• يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

    يوللانغان ۋاقتى:09-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 19 قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
    ئايمۇھەممەت ساھىبىنىڭ تەرجىمھالى


     

    يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

     

      يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراقاش ناھىيسىنىڭ قوچى يېزىسى غەزەل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985- يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى، 1998- يىلى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ شىنجاڭ ئونۋېرېستېتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، قاراساي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، 1991-يىلىدىن 2000- يىلىغىچە قاراقاش ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بۇلۇپ ئىشلىگەن، 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە تۈۋەنگە چۈشۈپ قاراقاش ناھىيسىنىڭ كاۋاك يېزىسى ئاياغ ھاجىېغىل كەنتنىڭ سىكىتارى بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2002-يىلىدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە يەنە قاراقاش ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2007- يىلى 3- ئايدىن بۇيان قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىر لەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
          ئايمۇھەممەت ساھىبى 1984-يىلى ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژورنىلىنىڭ شۇ يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئىرادە ھەققىدە›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن بۇلۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹تارىم››، ‹‹ يېڭى قاشتېشى›› قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېسىت، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات ئەسەرلىرى، بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2000- يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن ‹‹ھالاكەت سىرتمىقى›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 2000-يىلى ۋە 2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن ‹‹كوئىنلۇن بۈركۈتى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق ئەدەبىي ئاخپارات ئەسىرى، ‹‹ بىرنى بىر دىگۈلۈك›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ‹‹ساۋاپ››، ‹‹يولدىكى مۇھەببەت›› قاتارلىق بەش پارچە ھېكايىسى ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ‹‹تونۇردا››، ‹‹يۈك›› ناملىق ئىككى پارچە ھېكايىسى، ‹‹ھارۋىكەش ناخشىسى›› ناملىق پوۋېستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 6- ، 12-، 17- نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى ئەدەبيات مۇكاپىتى›› غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ‹‹تارىم›› ژورنىلىنىڭ 555 سان نەشىر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ژورنالنىڭ ‹‹تۆھپە مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. ئايمۇھەممەت ساھىبى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، سىياسى كېڭەش قاراقاش ناھىيلىك 11-، 12- نۆۋەتلىك كومېتېتىنىڭ ئەزاسى.
     



    ھالقىلىق سۆزلەر : تەرجىمھال، ئايمۇھەممەت


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار