يازغۇچى ئابباس مۇنىياز ئابباس مونىياز تۈركيقان 1966-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان، شۇندىن بېرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئالىي ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1985-يىلى«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇرچ» ناملىق ھېكايىسى
بىلەن باشلانغان. شۇندىن بېرى، «رازى بولغىن،رازىيە»، «ئازماس ئېزىتقۇلار»، «ئاخىرقى ئوۋ»، «خاراباتا»
قاتارلىق كىتاپلىرى، «خاسىيەتلىك زېمىن»، «كۈيلەر كۆزى»، «يازلىق يەلتاشما»، «ھۈنەرۋەن»، «شېرىن
چۈشلەر»، «سېھرىلىك مۇزداۋان»، «بالىلىقتىكى سۈرەتلەر»، «شەپەققە سالام» قاتارلىق كۆپلىگەن پوۋېست،
ھېكايە ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10پارچە ئەسىرى ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈرلۈك
مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ ۋە قىرغىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
|


