• شائىر،ژۇرنالىسىت ياسىن زىلال

    يوللانغان ۋاقتى:19-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 2 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    شائىر،ژۇرنالىسىت ياسىن زىلال ياسىن ئىمىن (زىلال)،1961-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى كىرىيە ناھىيسىدە تۇغۇلغان .1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئ

    شائىر،ژۇرنالىسىت ياسىن زىلال

    ياسىن ئىمىن (زىلال)،1961-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى كىرىيە ناھىيسىدە تۇغۇلغان .1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان .ھازىر «تارىم »ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرىرى،«تارىم »ژۇرنىلى نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى.شائىرنىڭ «مۇھەببەت »ناملىق شېئىرلار توپلىمى2000-يىلى شىنجاڭ ياش- ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .«ساداقەت »ناملىق شېئىرلار توپلىمى2004-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ،ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «زىلالنامە »،«تېيىپجاندىن ئۆتۇپ كېتىمەن»،«ئانا »،«بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار »....قاتارلىقلار بار .شائىرنىڭ گەۋدىلىك ئىجادىيى پائالىيەتلىرى ئوقۇش ھاياتىدىكى «تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى –شېئىريەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى» بولغان مەزگىللەردە گەۋدىلىك بولغان .شائىرنىڭ ئىجادىيى پائالىيەتلىرىگە باھا بەرگەندە «ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى ئىككى نەپەر "ياسىن زىلال »يۆنىلىشى بويىچە تەپەككۇر قىلغاندا شائىر تەپەككۇرىنىڭ يېڭى ۋە تۇراقسىزلىقىنى ،شېئىرلىرىدىكى يېنىك شەكىلنى ،شېئىريەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەپ كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا ماس قۇرۇلما ،كۇچلۇك ئاھاڭدارلىق ،دولقۇنلۇق شېئىرىي رېتىم ئاساسىدىكى شېئىرلىرى كوز ئالدىمىزغا كېلىدۇ .

     



    تېيىپجاندىن ئۆتۇپ كېتىمەن

    ياسىن زىلال

    قۇلاق سېلىڭلار كۆڭۈل گېپىمگە ،
    مەن كىرىپ كەلگەن شېئىرىيەت سېپىگە .
    «تۈگىمەس ناخشا»نى ئوقۇپ دۈم يېتىپ ،
    يادىغا ئېلىپ .
    جۇشقۇن بىر شېئىرىي روھ چۇلغاپ دىلىمنى ،
    گۈدەكلىك كەمىرىدە باغلاپ بېلىمنى ،
    دەپ تاشلىغان مەن :
    «تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن .»
    ئەمدى ئويلىسام ئاشۇ گېپىمنى ،
    ئۆزۈمگە ئۆزۈم كۈلۈپ كېتىمەن .

    شېئىرىيەت دالىسىدا يۈگۈردۈم ئون يىل ،
    ئۇ ھارماس شېئىرنىڭ قوغلاپ كەينىدىن .
    ئۇمۇ كېتىۋەردى داۋانلار ئاتلاپ ،
    يېتىشىۋالمىسۇن دېمەي ،يانماي پەيلىدىن .

    ئىزىدىن ئۇچراتتىم رەڭمۇ –رەڭ گۈللەر ،
    كۆكسۈمدە شۇ گۈلدىن تۈزگەن گۈلدەستە .
    ئاھ ،بۈگۈن ھەيرەتتە تىكىلسەم ئاڭا ،
    سەزدىم مەن ئۆزۈمنى تۈمەن گەز پەستە .
    «تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن .»
    بۇ گەپتىن راستىنلا كۈلۈپ كېتىمەن .

    بۈگۈن ھەم بولماقتا شۇ گەپ ھەر جايدا ،
    دەسلەپ چېچىلدىم ئاڭا بىر ھازا .
    كېيىن ئەقىل تارازىسىدا مىسقاللاپ كۆرسەم ،
    بۇ ئىكەن شائىرغا بەرگەن ھەق باھا !
    بىر تۇغۇلماستا بولغان گەپكەن بۇ ،
    ئۇكىلار شۇ گەپنى قىلماقتا بۇ دەم ،
    ھە، بىزمۇ ئاشۇنداق دېگەن ئىدۇققۇ ؟!
    شۇ سوزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم ھازىر ،
    بۈگۈنلا ئەمەس ،
    ئەتە ھەم بولىدۇ شۇ گەپ مۇنازىر .

    دېمەككى ،نەزمىگە دىلى كۆيگەننىڭ ،
    روھىدا ياشايدۇ بۇ يارقىن ئوبراز .
    ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلىمەن خىتاپ :
    ئەي ،شائىرچىقىم ،
    ئەگەر نەزمەڭنى ئەل سۆيسۇن دېسەڭ ،
    شۇ ئاتا شائىردەك راۋان ،چۈچۈك ياز!

    «تېيىپجاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن »
    بۇ گېپىمگە كۈلۈپ كېتىمەن .
    ئۆتۈپ كېتىمەن دېگىنىڭ ھېچ ئەيپ ئەمەس ،
    شۇنداق بىر روھ بولماي يەتمىكىڭمۇ تەس .
    بولسىغۇ ئېشىپ كەت ،يۈزمىڭ ئاپىرىن ،
    يېتىشىۋالساڭمۇ ئىشىڭ مۇققەددەس.


    1988-يىلى 10-ئاي ،ئۈرۈمچى .

     

    زىلالنامە

     

    ياسىن زىلال

     

    (پارچە)

    1

    تالاي كەچمىش كۆرەر ھەربىر كىشى قىسقا ھاياتىدا،
    ئاڭا تالىق نېمە قىسمەت پەلەكنىڭ تەقسىماتىدا؟!
    جاھاننىڭ پەيلى، رەپتارى ھامان مەيلىڭگە باقمايدۇ،
    نىھان سىر، مۇددىئا مەۋجۇت ئۇنىڭ ھەر ئىلتىپاتىدا؟!
    ئۆمۈرنىڭ مەنزىلىدە ھەر دەقىقە بىر غارايىبلىق،
    تۈمەن مىڭ سەرگۈزەشتە سۆزلىنەر كۆزلەر راباتىدا.
    قاچان، قايدا ۋە كىمنىڭ زاتىدىن جان تاپمىشىڭ مەجھۇل،
    سۇئاللار قالدى نۇرلانماي كىشىلىك تەلىماتىدا.
    تۆرەلدىم خاھىشىمسىز ئۆزگە بىر خاھىشتا دۇنياغا،
    ياشايمەن ئەمدى ئۆز مەيلىمچە ئەركەكلىك سۇباتىدا.
    خۇشالمەن، زاھىرىمدىن باتىنىمنى مىڭ ئۇلۇغ بىلدىم،
    زىلال پەرۋازىنىڭ ئىنئامى بار ئەنقا قاناتىدا.

     


    10
    سەن ئىكەنسەن جانۇجانىم، دىلرەبايىم ئەسلىدە،
    بۇ غېرىب روھىي شەبىستانىغا ئايىم ئەسلىدە.
    مەن ئېزىقتىمغۇ تولا دەشتى باياۋانلار ئارا،
    سەن ئۆزۈڭكەن مەنزىلىمدە رەھنەمايىم ئەسلىدە،
    چاڭقىغان باغرىمدا قۇرغاق يەل ئۇرۇپ تۆكسەم غازان،
    سەن شىپالىق يامغۇرۇم، رەنجى داۋايىم ئەسلىدە.
    مېنى ھەركىم كۆرسە ئېيتاتتى: گويا ئاتەشقۇ سەن؟
    سەن ئۈچۈن يانغان ئىكەن قەلبىمدە ئاھىم ئەسلىدە.
    ھەرقاچان روھىم ئارا پەيدا ئىدى بىر نۇر سېيما،
    ئايسىمان چېھرىڭگە تاشلانمىش نىگاھىم ئەسلىدە.
    ئۆتتى ئۆمرۈم بىر ساماۋىي ئىزگۈ ئىستەك ئىلكىدە،
    ئاقىۋەت بىلدىم ئۆزۈڭ ئىقبال سامايىم ئەسلىدە.
    مەن ئۈچۈن ھاجەتمۇ كۆكتىن شىۋە قەدرى ئىزدىمەك،
    تۇتىيايىم، نۇر-زىيايىم، سەن ھۇمايىم ئەسلىدە.
    بولمىغاي زەر قەدرى مىسكەر ئالدىدا ئالتۇنمۇ مىس،
    نەرخىگە يەتكەي ئىكەن سەندە باھايىم ئەسلىدە.
    چىڭقىچۈش بولدى زىلالنىڭ ئۆمرى ھازىر ۋاي ئېسىت،
    ئېيتقىنا، قانداق گۇناھىم بار، خۇدايىم، ئەسلىدە.

    2007-يىلى

     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار