• ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىي ھاياتى

    يوللانغان ۋاقتى:03-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    ئاتاقلىق يازغۇچى،مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ھايات پائالىيىتى،ئىجادىيەت مۇساپىسى بايان قىلىنغان.

     

    ئاتاقلىق يازغۇچى،مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ سەمەرىلىك ئىجادىي ھايات خاتىرىسى
     
       
    زوردۇن سابىر 1937–يىلىنىڭ چوكانتال مەزگىلىدە ھازىرقى غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتىدە بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ بۇ ئائىلىدىكى تۆت بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ ئاكىسى نۇرۇمدىن ئۈچ ياش كىچىك، ئىنسى مۇسەللىم ۋە سىڭلىسى بانۇدىن ئايرىم–ئايرىم ئىككى ياش ۋە بەش ياش چوڭ ئىدى.
    دادىسى سابىر غازى تەقدىرى يەرگە باغلانغان ئالتىنچى ئەۋلات تارانچىلاردىن بولۇپ، راستچىل، يۇۋاش–يۇمشاق، بىراۋنى بوزەك قىلمايدىغان ۋە ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئادەم ئىدى. سابىرنىڭ دادىسى غازى 1903–يىلى 56 يېشىدا ۋاپات بولغان.(بۇ كىشى ياقۇپبەگ شىنجاڭغا بېسىپ كىرگەندە ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ئەسكەر بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلەرنى زوردۇن دادىسىدىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدى) بۇ چاغدا سابىر ئەمدىلا بەش ياشتا بولۇپ، ئانىسمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ئاتا–ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان سابىرنى ئاكىسى سايىت بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى. دەل مۇشۇ تارىخ كېيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى زوردۇنغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.
    زوردۇننىڭ ئانىسى ئانارخان تولىمۇ مېھرىبان ۋە قائىدە يۇسۇنلۇق ئايال بولۇپ، مەھەللىدە ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى روزاخۇن 1910–يىللاردا پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ تۈگمەنبېشى دىگەن يېرىدىن غۇلجىغا كۆچمەن بولۇپ چىققان ۋە كېيىنچە مۇشۇ بايتوقايدا ماكانلىشىپ مونچاخان ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇلارنىڭ جەمئىي ئۈچ بالىسى بولۇپ ئانارخان ھەممىدىن كىچىكى ئىدى.ئانارخان سابىرئاخۇن بىلەن 1926–يىلى توي قىلغان. ئۇلار ئۆمرىدە جەمئى ئالتە پەرزەنتلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ.بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بانۇم تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كىيىن ئانارخان 31 يېشىدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ 1942–يىلنىڭ باھار ئايلىرى بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىر بەختلىك ئائىلىنىڭ قارا كۈنلىرى باشلاندى.
    1943–يىلى قىشتا زوردۇن ئاكىسى نۇرۇم بىلەن بىللە مەھەللىسىدىكى بىر موللامغا دىنىي تەربىيەگە تاپشۇرۇلدى. زوردۇن موللامنىڭ ئۆيىدە تازا سىقىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سەزگۈر دادا بۇنى بايقاپ قالدى ۋە پەننى مەكتەپنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ،زوردۇننى دىني مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ مەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. زوردۇن بۇ يەردە 1949–يىلىغىچە ئوقۇدى.شۇ يىللاردا 5–رايون مائارىپىغا مەسئۇل مۇپەتتىش زامانىدىن ئەپەندى 1950–يىلى9–ئايدا زوردۇننى ئارائۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئارا مەھەللىسىدىكى بەش يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا تونۇشتۇرىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ ئىدى.
    –1952يىلىغا كەلگەندە پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئارقىسىدا زوردۇن باشتا غۇلجا شەھەرلىك 3–ئوتتۇرا مەكتەپكە كىيىن «ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى»غا كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارى بىلەن خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. 1956–يىلى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجىدا مىسىرنىڭ ئەنگىليىدىن سۈۋەيىش قانىلىنى ئۆتكۈزىۋىلىشىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەندە زوردۇن بىر پارچە شىئېر يېزىپ، ئۇنى چوڭ سورۇنلاردا دېكلىماتسىيە قىلدى ۋە زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. ئارقىدىن بۇ شىئېر ئەينى ۋاقتتىكى «ئىلى گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى. مانا بۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشى رەسمى باشلاندى. زوردۇننىڭ يەنە ماتىماتىكا، خېمىيە، جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت قاتارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى «يەتتە پەننىڭ ئالىمى بولىدۇ» دىيىشەتتى. بولۇپمۇ زوردۇننىڭ خېمىيە دەرسىگە بولغان ھەۋىسى بەكلا كۈچلۈك بولۇپ، كىيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە لومونوسوۋ، مېندىلېۋ، نوبېل، كىيورى خانىم قاتارلىق خېمىكلارنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى.
    –1957يىلى زوردۇن سابىر ئۈچ يىل بىلىم بەرگەن ئانا مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك غەمخورلىقى بىلەن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىسىتۇتىغا كەلدى. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى.زوردۇن بۇ يەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە چەتئەل ئەدەبىياتى توغرۇلۇق چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا نەزىرىيەۋىي ئاساس ياراتتى. ئىككى يىلدىن كىيىن مەكتەپ ئۇنى رەسمى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالدى ۋە تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمىغان دەرسلەرنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. زوردۇن بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. 1960–يىلنىڭ بېشىدا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى مەركىزى مىللەتلەرئىنستىتۇتىغا بىر يىللىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى.ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئوڭچىلىققا قارشى كۆرەش ئومۇمىيۈزلۈك باشلىنىپ كەتكەچكە زوردۇن شۇ يىلى 10–ئايدا يەنە لەنجۇغا قايتىپ كەلدى.
    «ئاق ئۈرۈك» ناملىق شىئېرى 1961–يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ماۋزېدوڭ شىئېرلىرىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە بىر پارچە تەنقىد ماقالىسى ۋە ئەينى ۋاقتتا «شىنجاڭ ئەدەبىيات–سەنئىتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايىلەرگە قارىتا بىر قانچە پارچە ئوبزورمۇ يازدى.–1961يىلى يازدا زوردۇن سابىر بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ تىل پراكتىكىسى قىلىش ئۈچۈن لەنجۇدىن غۇلجا ناھىسىگە كەلدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئاتاقلىق ئەدىپ ۋە شائىرلىرىمىزدىن زۇنۇن قادىرى، تىيىپجان ئېلىيوف، مۇھەممەت زەيىدى، ئابدۇكېرىم خوجايۇپ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر تونۇشتى ھەمدە ئەدەبىيات، تىل، تۇرمۇش توغرۇلۇق كەڭ دائىردە پىكىرلىشىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتى.
    –1962يىلىدىن كىيىنكى شىيۇجىڭجۇيىغا ۋە ئوڭچىلىققا قارشى ھەرىكەت مەزگىلىدە زوردۇن سابىر تارتىپ چىقىرىلىپ تەنقىد قىلىندى ۋە «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» نامى ئاستىدا گەنسۇ–چىڭخەي چىگرىسىدىكى گەنجا يايلىقىغا ئەۋەتىلدى. ئۇ بۇ يەردە بىر يىلغا يىقىن تۇردى.ناچار شارائىت، ئېغىر ئەمگەك ئاستىدىمۇ يازغۇچى ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىنى سوۋۇتماي ئەتراپتىكى زاڭزۇ ئاممىسىدىن بىرىلىپ تىبەت تىلى ئۆگەندى. كىينچە بۇ كەچۈرمىشلىرى «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ قالدى.
    –1964يىلى11–ئايدا زوردۇن سابىر غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىن غۇلجا شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالمىشىپ كەلدى ۋە بۇ يەردە تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» باشلىنىپ، مەكتەپلەر دەرستىن توختىدى. يازغۇچى باشقا نۇرغۇن زىيالىلارغا ئوخشاش «گېزەندە»، «قارا يىپ» سانىلىپ، نازارەت ئاستىدا ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىندى. بىر مەزگىل يېزىسىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلدى.
