گومىلوۋ شېئىرلىردىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئوسمانجان ساۋۇت
ئۇچرشىش سەن بۈگۈن كەلدىڭسەن دىدارلاشقىلى، مەن سېنى شۇندىلا بايقىدىم ئاران . ئايدىڭدا نېمىشقا يالغۇز يۈرگۈلۈك، ئۆزگىچە ھېستىمەن ، ئۆتمەس دەپ راۋان . توختاتتىڭ قەدەمنى ، تاتاردى يۈزلەر، شامالچە تونۇڭنى يەشتىڭ ئۈندىمەي . سورايچۇ ! تولۇن ئاي خۇددى سېنىڭدەك، قاراڭغۇ ئورماندىن چىقامدۇ ئەيھەي . بەئەينى تولۇن ئاي مەپتۇن قىلغاندەك، سەن مېنى بەنىت قىلدىڭ ، قېنى رەڭ ئىسكەت . شۇ تاپتا بىر چەتتىن بەخىت تۇيۇلار، تىمتاسلىق ، نۇرسىزلىق ، يازمىش ۋە قىسمەت . تېن ئالدى كۆكلەمدىن زوقلىنىپ راسا ، قاغجىراق ئورماندا ياۋايى ھايۋان . سائەتنىڭ ئۈنىگە قۇلاق سالار ئۇ ، كۆز ئالماي ئاسماندا ئايدىن خىرامان . ئۇ كىرەر يوشۇرۇن جىلغا ئىچىگە ، ئۇيقۇدىن ئويغىنار شېرىن چۈشلۈك ساي . ئۇندىكى يەللەردەك يېنىك قەدەملەر قوزغىلار ئاي بىلەن بىللە بىر تىنماي . سۆيدۈم ھەم غەم يېدىم ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ، سۈكۈتنى ئىستەيمەن روھى راۋانىم . قەلبىمدە كۆپ تۇرغان تەشۋىشىم بىلەن ، قارشى ئالاي مەن سېنى ماھە تابانىم . كۆز ئېچىپ يۇمغىچە سەن يوق قېشىمدا يەنە شۇ كۈندبز ھەم ، يەنە شۇ ئاخشام . تولۇن ئاي يورۇتقان قەلىب ئىچىدە شۇ سېنىڭ جۈسۈنىڭ ئالىدۇ ئارام . بىر پەردە قوشۇلغان ئاھ ، ئىككى سۇمبات ئىككىگە بۆلىنىپ ئايىرىلار يەنە . مەڭگۈلۈك نۇر چاچار سۆيگۈ كېچىدە كۆكتىكى ئاي كەبى قىلىپ تەنتەنە .
سىماۋى يۇلتۇز
ئۇزلۇقۇڭ دىل تارتار ، ئازاب چەككۈزەر ، ئۇنىڭغا تەڭداش يوق ، تەڭ كېلەر رەڭ يوق . ئۇ مېنى گاداي ۋە نوقۇل ھاياتتا قۇتقازدى مۈشكۈل ۋە غۇربەتتىن تولۇق . شۇڭا مەن سەزاغا پەرۋاز ئەيلىدىم ، ۋە كۆردۈم مىسىلىسىز ئاتەشنى مانا . كۆزۈمنى چاقناتتى سىماۋى يۇلتۇز ، كۆز قىسىپ ، جىمىرلاپ ، ئەركىلەپ ماڭا . ئالمىشىپ تۇرىدۇ جان بىلەن تەنلەر مەرغۇللاپ تۇرىدۇ كۈيلەردە بىلەن مۇقام . قېنىڭدا سەزالىق كۈيلەر تارى بار ، جۇش ئۇرۇپ ، مۇڭ سۆزلەپ تاپمايدۇ ئارام . ئىپارلار نەقەدەر شېرىن ۋە قويۇق ، مەن تاپقان ھەممىنى بەس ، بېسىپ كېتەر . ئۇنىڭدىن يېڭىلەر سامادا ئۆسكەن ھەتتاكى مۇقەدەس ، كۆركەن نىلۇپەر . تۇيۇقسىز چاقنىغان تېرەن بىر يەردىن، قايتىدىن كۆرۈندى بىر پانىي دۇنيا . لەھزىدە ئوخشىدىڭ يارىدار قۇشقا، قالتىراپ تۇرىسەن ئالدىمدا تەنھا . يېنىشلاپ دىدىڭ سەن : دەردتىن مۇجۇلدۇم، ــ مېنىڭچە نە چارە ، ئۆكسۈكۈڭنى باس . شۇنچىلىك شىرىنلىك ئىچرە بىلدىم مەن، سىماۋى بىر يۇلتۇز ئىكەنسەن ، خالاس .
|


|