• شائىر روزى سايىت

    يوللانغان ۋاقتى:27-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    شائىر روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

    شائىر روزى سايىت

      (1944-2001)

     

        

        شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يەرد   ەتۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگەكۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە«چايخانا » (ھازىرقىخوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتەۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىردا ئوقۇغان .شۇنىڭدىنكىيىن   ئوننەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1973-يىلى قەشقەر  پىداگوگىكا ئنىستىتوتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغاقوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش  پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنۋە لاڭرو يىزلىق ئوتتۇرا   مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ   ئاخىرغىچە <<يېڭى قاشتېشى >>ژورنىلدامۇھەررىر بولغان .   روزى سايىت 1973-يىلدىكى <<قەشقەر گېزتى >>دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ  بولدى » ناملىق شىئېرىبىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى  گىزىت -ژورناللاردا «چۈشنامە»قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن  ئارتۇق شىئېرىۋەروبائىسى ،«بارات يازغان ھىكايە»قاتارلىق بىرقانچە بارچە    ھىكايىسى «ئەتەبەتۇلھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى » «ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېريىتدىكى  شەكىللەر توغرىسدا »قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت .ئارسىدابەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاشتېشنىڭ رىۋايىتى »،«بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا » «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش » «كۆڭۈلدىكى گەپلەر » «مۇھەببەتتىن    پۈتكەنناخشىلار »«روبائىيلار » «تۇيۇقلار » «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار » «دېھقانكۈلكىسى » «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى » قاتارلىق داستان ۋە شىئېرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭسۇمبۇل چاچلىرىڭ » «كىرىپ قاپتۇ ئانام   چۈشۈمگە » «بۇخوتەنمەن خوتەن قىزى »قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا   سېلنىپ ۋەتەننىڭيىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شىئېر،ھېكايىللىرى   خەنزۇ تىلغا تەرجىمەقىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .

        شائېرنىڭ« دېھقان يىغلايدۇ » «چۈشنامە » «باللارپۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچ» بارات يازغان ھېكايە » «يىپەك يۇرتىدا نورۇز »قاتارلىق داستان ،شىئېر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزيە بەدئىي سەنئەت دىراممىللىرى ،«بۇ جاھان » «جاھان كەڭرى يول كەڭرىناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونۇم  رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شىئېرلىردىنتۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس »ناملىققاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلنىپنەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
        خەلىق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن   شەھرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىكئاز سانلىق مىللەت  يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئيتىنىڭ جوڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەتتارىخ ئىلمىي تەتقىقات  جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىليېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش  ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقاتئىلمىي جەمئىيتىنىڭ   ئەزاسى ئىدى . خەلق شائىرى رزى سايىتنىڭ ۋاپاتىئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن   زور يوقۇتۇش . شائېرمۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

        






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار