• ئاتاقلىق شائىر تېيپجان ئېلىيېف

    يوللانغان ۋاقتى:15-02-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ تەرجىمھالى

      ئاتاقلىق شائىر تېيپجان ئېلىيېف

     

       تېيىپجان ئېليۇپ 1930-يىلى 4-ئايدا قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ بالىلىقىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئەسەر-ماقالىلەرگە ئىشتىياق باغلىغان،14 يېشىدىن باشلاپلا 1000 پارچىدىن ئارتۇق خەلق قوشاقلىرى ۋە شىئېرلارنى يادلىغان.1948-يىلى 8-ئايدا ‹‹دېمۇكىراتچىل ياشلار ئىتتىپاقى››غا قاتناشقان.شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1945-يىلىدا باشلانغان.ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ،‹‹شەرق ناخشىسى››،‹‹كۆرەش ناخشىسى››،‹‹تۈگىمەس ناخشا››،‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە››،‹‹زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار››،‹‹يېڭى باھار شېئىرلىرى››،‹‹شېئىرلاردىن تاللانما›› قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قىسىملىق خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بار.
    ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە كۆپ قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.ئۇ شېئىر ئىجادىيتىدىن باشقا يەنە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرنىمۇ يازغان.رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەردىن تاللانمىلار››،‹‹ناۋايى شېئىرلىرىنىڭ يېڭى يېشىمى››قاتارلىق كىتاپلىرى بار.چۇيۇەننىڭ ‹‹جۇدالىق زارى››نى تەرجىمە قىلغان.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
    1989-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
    تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىككى جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ. بىرى، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تەشكىلاتچىلىق، ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تاشقى تەسىرى. يەنە بىرى، ئەدەبىياتنىڭ تېماتىك ئىمكانىيەتلىرىنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقىنى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن پەيدا بولغان تەسىر.
    20-ئەسىرنىڭ 50، 60-يىللىرى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بىر مەنبەدىن كۆرەلەيدىغان دەۋر ئىدى. ھەتتا، ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا چىقىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللار ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ ئورتاق سەيناسى ئىدى. مەسىلەن، 1962-يىلىدىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىرغىز ئەدىبلەر «تارىم» ژۇرنىلىدا، شىمالىي شىنجاڭدىكى قىرغىز ئەدىبلەر قازاقچە «شۇغىلا» ژۇرنىلىدا نۇرغۇن نادىر ھېكايە، شېئىر، داستان ئېلان قىلىپ، قىرغىز ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان. تاكى ھازىرغىچە، تاجىك، ئۆزبېك، داغۇر، سالا، تاتار، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەت ئەدىبلىرى يەنىلا ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا ئەسەر ئىجاد قىلىشماقتا. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، 50 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى بىر يىپقا باغلانغان، بىر بۇلاقتىن ھۇزۇر ئالغان ئەدەبىيات. دېمەك، بىز 50 يىلدىن بۇيان بۇ مەنبە ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز زادى قانچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؟ قانداق نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى؟ ئىجادىيەتتە دۈچ كەلگەن قىيىن نۇقتىلار قايسى؟ ئۇتۇقلارغا قانداق يېتىشتۇق؟ دېگەنلەرنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇشقا قادىر بولالىدۇق. تېيىپجاننىڭ «تۈگىمەس ناخشا»سى، ئۆمەر غازى ئايتاننىڭ «كىگىز ئۆيدىن ئالەمگە»سى، شاكەن ئۆمەرنىڭ «قايتا ياشارغان ئادەم»ى كونكرېت مىللەتنىڭ ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق نەتىجىلىرى قاتارىدا كېيىنكى ئىجادىيەتنىڭ ئۈلگىسى قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا ماددىي توقلۇق بۈگۈنكىدەك بولمىسىمۇ، روھىي مەمنۇنىيەت بۈگۈنكىدىن ھەقىقىي بولغان كۈنلەرگە ئەدىبلىرىمىز ئورتاق گۇۋاھ بولغان. مانا مۇشۇنداق تارىخىي جەريانلاردا تېيىپجان ئېلىيېفنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، شائىرلىق تالانتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۈمىد بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان قىلىشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان دېيىشكە بولىدۇ.
    1985-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى تېيىپجان ئېلىيېف شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا ئەدەبىيات ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ دەل مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت سىياسىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغان ۋاقىت ئىدى. شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگودىكى مىڭلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەرنى، يەنى نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىشنى سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەدىبلەر ئۆزلىرى ھەل قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تېيىپجان ئېلىيېف نۇتقىدا شۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۆرىدىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى يازغۇچى-شائىرلارغا تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خەلق كۆڭلىنى دادىللىق بىلەن ئىزھار قىلىشنى ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇقامىغا ئايلاندۇرۇشىنى، ئەدەبىيات قاراشلىرىدىكى دوگماتىزمنى چۆرۈۋېتىش لازىملىقىنى قىزغىن بايان قىلدى. نۇتۇقنىڭ تەسىرىدىن نەچچە كۈن ھاياجان ئىلكىدە يۈردۈم. بۇ خەۋەرنى تەڭرىتاغ ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە تاشقى دۇنيادىن خەۋەرسىز تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا يەتكۈزمەسلىككە سەۋەب تاپالمىدىم. قولۇمغا قەلەم ئېلىپ «ئىجادىيەتتىكى ئەركىنلىك ھەققىدە» ناملىق ماقالەمنى يازدىم، ماقالەم شۇ يىلى «شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. كېيىن تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ ماقالىلىرىنى ۋە ئەدەبىي سۆھبەتلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇستازىمىز 1979-يىلىلا جۇڭگو ئەدەبىي ھاياتىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان. ئۇ بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن 1979-يىلىنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن >شېئىرىيەت< ژۇرنىلىنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا نۇرغۇن ئاتاقلىق شائىر بىلەن ئۇچرىشىپ، راست گەپ قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىنكى شېئىرلىرىمنىڭ مەزمۇنىدا خىجىل بولغۇدەك ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى» (ئەنۋەر ئابدۇرېھىم تۈزگەن ‹يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت› 70-بەت).
    شۇ چاغدا ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا قانداق مۇقامغا توۋلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىش، ئۇنى شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قانداق باغلاش لازىملىقىنى ئالدىن ئويلاش تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ زىممىسىگە ۋىجدانەن يۈكلەنگەنىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەر مىللەت ئەدەبىياتچىلىرى ئارىسىدا، ئەمگەك مەيدانلىرىدا، مەشرەپ - سۆھبەتلەردە، ئۈرۈمچىدىكى ئەدىبلەرنىڭ تار ئۆيلىرىدە، ئاشپۇزۇللاردا كىملەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كىملەرگە ئۈمىد ئوتى ياغقانلىقىنى ساناپ بېرىش قىيىن بولسا كېرەك. شۇڭا شۇ دەۋردىكى نۇرغۇن ئەدىب-سەنئەتكار قەلبىدە ئۇنىڭ سىماسى يارقىن دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدىمۇ «خىجىل بولغۇدەك ئالامەتلەر»نىڭ ئازلىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىردىنبىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بۇ مۆھتەرەم شائىرىمىز ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇغان. جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىلىرى ھېسابلانغان ۋاڭ مېڭ، دىڭ لىڭ، ئەي چىڭ، فىڭ مۇ قاتارلىقلار بىلەن يانداش ماڭالىغان تېيىپجانغا تارىخ باشقىلار يېتەلمەيدىغان يۈكسەكلىكنى ئاتا قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن سۈرۈك ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئايىغان ئەمەس. مانا بۇ ھاياتتىكى تېيىپجان.
    ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تېيىپجان 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى»، «تۈگىمەس ناخشا»، «سېرىن تۈۋىدە»، «ھەسرەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرگە ئاچچىق كىنايە، ساپ مۇھەببەتكە يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىياتى قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى پىكىرداشلىرىغا ئىشارە قىلغان. بۇنى بىز تېيىپجان ئاكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. مەن بۇ يەردە ئەدىبنىڭ «ئەسەرلەر» ناملىق توپلىمىنى نەزەرگە ئالدىم. مەرھۇمدىن تەۋەررۈك قالغان بۇ يالدامىدا خەلق قوشاقلىرى، ياش شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەخىرسىز تېماتىك مەزمۇنلىرى، بولۇپمۇ، ئەنئەنىدىن قانداق ئورۇن ئېلىش ۋە خەلق ئەدەبىياتى يەتكەن يۈكسەكلىك ئارقىلىق يېڭى دەۋر مىللىي يازما ئەدەبىياتىنىڭ پىرامىداسىنى قۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدىكى تەدبىرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە بارلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا ئۈلگە. بۇنداق تەسىرلەر ھەققىدە كەلگۈسىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلار بولغۇسى.
     





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار