يېقىن دەپ قارايمەن...
    چىمەنگۈل: مەن شىئىرلىرىمدا ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى يوچۇقلارغا، كۆڭلىدە تىنىپ قېلىۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرىغا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى چىدام - غەيرەتكە، سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشلىرىگە، ئەقىل بىلەن ھىسيات توقۇنۇشىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم. چۈنكى، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، بەخىتلىك ياشاشقا ھەقلىق ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئازابى ھەم ئۈمىدى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.
    ئايسىمە: چىمەنگۈل، ئۇنداقتا ئاياللىق، ئانىلىق، شائىرلىق، خىزمەتچىلىك ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
    چىمەنگۈل: ۋاپادار ئايال، پەزىلەتلىك ئانا، سۆيۈملۈك شائىر ھەم تىرىشچان بىر كەسىپ ئىگىسى بولۇشتەك يېتىكلۈكنىڭ قايسىسىنى بولسۇن روھى پاكىز ھېچقانداق بىر ۋۇجۇد رەت قىلمايدۇ، ئايسىمە، سۆيۈلۈشكە، بىزنىڭ كۈتۈپ تۇرىشىمىزغا بەرداشلىقىمىزغا كۆنۈككەن ئەرلەر ئەمىلىيەتتە ھازىر بىزدىن ئانچە كۆپ نەرسىلەرنى كۈتمەس بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر پىيالە چاينى، بىر قاچا ئاشنى مىھرى بىلەن سۇنۇۋاتقان ئايالىغا مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ باقمىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېنىق دەپ بىرەلمەيمىز. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ تىنىچ - ئامان ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىگە خوش بولساق، ھاراق پۇراپ تۇرغان تىنىقلىرىدىن بىزار بولمىساق، يۈرىكىنى ئەمەس، گەۋدىسىنىلا ئېنىق كۆرۈپ ياشاشقا چىدىيالىساق، كۈنلىرىمىز يەنىلا ‹‹ خاتىرجەم ›› ئۆتۈۋېرىدۇ. مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ ھەسرىتى، ئاياللارنىڭ غېمى، بالىلارنىڭ گاڭگىرىشى كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاياللار چوقۇم ئۆز - ئۆزىنى سۆيۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ ئالدىدىكى باش - ئاخىرى يوق مەجبۇرىيەت، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەت، جەمىيەتتىكى كىشىنى ھالسىرىتىدىغان مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللاردىن غايەت زور بىر مەنىۋىي كۈچنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھىمى، ئارىمىزدا باللىرى بىلەن مۇڭدىشالايدىغان، تۇيغۇ جەھەتتىن ئۇلار بىلەن تەڭ كىچىكلەپ، تەڭ چوڭ بۇلالايدىغان ئانىلار قانچە كۆپ بولسا، سەبىيلەرنىڭ بالىلىق كۆڭلىگە ئالدىراپ ئازار يەتمەيدۇ. دەرۋەقە، مەيلى چوڭلار، مەيلى كىچىكلەرنىڭ بولسۇن ھېسسىياتىغا ئازار يەتسە، ئەقىلنىڭ خورىمايدىغانلىقىغا مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
    ئېسىڭىزدىمىكىن، ‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى يىغىنى ››دا ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆز ئارىسىدا: ‹‹ بىز ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئازادلىقى توغرۇلۇق قانچە سۆزلەيلى، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىلىق قانچە جار سالايلى، بۇ يەنىلا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. قەدىر - قىممەت جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى نىمدىن قۇتۇلدۇرشىمىز كىرەكلىكىنى كونكرېتلاشتۇرىشىمىز لازىم ›› دىدى. شۇ چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان قۇربان مامۇت ئاكام چاقچاق ئارلاش: ‹‹ سىلەرنى نىمىدىن قۇتۇلدۇرساق بولار، چىمەنگۈل؟ ›› دەپ سوراپ قالدى. ئۇنىڭغا مەن: ‹‹ دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئازابى مىللىيلىككە ئىگە بولغىنى بىلەن تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، نىمىدىن قۇتۇلۇش كىرەكلىكى توغرۇلۇق ھەربىر ئايال رېئاللىققا، مۇھىمى، يېنىدىكى ئادەمگە بېقىپ جاۋاپ بىرىشى كىرەك ›› دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. دىمىسىمۇ، ئەرلەردىن ھوقۇق، ئورۇن، ئىمتىياز تالاشمايۋاتقىنىمىزنى، پەقەت ئۇلاردىن ئىشەنىچ ھەم مىھىر - مۇھەببەتنى كۈتۈۋاتقىنىمىزنى جەمىيەت ئىتراپ قىلىپ، ئەرلەر ئۆزى تەن ئالمىغۇچە بىز ئاياللار يەنىلا ئۆزىمىزگە، بالىلىرىمىزغا، بىزنى تىرەپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغلۇققا مۇھەببىتىمىز ھەم ئادىمىيلىكىمىز بىلەن مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك.
    ئايسىمە: ھە راسىت، سىز تۇنجى قېتىملىق ‹‹ ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى ››دا ‹‹ ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىب ››نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغىنىڭىزدا نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
    چىمەنگۈل: ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى قەلەم ئىگىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. شۇ چاغدا مەن راستىنى ئېيىتسام، ھەم خۇشال بولدۇم ھەم بەكلا قورۇندۇم. مەن بەزىدە ئانام بىلەن دادامنىڭ: ‹‹ كىچىكىڭدە كەچتە سىنى تالاغا ئېلىپ چىقالمايتۇق. بولمىسا ‹ ئاينى ئېلىپ بەر › دەپ خاپا قىلاتتىڭ ›› دىيىشلىرىنى ئاڭلىسام ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم ئاشۇ چاغلاردا باشلانغان بولغىيمىدى، دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئاي بىلەن مىنىڭ ئارلىقىم - ئادەملەرنىڭ رىئاللىقى بىلەن تۇيغۇسى ئارلىقىدىكى مەڭگۈلۈك شىئىردەك تويۇلىدۇ. ئىشقىلىپ، مەن ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈنلا شائىرە دەپ ئاتىلىپ قالمىساملا بولدى. چۈنكى، ئادەملەرگە بولغان سەمىمىيلىكىم، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىم، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم ھەم ئۆز - ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم مىنىڭ ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم.
    ئايسىمە: بەزى ئوقۇرمەنلەر بىر ئوقۇسىلا يۈرەككە گۈپپىدە تىگىدىغان شىئىرلارنى ياقتۇردۇ. بەزى ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭكىدەك مىللىيلىك ھەم ساپ تۇيغۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىلغان شىئىرلارنى ياقتۇردۇ. سىز مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
    چىمەنگۈل: مەيلى قايسى خىلدىكىنى تاللاپ ئوقۇسۇن، بىزدە رېئاللىقى ھەم ئويىغا ماس كىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ئاددىيلا بىر مىسال ئالساق، ‹‹ مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق ›› دىگەن سۆزلەرنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆمرىدە بىرەر قېتىم دىيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لىكىن، ئۇنى قانداق دىيىشنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شائىرلارغا، شائىرلارنىڭمۇ ئوقۇرمەنلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بار.
    ئايسىمە: شىئىرلىرىڭىزدىكى ‹‹ چىلان تورۇق ئات ›› سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى زەبەردەس ئەرلىكنىڭ سىمۋولىمۇ ياكى ئالدىڭىزدا پىلتىڭلاپ ئويناپ يۈرگەن ئوغلىڭىز ئېرلاننىڭ كەلگۈسىدىكى سىيماسىمۇ؟
    چىمەنگۈل: ئايسىمە، سىز ئېغىلدىكى ئاتنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ باققانمۇ؟
    ئايسىمە: ياق.
    چىمەنگۈل: ‹‹ چىلان تورۇق ئات ›› مىنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا ڭىسمەتلىرى بىلەن يۈگەنلىنىپ، ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن ئىگەرلىنىدىغان بەردەم ئايالنىڭ سىمۋولى. قەدىمدە جەڭگاھلارغا ئات چاپتۇرۇپ كىرىپ كىتىۋاتقان ئەرلەرنىڭ جەسۇرلۇقىنىڭ داۋامىدا ئانىلارنىڭ تىلەكلىرى، قەدىناسلىرىنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرى بار ئىكەنمىش. ھازىرچۇ؟ ئازاپلانغانلىقىنى ھاراق ئىچىش بىلەن، ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى زورلۇق بىلەن، بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئىپادىلەپ ياشاۋاتقان، تىرىكچىلىكنىڭ غېمى ھالسىراتقان نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ دىشۋارچىلىقىنىڭ داۋامىدا ئانىلارنىڭ ئەنسىرەشلىرى، خوتۇن - قىزلارنىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرىلا قالدى. ئەلۋەتتە، بۇ مىنىڭ جەمىئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشىۋاتقان ئەرلىك ھەم ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يىتىۋاتقان زەبەردەس ئەرلەرنى نەزەردىن ساقىت قىپ قويغىنىم ئەمەس. ناۋادا مەن ئاشۇ چىلان تورۇق ئاتتەك چاپچىشلىرىم بىلەن ئوغلۇم ئېرلاننى مۇھەببەت ھەم ئېتىقادنىڭ چەكسىزلىكىگە، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنىڭ قۇرىماس گۈلىستانىغا ئاپىرىپ تاشلىيالىسام ( خۇدا ئۇنىڭ ئۆمرىنى نئۇزۇن قىلغاي ) ئاندىن پۇخادىن چىقىمەن.
    ئايسىمە: چىمەنگۈل، بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن جەمئىيتىمىزدىكى ئاياللارنى تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، دەپ قارامسىز؟
    چىمەنگۈل: ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەقىدە، ئۇدۇملاردىن، مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدىن شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاسبىر ئىجتىمائىي قورغىنى بولىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي قورغاننى شەكىللەندۈرگەن ھەرقانداق بىر ئامىلغا سەل قارالسا، ھەرقانداق نەرسە شۇ مىللەتنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ تۇرالايدىغان ئاياللارغا خىرىس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە رىقابەتنىڭ بارغانسىرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش رىتىمى ھەم قىممەت قارىشىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. لىكىن، ئومۇمىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەخلاقىي كىرىزىسلاردا، قول سوزسا ئېسىلىۋالغۇدەك شاخ - شۇمبىمۇ يوق شىددەتلىك ئېقىندا ئېقىپ كىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئازابىدا ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ھەققىي نىسىۋىسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ بېقىشى كىرەك.
    ئائىلە - جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باللىرى ئۈچۈن خورلۇققا بەرداشلىق بىرىۋاتقان ئاياللار، قەلبىدىكى بوشلۇقلارنى تىرىكچىلىك غېمى، خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن تولدۇرۋاتقان ئاياللار، قانۇنلۇق بالىدىن باشقا مىھىر - مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقمىغان تۇل ئاياللارنىڭ قايسى بىرىنى ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلمىدى دىيەلەيمىز؟ ئىنساپ - دىيانىتى بىلەن كىشىنى ئەيمەندۈردىغان، پاراسىتى ھەم بىلىمى بىلەن كىشىنى قايىل قىلالايدىغان، مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈلنى ئىرىتەلەيدىغان ئەرنىڭ قايسى بىرىگە يولۇقسا، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۇلارغا نىمىلەرنى ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى يەنىلا بىز تولۇقى بىلەن ھىس قىلالايمىز، ئايسىمە.
    دۇنيانى ھەرقانچە كەڭرى دىگەن بىلەنمۇ بىر ئائىلىنىڭ كەڭرىلىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. چۈنكى، ئەرلەر ھەرقانچە كۈچلۈك، ئاياللار ھەرقانچە جاسارەتلىق بولسىمۇ، ئائىلە ئىللىقلىقىغا، چۈشىنىش ھەم كۆيۈنۈشكە ھامان مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر ئاياللىرىمىزنى ‹‹ تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ ›› دىسەك، ئۇلارنى ۋەز - نەسىھەت، ھاقارەت، تۆھمەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى مىھىر - مۇھەببەت بىلەن بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ چىرىمەس ھۈجەيرىسى ئىكەنلىكىنى، يىگىتلىكنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھەربەر ئەقىل ئىگىسى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى لازىم.
    ئايسىمە: سىز ئوغلىڭىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى بىلەن ئانىلارغا سۆزلىدىڭىز. ئوغلىڭىز ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ساقلاپ قويۇش ئويىغا قانداق كىلىپ قالغان ئىدىڭىز؟
    چىمەنگۈل: ئۆزۈم ئەزەلدىن تۇيغۇنىڭ كۈچىگە مۇھەببەتنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەندەكلا ئىشەنگەچكىمىكىن، بالامنىڭ قىلىقلىنىشلىرى، ھەتتا تىنىقلىرىغىچە سىنچىلىدىم. ‹‹ بوۋاقلار تىلى ›› خۇددى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› دىگەندەكلا كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە ئۇقۇممىكىن دەيمەن. بالىلارنىڭ گۇڭراشلىرى، تىپىرلاشلىرى ھەم قاراشلىرىدىكى مەنىنى ھېچكىم ئانىلاردەك تولۇق ھىس قىلالمايدۇ، كۆپ ھاللاردا ئاتا - ئانىلار كۆپ نەرسىلەرنى ھىس قىلسىمۇ، ھۇزۇرلىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. لىكىن، مىنىڭ ھوزۇرلىنىش بىلەنلا چەكلەنگۈم كەلمىدى. ئوغلۇمنىڭ تۇيغۇسى بىلەن تەبىئەتكە، ئادەملەرگە قاراپ بېقىۋىدىم، شۇنداق يەڭگىللەپ قالدىم. ‹‹ ئانا، سىنىڭ كولاڭدا ئەجەپ جىك يۇلتۇز باكىن››، ئايسىمە، ئوغلۇم بىلىكىمدىكى سۇس توخۇ ئەتلەرنى سىيلاپ تۇرۇپ، ئۇنى يۇلتۇزلارغا ئوخشاتقاندا ئانىلىق باغرىم بىلەن قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز، يەنە ئاڭلاڭ:
    بىر كۈنى ئېرلان: ‹‹ مەن ئالتىنى تەتۈر يېزىپ قاپتىمەن ›› دەپ ئۈمچەيدى. مەن ئۇنىڭغا: ‹‹ ھېچقىسى يوق، ئالتىنى تەتۈر يازساڭ توققۇز بۇلىدۇ، بالام ›› دېگەچ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىۋىدىم، ئاجايىپ بىر كۈچلۈك ئىشەنىچ نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يەنە بىر كۈنى ئۇ: ‹‹ ئانا، قايلا، قۇشقاچ سىمغا مىنىۋاپتۇ ›› دەپ يالغۇز بىر قۇشقاچنى ماڭا كۆرسەتتى.
    - قونۇۋاپتۇ دە بالام، - دىدىم ئۇنىڭغا.
    - ياق مىنىۋاپتۇ.
    ئۈچ يېرىم ياشلىق ئوغلۇم مەن بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدى. مەن شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ تۇيغۇسىغا چېقىلىپ قويغىنىمنى بىلىپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم.
    - ئەقىللىق بالام، ئاۋۇ قۇشقاچ راسىت چىن تۆمۈر باتۇر ئاتقا مىنگەندەك مىنىۋاپتۇ ھە؟
    بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇ باشقىچە روھلىنىپ يايراپ كەتتى.
    ئايسىمە: دەرۋەقە نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەشنى ئويلايدۇ. لىكىن، قانداق تەربىيلەشكە كەلگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ. مەن ھازىر سىزنىڭ دەپ بەرگەنلىرىڭىزدىن بىر ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىغا ياخشى كىيىم، ياخشى تاماق بەرسىلا ياخشى بالا تەربىيلىگەن بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم. ئەڭ ئاددىيسى، كىتاب ئېلىپ بىرىپلا ئۇنى قانداق ئوقۇشنى، قانداق قوبۇل قىلىشنى ئۆگەتمىسە يەنىلا تەربىيلىمىگەنگە باراۋەر بولىدىكەن. سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە بالىلارنىڭ تۇيغۇسىنى تەربىيلەش ئەڭ مۇھىمدەك قىلىدىغۇ؟!....
    چىمەنگۈل: نۇرغۇن ئانىلار يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بالىلىرىغا قانداق تىل چىققانلىقىنى دەپ بىرەلىگىنى بىلەن، نىمە دەپ تىلى چىققانلىقىنى تەپسىلى دەپ بىرەلمەيدۇ. مەن ئوغلۇم ئۈچۈن بەش ئايلىق ۋاقتىدىن باشلاپ يازغان كۈندىلىك خاتىرىنى ۋاراقلىسام، ئۇنىڭغا تىل چىقىش جەريانىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىنى، سۈتۈمدىن ئايرىغاندىكى قىيالماسلىقلىرىمنى، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنى، ھەيرانلىقلىرىنى تەكرار - تەكرار ئوقۇپ ئۆزۈمچە سۆيۈنۈپ قالىمەن. ۋۇجۇدىدىكى ھېچقانداق مەقسەت - مۇددىئا ئارىلاشمىغان ساپ تۇيغۇ ھەم پاكىز ئەقىلنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئۇنىڭغا ئۇزاقراق نىسىپ بولۇشىنى خالاپ قالىمەن. تەبىئەت بىلەن ئادەملەر، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەم مۇھتاجلىققا قۇرامىغا يەتكەن بەزى ئاقىللىرىمىز سەل قارىغىنى بىلەن، بالىلار تۇيغۇسى بىلەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تونۇپ يىتەلەيدۇ.
    ئەلۋەتتە، ھازىرقى يەسلى مائارىپى بىر جەھەتتە ئاتا - ئانىلارنىڭ تۇرمۇش رىتىمىدىكى جىددىيچىلىكنى ئاز - تۇلا پەسەيىتكىنى بىلەن، پەقەت باشلانغۇچ مائارىپىغا ئاساس سېلىشقىلا كۈچەپ، بالىلارنى چارچىتىپ قويۇۋاتىدۇ. بىزمۇ تەرتىپكە بويسۇنۇشنى، ئانچە - مۇنچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن بالىلىرىمىزغا قاراپ خاتىرجەم يۈرىۋاتمىز، كۈلۈۋاتىمىز.... مانا مۇشۇنداق شارائىتتا مىنىڭچە ئىمكانىيتىمىزنىڭ بارىچە بالىلىرىمىزنىڭ تۇيغۇسىغا تۇتاشقان مىھىر - مۇھەببەت، گۈزەللىك يوللىرىنى توسۇپ قويماي، ئۇلارنىڭ بالىلىق كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزمىسەك، ئەقىل كۆزى تېخىمۇ تېز ئېچىلامدىكىن دەيمەن.
    ئايسىمە: ئۆزگىچە پىكىرلىك، قىزغىن ھىسسىياتلىق ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ باققۇم بار.
    چىمەنگۈل: مېنىڭمۇ ئادەملەرگە ئۆزۈمگە سەمىمىي بولغاندەك سەمىمي بولۇپ ئۆتكۈم بار. لىكىن، سەمىمىيلىك ئىچىدىمۇ تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتقان نۇرغۇن قىسمەتلەر مىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئايسىمە، ھازىر مەن باشقىلاردىن ئەڭ ئادەتتىكى نەرسىلەرنى، ياكى بولمىسا ئەڭ ئۇلۇغۋار نەرسىلەرنى كۈتسەممۇ، ئۇلارغا خۇددى رىئاللىقتىن ئاجراپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىمەن. شىئىر يازىدىغىنىم بىر قىسىملارنىڭ نەزىرىدە مىنىڭ رومانتىكىلقىمنىڭ تولۇق ئاساسى.... ئۆز خاراكتىرىم بىلەن ئۆزۈمنى قوغداشلىرىم، ھازىر جاۋابلىقىم ئۇلارغا نىمىشقىكىن خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ نۇرغۇن ياخشى دوسىتلىرىمنىڭ قەدىرلىشىگە، ئۆزۈم كۈتكەندەك مۇھەببەتكە ئىرىشكەن بولساممۇ، ھازىرغا كەلگۈچە مىنى قەلىب سىرتىدا قوغداپ باققان بىرەرسىنى ئەسلىيەلمەيمەن. راستىنى ئېيىتسام، تۇيغۇمنىلا چۈشىنىدىغان ئەمەس، بەلكى تارىتقان ئازاپ ھەم خورلۇقلىرىمنى، خۇشاللىقلىرىمنى قوبۇل قىلالايدىغان، تىنىم بىلەن روھىمنى پارچىلىۋەتمەيدىغان، شىئىرلىرىمدىن مىنى سۆيۈملۈك ھىس قىلالايدىغان ئۆزۈمگە خاس كەڭلىكلىرىمدە مىنىڭمۇ ئارام ئېلىپ باققۇم بار. مۇھىمى، ئوغلۇم ئېرلاننىڭ بالىلىق كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزمەي، ئاتىلىق ھەم ئانىلىق بۇرچۇمنى تەڭ ئادا قىلىپ ياشاشقا قۇربىم يەتسە، يلغۇزلۇقۇمغا ئوغلۇمنىڭ يالغۇزلىقىنى قوشۇپ ئۆتۈپ كىتىۋىرىمەن. مانا بۇ مىنىڭ شىئىرخۇمارلىقىمدىن، رومانتىكىلىقىمدىن، بىقوۋلۇقۇمدىن خالىي ھەقىقىي ئادىمىيلىكىم....

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار