• مۇۋەپىقيەت قازانغان ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان

    يوللانغان ۋاقتى:04-02-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 34 قېتىم   ئىنكاس: 11 پارچە
    مۇۋەپىقيەت قازانغان ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقچە تەرجىمىھالى

     

                                   مۇۋەپىقيەت قازانغان ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان


            يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئېگە.ئۇھازىر يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ.جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
             ياسىنجان سادىق چوغلان 1988-يىلى 4-ئايدا سابىق «يەكەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاددىي-ساددا باشلىق » ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، رايونىمىز ئەدەبىيات تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايە–پوۋىستلىرى، شۇنداقلا «جاللات خېنىم»، «نازىنىن قىزلار» ،«شەرەنداز ئايال» قاتارلىق تارىخي ۋە رېئال تېمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى. بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تېمىدا ئەدەبىي ئوبزورلار يېزىلدى. رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى. «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن» ،«يۇلتۇز،كۆزۈڭنى قىسما» ،«پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى»، «باھار»…قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى .
               ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «ئېھ، سەھرا» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 6-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ،«يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ،«قۇملۇق» ناملىق پوۋېستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ،«قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋېستى«ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى(تۆھپە مۇكاپاتى)»بەردى .قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات –سەنئەت خادىمى» بولۇپ باھالاندى.
              ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە :
    1. « يۈرىكىم يىغلايدۇ»، ھېكايىلەر توپلىمى،1997 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    2. «ئاي مۆككەن كېچە»، ھېكايىلەر توپلىمى،1997-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    3. «جانانغا يېزىلغان خەتلەر»، پوۋېستلار توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    4. « كاككۇك بالىسى»، پوۋېستلار توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    5. «سۈكۈتتىكى زېمىن»، پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    6. «كۈيلەر خانىشى –ئاماننىساخان»، تارىخي پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    7. «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان»، تارىخي پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    8. «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»، پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى، 2005-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    9. «داۋان»، رومان، 1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    10. «جاللات خېنىم»، ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان ، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    11. «نازىنىن قىزلار»، رومان، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    12. «شەرەنداز ئايال»، رومان، 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    13. «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    14. «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن»، ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 2000-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .
    15. «باھادىرنامە»، 6 توملۇق تارىخى رومان، 2010-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
    16. «ئالتۇن جۇۋان» پوۋېست، ھېكايە، نەسر،ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىي توپلام 2011-يىلى نەشىرقىلىنغان.
    ياسىنجان سادىق چوغلان كۆپ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان ئالتە قىسىملىق زور ھەجىملىك تارىخىي رومانى «باھادىرنامە » بىراقلا نەشىردىن چىققاندىن كېيىن،ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە زور شان-شەرەپ قازاندى.يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيتى ئىجىتىمائىي رىئاللىق ئاساس قىلىنىغان پىروزىدىن باشلانغان بولسا ،بۇ جەرياندا پىشىپ يېتىلگەن قەلەم قۇۋۋىتى ‹‹جاللات خېنىم››،«باھادىرنامە »قاتارلىق تارىخىي رومانلاردا ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلدى.يازغۇچى تارىخىي رومانچىلىقتىكى دىققەت-ئېتىباردىن يىراقتا قالغان،يورۇتۇلمىغان نوقتىلارنى قېزىشقا كۈچ چىقىرىپ،تارىخ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.
                  تۆۋەندە ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››ژۇرنىلىدىكى يازغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى يازغۇچىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بىرلكىتە كۆرۈپ باقايلى:
         نەزىرىمدىكى ئەڭ زور بەخت ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمگىكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە قادىرلىشىگە ئېتىراپ قىلشىغا ئېرىشىشنى كۆرۈش ياكى ھېس قىلىش.
         باشقىلارنىڭ سەمىمى ،ئاق كۆڭۈل ،خۇشچاخچاق ،بىلىمگە ئىنتىلىشچان تەرپىنى بەك ياقتۇرمەن.كەمتەر ،چىقىشقاق ئادەم بولسا تېخىمۇ ياخشى.ياسالما ،تەكەببۇر، ئۆزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ،مەنسەپ- دەرىجىسىنى پەش قىلىشقا .ئامراق كىشلەرنى ياقتۇرمايمەن!
             ھازىرقى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم ئاتا-ئانام ،چۈنكى ئۇلار ماڭا ھەر ۋاقىت بەخت- ئامەت تىلەپ تۇردۇ ،مەنمۇ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
              دوستلۇق، دوست تۇتۇش مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم، مىنىڭ نەزىرىمدە ،دوستى يوق ئىنسان ئەڭ بەختسىز ئىنساندۇر. ئەلۋەتتە ،كۆيۈمچانلىق ،ۋاپادارلىق -دوستلۇقنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.
              ئەڭ يېقىن دوستلرىم:ئەقىلىق ،كۆيۈمچان،ھەر قانداق ئىشقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولساممۇ ،لېكىن ئۇلارنى ئاكامدەك ھېس قىلىمەن . ئۇلارمۇ ماڭا خۇددى ئۆزنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى ،ئىنسىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدۇ.
              مەن ئۆمرۈمدە ئىككى ئىشتىن ئۆكۈنىمەن،بىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىم، (گەرچە كېيىن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ تولۇقلىۋالغان بولساممۇ)؛ يەنە بىرى، كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام بىلەن تولا جاۋابلاشقانلىقىم(گەرچە كېيىن ئۇلاردىن ئەپۇ سورغان بولساممۇ )
              مەن ئەڭ ياقتۇردىغان كىشى - ئايالىم ،ئەڭ ياقتۇردىغان نەرسە كىتاپ.چۈنكى ئايالىم بىلەن شۇنچە يىلدىن بېرى تولىمۇ بەختلك ياشاۋاتىمىز. كىتاپ بولسا مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئۇستازىم.
               ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس ئىش -پەرزەنتىمنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ۋە تۇنجى كىتابىمنىڭ نەشىر قىلنىشى.
    ماڭا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشى- ئاتا -ئانام.
    ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم چىقىشقاق ،تىرىشچانلىق ،ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمنى دەرھال ھېس قىلىش ، كەچۈرۈم سوراشتىن خىجىل بولماسلىق.
             ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىم:بىرى،سېمىز، كېلەڭسىز تۇرقۇمنى ياقتۇرمايمەن؛ يەنە بىرى ،كۆپىنچە ھاللاردا چاخچاق قىلدىم دەپ شۆپۈك ئېغىزلىق قىلىپ قويىمەن.
                 قولۇم- قوشنا، تونۇش -بىلىش،دوست-بۇرادەرلىرى،ئۇرۇق -تۇققان،بالا -چاقىلىرى ھۆرمەتلەيدىغان،ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە قول قويدىغان ئاددىي بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن. يەنە خەلقىمنىڭ مېنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ يازغۇچى ،دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى بەكمۇ تەمە قىلىمەن.
                ھاياتىمدا ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىم: 2004 -يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1- ئايغىچەلۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئۇقىغان ۋاقتىم.
            مىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىم ۋاققىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ، دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ،ۋاقىتتىن پايدىلنىشنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەدەبىياتنىڭ ئېگىز بوسۇغىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدا ئاتلىيالىدىم.
             ئىنسانىڭ قەلبىدە ھەرخىل ئارزۇلار بولىدۇ ،ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۈيۇم جىقراق پۇل تېپىپ ،ئاشۇ پۇل بىلەن ئىككى قىزىمنى ئالى مەكتەپتە قىسىلدۇرماي ئوقۇتۇش.
            مەن ئەڭ ياقتۇردىغان كىتاپ «جاللات خېنىم»،چۈنكى بۇ كىتاپنى مەن يازغان!


     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئابلىكىم مۇھەممەت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 23:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 10:03 11-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار