مىلوش شېئىرلىردىن ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى سەن ماڭا ئەپكەلدىڭ زىيان ۋە زەخمەت سەن باش بوپ يالاقچى بىر توپ ناكەسكە ھەقنى يەر ناھەقنى ئەيلىدىڭ ئاسمان . مەزلۇم ۋە مىسكىنگە يەتكۈزدىڭ زەخمەت ، ئۇلاركى دەرىتمەندۇر ، سەن كۈلدۈڭ خەندان . ئالدىڭدا تىز چۆكتى كۈللى يەر جاھان ، ۋە ماختار سېنى دەپ دانا ،دىققەتچان . قادايدۇ كۆكسىڭگە ئالتۇن مىدالنى ، ئۆتكەچكە بىر كۈنى شۈكرى قىپ پىنھان . دىلىڭدا ئىشەنج يوق ،دىلغۇدۇرسەن ، شائىرمۇ ئۇنۇتماس بۇلارنى ھەردەم . ئۆلتۈرسەڭ بىرىنى چىقار تالايلار ، ئەتمىشىڭ ،ھەر سۆزۈڭ ئەستە مۇستەكەم . ئايازنىڭ سەھەرى ئىگىلگەن پۇتاق ، ۋە سىرىتماق ساڭا بەك يارىشار كۆركەم .
ئايىرىلىش
يالقۇنلار شەھرىدىن ئايىرلىپ شۇئان ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ تاشلىدىم نەزەر . دىدىمكى بىز باسقان ئاشۇ يوللارنى ، قاپلىسۇن سارغايغان ياۋا ئوت –چۆپلەر . ئۆلگەنلەر سۆزلىسۇن ئۆتكەن ئىشلارنى ، سۆزلىسۇن ، ۋايسىسۇن كۆتەرسۇن پەريات . قۇتۇلسۇن ئۇندىكى قۇت قاباھەتتىن ، بولىمىز بىز يېڭى شالجىر بىر ئەۋلات . بىز ئەمدى ماڭايلى يالقۇن خەنجىرى ، بىز ئۈچۈن ياراتتى بىر ئالەم ھەيھات !
بۇلۇت
ئاھ ! بۇلۇت ، دەھشەتلىك مېنىڭ بۇلۇتۇم . يۈرىكىم ئوينايدۇ ،ھەسىرىتىدۇر يەر . ئاھ ! بوزرەڭ بۇلۇتۇم تىمتاسسەن ساڭا – تاڭ پەيتى ياش تۆكۈپ تاشلايمەن نەزەر . بىلىمەن چىرايلىق يالغانلار بىلەن ، چىنلىقنى پۈركەشكە تاپتىم مەن دەرمان . كۈل بولغان غايىگە قىلىندى دەپنە ، دىلدىكى ئىپتىخار ، قاتتىقلىق ئارمان . يەر ئۆزرە باقتىم مەن ئۈزۈلدى ماڭا ، چوغ كەبى قىزىغان بىر قەپەس بوران . ئاھ ! بۇلۇت دۇنيانىڭ قاراۋۇلۇىسەن ، نىمانچە سۈربەتسەن ، نىمانچە دەھشەت ! مەن ئەمدى ئۇخلايمەن شەپقەتلىك كېچە ، ۋەسلىمنى پۈركىسۇن ،پۈركىسۇن پەقەت .
بېغىشلىما
مەن سېنى قۇتقۇزۇپ ئېپقالالمىدىم ، ئاڭلىغىن بۇ ھەقتە سۆزلەيمەن ساڭا . ئىشقىلىپ چۈشەنگىن بۇ ئىخچام سۆزنى ، ئۆزگىچە سۆزلىسەم ئۇياتتۇر ساڭا . سېھرىگەر ئەمەسمەن سۆز ئويناتمىدىم ، ئىشەنگىن بۇنىڭغا قىلاي قەسەميات . دەرەخ ۋە شەپەقنىڭ جىمجىتلىقىدەك ، يولداشتۇر سۆزۈمگە جىملىق سۈكۈنات . خەيىر دەپ پانىيدىن باقىيغا كەتتىڭ ، ئۆلۈمىڭ تاۋلىدى مېنى مۇستەھكەم . خوشلاشسا بىز بىلەن كونا بىر دەۋر ، دەپ قالدىڭ : يېڭىسى باشلاندى بۇ دەم . غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ ئىلھامىنى سەن ، دىدىكى جىلۋىدار نازۇك ، ناپاسەت . مۇنتىزىم بىر قوشۇن بىلىندى ماڭا ، نىشانسىز يۈرگۈچى بىر كۇچ – بىر قۇدرەت . يېيىلغان ئەي ساياز پولشا دەرياسى ! جىلغىلار سايلاردىن ئۆتىسەن ھامان . ئۈستىڭدە چوڭ كۆۋرۈك ئەزىم ئىنشائات ، ئاق بۇلۇت قوينىغا كىرگەن بىپايان . بۇ يەردە باركى بىر خارابە شەھەر ، قۇچىغى ۋەيرانە تېپىپتۇ زاۋال . سەن بىلەن مۇڭداشقان ئاسنا چايكىنىڭ ـ زارىنى ئېپ ئۆتتى قەۋىردىن شامال . خالاسكار بولمىسا مىللەت خەلققە مىسرالار بولىدۇ نىمىگىمۇ دال ؟ لەببەي دەپ شاراپخور ئېيىتىدۇ ناخشا ، يالغاننى سۆزلىسە يالغانچى ئامبال . ئەي ! مەسۇم ، ساددا پاك ، ئەي يۇمران قىزلار، مانا بۇ سىللەرگە دەستۇر قوللانما . مۇھتاجمەن چىرايلىق ئېسىل شېئىرغا ، ئۇنى مەن چۈشنىپ يەتمەيمەن ئەمما . ئەمدىلا بىلدىممەن شېئىردا دوسىتلار ، بار ئىكەن مۆجىزە بار ئىكەن مەنپەت . مەن تاپتىم ئۇنىڭدىن قىلبىگاھىمنى ، شېئىردۇر نىجاتچىم شېئىردۇر پەقەت . قەۋرلەر ئۈستىگە سۆك كۆكنار چېچىش ، بۇ يەردە ھەممىگە ئۇدۇم ۋە ئادەت . ئەرۋاھلار قۇشلارغا ئايلانسۇن دىگەن ، نىيەتتىن تۇغۇلغان ئۇشبۇ ساخاۋەت . بىر مەزگىل ياشىغان ئالەمدە ساڭا ، مەن بۇندا كىتاپنى بېرەي بېغىشلاپ . شۇ بېرىش تۈپەيلى – بىزنى كۆرگىلى ، كەلمەيسەن بۇ يەرگە قايتا يېنىشلاپ .
گۈللۈك مەيدان
ھىساپسىز سېۋەتلەپ زەيتۇن ، لىمونغا ، تولغاندۇر رىمدىكى شۇ گۈللۈك مەيدان. تاشيولدا ئېسىل مەي دولقۇن ئاتىدۇ ، دەرەخلەر پوتلىسى ئۇچىدۇ لەرزان . سۈرەگە تىزىپتۇ باققال بېلىقنى ، ئاچ قىزىل ، يالتىراق نۇرلۇق ۋە رەڭدار . قونۇپتۇ سۆسۇنە ساپ –ساپ ئۈزۈمگە ، شاپتۇلنىڭ تۈكىدەك ئاپئاق قىرولار . دەل مۇشۇ مەيداندا دەل مۇشۇ يەردە ، گوردانۇ بۇرنونى (1 كۆيدۈردى ئۇلار . مەيدانغا ئېقىشتى بارچە خالايىق ، ئوت ياقتى ئوتۇنغا قۇل، غالچا، مالاي . ئۆچمەستىن يالقۇنلار ئۆچمەستىن تېخى ، ئادەمگە لىق تولدى شۇ كىچىك ساراي . سېۋەتلەپ –سېۋەتلەپ زەيتۇن ۋە لىمون باققاللا ئۈستىدىن ئالغان يەنە جاي . ئاپئاق ۋە يوپ –يورۇق باھار ئاخشىمى ، پاراغەت (2)سازىغا ئەگىشىپ راۋان . ياغاچ ئات يېنىدا ۋارشاۋادىكى ـ ئېسىمگە كىپقالدى ،شۇ گۈللۈك مەيدان . خۇش ناۋا سادالار يۈتتى يوقالدى ، نامراتلار كۈلبىسى غۇلاپ گۈمبىرلەپ . بۇلۇتسز ئاسماندا ئۇچار ئادەملەر ، توپ بولۇپ ، جۈپ بولۇپ يۇقۇرى ئۆرلەپ . ئوت يانغان تەرەپتىن ئېسەر گاھ شامال ، لەگلەكتەك ئۇچىدۇ قاپ قارا گۈللەر . ياغاچ ئات مىنگەنلەر قولىغا چۈشتى ، ئاسماندا بوشلۇقتا بەرگ ۋە گۈللەر . قايرىدى قىزلارنىڭ ئېتەكلىرىنى ، ھېلىقى ئىسسىق يەل ،ئوت –ئاتەش چاچقان . چىرايلىق ۋارشاۋا يەكشەنبسدە ، ئادەملەر كۈلۈشۈپ سالىدۇ چۇقان . رىملىقلار ۋە يەنە ۋارشاۋالىقلار ، تالىشار ،كۈلۈشەر ۋە قىلار ئىشرەت . شېھىتلار ئۆرتەلگەن جايدىن ئۆتكەندە ، گاھىلار ئېلىشار ساۋاق ۋە ئىبرەت . ۋە يەنە گاھىلار بىلىپ يېتىدۇ ، ئىنسانى خىسلەتنىڭ ھالاكىتىنى . ۋە كۆرەر يالقۇنلار ئۆچمەي تۇرۇپلا ، تۇغۇلغان ئۇنتۇشنىڭ ھالاكىتىنى . ئويۇمدىن چىقمىدى ئاشۇ كۈن ئەسلا ، تەنھاغا تىكىلگەن شېھىتلىك قىسمەت . ئويۇمدىن چىقمىدى شۇ گوردانو ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياماشقان شۇ ھالەت . تىرىكلەر ئىچىدىن بۇ ئالەمدىكى ، ئۇ قانچە قىلسىمۇ ئىزلىنپ ھەريان ــ چىقمىدى پەقەتلا چىقمىدى بىرمۇ ، ئادەمزات سۆزىنى سۆزلەشكە ئىنسان . قاۋاققا قايتىشتى ئۇلار بۇرۇنلا ، ۋە ياكى بېلىققا ئىزلەر خېرىدار . زەيتۇن ۋە لىموننى سېۋەت –سېۋەتلەپ ئەپكەلدى بۇ چاققا بازارغا ئۇلار . كەچكەن شۇ بىرقانچە ئەسىرگە ئوخشاش ، ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك يىراقتا قالدى . ياد ئەيلەپ ئوتتىكى پەرۋازىن ئۇنىڭ ، ئادەملەر بىر نەپەس توختىشىپ ئالدى . بۇ يەردە ئۈلۈشكۈن ئاشۇ ئادەملەر ، ئالەمدە ئۇنتۇلغان تەنھا –يىگانە . بىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرى گويا ، ئەرىشتىكى سۆزلەردەك يات ۋە بىگانە . شۇنداق بىر ئەسنالار كېلىپ يەتكەندە ، ھەمىشە ئىش بولغاندا مۆجىزە ھىكمەت . ئاشۇنداق يېڭى بىر گۈللۈك مەيداندا شائىرنى ياندۇرار غەزەپ ۋە نەپرەت . ئىزاھات گوردانۇ –بۇرنۇ ( مىلادى 1600- 1548 –يىللار ) ئىتالىينىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى ۋە ئىلمى نۇجۇمچىسى . پاراغەت ئايىمى – ئىتالىينىڭ بەزى جايلىرىدا ھەر يىلى 2- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەۋىج ئېلىپ كېىدىغان بىر خىل ئايەم .
تۇيۇقسىز ئۇچىرشىش
مۇز بىلەن قاپلانغان ئانا ماكاندا ، ماشىنا سەيدەپ بىز ئۇچاتتۇق تاڭدا ، قىزىل قۇش (1) زۇلمەتتە ئۇچقاندەك گويا تۇيۇقسىز بىر توشقان ئۆتتى يول كېسىپ ، بىزنىڭدىن بىر كىشى قالدى قول شىلتىپ . بۇ ۋەقە روي بەرگەن كۆپ يىل مۇقەدەم ، ئەمدى يوق ئۇ، توشقان قول شىلىتقان ئادەم . ئاھ ! مېنىڭ سۆيۈملۈك قەدىردانلىرىم ، قايدىسەن قاياققا ئەپكەتىڭلار باش . شىلتىغان قول قېنى قېنى ئۇ ئۇچۇش ، قېنى دومىلاپ شىلدىرلىغان تاش . سۇئالىم قايغۇدىن ھەسرەتتىن ئەمەس ، دىلىمدا تىت –تىتلىق ھودۇقۇش پەۋەس . ئىزاھات: قىزىل قۇش دىگەن بۇ سۆز ئەينى ۋاقىتتا مىلوش تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلغان مەخپى كۆرەش قىلغۇچى كۈچ -« ئاپەتكە ئۇچۇرغان كىشلەر » دىگەن كىچىك گورۇپىغا قارتىلغان .
|


