2011-01-29

    نوغايلار - [تۈركىي مىللەتلەر ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/102654402.html

     

     

    نوغايلار

     

      قىرىمدىن ئاستىراخانغىچە ، داخىستاندىن ئۇرال دەريا بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى تۈركىي خەلق.

    نوغاي دىگەن بۇ ئىسىم نوغاي خاندانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ ، نوغاي خاندانلىقى ، 14- يۈز يىللارنىڭ ئاخىرى ئالتۇن ئورادا خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كىيىن بارلىققا كەلگەن . 13-15 -يۈز يىللارىندا ئالتۇن ئوردا يىمىرىلگەندىن كىيىن ، شىمالىي كاۋكازىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىدىكى ئاستىراخان خانلىقى ۋە غەربىي شىمال قىسىمىدىكى قىرىم خانلىقى  ئارىسىدىكى رايوندا ياشىدى. 1556-يىللارىندا ئاستىراخان خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ، بۇ تۇپراقلار روسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتتى ۋە نوغايلار روسىيە تەۋەسىدىكى ستاۋروپول چىگرا رايونىدا ياشىدى . 16-17 -يۈز يىللارىندا نوغايلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولمىغان . شىمالىي كاۋكازىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغان ۋە قىرىم خانلىقىنىڭ يۇرتداشلىرى بولغان نوغايلار 1783- يىللارىندا روسلار تەرىپىدىن قىرىم خانلىقىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە قىرغىن قىلىندى ۋە سۈرگۈن قىلىندى .

    نوغايلار 1426- يىللاردا  Edige   ئوغلى Nurettin تەرىپىدىن ئەمىرلىك قۇرغان بولۇپ ، 150 يىلغا يېقىن

    دۆلەت بولغان. 1563 -يىللاردا روسلار تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە

    Ulu Nogaylar, Kiçi Nogaylar ve Altı oğul Nogayları  دىن ئىبارەت ئۈچ پارچىگە پارچىلىۋېتىلگەن .

     

    داخىستان تاتارلىرى بولسا  نوغايلار تاتارلارنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دىيىشىدۇ . قازاقلار بولسا  نوغايلار قازاقلارنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دىيىشىدۇ .

    نوغايلارنىڭ ئۆزى بولسا ئالدى بىلەن تۈرك - ئاندىن نوغاي - ئارقىدىن تاتار كىلىپ چىقاردى دىيىشىدۇ .

    تاتار بىلەن نوغاي خۇددى ئۆزبېك بىلەن ئۇيغۇرغا ئوخشاش

    نوغاي تىلى بولسا ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى غەربىي تۈرك تىل تارمىقى ،قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە . ئورتاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋەلەردىن قازاق تىلى ، قاراقالپاق تىلى ، تاتار تىلى بار .

    نوغايلار 1928- يىللاردىن ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەلىك يېزىق قوللانغان ، 1928-يىلدىن كىيىن سىلاۋىيان كىرىل يېزىقىنى قوللانغان ۋە 1936- يىلى ئېلىپبە ئۆزگەرتىشى كىرگۈزگەن.

    تار نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نوغايلارنىڭ نوپۇسى 250 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ ، ئاساسلىقى تۈركىيە ، داخىستان ، ئۇكرائىنا (كېلمىيا) قاتارلىق رايونلاردا بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، تۈركىمەنىستان ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان قاتارلىق رايونلاردا  ئاز ساندا نوغايلار بار .

    كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا (يەنى نوغايلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى بويىچە ، تۈرك- نوغاي -تاتار ...يەنى تاتارلار نوغايلارنىڭ بىر بۆلىكى بويىچە بولغاندا) نوغايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى  بىر مىليون ئەتىراپىدا ،  .

    ئاستىراخان تاتارلىرى ، كاۋكاز تاتارلىرى ، سىبىرىيە تاتارلىرى ، قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈز بۆلىكىنىڭ Kongırat قوڭغىرات قەبىلىسى ، قىرغىزلارنىڭ Ön-Kolئۆن كول بۆلىكىنىڭ Çirikچىرىك قەبىلىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ نوغاي ھېسابلايدۇ . نوغايلارنىڭ بۇ قەبىلىسى نوغاي خان دۆلىتىنىڭ Satıbaldı, Tokas、Şahan شاخان ، توكاس ،  ساتىبالدى دىن ئىبارەت ئۈچ نوغاي قەبىلىسىدىن كەلگەن .

     نوغايلار بولسا ئاق نوغاي ، قارا نوغاي ، ئاستىراخان نوغايلىرى ، achikulak nogay  ئاچىقۇلاق نوغايدىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە ۋە نوغايباق Nogaybaksدەپ بىر كىچىك قەبىلىگە ئايرىلغان . (قەبىلە = بۆلەك) 

    نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ بولغان Bujak, Edisan, Jambulak, Edishkul  بۇ نوغاي قەبىلىلىرى مەڭگىتلەرنى تەشكىل قىلىدۇ . مەڭگىت ئۇرۇقىنىڭ ئىسمى نوغاي ئىسمى بىلەن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ.

     

    ئاق نوغايلار روسىيە فىدىراتسىيەسى ، قاراچاي -چېركەس ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسىغا جايلاشقان بولۇپ Kuban nogays ياكى ئاق نوغاي دەپ ئاتىلىدۇ . ئاق نوغاي تىل شىۋىسى ئەتىراپىدىكى قاراچاي ، بالقار ، چېركەسلەرنىڭ تىل تەسىرىگە ئۇچىرىغان .

     

    Nogaybaks بولسا داغىستان ، باشقىرتىستان ۋە ئۇرال رايونىدا ياشايدىغان بولۇپ ، تىل شىۋىسىدىن تاتار تىلغا مايىل . Nogaybaks بولسا نوغايلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغانلاردىندۇر . شۇڭا ئۇلار Казак كازاك دەپمۇ ئاتىلىدۇ . (بىز بۇرۇنلاردا روس تىلۋىزىيە فىلىملىرىدە كۆرگەن كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرى دەل ئاشۇ نوغاي تۈركلىرىنىڭ بىر بۆلىكىدۈر) .

     

      Astrakhan  Nogays  ئاستىراخان نوغايلىرى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاستىراخاندا ياشايدۇ . ئۇلار ئۆز ئىچىدىن تۆت قەبىلىگە ئايرىلغان .

    Kundura (Karakash --Karaagash)、Kundrovets、Utar-Alabugaty、Yurt (Kara üyli)。

    Utar-Alabugaty قەبىلىسى بولسا روسىيە فىدىراتسىيەسى قالمۇق رىسپۇبىلىكىسىدا ياشايدۇ ، باشقىلىرى ئاستىراخاندا ياشايدۇ .

    Yurtsقەبىلىلىرى تىل شىۋىسىدە قازان تاتارلىرىنىڭ تىل شىۋە تەسىرىى چوڭ.

     

    Qara (Kara) Nogays قارا نوغايلار شەرقى نوغاي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، نوغايلارنىڭ ئەڭ چوڭ قەبىلىسى ،  قارا نوغايلار بولسا داغىستاننىڭ Khasavyurt رايونىدا ياشايدۇ .

     قارا نوغايلارنىڭ يەنە Nayman、Terik、Ming、katay、Khasav-Yurt、Baba-Yurt دىن ئىبارەت قەبىلىلىرى بار . بۇندىن باشقا يەنە قارا نوغايلار قومۇقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولۇپ ، kumyk Nogays

    قۇمۇق-نوغايلار the Aksay (Yakhsay)、Kostek、and Tarki (Targu), دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە بۆلۈنگەن .

     

    Achikulak Nogays  ئاچىقۇلاق نوغايلار روسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ Stavropolskiy Kray سىتاۋروپولسكىي چىگرا رايونىنىڭ  ئاچىقۇلاق رايونىدا ياشايدۇ . ئاچىقۇلاق نوغايلار Jemboyluk(Jambulak)、Yedisan(Edisan)、Yedishkul(Edishkul、Cedişkul、Jedishkul

    دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە ئايرىلغان .

    Jambulak،Yedisan قەبىلىسى يەنە مەڭگىت ، قوڭغىرات، قىپچاق ،ئۇيسۇن ، قازانقۇلاق ، بۈركىت، قىتاي دىن ئىبارەت كىچىك قەبىلىلەرگە ئايرىلغان .

     

    Beshtav-Kum Nogays  بەشتاۋ-قۇم نوغايلىرى ئوخشاشلا سىتاۋروپولىسكىي رايونىدا ياشايدىغان بولۇپ ، بەشتاۋ ، قۇم ، قارا مۇرزادىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە ئايرىلغان .

     

    Crimean Nogays  كرىمان نوغايلىرى ئۇكرائىنانىڭ كرىمان رىسپۇبىلىكىسدا كرىمان تاتارلىرى بىلەن ئارلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ ، Crimean、Cedişkul、Jemboyluk  دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

    2000- يىللاردىن كىيىن ياۋروپادا ساقلىنىۋاتقان تىللارنى تەكشۈرگەندە ، نوغاي تىلىنىڭ ئىشلىتىش ئادەم سانى 65000 بولغان .

    بۇ كىشلەر بولسا  شۇ يىللاردا غازى ئانتەپ ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنغان نوغايلاردۇر. 





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :