• 2010-12-31

    为什么要社会主义? - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     

    

    [ 转自铁血社区 http://bbs.tiexue.net/ ]

     

    首先让我们从科学知识的观点来考查这个问题。天文学同经济学好象并没有什么根本的方法论上的差别:这两个领域里的科学家都企图发现对一类范围有限的现象普遍适用的规律,尽可能地弄清楚这些现象的相互关系。但实际上,这种方法论上的差别还是存在的。在经济领域里,由于所观察到的经济现象时常要受到许多很难分别开来估计的因素的影响,使得要发现普遍规律就很困难了。此外,从人类历史上所谓文明时期开始以来所积累下来的经验—正如大家都知道的—在很大程度上决不是完全由经济性质的原因所影响和制约的。比如,历史上多数大国都靠征服别的国家而得以存在。征服的民族在法律上和经济上自封为被征服国家的特权阶级。他们夺取土地所有权的垄断,并且从自己的队伍里派出教士。教士控制了教育,使社会的阶级分化成为永久的制度,并且创立一套社会伦理准则(a system of values),从此以后人民在他们的社会行为中就在很大程度上不自觉地遵守着这套准则。

    

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-13

    يەھۇدىيلارنىڭ قانچىلىك بايلىقى بار ؟ - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]


    يەھۇدىيلارنىڭ قانچىلىك بايلىقى بار ؟
    دۇنيانىڭ 36%  بايلىقىنى ئىگەللىگەن  يەھۇدىيلارنىڭ  پۇلى  تەخمىنەن قانچىلىك  ؟
    بېل گەيتىس ، ۋولىن باففىتلار  دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشلەردىنمۇ؟

    ياۋوپا  ۋە دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان خەلقئارا  بانكا  روسچىلىد جەمەتى  بانكىسىنى باش قىلىپ ، ئامىرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى  يەھۇدىي بانكىرلىرىغا نەزەر سالايلى .
    پۇل ۋە باكىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى دۆلەتلەر دەسلەپ تارقاتقان پۇل ۋە زايوملارنى چۈشىنىۋالايلى ،  شۇ مۇناسىۋەت قايتىدىن
    logs/61761651.html
    يەرشارىلاشقان سەرمايە تېمىسىغا نەزەر سېلىپ zf  زايوملارنى چۈشىنەيلى .

     ئالدى بىلەن ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
     Federal Reserve System  ئامىرىكا زاپاس پۇل  سېستىمىسى ، 1913 - يىلى ئامىرىكا زاپاس پۇل قانۇنىغا Federal Reserve Act  ئاساسەن ئامىرىكامەركىزىي بانكىسىنىڭ مەسئۇللىقىدا قۇرۇلغان . ئامىرىكا مەركىزىي بانكىسى بولسا ئامىرىكا زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆزى شۇدۇر . Federal Reserve Board
    زاپاس پۇل كومىتىتى يەتتە كىشىدىن تەركىپ تاپقان (بىر رەئىس ، بىر مۇئاۋىن رەئىس ،بەش نەپەر ھەيئەت ئەزا بولۇپ ، ئامىرىكا ئەلباشى ئېلان قىلىدۇ ، پارلامىنىت ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ ، ۋەزىپەئۆتەش مۇددىتى رەئىس ۋەمۇئاۋىن رەئىسنىڭ 4 يىل ، ئۇدا بولسا بولىدۇ ، قالدى ھەيئەت ئەزالارنىڭ 14 يىل  ) .

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-08

    تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى living level - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    تۇرمۇش  ئىستىمال  سەۋىيەسى 

    مەلۇم جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىدا ، ئاھالىلارنىڭ  ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشتا كىرەكلىك بولغان  تاۋار ۋە  ئەمگەك مۇلازىمەتنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسىنى  كۆرسىتىدۇ . 
    تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەزمۇنى  :
    1.  ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى ،  2.   ئىستىمال سەۋىيەسى ،   3.  ئىستىمال قۇرۇلمىسى ،  4. ئەمگەكنىڭ  ئىجتىمائىي شارائىتى  ۋە  ئىشلەپچىقىرىش  شارائىتى   5.  ئىجتىمائىي  مۇلازىمەتنىڭ  دەرىجىسس ،سۈپىتى   6.  دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ  ئىگەلىگەن سانلىق  نىسبىتى  7.  سەھيە  ساغلاملىقى  ۋە  مائارىپنىڭ  ئومۇملىشىش  دەرىجىسى  ...

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-06

    يەدۇدىيلار .2 - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-03

    4. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    12. ئىش ئورنىڭىزدا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا بولۇڭ

    ھەمكارلىشىش(باغلىنىش) بولسا ئىش ھاياتىنىڭ ئۇلى.
    بەزى ئىش ئورۇنلىرىدا گۇمان ۋە نەپرەتلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلىسىڭىز، بۇ يەردىن چىقىپ كەتسىڭىز توغرا يولنى تاپقان بولىسىز. بۇ يەردە ئىشلەۋېرىپ تىركىشىشنىڭ ئۆزى، ئۆزىگە كېسەل يۇقتۇرۇۋالغاندەك بىر ئىش. بۇنداق كېسەل ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ.

    ئىنسانلارنىڭ كۆپى ھەمكارلىشىشنى چاكار، يالاقچىلارغا خاس بىر ئىش دەپ قارايدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش. ئەپسۇس، ھەمكارلىشىش ناھايىتىمۇ ياخشى بىر ئارتۇقچىلىق ۋە ئېسىل بىر خىسلەت.

    دۇنيادىكى چوڭ بايلاردىن بىرى بولغان كارنىگ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئەڭ ياخشى ئۈلگە ياراتقان ئىدى. ئۇ شۇنداق قىلغان؛ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەملەرنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن، دوستلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە دەپتەر تۇتۇپ، ئۇلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان، شۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى ئۆزىنى ئاشكارىلىماستىن ئۇلارغا پۇل ئەۋەتىشنى ئۆزىگە بىر ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەن. ئۇنىڭ بۇ دەپتەرنى تۇتۇشى ھەمكارلىشىش ئەخلاقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇنىڭغا قانائەتلىنىپ قالماستىن يەنە ئۆزىگە ھەمكارلىشىۋاتقان ئىشچىلاردىن 43 كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ھاياتىدا مىليونېر قىلىۋەتكەن.
    كارنىگنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ سىرى باشقىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا.

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-03

    3. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    9. سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ

    سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىش، ۋۇجۇدىڭىزنى بىلىشىڭىز ۋە ئۇنى تونۇشىڭىز لازىم. چۈنكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئىنساننىڭ بەدىنى بىر موتورغا ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىچى بىلەن تېشىنى پاكىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى ئورگانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىلىرى بار. بۇ ئورگانلاردىن بىرەرسى بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇدىغان زاپاس بىرى يوق. مۇشۇ سەۋەبتىن مېيىپ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

    ئىنسانلار سالامەتلىككە دىققەت قىلىشى لازىم. ئىشلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان ھەر بىر ئادەم سالامەتلىكىنى قوغداشنى بىلىشى ۋە ئۆگىنىشى لازىم. سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا، مىڭلارچە ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشلاردا ئارقىدا قالىسىز. خوجايىنلار بۇ ئەھۋالغا قاراپ «سالامەتلىگىڭىز ياخشى بولسۇن-دە، ئۇ چاغدا مائاشىڭىزنى ئۆستۈرىمىز» دەيدۇ.

    بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇنچە ئادەملەر، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ، بۇلارنى يېرىم ساغلام ئادەملەر دەپ ھېسابلايمىز. بۇلار تەن ساغلاملىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قېرىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلار، ئومۇمى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئاران 3٪ ئىگىلەيدۇ، سالامەتلىكنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆلىدىغانلار 97٪ ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئەمەلىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەربىر ئىنسان 65 ياشقىچە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ. داڭلىق سودىگەرلەردىن جوھن ۋاناماكەر 84 ياشقىچە ياشىغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن. گلاندستونە 86 ياشتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 95 ياشتىكى بىر ئىنجىنېرنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چىرتيوج سىزغانلىقىنى كۆرگەنمەن.

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-03

    2. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     

    5. ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان ۋەزىپىڭىزنى ئارتتۇرۇڭ


    جاسارەت -- غەلىبىگە باشلايدىغان بىردىن-بىر سۆز. قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن قەت`ئى نەزەر جاسارەتلىك بولۇڭ.

    ئۈستىڭىزگە ئالدىغان ۋەزىپىنى ئارتتۇرۇشقا تىرىشىڭ، قورقۇنچاق ئىنسانلار تەدبىرلىك ۋە بىخەتەر ياشايدۇ دەپ خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماڭ. قورقۇنچاقلار ھاياتتىن لەززەت ئالالمايدۇ. مۈشكۈل ئىشلارنى باشقا ئېپچىققان كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى دوستلۇقلاردىن مەھرۇم قالغانلار.


    يېڭىدىن ئىشقا كىرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر، بۇ كۈننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ ۋە سورىغانلارغا «خۇداغا شۈكرى، بەكمۇ ئاسان ئىش ئىكەن!» دەيدۇ.
    بۇ سۆز ، ئالغا بېسىشنى خالىمايدىغان، مەغلۇبىيەتكە نامزات بولغان كىشىلەرنىڭ دەيدىغان سۆزى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەھلىكىلىك سۆزلەرنىڭ بىرى.


    بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ئىدىيە ئىنساننى مۇۋەپىقىيەتكە باشلىمايدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ بەتەر بىر خاتا چۈشەنچە بولمىسا كېرەك.
    «خۇداغا شۈكرى ، بەكمۇ ئاسان بىر ئىش ئىكەن ! » دېگەن سۆزنى دەيدىغان بىر ياشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن پەلسەپەسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن بۇ كۈلپەتنى مۈرىسىدىكى يۈكتەك كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئەجدادىدىن بىرەر مىراس قالغان بولسا ئىدى، بىر ئىشقا قولىنىمۇ تەگكۈزمەستىن، ئىشسىز، زەئىپلىكتە ياشىغان بولاتتى.

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-03

    1.ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]


    ئىنسان ، تۇيغۇ ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار بولغان ۋە مۇرەككەپ بولغان بىر مەخلۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا ۋە ئاڭلىرىغا خىتاپ قىلىپ ۋە روھىي بايلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى قەدىرلەش، ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئىنسان رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


    بۇ ئەسەر ئىشىك باقاردىن سودا-سانائەتچىگىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر مۇكەممېل كىتاب. بۇ كىتاب ئىنسان ھاياتىغا ھارارەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ئىنسان نېمە بولسا بولسۇن ئۇ بىر جەۋھەردۇر. ھاياتتا ئەڭ ئاددى بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەممۇ ئۇ ئىشنىدىن غەلىبە قىلىپ ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانلىرىنى يارىتىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى قىلىۋاتقان ئىشتىكى پۈتۈن ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە بۇ ئىمكانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ كىتاب سىزگە ئۇ ئىمكانلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ھاياتتا يالغۇز ئالغا بېسىشنىلا

    خەتكۈچ :
  • 2010-05-02

    پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى GNHGross National Happiness - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى  GNHGross National Happiness


     

    كىشلەرنىڭ ئۆزى تېنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن بەھرىمان بولۇش ۋە بەھىرلىنىش ھېس تۇيغۇسى بولۇپ،  كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىكى بىر خىل كۆرسەتكۈچنى كۆرسىتىدۇ، . . ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ ، مەسلەن :بەزى شەھەرلىكلەر : بەخىت بولسا يۇقىرى مائاش ، تاۋار ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولۇشنى بەخت دەپ قارىسا ،  بەزىلەر : بىر شىركەت قۇرۇپ  چىقىش ۋە ئۆز ماركىسىنى يارىتىشنى بەخىت دەپ قارايدۇ .
    بەخىت تۇيغۇسى بولسا ، قانائەتلىنىش ، خوشاللىق  ، قىممەت قاراشنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدۇر

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     


    --ئۇنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇنىڭ نىمە دەپ يۈرگەنلىگىنى
    بىلەمسەن ؟---دەپ سورىدى بوۋاي ،ئاق ساراي ئالدىدا بىر
    قولىدا بايراق تۇتۇپ، ئادەملەرگە بىر نىمىلەرنى
    سۆزلەۋاتقان ئايالنى كۆرسىتىپ،-- ئۇ،شەرقى جەنۇبى
    ئاسىيادىكى
    شەرقى تېمورلۇق ئايال ئىكەن.مەن تەخمىنەن خېلى يىللاردىن
    بۇيان ھەر كۇنى دىگۇدەك بۇ ئايالنى مۇشۇ ئورنىدا
    كۆرۈۋاتىمەن.ئۇ شۇ ئورنىدا شەرقى تېمور بايرىقىنى
    لەپىلدىتىپ، نەچچە سائەتلەپ تۇرىدۇ.كىشىلەرگە شەرقى
    تېمور خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ئارزۇ -ئارمانلىرىنى
    سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۈ.تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى
    تارقىتىدۇ.دىمەك مۇشۇ يەرگە كەلگەن ھەرقانداق كىشى
    مەيلى ئۇ قايسى دولەت پۇقراسى بولۇشتىن قەتىي نەزەر بۇ

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     
     بىلەمسەن ئوغلۇم؟--- دىدى بوۋاي قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ
     جىددى ھالەتتە--- مەن ئۇنداق ھەر نىمە دىگۇچىلەرگە،
     مازاق قىلغۇچىلارغا ھېچ نارازى بولمۇدۇم.چۈنكى
     ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ يەنىلا مەلۇم مەنتىقىلىق ئاساسى
     بار ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ خەرىتىدە نامى بولمىغان
     مىللەتنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ.مىللەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگى
     بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇ مەۋجۇت ھالىتى بىلەن يەنى ھازىرقى
     دۇنيادا تۇتقان سىياسى ئورنى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگىنى
     ئىپادىلەيدۇ.ئۆزىنىڭ سىياسى ھاياتىغا كاپالەتلىك
    قىلالمىغان مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدىنىي ئورنى
    بولمايدۇ.سىياسى ئورنى بولمىغان مىللەت ئۇ قانچىلىك
     ئىقتىدارلىق ياكى تۆھپىكار بولۇشتىن قەتىي نەزەر ھامان
     باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىۋارغا ئېلىنمايدۇ! تارىخ

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

     

    بىز كۆپ مۇڭداشتۇق.بوۋاي ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ
    ئامېرىكىغا كېلىپ قالغىنىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئېغىر ئۇھ
    تارتىپ،بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ
    تۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىمىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە
    :ئۇ قەشقەرلىك بولۇپ،ئۆسمۇرلىك ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىرگە
    ئەنجانغا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن.20-ئەسىرنىڭ
    باشلىرىدا ئەنجان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا
    شەرق شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا
    تارىلىشىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولۇپ،ھەر يىلى ياز
    ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بولۇپمۇ
    قەشقەردىن كۆپلىگەن مۇساپىرلار تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ،
    ،مەزكۇر شەھەرگە كېلىپ توپلاشقان ۋە كېيىن تەرەپ-تەرەپكە
    تارقىلىپ تۈرلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇلارنىڭ
    ئىچىدە تىجارەتچىلەرمۇ،كاسىپلەرمۇ،دېھقانلارمۇ بار
    بولغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز يۇرتلىرىدا
    تىرىكچىلىك قىلشتىن مەھرۇم بولغان كەمبەغەللەر
    ئىدى.قاتمۇ قات زۇلۇم،مىللى كەمسىتىشلەر ۋە باستۇرۇشلار
    ئۇلارنى ئۆز تۇپراقلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردىن
    ھاياتلىق يولىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    مانا ،خېلىدىن بېرى ئاقساراي ئالدىغا جايلاشقان باغچىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ئەلباشىنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە خىزمەت ئىدارىسى ھېسابلانغان ئاق سارايغا قاراپ ئولتۇرىمەن.ئاق رەڭ بىلەن بېزەلگەن ئۈچ قەۋەتلىك بۇ بىنا ئۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇرلىقى ۋە غايىۋانە ھەيۋىتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تولىمۇ ئاددى ساددا بولۇپ، كىشىگە ھېچقانداق سىرلىق، شۇبھىلىك شۇنداقلا دەبدەبىلىك تۇيغۇ بېرەلمەيتى.ئاق ساراي بىناسى خېلى چوڭ گۇزەل باغچە ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدى تەرىپى ۋاشىڭگىتون مۇنارى تەرەپكە قاراپ تۇرسا ،ئارقا تەرىپى ئەپچىلغىنا باغچىغا يۇزلىنىپ تۇراتتى.پۇتۇن ساياھەتچىلەر مانا مۇشۇ تەرىپىگە كېلىپ ئاق ساراي مەنزىرسىنى تاماشا قىلاتتى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر مانا مۇشۇ تەرىپىدە بولاتتى.ئاقساراينىڭ بۇ تەرىپىنىڭ ئالدى پىشايۋىنى ئۇچ جۇپ تۈۋرۈكتىن تۇرغۇزۇلغان ،پىشايۋاننىڭ ئالدى ماڭلىيى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ،ئۇستىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى.دەرىزىلىرى كىچىك ۋە ئىگىز بولۇپ،بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك بىلەن

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    دوستلارغا
    ھۆرمەتلىك دوستلار مەن ئامىركىغا كېلىپ يېڭى ئوقۇش
    ھاياتىمنى باشلىغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ خىياللارنى
    سۈردۈم.ئىلگىرى موسكۋادىكى "قىزىل مەيدان"دا ياكى
    كىرمىل سارىيى ئالدىدا يۈرۈپ خىياللار دۇنياسىغا غەرق
    بولغان بولسام مانا ئەمدى ئاق ساراي ئالدىدا خىيال
    قۇشلۇرۇمنى ئۇچۇرۇپ يۇرىمەن.مەن سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن
    بىرگە خىيال سۇرىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىپ،"ئاق ساراي
    خىياللىرى"نى ھەر بىرىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى
    سەرىپ قىلىشقا ھاۋالە قىلدىم.بەلكى "موسكۋا خىياللىرى"نى
    ئوقۇغان بولسىڭىزلەر دىمەك بۇ بىزغا ئوخشاش مۇساپىر
    قېرىندىشىمىز يەنىلا ئاشۇ خىياللىرىنىڭ داۋامىنى
    سۇرىۋىتپتۇ! دىمەك ئۇنىڭ خىياللىرى تۇگىمەيدىكەن دىگەن
    ئويغا كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل .قەدىرلىك
    دوستلار ئەمىليەتتە بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق خىياللاردۇر! ئۇ
    بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان!!!>

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-24

    يەھۇدىيلار ۋە دۇنيادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    ئۈزلۈكسىز  تولۇقلاپ ،  قايتا  رەتلىنىدۇ  .

    كىتاب ئەھلى ئىچىدىكىلەر ئىجىل ۋە تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ، بۇلارغا  ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ ، ئۆز ئىختىيارىڭىز  ، مەن  بۇلارنى سىزنى مۇشۇلارغا ئەزا بولسۇن ۋە ياكى ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇلارغا ئېتقاد قىلسۇن دەپ يازغىنىم يوق .
    كىتاب ئەھلى بولغان ئەرەبلەر  ۋە  يەھۇدىيلارنىڭ  قويۇق  دىنىي  تۈسكە  ئىگە  بولغان  دىنىي  مىللەت  ئىكەنلىكىنى  ئۇنتۇلۇپ  قالماسلىقىڭىز  كىرەك  ، دۇنيادا قۇدرەت  تاپقان دۆلەت ئامىرىكا  ، ئامىرىكىدا  قۇدىرەت  تاپقىنى  يەھۇدىي  ، شۇنداقلا دۇنيادىمۇ قۇدرەت  تاپقان  مىللەت  ھەم  يەھۇدىي  ، شۇڭا  يەھۇدىي ۋە  يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنى چۈشىنىشمۇ  ئەلۋەتتە كىرەك  . دۇنيانىڭ  سىياسىي تەرتىپ ئىشلىرىنى ۋە تەرەققىيات

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-23

    يەھۇدىيلار .1 - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    يەھۇدىيلار كىمدۇر ؟
    1924 -يىلى  سىتالىن  سوۋىت جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مىللەتلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللەتكە تەبىر بەرگەن ،
    مىللەت

    ئەمدى قارايدىغان بولساق سىتالىننىڭ كۆز قارشى ئىدىيەسى بويىچە ئايرىسا ، دۇنيادا يەھۇدىي مىللىتى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنداقتا كىم يەھۇدىيدۇر ؟
    يەھۇدىي دىگەنلىك1. ئاتا - ئانا جەمەتى ئىچىدە خالىغان بىر  تەرەپنىڭ  ئەجدادلىرى يەھۇدىي بولغان بولۇش . يەنى شۇ شەخىس قان تومۇرىدا ئېقىۋاتقان مەلۇم نىسبەتتە  يەھۇدىي قېنى بار بولۇش ،
    2. يەھۇدىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار 
    مانا مۇشۇ ئىككى شەرتكە  ئاساسەن  يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي پۇشتى ھېسابلىنىدۇ ، بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يەھۇدىيلار دەپ ئاتايمىز .

    يەھۇدىيلارنىڭ  2000  يىللىق سۈرگۈن  ھاياتىغا  نەزەر

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-23

    ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى
    ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى بولسا باراۋەر ھالدا ئولتۇراق ئۆيدە ئولتۇرۇشتىكى ئىقتىسادى قىينچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ . يەنە شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆي بايلىقى بازىرىنىڭ كۆپۈكسىمان بازارغا ئايلىنىش كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ .
    ئۇنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بولسا : تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى (ھەر كىۋادىرات مىتىر ) \ كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى =  ئولتۇرۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى . يەنى ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ، كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى بىلەن تەتۇر تاناسىپ.

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-22

    ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى  ئوخشاش مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەر  ئارلاشمىسىدىن  بولغان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان .
    يەنە  شۇنداقلا   ئوخشاش  بولمىغان مىللەت ۋە  ئىرىقتىكىلەرنىڭ  ئارلاشمىسىدىن  بولغان كىشلەرنىڭ  روھىي كىسەل  بولۇش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
    باشقا تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە : ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى  ئانا سۈتى بولمىغان سۈتلۈك يىمەكلىكلەر بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3--10 نومۇر يۇقىرى بولغان .
    1. يىمەكلىك : گۆش ۋە چىلانغان يىمەكلىك ۋە چىرىگەن يىمەكلىكلەرلەرنى كۆپ يىگۈچىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان .
    2. يۇقىرى مايلىق يىمەكلىك: كانادا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە ، يۇقىرى مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا زىيىنى بولغان ، تەجىربىلەردىن ئىسپاتلىشىچە ، يۇقىرى مايلىق ھايۋان چاشقان گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن .
    3. تاماكا ۋە ھاراق : كۆپ مىقداردا ھاراق ئىستىمال قىلىش ۋە تاماكا چىكىش ئادەم چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىركىشىگە

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-22

    ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient )
    ھېسىي  ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، تونۇش ، كونترول قىلىش ۋە ئۆز ھېسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .
    ھېسىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بولسا ھېسىياتنىڭ سۈپىتىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
    ھېسىي ئىقتىدار ئەقلىي ئىقتدارغا ئوخشىمايدۇ ،  پىسخولوگلار مۇنداق دەپ قارىغان، ھېسىي ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەمنىڭ  تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغان : ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تاشقى مىجەز  ھەم خوشال ، ئاسان قورقۇش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسىغا كىرىپ قالمايدىغان ، ئىش - كەسىپلەرگە چوڭقۇر كىرىشەلەيدىغان ، ئەستايىدىل ، ھېسداشلىققى كۈچلۈك ، مۇھەببەت تۇرمۇشى مول ، يالغۇز ياكى كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرغاندا ئوخشاشلا ئۆزىنى تەبىي تۇتالايدۇ .

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-20

    ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    ئەقلى ئىقتىدار  كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient   )

    ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، ئىنسانلارنىڭ ئوبىيكىتىپ شەيئىنى تونۇ ش ۋە ئۆز بىلمىدىن پايدىلىنىپ رىئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى  ئىقتىدار  كۆرسەتكۈچى .

    1905-يىلى ،فىرانسىيەلىك پىسخىلوگ سىمون ، تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش  جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان .

    IQ=MA÷C.A×100,

    IQ =  ئەقلى يېشى  \ ئەمەلىي يېشى * 100  يەنى  ئەقلى يېشىنى ئەمەلىي يېشىغا بۆلۈپ 100 گە  كۆپەيتىمىز .

    سىناق جەدۋىلى جەمئىي 30 سۇئال چىقىرىلغان ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى چۈشىنش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر.

    1916 -يىلى ئامىرىكىلىق  ۋېسلى  يەنە بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان . ئۇ  ياشلار ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ، بالىلار ، 4--6.5 ياشقىچە بولغان بالىلار غىچە  ئايرىم --ئايرىم تۈزۈپ  چىققان .

    130 تىن  يۇقىرى بولغانلار ئالاھىدە  دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق  . 120--129  ئالاھىدە ئەقىللىق  ، 110 --119  ئەقىللىق ،

    80--109  ئەقلىي نورمال ، 70--79 ئەقلى تۆۋەن ، 70تىن تۆۋەنلەر  ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل.

    ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش ئىچىدە ، ئاساسىي  نوپۇسنىڭ  ئوتتۇرچە  ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 100 ،

    مۇئەييەن سىتاتىستىكا پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا،  ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 70 تىن  تۆۋەن  بولغانلار  3%  ، 70--79  بولغانلار  6% ، 80--89  بولغانلار15% ، 90  --110  بولغانلار46% ،   110--119 بولغانلار18 %  ،  ئەقلى ئىقتىدار  كۆرسەتكۈچى  120--139  بولغانلار11%  ،  140  تىن  يۇقىرى بولغانلار  0.5%  

    خەتكۈچ : tarimi ,tarim,uyghur ,turk
赚钱