![]() ئاپتورى: دورىس لېسسىڭ (ئەنگلىيە)
ئىنگلىزچىدىن پەرھات تۇرسۇن تەرجىمىسى
ئۇنىڭ ئىسمى ھېتتىي بولۇپ، يىگىرمىنچى ئەسىر بىلەن تەڭ تۇغۇلغان. ئۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە سوغۇق تېگىش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندە يەتمىش ياشتا ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئېرى سوغۇق بىر قىش پەسلىدە ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كيىن، ئۇ ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل تەنھا ياشىدى. ئۇ چاغدا، ھېتتىي تېخى ئوتتۇرا ياشلاردىن ئانچە ھالقىپ كەتمىگەن ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ تۆت بالىسىمۇ بالا-چاقىلىق ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ پۇشتىدىن بىر قىزىنىڭ مىلاد كارتىسى ئەۋەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېتتىي ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيى، ياخشى خىزمىتى ۋە ماشىنىلىرى بار، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ئىدى، ئۇ بولسا ئۇلاردەك ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمەس. بۇ كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالغاندا پەقەتلا »ئۇ دائىم بىر ئاز غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ يۈرەتتى« دەپلا قويۇشاتتى. ئۇنىڭ ئېرى فرېد پېننەفادېر ھايات چاغدا — بالىلىرى ئەمدىلا چوڭ بولۇۋاتقاندا ئۇلار لوندوننىڭ ئادەملەر مىغىلدىشىپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، خۇددى دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدەك مۇشۇ بۆلىكىگە ئىنتايىن يېقىن ئېئۇستون پويىز بېكىتى، سانت پانكراس ۋە خانلىق دوقمۇشىغا يېرىم مىلمۇ كەلمەيدىغان جايدىكى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر ياتاق بىناسىدا ئىنتايىن بىئارام ھالدا ياشايتتى. بۇ ياتاق بىناسى مۇشۇ جايدىكى ئەڭ كونىسى بولۇپ، چېقىپ تاشلىنىش ۋە تېخىمۇ ئېگىز بولغان كۈلرەڭ بىنالارغا ئورۇن بوشىتىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆيلەر ۋە باغچىلار ئارىسىدا ۋەھىمىلىك، يىرگىنىچلىك ۋە خۇنۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. پېننەفادېر ئائىلىسى ياخشى ئىجارىكەشلەر بولۇپ، ئىجارىنى ۋاقتىدا تۆلەپ قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىناتتى. ئۇ بىناكارلىق ئىشچىسى بولۇپ، خىزمىتى مۇقىم ئىدى، ئۇ بۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى. ھېتتىينىڭ دائىم پاراۋۇزلار كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان ۋوگزالغا بېرىپ تۇرىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاشۇ نورمال تۇرمۇش كەلگۈسىدىكى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشىدىن ھېچقانداق بېشارەت بەرمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەتلا ئۇ يەردىكى پۇراقنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ مېڭىپ يۈرىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ئاشۇ »چەت ئەللىكلەر«نىڭ كېلىپ-كېتىپ تۇرۇشىنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ چەت ئەل دەپ نەزەردە تۇتقىنى شوتلاندىيە، ئېرلاندىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ شىمالى ئىدى. خۇددى باشقىلار ھاراققا ياكى قىمارغا خۇمار بولغاندەك شاۋقۇن-سۈرەن، ئىس-تۈتەك ۋە كىشىلەر قاينىمىنى زىيارەت قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خۇمار ئىدى. ئېرى ئۇنى »سىگان« دەپ چاقىرىپ چىشىغا تېگەتتى. ئۇ ئەمەلىيەتتە يېرىم سىگان ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى ئەسلىدە سىگان بولۇپ، كېيىن ئۆزى بىللە ياشايدىغان كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىپ، مۇقىم ئۆيدە تۇرىدىغان ئەرگە تەگكەن ئىدى. فرېد پېننەفادېر ھېتتىيىنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنىڭ ئۇ بىلىدىغان باشقا ئاياللار بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى، ھەم مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭدىكى سىگان قېنىنىڭ دائىم پويىز ئىستانسىسىنى چۆرگىلەشتىن باشقا تېخىمۇ يامان بىر خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. ئۇ ئېگىز بويلۇق، قاپقارا، بۇلۇق چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، تېرىسى ئاپتاپتا ئاسان قارىدايدىغان، قارا كۆزلىرى ئۆتكۈر ئايال ئىدى. ئۇ پارقىراق رەڭدىكى كېيىملەرنى كىيەتتى، مىجەزى ئىتتىك ئىدى ۋە تۇيۇقسىز ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە ھېرىسمەن ئىدى. ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلىرىدا مەغرۇر ھەم چىرايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى تىلغا ئالغاندا »ئاۋۇ سىگان ئايال« دېيىشىدىن ساقلىيالمىدى. ئۇ بۇنى ئاڭلىغاندا ئارقىسىغا قاراپ ۋارقىراپ سىگان بولۇپ قېلىشنىڭ يامان ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتاتتى.
ئېرى ئۆلۈپ بالىلىرى توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ئۇنى ئاشۇ بىنادىكى كىچىكرەك بىر ئۆيگە يۆتكىۋەتتى. ئۇ بىر يەرلىك دۇكاندا تاماق ساتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، لېكىن ئۇ بۇ خىزمەتتىن بەكمۇ زېرىكتى. بۇ خىزمەت ھاياتىنىڭ ئالدىراشلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تولغان قىسمى ئۆتۈپ كېتىپ بولغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ئەنئەنە بولۇپ قالغان كەسىپتەك قىلاتتى. ھېتتىي ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، باشقا ئەرلەرنى ئىزدەش، بىرەر ئىككى ئەستىن چىقماس ۋەقەلەر دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خۇددى بىر قىزىقىش ھېسابىدا تەمىنى تېتىيدىغان دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقتى، لېكىن ئۇلاردىن زېرىكتى. مال ساتقۇچى ئايال بولۇپ ئازغىنە مائاش ئېلىۋاتقان ۋاقتىدىلا، ئۇ كونا كىيىم تىجارىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دۇكىنى يوق ئىدى، لېكىن ئۇ قوشنا-قولۇملاردىن كونا كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ ياكى تىلەپ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى يايمىچىلار ۋە كونا مال سېتىلىدىغان دۇكانلارغا ئۆتكۈزەتتى. ئۇ بۇنداق قىلىشقا ئامراق ئىدى، ئۇ بىر ھاياجانلىق ئىش ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابرويلۇق خىزمىتىنى تاشلىۋەتتى، پويىز ۋە سەپەر قىلشىقا بولغان ئامراقلىقىمۇ قالمىدى. ئۇنىڭ ئۆيى دائىم دۆۋە-دۆۋە ئوچۇق رەڭلىك رەختلەر ۋە ئۇ نۇسخىسىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ سېتىۋېتىشكە قىيمىغان كىيىملەر، تال-تال مارجانلار، كونا تىۋىتلەر، كەشتىلەر ھەم بوغۇچلار بىلەن تولۇپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئىچىدە يەنە ئۇششاق تىجارەتچىلەر بار ئىدى، لېكىن ھېتتىي ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ بولالمىغاچقا، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بېرى بىللە تۇرغان قوشنىلىرى ئۇنى غەلىتە بولۇپ قالدى دېيىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ناتونۇش بولۇپ كېتىشنى ئىستىشەتتى، لېكىن ئۇنىڭ چاتىقى يوق ئىدى. ئۇ ئۆز ئىشىدىن، بولۇپمۇ سېتىۋالغان ۋە سېتىۋاتقان نەرسىلىرى بىلەن لىق تولغان كونا كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كوچىلارنى ئايلىنىشتىن بەك ھۇزۇرلىناتتى. ئۇ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ قۇرۇق پارڭ سېلىشقا، باھا تالىشىشقا ۋە ئالداشقا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ قوشنىلىرى قارشى تۇرغان ئەڭ ئاخرقى بىر ئىش — ئەلۋەتتە بۇنى ئۇ ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ — ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر باشلىنىش بولغان ئىش ئىدى. بۇ ئىش تىلەمچىلىك ئىدى. دۇرۇس ئادەم تىلىمەيدۇ. ئۇ بولسا ئەمدى دۇرۇس ئادەم ئەمەس ئىدى.
كىچىككىنە ئۆيىدە ئۇ ئامال بار ئاز تۇراتتى، ئۆيدە تۇرۇشتىن قاينام-تاشقىن كوچىلارنى بەكرەك ياقتۇراتتى. لېكىن ئۇ يەنىلا بەزى ۋاقىتلىرىنى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزەتتى. بىر كۈنى ئۇ بىر ئېزىپ قالغان ئاسلاننىڭ مەينەت بۇلۇڭدا تىترەپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى بىنادىكى ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. ئۇ بەشىنچى قەۋەتتە ئولتۇراتتى. ئاسلان چوڭ بىر مۈشۈك بولغاندا، خۇددى بۇ بىنا مۈشۈك ئۈچۈن بىر بازاردەك ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئارىلىرىدىكى پەلەمپەيلەر ۋە لېفىتلاردا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئەرمەك ھايۋانلار ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، پەقەت چەكلىنىدۇ ئاندىن يۆتكىۋېتىلىدۇ. مۈشۈكنىڭ كېلىشى بىلەن ھېتتىينىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ئىجتىمائىيلىشىپ كەتتى. چۈنكى بۇ ھايۋان دائىم سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنادىكىلەر بىلەنمۇ دوست بولۇپ قېلىپ، ئۇنى ئەنسىرىتەتتى ياكى كېچىدە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمەي قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەشكە، ئىشىكلەرنى چېكىپ سوراشقا توغرا كېلەتتى ياكى بەزىدە تاياق يەپ ئاقسىغان ھالدا ياكى باشقا مۈشۈكلەر بىلەن ئېلىشىپ بەدىنى قان ھالدا قايتىپ كېلەتتى. ئۇ مۈشۈكنى تەپكەن ئادەم بىلەن ياكى ئېلىشقان مۈشۈكنىڭ ئىگىسى بىلەن جاڭجاللىشاتتى. مۈشۈككە ئامراق كىشىلەر بىلەن مۈشۈك بېقىش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇپ، بىچارە مۈشۈك تىببىينىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. كېيىن مۈشۈك بىردىنلا بۈرگىلەر بىلەن ئېلىشىپ بىر يارىدار جەڭچىگە ئايلىنىپ، قۇلاقلىرى پۇچۇق، ئىنتايىن ئەبگا قىياپەتكە كىرىپ قالدى. بۇ مۈشۈكنىڭ رەڭگى چار، كۆزلىرى كىچىك ۋە سېرىق ئىدى. ئۇنى ھەرگىزمۇ چىرايلىق، ئېسىل نەسىللىك مۈشۈك دېگىلى بولمايتتى. لېكىن ئۇ مۇستەقىل ئىدى. كونسېرۋالىق مۈشۈك يېمەكلىكىگە ياكى ھېتتىي بېرىدىغان بولكا ۋە گۆش قىيامىغا ئېرىشەلمىگەندە دائىم كەپتەرلەرنى تۇتۇپ يەيتتى. ھېتتىي يالغۇزلۇق ھېس قىلغاندا ئۇنى باغرىغا باسسا ئۇ خورىلداپ قوياتتى، لېكىن بۇنداق ئىشلار ئازدىن ئاز يۈر بېرەتتى. ئۇ، بالىلىرىنىڭ بۇ ئەسكى تۈسكى ساتقۇچىدىن خىجىل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى يالغۇز قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سېزىشى بىلەنلا دەرھال بۇنى قوبۇل قىلدى. پەقەت مىلاد بايرىمىدەك چاغلاردىلا ئازاب ئۇنىڭ يۈرىكىدىن يۇمۇرلۇق بىر خىل تۈستە ئۇرغۇپ چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتاتتى ياكى قوشاق قوشاتتى: ئەي، سەن مەينەت قېرى بىر ھايۋان، ھېچكىشىگە يوقتۇر كېرىگىڭ. سەن مۈشۈكى بۇ تار كوچىنىڭ، پەقەت ئوغرى مۈشۈكتۈر ئەسلىڭ. ئاھ تىببىي، تىببىي، ئاھ تىببىي!
بىنادا مۈشۈكلەر جىق ئىدى. ھەتتا جۆرىلىك ئىتلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار خۇنۈك سېمونت كارىدوردا ئېلىشاتتى. بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى ئىت ياكى مۈشۈكنىڭ ئاخىرى يېڭىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەر ۋە ھەپتىلەردە يۈز بېرىدىغان قوشنىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشالايدۇ، دەپ كۆزىتەتتى. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئىتلار ئۈستىدىن ئەرز قىلاتتى. ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن بىرى كېلىپ ھايۋانلارنى ياخشى باشقۇرمىغانلارنى ئائىلىدە ھايۋانلارنى بېقىش قائىدىسى بويىچە مەجبۇرىي بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ھېتتىيمۇ باشقىلارغا ئوخشاش مۈشۈكىنى يوقىتىشقا توغرا كەلدى. بۇ كرىزىس دەل ئۇنىڭ تەلەيسىز ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ يۇقۇملۇق زۇكامغا گىرىپتار بولۇپ، پۇل تاپالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېنسىيە مائاشى بىلەن كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمىغاچقا، قەرزدار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆپلىگەن ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىمىگەن ئىدى. ئۇ بىر تېلېۋىزورنى ئىجارە ئالغان بولۇپ، تېلېۋىزىيىدىكى ئەڭ ئەرزان پروگراممىلارغىمۇ پۇل تۆلىيەلمىگەن ئىدى. قوشنىلىرى ئۇنىڭ مۈشۈكىنى ياۋايى بولۇپ كەتتى، دەپ گەپ تاپقان ئىدى. چۈنكى بۇ مۈشۈك كەپتەرلەرنى تۇتۇۋالسا پەلەمپەي ۋە كاررىدورلارنى ئۇنىڭ قانلىرى ۋە پەيلىرى بىلەن تولدۇرۇۋېتەتتى. بىر ئايال كىرىپ ھېتتىينىڭ كەپتەرلەرنى تۇتۇپ، دۈملەپ يېگەنلىكىنى بايقاۋاتقىنىنى ئېيتىپ ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇددى ھېتتىي بۇ ئىشلارنى قىلىپ مۈشۈكى تىببىي بىلەن گۆشتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇۋاتقاندەك.
— سەن بەك رەزىلكەنسەن، — دەيتتى ئۇ مۈشۈككە جىمبىلنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن لېگەن ئۈستىگە قويۇۋېتىپ، — رەزىل قېرى، يە، مۇشۇ قېرى، مەينەت كەپتەرنى يە، سېنىڭچە سەن زادى كىم؟ ياۋا مۈشۈكمۇ؟ دۇرۇس يول تۇتقان مۈشۈكلەر مەينەت قۇشلارنى يەپ يۈرمەيدۇ، پەقەت قېرى سىگانلارلا ياۋايى قۇشلارنى يەيدۇ.
بىر كېچىسى ئۇ ماشىنىسى بار بىر قوشنىسىدىن ياردەم سوراپ قالدى. ماشىنىغا تېلېۋىزور، مۈشۈك، بىر بوپا كىيىم-كېچەك ۋە كىچىك ھارۋىنى سالدى. ماشىنا لوندوننى تولۇق دېگۈدەك كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇنى نامراتلار مەھەللىسى بولغانلىقى ئۈچۈن رەتلىنىش ئالدىدا تۇرغان كوچىدىكى بىر ئۆيگە ئېلىپ باردى. قوشنىسى يەنە بىر قېتىم قاتناپ، ئۇنىڭ كىيىم ئىشكاپى، كونا چامىدانى، ساپلىق قازان ھەم يوتقىنى بىلەن ماتراسلىرىنى ئەكىلىپ بەردى. ئۇ مانا شۇنداق ئۇسۇلدا ئوتتۇز يىلنى يەنە ئۆز ھاياتىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن كوچىدىن ئايرىلدى.
ھېتتىي بۇ يەردە بىر ئېغىزلىق ئۆيدە قايتىدىن ئۆي تۇتتى. ئۇ بۇرۇنقى جايىغا ئۆزىنىڭ پېنسىيە ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ يېقىن بېرىشتىن ئەنسىرەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ گەجگىسىدە ئۆي ئىجارىسى قالغان ھەم بىر تېلېۋىزورنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تىجارىتىنى يەنە باشلىدى. ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ كىچىككىنە ئۆيى ئىلگىرىكىدەك خىلمۇ خىل رەڭدىكى كىيىملەر، ئىلمە توقۇلمىلار، يىپ بوغۇچ ۋە تۇتىدىغان جىيەكلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. ئۇ كىچىككىنە گاز ئوچاقتا تاماق ئېتىپ، ۋاننىدا يۇيۇناتتى. ساپلىق قازان بىلەن سۇ قايناتمىسا بۇ يەردە ئىسسىق سۇمۇ يوق ئىدى. بۇ جىنايەتچى ئائىلىسىدە بىرنەچچە ياشىنىپ قالغان خانىم ۋە بەش بالا تۇراتتى.
ئۇ بىرىنچى قەۋەت ئارقا تەرەپتە، دېرىزىسى تاشلاندۇق بىر باغچىغا قارايدىغان ئۆيدە تۇراتتى. مۈشۈك مۇشۇنداق ئوۋچىلىققا ئەپلىك قەۋەتتە ياشىغىنىدىن بەكلا خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆيدىن بىر مىل يىراقلىقتا چىشى مۈشۈكلەر سېھرى جۇلا بىلەن ياشاپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا يېقىن جايدا بىر قانال ئاقاتتى. مەينەت شەھەر سۈيىدە بىر نەچچە ئاراللار پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، مۈشۈك ئۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۇ يەرگە توختىتىپ قويۇلغان قولۋاقلارغا چىقىۋالالايتتى. ئاراللاردا چاشقانلار ۋە قۇشلار بار ئىدى. تار يوللارغا سېمىز لوندون كەپتەرلىرى تولۇپ تۇراتتى. بۇ مۈشۈك ناھايىتى ئۇستا ئوۋچى ئىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ يەرلىك مۈشۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئىگە بولدى ۋە بۇنى ساقلاش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئېلىشىپمۇ يۈرمىدى. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئەركەك مۈشۈك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاسلانلارغا دادا بولغان ئىدى.
بۇ يەردە ھېتتىي بىلەن مۈشۈك ناھايىتى بەختلىك بەش يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ سودىسى ياخشى ئىدى. چۈنكى يېقىن ئەتراپتا باي كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار كەمبەغەللەر ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشنى خالايدىغان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەتتى. ھېتتىي بۇ يەردە يالغۇزلۇق ھېس قىلمايتتى، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزىگە ئوخشاش تۇل ۋە بالىلىرى يوقلاپ قويمايدىغان بىر ئايال بىلەن دائىم گەپ تالىشىپ قالسىمۇ،لېكىن رازىمەن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ھېتتىي بۇ يەردىكى بەش بالىغا قاتتىقراق ئىدى، ئۇلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ۋە قالايمىقان قىلىشىدىن ئاغرىناتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاپىسىغا رەھمەتمۇ دەپ قويمايدىغان بۇ بالىلارغا نېمانچە قىلىدىغاندىمەن دېۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا پۇللارنى ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرنى بېرەتتى. ئۇ پېنسىيە مائاشىسىزمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتاتتى. ئۇ تېلېۋىزورنى سېتىۋېتىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى دوستى بىلەن ئۆزىگە دېڭىز بويى ساياھەت بېلىتى ئارقىلىق بىر كىچىك رادىئو سېتىۋالدى. ئۇ ئەزەلدىن كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇمايتتى. راستتىنى ئېيتقاندا ئۇ ساۋاتسىز ئىدى ياكى كىتاب ئوقۇش ئۇنىڭغا ھۇزۇر بېرەلمەيتتى. مۈشۈك بېقىشقا ھېچنەرسە كەتمەيتتى، ئەكسىچە ئېرىشىدىغانلىرى كۆپ بولاتتى. مۆشۈك ئۆزىنى ئۆزى باقاتتى، يەنە داۋاملىق تۇتۇۋالغان كەپتەرلىرىنى ئۇنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئەكىلىپ بېرەتتى. بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن ھېتتىيدىن سۈت تەلەپ قىلاتتى.
— ئاچ كۆز تىببىي، ئەي ئاچ كۆز نەرسە، مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالما، مەن بىلىمەن، سەن بۇ قېرى كەپتەرلەرنى يەپ كېسەل بولۇپ قالىدىغان بولدۇڭ، مەن ساڭا بۇنى دەپ كېلىۋاتىمەن، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئاخىرى بۇ كوچا رەتلەندى. بۇ يەر ئەمدى ئىلگىرىكىدەك بىر قېلىپتىكى، ئۇزۇنچاق ۋە يىرگىنچلىك نامراتلار مەھەللىسى ئەمەس ئىدى. ئۆيلەر ئوتتۇرا تەبىقىگە تەۋە كىشىلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى. گەرچە بۇ، ھېتتىينىڭ سودا قىلىشى ياكى تىلىشى ئۈچۈن )ئۇ يەنىلا ئازابلىق ئاۋازى ۋە چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن پايدىلىنىپ نەرسىلەرگە بىكارلىق ئېرىشىشنىڭ ۋەسۋەسىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى( تېخىمۇ كۆپ ئىللىق كىيىملەردىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقا قوشنىلىرىغا ئوخشاشلا بۇ ئۆي ۋە ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلىرىنىڭ بۇ يەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پات ئارىدا سېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ھېتتىي يەتمىش ياشقا كىرىدىغان ھەپتىسى، ئۇ بۇ كىچىككىنە ئالاقە دائىرىسىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئۇلارنىڭ باشقا جايدىن تۇرالغۇ تېپىشىغا تۆت ھەپتە مۆھلەت بېرىلگەن ئىدى.
ئادەتتە ئولتۇراق ئۆينىڭ قىسلىقى لوندون ۋە دۇنيانىڭ باشقا ھەممە يېرىدە ئەمەلىيەت ئىدى. بۇ كىشىلەر تارقىلىپ كېتىشكە ۋە ئۆزىگە پاناھ تېپىشقا مەجبۇر ئىدى. لېكىن بۇ ئالاھىدە كوچىنىڭ تەقدىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولسىمۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سايلىمى سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىنماي تۇراتتى. نامراتلارنىڭ ئۆيسىز قېلىشى بۇ كوچىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ، بۇ رايوننىڭ، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل شەھەرنىڭ تولۇق سىمۋولى ئىدى. ئۇنىڭ يېرىمى ئېسىل كۆركەم ۋە ياسىداق ئۆيلەرگە ئايلىنىپ، زەردارلار بىلەن توشتى، يېرىمى بولسا ھېتتىيدەك كىشىلەر ئىجارە ئالغان ئۆيلەر بولۇپ، چېقىلىش دائىرىسىدە ئىدى.
پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نۇتۇقلارنى سۆزلىشى نەتىجىسىدە يەرلىك دائىرىلەر بۇ قېتىمقى قايتا قۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرايدىغانلارغا سەل قارىسا بولمايدىغانلىقىنى بايقاشتى. ھېتتىي تۇرۇۋاتقان ئائىلىدىكىلەر ئىشسىزلارغا مەسئۇل بىر ئەمەلدار، بىر ئىجتىمائىي خىزمەتچى ۋە قايتا ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن كەلگەن بىر كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆمەكنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ھېتتىي ئېگىز ھەم كۈچلۈك بەدىنىگە بۇ ھەپتىلىك تاشلاندۇقلىرى ئىچىدىن قىپقىزىل مويلۇق بىر قۇر كىيىمنى تېپىپ كېلىپ كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىغا چاينى ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن چەينەككە كىيدۈرۈلۈپ قويۇلىدىغان قارا رەڭلىك خالتىنى ئارتىۋالغان، پۇتىغا بەكلا چوڭ كېلىدىغان ئېدۋاردچە قارا تۈگمىلىك ئۆتۈك كىيگەن بولۇپ، شاپىلداپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئۆيگە تەكىپ قىلدى. ئۇلار ھەممىسى ئادەتىن تاشقىرى نامراتلارنى كۆرۈپ كۆنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ يەرگە كىرىشنى خالىمىدى. پەقەت ئىشىك تۈۋىدىلا ئۇنىڭغا پېنسىيە پۇلىنى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۇزاق يىلدىن بېرى بۇنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى سورىدى. ئاندىن ھېتتىينى بۇ ئۆيدىكى باشقا تۆت خانىم بىلەن بىللە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئۆيگە كۆچۈپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسى قاينام تاشقىنلىق لوندوندا ياشاپ كۆنگەن ھەم خۇشال ئىدى. ئۇلار بۇ تەكلىپكە قوشۇلماي ئامالسىز ئىدى. ئۇلار ئىنتايىن ئازابلىق ۋە بىچارە قىياپەتكە كىرىپ قالدى، ھېيتتىيمۇ قوشۇلدى.
ئاخىرقى ئىككى قىشتا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بەك قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى ھەم زۇكامدىن نېرى بولالمىدى. ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك شەھەر مىجەز ئىدى. چۈنكى ئۇ كونا كىچىك ھارۋىسىغا ئەسكى-تۈسكىلەرنى ۋە يىپ بوغۇچلارنى قاچىلاپ سانسىزلىغان كوچىلارنى كەزگەن ئىدى. لوندوننىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشلىرى ۋە بارلىق پۇراقلىرى ئۇنىڭغا يات ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ ياپيېشىل چىمەنلىك ئارىسىغا جايلاشقان بىر ئۆيۈم بولغان بولسا دەپ ئويلاپ كەتمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئەتراپىدا بۇ كونا مۇناجاتنى ئوقۇيدىغان مەيدان بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان بۇ قېرى ئاياللار ئۆز ئەھۋالىنى ئىپادىلەشكە خوپ ھېسابلاپ، كونا مۇناجاتنى شۇ جايغىمۇ ئېلىپ بېرىشتى.
ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار كېلىپ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈگەتتى. ھېتتىي پېننەفادېر باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئىككى ھەپتە ئىچىدە كۆچىدىغان بولدى. بۇ يەردىكى مەينەتچىلىكتىن ياكى بۇ يەردە پىت بۈرگىلەردىن ئەنسىرەپ، مالىمان بۇ ئۆيدىكى بىردىنبىر ئورۇندۇقنىڭ ئەڭ چېتىدە ئولتۇرۇۋالغان ياش يىگىت بۇ يەردىكى ناچار ھاۋادىن ئىمكان بار ئازراق تىنىشقا تىرىشاتتى. ئۆيدە ھاجەتخانا بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ كۈندىن بېرى بۇزۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇ نېپىز تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىلا بولۇپ، پۈتۈن ئۆيگە پۇراۋاتاتتى.
ئۇ ھېتتىيغا بىر چوڭ ماشىنىنىڭ كېلىپ، ئۇنىڭ ۋە باشقا تۆت ياشانغان ئايالنىڭ مال مۈلكىنى توشۇيدىغانلىقىنى، كىيىم-كېچەك ۋە بەزى رەسىملەردىن باشقا قالغان كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئالماسلىقىنى ئېيتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك دەپ ئويلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە موماينىڭ قاسماقلىشىپ قارىداپ كەتكەن ئېتىگىدىكى رەڭگارەڭ ئەسكى لاتا-پېتە ئىكەنلىكىنى كۆردى. بۈگۈن ھېتتىي ھال رەڭ ۋە قىزىل گۈل بېسىلغان رەختتىن ياسالغان دېرىزە پەردىسىنى چۆرىسىنى تىكىپلا كىيىۋالغان ئىدى، چۈنكى ئۇ بۇ نۇسخىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.
— بۇ مۈشۈكنى ئېلىپ ماڭسىڭىز بولمايدۇ، — دېدى ئۇ تەبىئيلا. بۇ، ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان گەپ ئىدى. يىگىت بۇ گەپنىڭ موماينى قانچىلىك بىچارە قىلۋېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. ئۇ ئادەتتە بۇنداق گەپنى ناھايىتى سىلىقلىق بىلەن ئېيتاتتى، لېكىن دائىم تۇيۇقسىز زەربىدەك بىلىنەتتى.
تىببىي ھازىر بىردۆۋە ئەسكى يۇڭغىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، يامغۇر ۋە توپا چاڭلاردا قېلىپ، تۈكلىرى چىگىشلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىر كۆزى داۋاملىق يېرىم يۇمۇق ھالەتتە تۇراتتى. چۈنكى ئۇ يەردىكى مۇسكۇلى بىر قېتىملىق ئېلىشىشتا يېرىلغان ئىدى. بىر قۇلىقى يېتىلەلمەي قالغان، بىر يانپىشى تۈكسىز بولۇپ، لىق تارتۇق بىلەن تولغان ئىدى. مۈشۈككە ئۆچ كىشىلەر تىببىيغىمۇ باشقا ھەممە مۈشۈكلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، گاز مىلتىق بىلەن ئۇنىمۇ ئاتتى. ئۇنىڭدىن قالغان يارىنىڭ ساقىيىشىغا ئىككى يىل ۋاقىت كەتتى. تىببىي سېسىق پۇرايدىغان بولۇپ قالدى.
— بۇ مۈشۈك قانچىگە كىردى؟
— ئون ياشقا، ياق، پەقەت سەككىز ياشقا... ئۇ بەش ياشلار ئەتراپىدىكى ياش مۈشۈك، — دېدى ھېتتىي ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا.
— سىز ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولسىڭىز كېرەك، — دېدى يىگىت.
ئۇ خادىم كېتىدىغان ۋاقىتتا ھېتتىي ھەممىگە ماقۇل بولدى. ئۇ بىردىنبىر مۈشۈكى بار موماي ئىدى. باشقىلىرىنىڭ شاتۇتلىرى بار ئىدى ياكى ھېچنېمىسى يوق ئىدى. ئۆيلەردە شاتۇت بېقىشقا روخسەت قىلىناتتى.
ئۇ ئۆز پىلانىنى تۈزۈپ قويغان ئىدى. چوڭ توشۇش ماشىنىسى ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك، رەسىم، شاتۇتلىرىنى ئالغىلى كەلگەندە، ھېتتىي تەقدىرداشلىرىغا ئۇلارغا يالغان ئېيتىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى ئۇ يەردە تۇرمىدى.
— ۋاي قەدىرلىكىم، بىز ئۇنىڭ نەگىچە بارالايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، — دەپ تەكرار-تەكرار ئېيتتى يۈك توشۇغۇچى ماشىنا شوپۇرىغا بىر موماي، — ئۇ ئاخشاملا مۇشۇ يەردە بار ئىدى، لېكىن ئۇ مانچېستېردىكى قىزىنىڭ يېنىغا بارىمەن دەۋاتقاندەك قىلاتتى، — ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆزلىرى كەلگۈسىدە ئۆلىدىغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
ھېتتىي تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان جايلاردىكى بىكار قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئايلاپ ھەتتا يىللاپ بىكار تۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ بۇ يەردە تاكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى كىرگىچە ياشاش قارارىغا كەلدى.
بۇ بىر ئىللىق كۈز كۈنلىرى ئىدى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ سىگان ئەجدادلىرىغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشلىدى. ئابرويلۇق كىشىلەردەك ئۆي ئىچىدىكى كارىۋاتقا چىقىپ ياتماي، نۇرغۇن كېچىنى ئىككىلا تەرىپىدە ئىشىك بار قۇرۇغدالغان ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۈگۈلۈپ ياتقان تىببىي بىلەن ئۆتۈزدى. ئۇ ساقچىلارنىڭ بۇ ئەتراپقا كېلىپ چارلايدىغان ۋاقتىنى ۋە ئۇلار كەلگەندە باغچىنىڭ قەيىرىدىكى ئۆسۈپ كەتكەن چاتقاللىقى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇشنى بىلەتتى.
ئۈمىد قىلغىنىدەكلا ئۇ ئۆيگە ھېچكىم تەگمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆچۈپ كىردى. ئۇ ئارقا دېرىزىنىڭ ئەينىكىنى تىببىينىڭ كىرىپ-چىقىشى ئۈچۈن چېقىپ قويدى. شۇندىلا ئۇ مۈشۈككە ئالدى ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىسىمۇ بولاتتى. دېرىزە ئوچۇق قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ يۈرمەيتتى. ئۇ ئەڭ ئۈستىدىكى ئارقا ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى. ھەر كۈنى سەھەردىلا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، كۈنلىرىنى ئەسكى-تۈسكى كىيىملەر سېلىنغان كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتەرگىنىچە كوچىلارنى ئايلىنىپ ئۆتكۈزەتتى. كېچىسى ئۇ شامنى يەرگە قويۇپ سۇس ياندۇراتتى. ھاجەتخانا بۇزۇق ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرىنچى قەۋەتتىكى چېلەكنى ئىشلەتتى. ئۇنى كېچىسى چىقىپ، ئاشۇ كۈندۈزدە تاماشا قولۋاقلىرى ۋە بېلىق تۇتقۇچىلار بىلەن تولۇپ كېتىدىغان قانالغا يوشۇرۇنغىنا تۆكۈۋېتىپ بىكارلايتتى.
بۇ چاغلاردا تىببىي ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان كەپتەرلەرنى تۇتۇپ بەردى.
— ئەي مېنىڭ ئەقىللىق مۈشۈكۈم تىببىي، تىببىي! پاھ، سەن بەك ئەقىللىك، بەك ئەقىللىق، سەن قانداق نەرسىلەردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇشنى، قانداق نەرسىلەرگە يېقىنلىشىشنى بىلەمدىغانسەن.
ھاۋا قاتتىق سوۋۇپ كەتتى. مىلاد بايرىمىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھېتتىينىڭ زۇكىمى قايتا قوزغىلىپ قالدى، ئۇ ۋاقىتنىڭ كۆپ قسىمىنى بىر دۆۋە ئەدىيال ۋە كونا كىيىملەرنىڭ ئاستىدا مۈگدەپ ئۆتكۈزەتتى. كېچىدە ئۇ شامنىڭ يەرگە ۋە تورۇسقا چۈشكەن شولىسىغا قارايتتى. دېرىزە ھىم يېپىلماس بولۇپ قالغان بولۇپ، سوغۇق كىرىپ تۇراتتى. ئىككى قېتىم پاھىشە ئاياللار ئاستىنقى قەۋەتتە كېچىنى ئۆتكۈزدى. ھېتتىي ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ھەيدىگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇردى. ئۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ، ھېلىقى دېرىزىنىڭ مۈشۈك كىرىپ چىقىدىغان يېرىنى ساقچىلار ئېتىۋەتكەن ياكى ئېتىۋەتمىگەنلىكىگە قاراپ بېقشىقا توغرا كەلدى. ئۇلار دېرىزىنى ئەتمىگەن ئىدى. بىر قاغا ئۆيگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنى جېنىنىڭ بېرىچە ئۇرۇپمۇ چىقالمايۋاتقان ئىكەن. ھېتتىي ئۇنى يۇڭداپ، پولنىڭ ياغاچلىرىنى لېگەن ئۈستىگە قويۇپ قالىغان ئوتتا كاۋاپ قىلدى. بۇ يەردە گاز ئاللىقاچان ئۈزۈۋېتىلەن ئىدى. ئۇئەزەلدىن جىق يېمەيتتى. ئۇ مۇشۇ بىر دۆۋە كىيىم ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرغان ئاشۇ چاغلاردا يەيدىغان نەرسىسى پەقەتلا ئازراق قۇرۇق بولكا ياكى پىشلاق پارچىسى بولسىمۇ ئەنسىرەپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇ زۇكام بولۇپ قالغان بولسىمۇ بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى. سىرتنى كۈلرەڭ، تېيىلغاق قار قاپلىغان ئىدى. ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىپ، قاغىش تەككۈر سوغۇقنىڭ پات يېقىندا ئۆتۈپ كېتىپ، تىجارىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. تىببىينى بەزىدە كىيىم دۆۋىسى ئىچىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتاتتى. ئۇ تىببىي ئۆزىگە بېسىپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئىسسىقنى قوبۇل قىلاتتى:
— ھەي، ئەقىللىق مۈشۈك، ئەي ئەقىلىق قېرى گۇي، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بېقىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق قىلغىنىڭ دۇرۇس، تاتلىقىم، شۇنداق قىلغىنىڭ توغرا سۆيۈملۈكۈم.
ئۇ دەل يەنە بىرقېتىم يۆتكەلگەندە يەردە قار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىش ئەمدىلا باشلانغان يانۋار ئىدى. ئۇ قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ سىرتتا تۇرغىنىنى، ئىككى ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈسكىنىلەرنى چۈشۈرۈۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇلار ئۆيگە كىرمىدى، ئىشنى ئەتىسى باشلايتتى. شۇ چاغدىلا ئاندىن ھېتتىي مۈشۈكىنى، كىيىملەر دۆۋىلەنگەن كىچىك ھارۋىسىنى ۋە ئىككى ئەدىيالىنى ئېلىپ، بۇ يەردىن غايىب بولدى. موماي يەنە بىر قاپ سەرەڭگە، بىر تال شام، كونا ساپلىق قازان، بىر تال ۋىلكا، بىر تال قوشۇق، كونسېرۋا ئاچقۇچ ۋە بىر تاختا مۈشۈكنىمۇ ئالغان ئىدى. موماي چاشقاندىن بەكلا قورقاتتى.
ئىككى مىل يىراقلىقتا — ئۆي بىلەن چىرايلىق ھەمپستىد باغچىسىنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان بايلار، زىيالىيلار ۋە داڭلىق شەخسلەر ئولتۇرىدىغان جايدا قۇپقۇرۇق ۋە يوغان ئۆيدىن ئۈچى بار ئىدى. ھېتتىي ئۇلارنى ئىككى يىل ئىلگىرى بىر ماشىنىغا چىقىۋېتىپ تاسادىپىي بايقاپ قالغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ساراڭلاردەك كىيىنىشى ۋە بىرلا ۋاقىتتا ھەم جاھىل بىر قېرىدەك، ھەم بىر كەپسىز كىچىك بالىدەك كۆرۈنۈشى ئۇنى باشقىلاردىن بەكلا پەرقلىق كۆرسىتەتتى، شۇنداقلا كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىپ قارىشاتتى. ئۇ قېرىغانسېرى ئۇ ماڭغان يامان يوللار بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ مىجەزىدىكى چۇسلۇقنى كۈچەيتسە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بالىلارچە قىلىقلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى.
ھېتتىي بۇ ئۆيلەرنىڭمۇ قايتا سېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ يۈردى، لېكىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى. ئۇلار ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان خەتەرلىك ئۆيلەر بولغاچقا، پاھىشە ئايالار قورقۇپ كەلمەيتتى، لوندوندىكى ماكانسىزلار قوشۇنىنىڭ دەخلىسىمۇ يوق ئىدى. بۇ يەردە زادىلا ئەينەك قالمىغان ئىدى. يەرگە ياتقۇزۇلغان پوللارمۇ قومۇرۇلۇپ ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، پەقەت كىچىككىنە بىر سۇپا ۋە سۇ بىلەن لىق تولغان يەر ئاستى ئۆيدىكى شال قالغان ئىدى. تورۇسلار يېرىلغان، ئۆگزىلەر ئېچىلىپ قېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەر بومبا بېكىتىپ قويۇلغان بىناغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
سوغۇق ۋە قاراڭغۇ بىر چۈشتىن كېيىن ئۇ كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتەرگىنىچە چۇۋۇلغان پەلەمپەي بىلەن ئاۋايلاپ ئۈستىگە چىقىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدىغان چوڭ تۆشۈك بار ئاجىز پولغا دەسسەپ ئايلاندى. ئۇ يەرگە قارىسا، تۆۋەن تەرەپ خۇددى بىر قۇدۇقتەك كۆرۈنەتتى. ئۇ شامدىن بىرنى كۆتۈرۈپ، تامنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تامدىمۇ بەزى تۆشۈكلەر بار ئىدى. ھېتتىي دېرىزىدىن كىرگەن شامال ۋە يامغۇرلارنىڭ بىر بۇلۇڭغا تەگمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. ھېتتىي بۇ يەرنى ئۆي قىلدى. بىر ئېرەن دەرىخى يېرىق دېرىزىنى يېپىپ، يىگىرمە مېتىر يىراقلىقتىكى چوڭ كوچىدىن توسۇپ تۇراتتى. تىببىي كىچىك ھارۋىغا دۆۋىلەنگەن كىيىملەرنىڭ ئاستىنى بىر چارلاپ چىققاندىن كېيىن، قاتتىق بىر كېرىلىۋېتىپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ، كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان كەچلىك بىرنەرسە تۇتۇپ يېگىلى چاتقال ئىچىگە كىرىپ غايىب بولاتتى. قايتقاندا تويۇنغان ۋە خۇشال بولۇپ، موماينىڭ قاتتىق، ئورۇق ۋە قېرىپ كەتكەن ئالىقانلىرىدا تۇرغىنىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغاندەك ئىدى. ئۇ مۈشۈكنىڭ ئوۋدىن قايتىشىغا قاراپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ غۇرۇلداپ تۇرغان قورساقلىرى ۋە يۇمشاق تۈكلىرىدىكى ھارارەت بىردەم بولسىمۇ موماينىڭ سۆڭىكىنىڭ سوغۇقتىن تېنىمسىز ئاغرىشىنى پەسەيتكەندەك بولاتتى. ئەتىسى ئۇ ئېدۋاردچە ئۆتىكىنى بىر نەچچە شېللىڭغا سېتىۋەتتى. بۇ خىل ئۆتۈك قايتا مودا بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تال بولكا ۋە ئازراق سۈرلەنگەن گۆش ئالدى. خارابىلىقنىڭ بىر بولۇڭىدىكى ئۇ ئۆي قىلغان جايدىن يىراقراق يەردە ئۇ ئازراق پول ياغىچىنى قومۇرۇپ ئوت قالاپ، بولكا بىلەن سۈرلەنگەن گۆشنى قاقلىدى. تىببىي بىر كەپتەرنى تۇتۇپ كەلدى، ئۇ ئۇنىمۇ ئوتقا قاقلىدى، لېكىن بەك پىشۇرۇۋەتمىدى. ئۇ ئوتنىڭ يامراپ ھەممە يەرنى كۆيدۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ يەنە كۆتۈرۈلگەن ئىسنىڭ ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇشىدىنمۇ ئەنسىرەيتتى. ئوتنى توپا بىلەن كۆمۈشكە توغرا كېلەتتى، شۇڭا بۇ كەپتەرنىڭ خام گۆشىنى چاينىيالماي قىينالدى، نىھايەت ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى تىببىي يېدى. ئۇ گاڭگىرىغان ۋە جاسارىتىنى يوقاتقان ئىدى. چۈنكى باھار تېخى يىراقتا، ئۇزاقتىن ئۇزاققا سوزۇلغان قىش تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كېسەل ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئاۋۋال بىر ئىككى قېتىم تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ، ئۆزىنى بېقىشقا تىرىشىپ باققان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ تېخى ئانچە خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ھەممە سۆڭىكى، بېشىمۇ ئاغرىۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرىكى ھەرچاغدىكىدىن بەكرەك يۆتۈلەتتى. لېكىن ئۇ مۇشۇ قار مۇز بىلەن قاپلانغان يانۋاردىمۇ ئۆزىنى ئالاھىدە زۇكامغا گىرىپتار بولدۇم، دەپ ئويلىمايتتى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇۋاپىق ئىسسىتىلغان ئۆيدە زادىلا تۇرۇپ باقمىدى. ئۇ ھەقىقىي ئىللىق ئائىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئەزەلدىن بىلمەيتتى. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندىمۇ بۇ بىنالاردا ئېلېكترونلۇق ئوچاق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇپ كەتكەن چاغلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىشلەتمەيتتى. ئۇلار كىيىملەرنى ئۈستىگە دۆۋىلىۋالاتتى ياكى بالدورلا يوتقنغا كىرىۋالاتتى. لېكىن ئۇ ھازىر ئۆلۈمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سوغۇققا دائىمقىدەك ئېرەنسىز مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدى. ئۇ بىر نەرسە يېيىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. شامال ئۇچۇپ تۇرغان ئۆينىڭ بىر قەدەر قۇرغاق بولغان بۇلۇڭىدا — قار ۋە مۇز لەپىلدەپ تۇرغان دېرىزىدىن يىراقراق جايدا ئۇ ئۆزىگە يەنە بىر ئاخىرقى ئۇۋىنى ياسىدى. ئۇ خىش-كېسەكلەر ئارىسىدىن بىرپارچە تام قەغىزىنى تېپىپ كېلىپ، ئۇنى يەرگە سالدى. ئۇ ئازراق بولسىمۇ سوغۇق، نەملىكنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىيالاتتى. ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئەدىيالنى سالدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەسكى كىيىملەر دۆۋىلەندى. ئۇ بۇلارنىڭ ئۈستىگە بىرپارچە تام قەغىزى سېلىشنى ئارمان قىلسىمۇ، لېكىن ئامالسىز گېزىت پارچىلىرىنى ئىشلەتتى. ئۇ ئۆزىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. يېنىدا بولكا بار ئىدى. ئۇ، مۈگدەيتتى، كۈتەتتى، بولكىنى غاجىلاپ، قارنىڭ ئاستا ئۇچۇپ كىرىشىگە قاراپ تۇراتتى. تىببىي موماينىڭ كىيىم دۆۋىسىدىن چىقىپ قالغان ئازابلىق يۈزلىرىگە يېقىن ئولتۇرۇپ، تىرناقلىرىنى تەگكۈزۈپ باقاتتى. ئۇ مىياۋلاپ ئارامسىز تىپىرلايتتى. كېيىن قار مۇزلۇق سوغۇق سەھەر ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپ، ئۇ يەردىن بىر كەپتەرنى ئېلىپ كىردى. ئۇ تېخىچە تىركىشىپ پالاقشىۋاتقان كەپتەرنى مومايغا يېقىن قويدى. لېكىن موماي ئاشۇ ئىسسىقىنى ساقلاش قېيىن بولغان كىيىم دۆۋىسىدىن سىرتقا چىقىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئۇ يەردىن چىقىپ، پول ياغىچىنىڭ ئۇششاق پارچىلىرىنى تېرىپ كېلىپ ئوت يېقىپ، كەپتەرنى يۇڭداپ كاۋاپ قىلالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ مۈشۈكنى سىلاش ئۈچۈن سوغۇق قولىنى ئۇزاتتى:
— تىببىي، ئەي قېرى! سەن ئۇنى ماڭا ئەكەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟ سەن شۇنداق قىلدىڭ. بۇياققا كەل، بۇ يەرگە كىرگىن... لېكىن مۈشۈك ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەستىن يەنە مىياۋلاپ قويۇپ، كەپتەرنى ئۇنىڭغا يېقىن ئىتتىرەتتى. كەپتەر ئەمدىلىكتە ماڭالماس بولۇپ، ئۆلگەن ئىدى.
— سەن ئۇنى يېگىن، سەن ئۇنى يە، مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى، رەھمەت ساڭا تىببىي.
بۇ ئۆلۈك كەپتەرگە مۈشۈك قىزىقمايتتى. مۈشۈك بۇنى ھېتتىيغا ئېلىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا بىر كەپتەرنى يەۋالغان ئىدى. ئۇ ئوبدان تويۇنغان ئىدى. چىگىشلىشىپ كەتكەن تۈكلىرى، بەدىنىدىكى تاتۇقلار ۋە يېرىم يۇمۇلۇپ تۇرىدىغان كۆزىنى دېمىگەندە ئۇ بىر ساغلام ۋە كۈچلۈك مۈشۈك ئىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت تۆتتە ئاستىنقى قەۋەتتە ئاياغ تىۋىشى ۋە ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھېتتىي دۆۋە كىيىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، دېرىزىنىڭ تۈۋىدىكى قار بىلەن قاپلانغان يەردىكى چۈشۈپ كەتكەن ھاك ۋە ياغاچلارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالدى. ئاستىنقى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەچكە، ئۇدۇللا بىرىنچى قەۋەتنى كۆرەلەيتتى. ئۇ قېلىن پەلتو كىيىپ، شارپا ئارتىۋالغان بىرئەرنىڭ خرۇم پەلەي كىيگەن قولىدا قول چىراغ تۇتۇپ، يەردىكى ئازغىنە كىيىم دۆۋىسىنى يورۇتۇۋاتقىنىنى كۆردى. ھېتتىي بۇ دۆۋىنىڭ ئۇخلاۋاتقان بىر ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ باشقىلارنىڭ يولسىز ئۈسۈپ كىرىشىگە ئۇچرىغىنىدىن غەپلەندى. كېيىن ئۇ بۇ يەردە بۇ خارابلىقنىڭ باشقا يەنە بىر ئىجارە ئالغۇچىسنىڭ بارلىقىنى بىلمەي يۈرگەن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى. ئۇ ھېتتىينىڭ مۈشۈككە گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىغانمىدۇ، مۈشۈك قەيەردە؟ ئەگەر ئۇ ئاۋايلىمسا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈگىشىدۇ! قولچىراغ تۇتقان ئادەم چىقىپ كېتىپ، ئىككىنچى بىر كىشى بىلەن كىردى. تۆۋەندىكى قويۇق قاراڭغۇلۇقتا قولچىراغنىڭ كىچىككىنە دائىرىدىكى لېكىن كۈچلۈك نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. نۇر كۆرۈنۈپ تۇرغان دائىرە ئىچىدە ئۇ ئىككىيلەن ئېڭىشىپ يەردىكى نەرسىنى كۆتۈردى. بەلكىم ئۇ ھېتتىيدەك بىر ئايالنىڭ ياكى بىر ئەرنىڭ جەسىتىدۇر. ئۇلار ئۇنى كۆتۈرۈپ، سۇ بىلەن تولغان يەر ئاستىدىن ئۆتىدىغانغا قويۇپ قويغان، چىرىپ كەتكەن خەتەرلىك ياغاچقا دەسسەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. قولىدا چىراغ كۆتۈرگەن كىشى ئۆلگۈچىنىڭ پۇتىدىن كۆتۈرگەن بولۇپ، قول چىراغنىڭ نۇرى دەرەخلەر ۋە چىملىقلارنى لەپەڭشىپ كېزىپ ئۆتتى. جەسەت چاتقالدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ماشىنىغا ئېلىپ بېرىلدى. لوندوندا نامراتلار بىر جەسەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق كۆڭۈلسىز ھالدا ئاۋارە قىلىنىشنى خالىمىسىمۇ، ئەتىگەن سائەت ئىككى بىلەن بەشلەر ئارىسىدا ئاۋام ئۇخلاۋاتقاندا ئۆزى بىلىدىغان بارلىق بىكار ۋە سېسىپ كەتكەن ئۆيلەرنى ئايلىنىپ، ئۆلۈكلەرنى يىغىپ، تىرىكلەرگە ھەرگىزمۇ بۇ يەردە يۈرمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىگە ياكى ماكانسىزلارغا بېرىلىدىغان ياتاققا كىرىشكە تەكىپ قىلىدىغان كىشىلەر بار.
