يازغۇچى جالالىدىن بەھرام
يوللانغان ۋاقتى:26-02-2012
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا
جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش -پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن.....» دەيدۇ.
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە،1954 -يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.
جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. 1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ.
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۇرۇپ يازغان «ئۇنتۇلغان قەلب» ، «كۈتمىگەن تەقدىر»، «ئۆمۇر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، ئۈششۇك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ، بۇ ناھىيىدىكى «ئەلنامە»، «يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.
دەرت - ئەلەم، ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۇننى باشتىن كەچۇرگەن جالالىدىن بەھرام «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1978-يىلى «نەشتەر» تەخەللۇسى بىلەن، خوتەن گېزىتىدە «كوچىدا»، «ئانىنىڭ ئامراقلىقى» ....ناملىق ساتېرىك ھېكايە، ئوچىرىكلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىكەندىن باشقا، گېزىت يۈزىدە ئوبزور-ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى...
جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى. ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن «ھارۋېكەش»، «يېتىمە»، «بەش يۇز يۈئەنلىك چاقچاق»، «ئايگۈزەل»، «تويدا»، «مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم»، »ئانا مېھرى»، «ئېقىندىكى ياپراق»، «ئاخىرقى تىنىقتا»....... قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، «قاباھەتلىك چۈش»، «ئادەم پارچىسى»، «قامغاق »، «تەنھا يۇرەكلەر»، «قۇددرەتلىك ئىلاھ»، «دانۇر تاغا»...... قاتارلىق پوۋېستلىرى ئېلان قىلنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى تىكلەنگەن بولسا،زور ھەجىمدىكى ئوقۇرمەنلەر ئالقىشلاپ ئوقۇيدىغان رومانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. «مېھرىگىياھ» (1989-يىلى )، «لېيىغان بولاق» ( 6 قىسىم 1997-2000-يىللار)، «ناتىۋانلار» (2005- يىلى) ، «كۆمۇرچى بالا» (2005- يىلى)،«ۋېسال دەقىقىلىرى» -(2006-يىلى)،« ئامەت ۋە ئاپەت» ( 2 قىسىم- 2006-يىلى) ‹‹ تەكلىماكان ئوغلى ››(2010-يىلى) ‹‹ھايات قىسمىتى ›› (2011-يىلى) ,‹‹توزاق»(2011-يىلى) قاتارلىق رومانلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «يازغۇچى»نامىغا مۇناسىپ كېلىشنىڭ قىيىن ئىش ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ماس كېلىش ئۈچۈن ۋاقتنى زايە قىلماي يېزىش لازىملىقىنى ،يازغۇچى قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى.
جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------