• 2011-02-23

    تۈركچە سۆزلۈكلەر - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

     

    تۈركچە سۆزلۈكلەر

     

    1.  Merhaba     ياخشىمۇسىز

    2. Günaydın    خەيىرلىك ئەتىگەن

    3. Tünaydın    چۈشتىن كىيىنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن

    4. İyi akşamlar   خەيىرلىك  كەچ 

    5. İyi akşamlar   خەيىرلىك كەچ (ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت)

    6. Öğrenciyim  ئوقۇغۇچى

    7.Öğretmenim  ئوقۇتقۇچى

    8. Üzgünüm  كەچۈرۈڭ

    9. adam   ئەر كىشى

    10.  kadın   ئايال

    11. kız  قىز

    12. oğlan   ئوغۇل

    13. saç  چاچ

    14. sakal  ساقال

    15. bıyık  بۇرۇت

    16.gömlek  كۆڭلەك

    17. palto   پەلتو

    18. çorap  پايپاق

    19. ayakkabı  ئاياق

    20. pantolon  ئىشتان

    21. sandalye  ئورۇندۇق

    22. masa  ئۈستەل

    23. yatak  كارۋات

    24. kutu  يىشىك

    25.kanepe  سافا

    26. kitap  كىتاب

    27. lamba  لامپا

    28. para پۇل

    29. kahve  قەھۋە

    30. yiyecek  يىمەكلىك

    31. şoför  شوپۇر

    32 . otobüs  ئاپتوبۇس

    33. tamirci تېخنىك ئىشچى

    34. hemşire  سېستىرا

    35. postacı  پوچتالىيون

    36. sekreter  كاتىپ

    37.aşçı  ئاشپەز

    38. yönetici  لىدىر

    39. cüzdan  پورتمال

    40. ağaç  دەرەخ

    41. çiçek گۈل

    42.köpek  ئىت

    43. havlu  لۆڭگە

    44.pasta  تورت

    45. mum  شام

    46.Altın ئالتۇن

    47. çanta  سومكا

    48.kapı  ئىشىك

    49.

    خەتكۈچ :
  • 2011-02-23

    پېئىل - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

     

    Candan Erçetin---------bu sabah

     

        

    پېئىل 

     

    1.

    پېئىل بولسا ھەركەت ياكى جەريان ،ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى .

     

    تۈرك تىلدا پېئىلنىڭ گىرامماتىكىلىق دائىرىسى ،  شەكىل ، ۋاقىت ھالىتى Gergin، كىشلىك  ، سان ، سۆزنىڭ ھالىتى  Ses ،  سۆز يىلتىزى Vücut  .

     

    شەكىل ،ۋاقىت ھالىتى ، كىشلىك  ۋە سان  بولسا پېئىلنىڭ سۆز قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تۈرىگە تەۋە .

    سۆزنىڭ ھالىتى ، سۆز يىلتىزى دائىرىسى پېئىلنىڭ سۆز ياسىغۇچى تۈرىگە تەۋە .

     

    تۈرك تىلدا پېئىلنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىلى بار .

    1. بايان شەكىلى

    2. بۇيرۇق شەكىلى

    3. ئارزۇ -ئىستەك شەكىلى

    4. زۆرۈر شەكىلى

    5. شەرت شەكىلى

    بۇلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە ئۆتكۈنچى شەكىللىرى بار .

    سۈپەتداش ،  رەۋىشداش ، ھەركەتنام .

     

    تۈرك تىلدا پېئىل زامانلىرىنىڭ مەخسۇس ئىپادىلىنىشى بار، ئۇلار سۆز بىلەن كىشلىك ھەم ساننىڭ ئىپادىلىنىشىدە كۆرىلىدۇ . بۇ قىسىم ئىپادىلىنىش رەت تەرتىپى بولسا بايان شەكىلدە مەۋجۇت ، بايان شەكىلدە شەكىلنىڭ ئىپادىسى يوق ، ئەمما  ۋاقىتنىڭ ھالىتى بار.

     

    كىشلىككە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان پېئىل شەكىلى پېئىلنىڭ كىشلىك شەكىلىدۇر . (بايان ، بۇيرۇق ، ئارزۇ ، زۆرۈر ، شەرت) ھەرقايسى شەكىللەرنىڭ ھەممىسى كىشلىك شەكىلگە تەۋە .

    كىشلىككە ئاساسەن ئۆزگەرمەيدىغان پېئىلنىڭ شەكىلى كىشلىكسىز شەكىلدۇر.

    كىشلىكسىز شەكىلگە ھەركەتنام ، رەۋىشداش ، سۈپەتداش كىرىدۇ .

     

    تۈرك تىلدا ھەربىر پېئىلنىڭ تۆت خىل شەكىلى بار . ئىنكار شەكىلى ، مۇئەييەن شەكىلى ، مۇمكىن شەكىلى ، مۇمكىن ئەمەس شەكىلى .

     

     

    خەتكۈچ :
  • 2010-07-13

    ئېنىقسىز ئالماش - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]


    6. ئېنىقسىز  ئالماش 

    تۈرك تىلدا ئېنىقسىز  ئالماش  ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
    1. ئىنكار  ئېنىقسىز  ئالماش
    2. جۈزئىي   ئېنىقسىز   ئالماش

    1. ئىنكار ئېنىقسىز ئالماشتىن تۆۋەندىكى سۆزلەر بار:     hiç   ،  kimse

    hiç  bir talebe gelmedi 
    ھېچقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچسى كەلمىدى.

    burada kimse var mi 
    بۇ يەردە بىرەر ئادەم بارمۇ ؟

    bir çok  kimseler
    ناھايىتى كۆپ ئادەملەر

    kimsesiz adam
    ئۇرۇق تۇققىنى يوق ئادەم  ، يالغۇز  ئادەم

    خەتكۈچ :
  • 2010-07-13

    سۇئال ئالماش - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

     

    سۇئال ئالماش

    تۈرك تىلدا   سۇئال ئالماشتىن  kim   ،  ne  ، hangi   بار.  سۇئال ئالماشنى  مۇستەقىل ئىلىتىشكىمۇ بولىدۇ  ياكى پېئىللىق تەركىبنى قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ ، بىرلىك  ۋە كۆپلۈك ھالىتىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .

    1. مۇستەقىل ئىشلىتىش :
     bu kim
    ? kim geldi
    ? bu ne
    ? ne  söyledi?

    2. پېئىللىق تەركىپ قوشۇلغاندا :
    bu kimim?
    biz  kimiz?

    خەتكۈچ :
  • 2010-07-13

    ئېنىق ئالماش - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

     

    5. ئېنىق ئالماش

    تۈرك تىلدىكى ئېنىق ئالماشلار تۆۋەندىكىچە :
    1. her   بارلىق  ، ھەربىر

    her  talebe          ھەربىر  ئالىي ئوقۇل ئوقۇغۇچىسى 
    her ders              ھەربىر دەرس
    her biri                 ئۇلارنىڭ ھەربىرى

    2.   ئەرەبچىدىكى ياردەمچى سۆز  bütün  ، hep ، cümle   ، kaffe   بارلىق
    bütün   fabirikalar            بارلىق زاۋۇتلار
    hep  dünya                        پۈتۈن دۇنيا 
    cümle alem                      بارچە كائىنات ، پۈتۈن ئالەم

    خەتكۈچ :
  • 2010-07-13

    ئۆزلۈك ئالماش - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    4.
    ئۆزلۈك ئالماش

    تۈرك  تىلدا ئۆزلۈك ئالماش   kendi    غا  قوشۇمچىلارنىڭ  قوشۇلۇلۇش  ياردىمىدە   تۈزۈلىدۇ  .
     
    kendim      مەن  ئۆزۈم
    kendin       سەن  ئۆزۈڭ
    kendisi       ئۇ  ئۆزى  
    kendimiz    بىز ئۆزىمىز
    kendiniz      سىلەر ئۆزۈڭلار
    kendileri      ئۇلار ئۆزى

    ئۆزلۈك ئالماشنى كىشلىك ئالماشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىكى  مەنىسى :

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    ئالماش - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]


    ئالماش

    شەيئىلەرنىڭ  ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدىغان ، ئەمما  شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرمەيدىغان  ، ۋە  شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى  كۆرسەتمەيدىغان  سۆز  تۈركۈمى ئالماشتۇر .
    تۈرك  تىلدىكى ئالماشلار  تۆۋەندىكى   تۈرلەرگە  بۆلەنگەن :
    1.   كىشلىك  ئالماش
    2.   كۆرسىتىش   ئالماش
    3.   سۇئال  ئالماش
    4.  ئۆزلۈك  ئالماش
    5.    ئېنىق  ئالماش 
    6.  ئېنىقسىز  ئالماش

    1.

