پاستىرناك شېئىرلىردىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئوسمانجان ساۋۇت فېۋرال ،سىيا تاپساڭ ئۆكسىسەڭ 1 فېۋرال ،سىيا تاپساڭ ئۆكسىسەڭ ، يازساڭ يىغلاپ فېۋرال كۈيىنى. دەسسەپ يۈرسەڭ تاكى پاتقاقلار ، كۆرسەتكىچە باھار ھۆسنىنى . پەيتۇن ياللاپ ئاتمىش تىيىنغا ، شاۋقۇنلاردىن يىراققا كەتسەڭ . سىياھدىنمۇ ،كۆز ياشلاردىنمۇ ، يامغۇرى مول جايلارغا يەتسەڭ . ئۇندا كۆيگەن نەشپۈتتەك گويا ، توڭ قاغىلار ھەددى –ھىساپسىز . ئۇلار چۈشسە شاختىن كۆلچەككە ، مۇڭ قۇيۇلار كۆزۈمگە چەكسىز . قارلار ئېرىپ ، قارىيار قىرلار ، شاماللاردا دەۋرەيدۇ چۇقان . يىغلىغاندا پۈتۈلگەن قۇرلار ، يۈرىكىڭدىن چىقىدۇ ھامان . 2 مەشھۇر بولۇش ئەدەپتىن ئەمەس ، يۈكسەكلىككە كۆتەرمەيدۇ ئۇ . بار بىساتنى جەملەپ لىق ،پەۋەس ، ساقلىماق ھەم شەرت ئەمەس مەڭگۈ . ئىجاد ئەسلى جان پىدا قىلماق ، نە سەلتەنەت ،نە ئەمەس چۇقان ! ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي بىراق ، ئەل ئاغىزغا چىقماقلىق يامان . ئاددى پەقىر ياشىماق كېرەك ، ئۆتۈش كېرەك ئاشۇنداق پەقەت . سۆيگۈنىڭ ئەرشىنى ياراتسۇن يۈرەك ، كېلىچەكنى سەزسۇن پاراسەت . ئۆمۈر ئايرىم باپلىردىن بەلكىم ، ھاشىيەگە يازار ئەلۋەتتە . قالدۇرماقلىق كېرەك پاكىز جاي ، كېلىچەكنى سەزسۇن پاراسەت . يىراقلارغا سىڭىپ كەتسۇن دىل ، راۋان بولغىن تەنھا ماكانغا . گويا تىلسىم زىم –زىيا مەنزىل ، چۆمكەلگەندەك قارا بۇلۇتقا . باشقىلار يول قىلىپ ئىزىڭنى ، بىر كۈن بېسىپ ئۆتەر ئىكەن بەس . يېڭىش نىمە ، يېڭىلىش نىمە ، پەرق قىلىش ساڭا شەرت ئەمەس . ۋاپاسىزلىق چېكىنىش دىمەك ، چىرايىڭغا قونمىسۇن ھەسرەت . ھامان خوشال ياشىماق كېرەك ، جۇشقۇن روھتا ئەبىدىلئەبەت !
ئاۋغۇسىت ھايال قىلماي ئانتى بويۇنچە ، كۈلدى ئاپتاپ دەسەلەپكى سەھەر . ۋە تاشلىدى بىر دەستە شولا ، دېرىزەمدىن تۆشەككە قەدەر . غەرق قىلدى ئالتۇندەك رەڭڭە، چاتلاش ئورمان ،قىشلاق ،ئۆيلەرنى. تۆشىگىم نەم ياستۇقۇم ھەمدە ، كىتاپ تولغان جاۋەنلىرىمنى . ئەسكە ئالدىم شۇئان نە سەۋەپ ، ياستۇقۇمننىڭ بولغىننى ھۆل . چۈش كۆردىمكى بارار ئۇزۇن سەپ ، تاۋۇتۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل ... يالقۇنى يوق بىغۇبار ياغدۇ ، چىقار بۇ تاڭ باقى ماكاندىن . قالتىس ئىزگۈ كارامەت كەبى ، كۆزدىن ئۆتۈپ ئالىدۇ جاندىن . سىز ئۆتتىڭىز زىرىقزار ئارا، قەبىرىستانغا ئۇندا ھەر ياپراق. قىزىرار ئىدى مىسلى تاۋىدا ، پىشقان تاتلىق سۇزمىدىن ھالراق. ئۇنىڭ چۆككەن دۆڭلىكلىرىگە، ئاسمان چۆكسەم دەيدۇ بىراقلا . چارلاپ خوراز چىللىشى بىلەن ، بىر –بىرىدىن يوقلار يىراقلار . تەييار ئىدى قەبىرلەر ئارا ، ئەجەل خۇددى تاناپچىغا خاس . قاراپ جانسىز يۈزۈمگە گويا، ئۆلچەيدۇ گۆر بوي –بەستىمگە خاس . تارتار ئىدى ئەلنىڭ ھۇشىنى ، شۇ ئارىدا بىر ئۈن بەر قارار . ياڭرار ئىدى تاۋۇشۇم مېنىڭ ، ئاۋالقىدەك مەيىن ،ئۇلۇغۋار . ئەلۋىدا ئەي قىزغۇچ ۋە نىل رەڭ ، گۈمبەزلىرى چاقنىغان ئەھرام . روناق تاپقۇز شەپقىتىڭ بىلەن ، ماڭا قىسمەت تۇتقىنىدا جام . ئەلۋىدا ئەي يىللار –ئۆكسۈك،لال ، رازى بول غەم –غۇسسىغا نەق جان – پىدا قىلىپ ياشىغان ئايال ئىدىم ساڭا جەڭگە ۋە مەيدان . ئەلۋىدا ئەي روھىم قىممىتى ، پەرۋازدىكى دەملەر ئەلۋىدا . سۆزگە كۆچكەن ئالەم زىننىتى ئىجاد دەردى غەملەر ئەلۋىدا . زېمىستان ئېچىلدى-دە ئىشىك بىردىنلا ، ئاشخانىغا ئۇردى سوغ شامال . بالىلىققا قايتتىم شۇ ئەسنا، قىش تۈنلىرىن ئەسلىدىم دەرھال. ئۇپۇق جىمجىت ھاۋا تاپ –تازا، كوچىدا بەش قەدەمچە نېرى تۇرار ئىدى قىش قىمدىنىپ راسا، كىرەلمەستىن دادىل ئىچكىرى . قىش، ئاقىرار يەنە دالا –تۈز، كۈز قىرلىرى قىراۋلىق دۇنيا. قارا تاللار يۈرەر ھاسىسىز، تەنھا كوردەك تەمتىرەپ گويا. يوللار قاتقان دەريالارمۇ ھەم ۋە مۇزلارغا دەلمۇ دەل يۈزدە. ئاقار سۆرۈن ئاسمان گۈمبىزى ، كۆزگۈ كەبى كۆزگۈلەر ئۆزرە . تۆت كوچىدا ئاڭا چاپمۇ –چاپ ، تۇرار قېيىن مەسۇم .شوخ پەرداز . چاچلىرىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز ، ئەينەك ئىچرە ئۇ بىر سەرۋىناز . ئىشىنەر ئۇ ئۆزىچە پىنھان ، ئىتەكتىكى ئەڭ يوق ئويىچە. قىشتىن قانچە كۆرسىمۇ ئېھسان، بولالمايدۇ ھەيۋەت ئۇنىڭچە. نوبىل مۇكاپاتى پۈتتى كۈنۈم ئېزىقىپ قالغان، يىرىتقۇچ كەبى سالىمەن چۇقان. ئۇر-ئۇر دەپ تىنماي ھەرياندىن، مېنى ئوراپ كېلەر ئالامان. بىر تەرەپ كۆل ،بىر تەرەپ بولسا، قارىغايلار يىقىلغان ئورمان. ھايات يولۇم قالمىدى ئەسلا، ئەمدى نە ئامال بارىمەن قايان ؟ نە يامانلىق قىلدىم ،نە گۇناھ ، قانداق رەزىل ئىش قىلدىم دىگىن ؟ يا دۇنيانى يىغلاتىتىمۇ مەن ، ئانا يەرنىڭ نە پاستىدىن . ئەمما تاۋۇت يېنىدا ھەتتا ، ئىشىنمەن شۇنداق پەيىت كېلەر. زاۋال تاپماس ئىزگۈ روھ ئەسلا، قەبىھ كۈچلەر جەزمەن يېڭىلەر . مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت مەن بىلدىم ھاياتنىڭ مەنىسى ھۆرمەت، مەنانىڭ مەنىسى بۇ بىر كارامەت. تەن ئۆزۈمنىڭ ئامالسىزلىقىمنى، ئاپرىل(1) پۈتۈنلەي ھىلە –خوشامەت. تەن ئالدىم ۋاقىتنى يول ساندۇقى دەپ ، ئۇ ئاققان سۇ كەبى قىيام بولغان كۈن. توختىماي ۋىژىلداپ كىرگىنى پەقەت، چېكى يوق،چېتى يوق شەپەقتىن كەلكۈن. تېرەكنى تېرەككە ،تالدىن تاللارغا، ۋە يەنە قار باسقان ئاپئاق يوللارغا. تۆمۈرچى قولىغا چاچىرغان ئوتتەك، ئاقىدۇ زور بىر باغ ئوڭۇ –سوللارغا. تەن ئالدىم قاراڭغۇ كېلىدۇ ئون پۇت، قوڭغۇراق چالغۇچى كەتتى چىركاۋدىن. تەن ئالدىم ئۇ كەتتى گىرچى بولۇشقا ، كۆز ياشلار، ئەگىزلەر ،قەدمىي دۇكان بېشىمىز ئاغىرىدى دىيشى مۇمكىن. ــــــــــــــــــــــــ ئىزاھات: 4- ئاينىڭ 1 –كۈندىكى ئالداش بايىرمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قەلبنىڭ ئېنىقلىمىسى ئېۋەنسىز، بىجىرىم ئۇ بىر يوپۇرماق، شامالدا ،يامغۇردا چۈشكەن نەشپۈتتەك. نەقەدەر سادىق ئۇ،خوش دىدى شاخقا، ساراڭ ئۇ بوغۇنقۇپ ئۆلىشى كېرەك! شامالنىڭ ئورغىقى چۈشتى نەشپۈتتەك، نەقەدەر سادىق ئۇ دەيدۇ يوق زەخمەت. ئويلىساق نەشپۈتمۇ لېۋەن بوپ بىر چاغ، ياندى ۋە سولاشتى قالدى كۈل پەقەت. يىمىرىپ تاشلىدى تۇپراقنى بوران، بالاپان ئۇگاڭنى تونۇمسەن ئوبدان؟ ياپرىقىم قورقامسەن تۇرنىلاردىنمۇ، نىمىدىن قورقىسەن ئەي سەن ئۇياتچان ؟ قورىقمىغىن قىسمەتداش، تەقدىرداش ناخشا! بىز نەگەر بارىمىز سەرسان –سەرگەندان ؟ ئايرىلماس تىترەكنى كۈتمىگەن ئىدىم ، « بۇ يەردە» دىگەن بىر رەۋىشكە بۇئان. شېئىرنىڭ ئېنىقلىمىسى بۇ شادلىق قايغۇنىڭ غالجىر شاۋقۇنى، بېسىلغان مۇزلۇقتىن ياڭرىغان ناخشا. بۇ ياپراق توڭلىغان قىشنىڭ سوغ تۈنى، بۇ ئىككى بۇلبۇلنىڭ بەس كۈيى راسا. بۇ تاقىر قاغجىراق پۇرچاق دالىسى، بۇ دۇنيا كۆزىدە مۆلدىرلىگەن ياش. فىگارو* نېيىنىڭ مۇڭلۇق نالىسى مۆلدۈردەك كۈي تۆككەن يۈرەككە تۇتاش. بۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ تەكتىدىن تۈندە، ئىزدەلگەن ۋە لېكىن چىقمىغان نەرسە. تۈن تىترەك قولىدا ئوچۇملاپ تورغا، كىرگۈزسەم دېگەن شۇ يۇلتۇز ھە دېسە. سۇدىكى تاختايدىن يېقىمسىز دېمىق، تىترەكتەك ئۆرۈلۈپ چۈشەرمۇ ئاسمان ؟ يۇلتۇزلار قارىشىپ كۈيلەر بى تىيىق، ۋە لېكىن كائىنات قاقاس بىر ماكان . تۇتمىغىن تېخىچە قۇرۇمىدى سىر تۇتمىغىن تېخىچە قۇرۇمىدى سىر، قەلبتە قالمايدۇ ھەرگىزمۇ دىققەت. ئەس دىگەن يوتىنىڭ، قولنىڭ ،مەڭىزنىڭ، لەۋلەرنىڭ، كۆزلەرنىڭ ئىزىدۇر پەقەت. بار يېڭىش ئاپەتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، مەن سېنى سۆتىمەن، ئۇندىكى سەۋەپ؛ ساماندەك سارغايغان بىزنىڭ بۇ دۇنيا، سەن بىلەن بولىدۇ سەدەپ ۋە سەدەپ. ئانىت ئىچەي، ئەي دوستۇم مېنىڭ زۇلمىتىم، كۆرۈنمەي تۇۇرپلا ئۆزگەرگەن سىياق. بولىدۇ جۆيلۈش ۋە چىراغ قالپىقى، بېشىمغا تېڭىلغا نداكىدىن ئاپئاق. ماۋزۇسىز بىر چاغدا تۇغۇچسىز،مۇلايىم ئىدىڭ، ئاتەشتەك يېلىنجاپ تۇرىسەن ھازىر. قۇلۇپلام قويايمۇ گۈزەللكىڭنى، بەنىت قىلىپ شېئىرغا-پىنھانى نازىر. مەرەمەت قاراپ باق بىزنىڭ كۈلبىگە، تاملارغا، بۇلۇڭغا دېرىزىكەرگە. قاراپ باق،شەكلمىز،كۆلەڭگۈمىزگە، قاراپ باق،چىراغتا ئۆزگەرگىنىمىزگە. ئولتۇرۇپ ئالدىڭسەن لۆم-لۆم تۆشەكتە، بەدەشقان قۇرغانچە تۈركلەرسىمان. قاراڭغۇ يەردىمۇ،يورۇق يەردىمۇ، سەبىدەك قارايسەن ھەممىگە ھامان. خىيالدەك سەگىپلا ئۈزۈلۈپ كەتكەن- مەرۋايىت يىپنى ئۇلىدىڭ قايتا. چىرايىڭ غەمكىندۇر،مەيۇسسەن ئەجەپ، سەمىمى سۆزلىرىڭ بەك رەڭسىز ئەسنا. راسىت دەيسەن بەك چۈچۈك سۆيگۈ دىگەن گەپ، مەن تاپاي ئۇنىڭغا باشقا بىر بەلگە. خالىساڭ سەن ئۈچۈن پۈتۈن ئالەمنى، سۆزلەرنى،تاملارنى ئۆزگەرتەي دەمدە. كۆرۈستۈپ بېرەلمەي قالدىمۇ ياكى، مۇڭ باسقان چىرايىڭ سەزگۈڭنى پەقەت. قەلبىڭدە چاقنىغان قورام تاشلارنى، نىمىشقا كۆزىڭدە ئوينايدۇ ھەسرەت؟ داۋامى بار |


