2011-02-23
پېئىل - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/106365050.html
Candan Erçetin---------bu sabah
پېئىل
1.
پېئىل بولسا ھەركەت ياكى جەريان ،ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى .
تۈرك تىلدا پېئىلنىڭ گىرامماتىكىلىق دائىرىسى ، شەكىل ، ۋاقىت ھالىتى Gergin، كىشلىك ، سان ، سۆزنىڭ ھالىتى Ses ، سۆز يىلتىزى Vücut .
شەكىل ،ۋاقىت ھالىتى ، كىشلىك ۋە سان بولسا پېئىلنىڭ سۆز قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تۈرىگە تەۋە .
سۆزنىڭ ھالىتى ، سۆز يىلتىزى دائىرىسى پېئىلنىڭ سۆز ياسىغۇچى تۈرىگە تەۋە .
تۈرك تىلدا پېئىلنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىلى بار .
1. بايان شەكىلى
2. بۇيرۇق شەكىلى
3. ئارزۇ -ئىستەك شەكىلى
4. زۆرۈر شەكىلى
5. شەرت شەكىلى
بۇلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە ئۆتكۈنچى شەكىللىرى بار .
سۈپەتداش ، رەۋىشداش ، ھەركەتنام .
تۈرك تىلدا پېئىل زامانلىرىنىڭ مەخسۇس ئىپادىلىنىشى بار، ئۇلار سۆز بىلەن كىشلىك ھەم ساننىڭ ئىپادىلىنىشىدە كۆرىلىدۇ . بۇ قىسىم ئىپادىلىنىش رەت تەرتىپى بولسا بايان شەكىلدە مەۋجۇت ، بايان شەكىلدە شەكىلنىڭ ئىپادىسى يوق ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ھالىتى بار.
كىشلىككە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان پېئىل شەكىلى پېئىلنىڭ كىشلىك شەكىلىدۇر . (بايان ، بۇيرۇق ، ئارزۇ ، زۆرۈر ، شەرت) ھەرقايسى شەكىللەرنىڭ ھەممىسى كىشلىك شەكىلگە تەۋە .
كىشلىككە ئاساسەن ئۆزگەرمەيدىغان پېئىلنىڭ شەكىلى كىشلىكسىز شەكىلدۇر.
كىشلىكسىز شەكىلگە ھەركەتنام ، رەۋىشداش ، سۈپەتداش كىرىدۇ .
تۈرك تىلدا ھەربىر پېئىلنىڭ تۆت خىل شەكىلى بار . ئىنكار شەكىلى ، مۇئەييەن شەكىلى ، مۇمكىن شەكىلى ، مۇمكىن ئەمەس شەكىلى .