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    تەرتىپ سانلىرى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    تەرتىپ  سانلىرى
    تەرتىپ سانلىرى بولسا سانلارنىڭ  ئارقىسىغا   nci , nci , ncu , ncü  (سوزۇق تاۋۇش بىلەن  ئارخىرلاشقان  سانلارغا )
     ınci , inci , uncu , üncü   ( ئۈزۈك  تاۋۇش  بىلەن  ئاخىرلاشقان  سانلارغا )  قوشۇلۇش  ئارقىلىق  ياسىلىدۇ .
    birinci                               بىرىنجى
     birinci  gün                     بىرىنجى   كۈن
    ikinci                                  ئىككىنجى
     ikinci   sıra                        ئىككىنجى  قۇر
    on beŞinci                        ئون  بەشىنجى
      on  beŞinci  numara     ئون بەشىنجى  نومۇر

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    مىقدار ۋە سان - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    مىقدار  ۋە  سان 


    1.
    سان

    بىرلەر  :  bir  ,  iki  , üç , dört ,beŞ  ,  altı  ,  yedi  , sekiz , dokuz
    ئونلەر  :  on , yirmi , otuŞ , kırk ,elli , altmıŞ , yetmiŞ ,  seksen , doksan
    يۈزلەر ، مىڭلەر  :  yüz , bin ,  on bin , yüz bin , milyon  , milyar

    بىرىكمە سانلارنى ئوقۇغاندا  ۋە  يازغاندا  ئالدى بىلەن  يۇقىرى خانىسى ئاندىن كىچىك خانسىى  ئوقۇلىدۇ  ۋە يېزىلىدۇ .

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    مۇناسىۋەت سۈپەتلىرى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    مۇناسىۋەت   سۈپەتلىرى 

    مۇناسىۋەت  سۈپەتلىرى  بولسا ئىسىمدىن  تۈرلىنىپ  ياسالغان .  بۇ خىل سۈپەتلەر  تۆۋەندىكىلەرنىڭ  قوشۇلۇش  ياردىمىدە  تۈزۈلىدۇ .
    1.lı , li , lu , lü
    قوشۇلغان سۈپەت سۆلىرى مەلۇم نەرسىنىڭ خاسلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

    tuz             تۇز          tuzlu     تۇزسىز
    tat             تەم           tatlı     پۇراقلىق
    ev             ئۆي            evli     خوتۇنى بار
    göz           كۆز           gözlii    كۆزى  بار
    akıl           ئەقىل          akıllı    ئەقىللىق
    sakal       ساقال       sakallı   ساقاللىق ،  ساقىلى  بار

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    سۈپەت دەرىجىلىرى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    سۈپەت  دەرىجىلىرى

    خاسلىق سۈپەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىلىرى بار بولۇپ: سېلىشتۇرما دەرىجە  ، تەڭداش  دەرىجە  ، ئاشۇرما (ئەڭ يۇقىرى )دەرىجىلىرى  ئەركىلەتمە ، ئاشۇرما  ھالەتلەرنى بىلدۈرىدۇ.

    1. سېلىشتۇرما  دەرىجە   : تۈرك تىلدا  خاسلىق سۈپەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى  مۇنداق تۈزۈلگەن ،  سېلىشتۇرۇلغۇچى شەيئى  چىقىش كىلىش ھالىتىدە بولۇپ ، ئارقىسىدىن  سۈپەت  سۆزى ئەگىشىپ كېلىدۇ .
    مەسلەن :
     o  benden   büyüktür .     ئۇ  مېنىڭدىن  چوڭ  .
      evimiz sizin  evinizden  yüksektir
    بىزنىڭ ئۆيىمىز  سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن  ئېگىز .

    خەتكۈچ :
  • 2010-06-20

    سۈپەت - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    سۈپەت


    سۈپەت    بولسا نەرسىلەرنىڭ  ئالاھىدىلىكى ۋە  خاسلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر .

     تۈرك تىلدا ، خالىغان ۋاقىتتا  سۈپەت بىلەن ئىسىم ئايرىلغان ئەمەس . نۇرغۇنلىغان ئىسىملار ،  سۆز ياسىغاندا  سۈپەتلىك رولغا ئىگە بولىدۇ . تۈرك تىلدا ئاز بىر قىسىم سۈپەت سۆزلىرىدىن باشقىسىنىڭ ئىسىم بىلەن بولغان ھالەت بەلگىسى ئېنىق ئايرىلمىغان .
    تۈرك تىلدا  سۈپەت دائىرىسىدىكى ئاز بىرقىسىم   تۈپ سۆزلەرلا  ساپ  سۈپەت  بولۇپ كىلىدۇ .
    بۇ سۆزلەر 1 . مەنە ۋە ئىشلىتىلىشىدە ، نەرسىلەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر ،  بۇ   خاسلىق سۈپەتلىرى   دىيىلىدۇ .
    2. مەلۇم بىر نەسىنىڭ مەلۇم باشقا بىر  نەرسە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر  ،  بۇ مۇناسىۋەت  سۈپەتلىرى  دىيىلىدۇ .

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-14

    تۈركچە ئېغىز تىلى -3 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    قەيەرلىكسىز

    Ali : Merhaba Helga. Nasılsın?
    Helga : Teşekkür ederim, iyiyim. Sen nasılsın Ali?
    Ali : Sağol, ben de iyiyim.
    henry : Merhaba, ben henry. Ben Amerikalı'yım. Sen nerelisin Ali?
    Ali : Ben Türk'ü...

    ئەلى: ياخشىمۇسىز   ھېلگا  ، قانداق  ئەھۋالىڭىز؟

    ھېلگا :  رەھمەت ،  ياخشى ، سېنىڭ ئەھۋالىڭ قانداق  ئەلى؟

    ئەلى :  رەھمەت  ، مەنمۇ ياخشى . 

    ھېنرى :  ياخشىمۇسىز ، مەن ھېنرى. مەن ئامىرىكىلىق . سەن قەيەردىن ئەلى ؟

    ئەلى :  مەن تۈركىيەلىك ، سەن قەيەردىن  ھېلگا؟

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-14

    ئىسىمنىڭ ياسىلىشى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    ئىسىمنىڭ  ياسىلىشى 

    بىر قىسىم ئىسىم ۋە پېئىللارغا  ئۇلانمىلارنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق يېڭى ئىسىم ياسىلىدۇ .

    1.  ئىسىمدىن ئىسىمنىڭ ياسىلىشى

    باشقا ئىسىمدىن يېڭى ئىسىم ياسالغان ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىدىغان ئۇلانمىلار  تۆۋەندىكىچە : (مۇھىملىرى)

     

    (1) ci ,cı, cu , cü  سوزۇق تاۋۇش  ۋە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەردىن كىيىن ئۇلىنىپ كىلىدۇ .

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-11

    كىلىشلەر - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    كىلىشلەر  تولدۇرغۇچى  سۆزگە  قوشۇلغان ئۇلانمىنىڭ ياردىمىدە ئىپادىلىنىدۇ .

    تۈرك تىلىدا ئالتە  كىلىش  بار   .  

    1.   باش كىلىش  ھېچقانداق ئۇلانما ئۇلانمىغان ، ئەسلىدىكى تۈپ سۆز بىلەن ئوخشاش  كىلىش  .

     مەسلەن  : 

      talebeler   gidiyorler          ئالىي  ئوقۇل  ئوقۇغۇچىلىرى مېڭىۋاتىدۇ .
    kitabım    burdadır               مېنىڭ   كىتابىم  بۇ يەردە  .
    kitabınız   nerederdir              سىزنىڭ  كىتابىڭىز   قەيەردە ؟

     

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-09

    تەۋەلىك مۇناسىۋىتى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    سۆزلەر سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقاندا  ، 

    بىرىنجى  شەخىس  بىرلىك   +   m 

    بىرىنجى  شەخىس  كۆپلۈك  +  miz  ,  mız , muz , müz      قوشۇلىدۇ  .

     

    ئىككىنجى  شەخىس بىرلىك  +   n

    ئىككىنجى  شەخىس  كۆپلۈك  +    nız , niz , nüz ,nuz     قوشۇلىدۇ 

     

    ئۈچىنجى شەخىس  بىرلىك   +    sı , si , sü ,su 

    ئۈچىنجى  شەخىس  كۆپلۈك   +  sı , si , sü ,su   قوشۇلىدۇ  .

     

    مەسلەن  :

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-09

    lar , ler نىڭ ئىشلىتىلىشى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

     

    lar , ler نىڭ ئىشلىتىلىشى

      تۈرك تىلدا كۆپلۈك سانلار بولسا lar , ler    نىڭ قوشۇلۇش ياردىمى ئاستىدا تۈزۈلىدۇ ، lar , ler ئىسىمغىلا قوشۇلۇپ قالماي ، ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلىنىڭ ئۈچىنجى شەخىس شەكىلىگىمۇ قوشۇلىدۇ .

     lar , ler نىڭ قوشۇلۇش شەكىلى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئاساسەن بولىدۇ . سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش a , ı , o , u بولغاندا lar ، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش ü ، ö ، i ،e بولغاندا ler قوشۇلىدۇ .

     قوشۇلىدۇ .

    خەتكۈچ :
  • 2010-04-09

    تۈركچە ئۆگىنەيلى -3 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى بىرىنجى شەخىس بىرلىك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە ım ,im , um , üm نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ ، تۈرك تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ، y قوشۇپ ئۇلىنىپ كېلىدۇ .

     مەسلەن : ben askerim.

     ben talebeyim

    . .....

    خەتكۈچ :
赚钱