ھېتتىي ئىللىق كىيىم دۆۋىسىگە كىرىشتىن بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەدىيالنى يۆگىنىپ ئۆينىڭ يېرىقلىرى ئارىسىدىن قاراپ، خىشلارنىڭ شەكلىنى، قىرلىرىنى، تۆشۈكلەرنى، ئورەكلەرنى ۋە مۇنەكلەرنى ئىدراك قىلىپ چىقىپ، كۆزلىرى خۇددى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك قاراڭغۇلۇققا ماسلاشقىچە قاراپ چىقتى.
ئۇ تىرىقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ بۇنىڭ چاشقان ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ تاختا مۈشۈك قۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان ئىدى، لېكىن دوستى تىببىينىڭ ئۇنى تىرناقلىرى بىلەن تۇتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇنداق قىلمىغان ئىدى. ئۇ سائەت توققۇزدىن كېيىن سەھەرنىڭ سوغۇق ۋە كۈل رەڭ نۇرى چۈشكىچە ئۆرە ئولتۇردى. ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆزنىڭ خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار ئىكەنلىكىنى بىلدى. چۈنكى ئۇ ئۇرۇق تېنىنى كىيىملەر ئاستىغا سېلىپ تۈگۈلگىنىدە، بارلىق ھارارەتتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى سەزدى. ئۇ قاتتىق تىترەيتتى. ھەر قېتىم تىترەك تۇتقاندا ماجالى قالمايتتى. ئۇ تورۇستىن )ئۇ تورۇسمۇ ئەمەس، پەقەتلا لىم ۋە شاللارنىڭ قالايمىقان ئاسمىسى( كۈل رەڭ ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆردى. مۈشۈك يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ تىزىغا ئولتۇردى. گەرچە ھېتتىي ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئويلاپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بۇلار ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەگەك خىياللىرى ئىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە، باھار كەلگىچە ئۇلارنىڭ تېپىۋېلىپ دوختۇرغا ئاپىرىشىغا بوپتۇ، دېمىگۈچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولدۇم، ئاندىن ئۇلار مېنى ئۆيگە ئېلىپ بارىدۇ، دەيتتى.
لېكىن ئۇنىڭ بىچارە مۈشۈكى تىببىي قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ بۇ قېرى مەخلۇقنىڭ مەينەت باشلىرىنى ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن سىلاپ غۇدۇڭشىدى:
— تىببىي، تىببىي، ئۇلار سېنى ئېلىپ كەتسە بولمايدۇ. ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، مەن سېنى باقىمەن.
چۈشكە ئاز قالغاندا قۇياش كۈل رەك مەينەت بۇلۇتلار ئارقىسىدىن سېرىق يۈزىنى كۆرسەتتى. ئۇ چىرىپ كەتكەن پەلەمپەيدىن دەلدەڭشىپ چۈشۈپ دۇكانلارغا باردى. ھەتتا بۇ لوندوننىڭ كوچىلىرىدا ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەرمۇ ئادەتتىكىدەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەر يۈزلىرى تاتارغان بولسىمۇ قىزىللىقىنى يوقاتمىغان، لەۋلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھىم يېپىلىپ تۇرغان، قارا كۆزلىرى جانلىق، بۇ سۇلغۇن ئايالغا بۇرۇلۇپ قارىماي قالمايتتى. ئۇ تۈگمىسى چىڭ ئېتىلگەن ئەرەنچە پەلتو، يىرتىق قوڭۇر يۇڭ پەلەي، كونا تىۋىت ياغلىق كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇ كونا كىيىملەر، ئۇششاق كەشتىلەر، يىرتىق تەنتەربىيە مايكىسى ۋە ئايىقى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىر توپ قىلىپ قاچلانغان كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتىلىپ ئۆچىرەتتە تۇغان ياكى قۇرۇپ پاراڭ سېلىشىۋاتقان ۋە ياكى دېرىزىلەردىن قاراۋاتقان كشىلەرگە قاراپ ھەيدەپ بېرىپ ئۇلارغا:
— ماڭا كونا كىيىملىرىڭىزدىن بېرىڭ سۆيۈملۈكۈم، ماڭا چىرايلىق كونا كىيىملىرىڭىزنى بېرىڭ، ھېتتىيغا بىرنەرسە بېرىڭلار، بىچارە ھېتتىي ئاچ قالدى، — دەيتتى. بىر ئايال ئۇنىڭغا بىر سىقىم ئۇششاق پۇل بەردى، ئۇ ئۇنىڭغا پەمىدۇر ۋە ئوتياشلار ئارىسىغا ئېلىنغا بىر ھورنان ئالدى. ئۇ قەھۋەخانىلارغا كىرىشكە پېتىنالمايتتى، ئۇ ئەقلى ھوشى جايىدا ئەمەس چاغدىمۇ ئۇ يەرگە كىرىپ قالسا، چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇ كوچىدىكى بىر يايمىدىن بىر ئىستاكان چاي تىلىدى. قىززىق ۋە تاتلىق سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقىغاندا ئۆزىنى بۇ قىشتىن چىقالايدىغاندەك سەزدى. ئۇ بىر قەغەز قۇتىدا سۈت ئېلىپ، كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتەرگىنىچە تېيىلغاق قارلىق كوچىلارنى كېسىپ ئۆتۈپ خارابىلىككە قايتتى.
تىببىي بۇ يەردە يوق ئىدى. ئۇ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكتىن تۆۋەنگە قارىتىپ سېيىۋېتىپ »زېرىكىشلىك قېرى ماكماك« دەپ غۇدىراپ قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يۆگىنىپ قاراڭغۇنىڭ چۈشىشىنى كۈتتى.
تىببىي كېچىكىپ قايتتى. ئۇنىڭ ئالدى پۇتى قان ئىدى. ئۇ ئېلىشقان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىر ياكى نۇرغۇنلىغان چاشقانلار بىلەن ئېلىشىپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. ئۇ ساپلىق قازاننى يانتۇ قىلىپ، سۈتنى قۇيۇپ بەرسە، مۈشۈك ھەممىنى ئىچىۋەتتى.
ئۇ پۈتۈن كېچىنى مۈشۈكنى ئۆزىنىڭ مۇزلاپ كېتىۋاتقان كۆكسىگە بېسىپ ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئۇخلىمىدى، لېكىن پات-پات ئۈگدەپ يەنە ئويغىنىپ كېتەتتى. تىببىي نورمال ئوۋ قىلالىشى كېرەك ئىدى، كېچە دەل ئۇنىڭ ۋاقتى ئىدى، لېكىن ئۇ ئۈچ كۈن مومايدىن ئايرىلمىدى.
ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۇلار يەنە جەسەت يۆتكىگۈچىلەرنىڭ تۆۋەندىكى خىشلار ئارىسىدا مېڭىپ يۈرگىنىنى ئاڭلىدى ۋە قولچىراق نۇرىنىڭ ھۆل تاملار ۋە ئۆرۈلگەن لىملارغا چۈشۈپ ھەرىكەتلەنگىنىنى كۆردى. بىردەم قولچىراغنىڭ يورۇقى ھېتتىيغا ئۇدۇل دېگۈدەك چۈشتى، لېكىن ھېچكىم يۇقىرىغا چىقمىدى. كىممۇ بىرەر ئادەمنىڭ مۇشۇ خەتەرلىك پەلەمپەي بىلەن مۇشۇ قارا قىشتا، مۇشۇ چىرىپ سۇناي دەپ قالغان قەۋەتكە چىققۇدەك دۆتلىكىگە ئىشىنىدۇ؟
ھېتتىي ئەمدى ئۆزىنى كېسەل دەپ ياكى كېسىلى جان ئالغۇدەك خەتەرلىك دەرىجىدە دەپ ئويلىمايدىغان بولدى. ئۇ قىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئەجەللىك ھاۋاسىنى خىيالىدىن چىقىرىۋەتتى. چۈنكى باھار يېقىنلاپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ باھار كەلسىلا ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئۆيگە كۆچىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ھېتتىي بۇ يەردە يەنە مۈشۈك بىلەن بىللە تىنچ، راھەتتە ئايلاپ ياشىيالايتتى. چۈنكى ئۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئاپرېلدا ئەمەس بەلكى يانۋاردا ئىش باشلاپ قېلىشى بىلەن ھاياتىنىڭ بىر تەرەپ بولۇپ كېتىشىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەمەلىيەتكە ئورۇن قالمىغان ئىدى. بىر كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ كاللىسى ناھايىتى سەگەك ئىدى. لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ خىياللىرى تۇمانلىق بولۇپ، ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەيتتى ۋە كۈلەتتى. بىر قېتىم ئۇ ئۆمىلەپ قوپۇپ كونا كىيىملەرنى قوچۇپ يۈرۈپ، تۆت يىل ئىلگىرى ياخشى قىزى ئەۋەتكەن مىلاد كارتىسىنى ئىزدىدى. ئۇ ئىنتايىن قاتتىق، غەزەپلىك، نەپرەتلىك ئاۋاز بىلەن تۆت بالىسىغا ئۆزىگە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئۆي كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى.
— مەن سىلەرگە ياخشى ئانا بولغانغۇ، — دەپ ۋارقىرايتتى ئۇلارغا، — ئىلگىرىكى قوشنىلار، پاراۋانلىق خادىملىرى ۋە دوختۇر ئالدىدا مەن ئەزەلدىن سىلەرنى موھتاجلىققا قالدۇرغىنىم يوق، زادىلا! سىلەر كىچىك چاغلاردا ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئىگە ئىدىڭلار. ھەرقانداق ئادەمدىن سوراپ بېقىڭلار، بېرىڭلار، ئۇلاردىن سوراپ بېقىڭلار ئەمىسە!
موماي ئىزتىراپ بىلەن بۇنداق ۋارقىرىغانلىقى ئۈچۈن مۈشۈك كىچىك ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىۋېلىپ، تۈگۈلگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئاقساۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئالدى پۇتىدىكى قان ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئىدى. چاشقانلار ئۇنى بەك قاتتىق يارىلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. يورۇق چۈشكەندە مۈشۈك ھېتتىينى ئۇخلاۋاتقان ھالدا تاشلاپ قويۇپ، باغچىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى چېغىر يولدا بىركەپتەرنىڭ دانلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۈشۈك كەپتەرگە تۇيۇقسىز ئېتىلدى ۋە ئۇنى چاتقاللىققا سۆرەپ كىرىپ ھېتتىيغا ئېلىپ قويماي پۈتۈنلەي يېۋەتكەندىن كېيىن، يوشۇرۇنۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى كۆزەتتى. ئۇ ئۇلارغا پارقىراپ تۇرغان سېرىق كۆزلىرى بىلەن بىرنەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك ياكى پىلانلاۋاتقاندەك قارايتتى. ئۇ ھۆل پەلەمپەيلەر بىلەن ئۆمىلەپ ئۈستىگە چىقىدىغان كونا خارابىلىققا تاكى كەچكىچە، ئۇ ئەمدى قاراپ تۇرۇۋەرگۈدەك ئادەم قالمىغۇچە قايتمىدى. ئۇ كىرسە ھېتتىي كۆرۈنۈشتە ئەدىيالغا بوشلا ئورۇنۇپ، بۇلۇڭدا يۆلىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشى كۆكسىگە ساڭگىلاپ چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئاق چاچلىرى قىزىل يۇڭ دوپپىسىدىن چىقىپ، كىشىنى ئالداپ قىزىل كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە زۇكامنىڭ بىھۇشلىقىدىن قىزارغان يۈزىنى يېپىۋالغان ئىدى. ئۇ تېخى ئۆلمىگەن ئىدى، لېكىن ئۇ شۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتتى. چاشقانلار تام ۋە شاللارغا يامىشىپ چىقىشى بىلەن مۈشۈك تۆۋەنگە قېچىپ چۈشۈپ ئاقسىغىنىچە چاتقاللىق ئارىسىغا كىرىۋالدى.
ھېتتىي ئىككى ھەپتىگىچە بايقالمىدى. جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشى ھاۋا ئىسسىغاندا بۇ خەتەرلىك قەۋەتكە چىققاندا بۇرنىغا پۇراق كىردى. بۇ يەردە ھېتتىينىڭ بەدىنىنىڭ پارچىلىرى قالغان بولسىمۇ لېكىن بەك ئاز ئىدى.
مۈشۈك ئىككى-ئۈچ كۈن قويۇق چاتقاللىقتا چۆرگىلەپ يۈرۈپ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ۋە چوڭ يولدىكى گۈلدۈرمامىدەك ماشىنا ئاۋازىنى كۆزەتتى. بىرقېتىم بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق چېغىر يول بويىدا توختاپ، پاراڭغا چۈشكەندە مۈشۈك ئىككى جۈپ پاقالچاقنى كۆرۈپ ئورنىدىن چىقىپ، ئۆزىنى بىر پۇتقا سۈركىدى. بىر قول تۆۋەنلەپ ئۇنى سىلاپ ئەركىلىتىپ قويدى. ئاندىن كشىلەر مېڭىپ كەتتى. مۈشۈك باشقا ئۆي تاپالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ يەردىن يۆتكىلىپ تىمىسقىلاپ باغچىمۇ باغچا، تاشلاندۇق ئۆيلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كونا چېركاۋنى تاپتى. بۇ يەردىكى قەبرىستانلىقتا ئېزىپ قالغان مۈشۈكتىن ئىككىسى بار ئىدى، ئۇ ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار قۇشلارنى ۋە چىمەنلىكتە ياشايدىغان ئېتىز چاشقانلىرىنى ئۆلتۈرەتتى. ئازگاللاردىكى سۇلارنى ئىچەتتى. قىش چىقىپ كېتىشتىن ئاۋۋال مۈشۈكلەر ئۇسسۇزلۇقتىن بەكمۇ قىينالدى. بىر مەزگىل يەر توڭلاقلىق ۋە قار بىلەن چۈمكەلگەن بولغاچقا، سۇ بار ئازگال تېپىلمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۈشۈكنىڭ رەڭگى پاكىز ئاق قار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، بەكلا بىلىنىپ قالغاچقا، قۇشلارنىمۇ تۇتالمايتتى. لېكىن ئۇلار ھەممىنى يەنىلا ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈۋالدى. مۈشۈكلەرنىڭ بىرى چىشى بولۇپ، ناھايىتى تېزلا بۇ يەردە ياۋا مۈشۈكلەر توپى شەكىللەندى. ئۇلار شۇ قەدەر ياۋايىكى كوچا ۋە ئۆيلەر بار بولغان شەھەر مەركىزىدە ياشىيالمىغۇدەك ئىدى. بۇ پەقەت لوندوندىن بىر مىل يىراقلىقتا ياشايدىغان ئون نەچچە ياۋا مۈشۈك توپىنىڭ بىرى ئىدى.
بىر خادىم كېلىپ مۈشۈكلەرنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قېچىپ، بۇ يەرگە قايتىپ كېلىش خەتەرسىز بولغۇچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. لېكىن تىببىي تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكى، پالەچ بولغانلىقى )ئۇ چاشقانلار بىلەن ئېلىشىپ يارىلانغاندىن تارتىپ تا شۇ چاغقىچىمۇ ئاقسايتتى( سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دوستانىلىقىدىن، ئادەملەردىن قاچمىغانلىقىدىن بولغان ئىدى. خادىم ئۇنى تۇتۇپ قۇچاقلىدى:
— سەن كونا جەڭچى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دېدى ئۇ كىشى، — ئەڭ يامان مۈشۈك، ھەقىقىي سەرگەردان.
بەلكىم بۇ مۈشۈك يەنە بىر ئىنسان دوست ۋە ئۆي تاپالايمەن دەپ ئويلىغاندۇ، لېكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئاشۇ ھەپتىسى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەنگەن يۈزلەپ مۈشۈكلەرگە نومۇر بېكىتىلدى. ئەگەر تىببىيمۇ ياشراق بولغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ئۆي چىقىپ قالار ئىدى. لېكىن ئۇ مېھرىبان، ئادەملەرگە يېقىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۈشۈك بولسىمۇ، بەك قېرىپ كەتكەن، پۇرايدىغان ھەم يارىدار بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئۇكۇل ئۇردى. بىزنىڭچە ئۇنى ئۇخلىتىپ قويدى.
پىنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان »توي قىلماس ئەرنىڭ ھېكايىسى ۋە باشقا ھېكايىلەر« ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
|