    –1967يىلى يازغۇچى توي قىلىپ، ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولدى. كىيىنكى يىلى تۇنجى بالىسى تۇغۇلۇپ ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ يېڭى لەززىتىنى ئاتا قىلدى.ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق زوردۇن سابىرغا زور بەدەللەرنى تۆلەتكۈزدى. بىراق 1970–يىللاردىن باشلاپ ۋەزىيەتتىكى قىسمەن ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ قولىغا قايتا قەلەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنى ھەقىقەتەنمۇ «ئاپەت ئىچىدىكى ئامەت» دېيىشكە بولىدۇ.
    –1972يىلى‹تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە› دىگەن ھېكايىسى ئۇنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان تۇنجى پروزا ئەسىرى بولۇپ قالدى. ئەسەر ياخشى باھاغا ئېرىشكەندىن كىيىن يازغۇچى بۆلەكچە روھلىنىپ، «قار لەيلىسى»، «پارچىلار»، «غارام»، «خامان»غا ئوخشاش شىئېرلارنى ۋە «ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەنتىم»، «دوستۇمنىڭ تارىخى»، «سەھەرچى»، «جۈپ گۆھەر»، «باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى» قاتارلىق ھېكايىلارنى ئارقا–ئارقىدىن ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىيىنكى ئۈچ پارچىسى شۇ مەزگىللەردىلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.تۆت كىشىلىك گۇرۇھ تارمار قىلىنغاندىن كىيىن يازغۇچى يەنە «تۆھپە»، «كومبايىن»، «قەرزدار» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازدى.
    پارتىيە 11–نۆۋەتلىك 3–ئومۇمى يىغىنىدىن كىيىن يازغۇچىنىڭ ئىجادىيتى يىپ–يېڭى بىر تارىخ دەۋرگە قەدەم قويدى. 1979–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىغا يۆتكۈلۈپ مۇھەررىر بولدى. 1981-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات سىمنارىيىسىدە ئوقۇدى. شۇ يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولدى.
    1980-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى رومانى-«ئاۋرال شاماللىرى»نەشىردىن چىقتى–1983.يىلى بولسا ئىككىنچى رومانى-«ئىزدىنىش» ئېلان قىلىنىپ كەڭ كىتاپخانلار ئارىسىدا ناھايىتى زور قىزىقىش قوزغىدى.يازغۇچى بۇ مەزگىللەردە يەنە كۆپلىگەن پوۋېست، ھېكايىلەرنى يېزىپ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى مۇھىم بايراقدارىغا ئايلاندى.
    1987-يىلى 10–ئايدا يازغۇچى تەكلىپ بىلەن غەربىي گىرمانىيەگە بېرىپ، ئىككى ئاي ئىكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ بېرلىن ئۇنىۋېرستىتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ بۇ لېكسىيىسى گېرمانىيەدە چىقىدىغان نېمىسچە «تۈركىلوگىيە تەتقىقاتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى ۋە ئايرىم كىتاپچە قىلىپ تارقىتىلدى. –1988يىلى يازغۇچى يەنە تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە خەلقئارادا مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان «فايسال مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ جەرياندا كۆرگەن بىلگەنلىرىگە ئاساسەن «ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى.
    –1990يىللاردا زوردۇن سابىر جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىرتەرەپتىن زېھنىنى پوۋېست ۋە رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ ئارقا–ئارقىدىن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.يازغۇچى پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مۇھىم ئەسىرى «ئانا يۇرت» تېرىلوگىيەسىنى يېزىش جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن، ئۇنى تاماملاپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، يەنى 1998–يىلى 13–ئاۋغۇست كۈنى ۋاقتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا ئۇ 61 ياشتا ئىدى.
    زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان 1956–يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا جەمئىي 40 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن مول ۋە قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدا جەمئى تۆت پارچە رومان، 15پارچە پوۋېست، 60پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 5پارچە دىرامما ۋە سىنارىيە، 3پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، 6پارچە ماقالە، بىر پارچە ئەسلىمە ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ كۆپى يازغۇچى ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن 21 كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار