2010-06-20
سۈپەت دەرىجىلىرى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/66553209.html
سۈپەت دەرىجىلىرى
خاسلىق سۈپەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىلىرى بار بولۇپ: سېلىشتۇرما دەرىجە ، تەڭداش دەرىجە ، ئاشۇرما (ئەڭ يۇقىرى )دەرىجىلىرى ئەركىلەتمە ، ئاشۇرما ھالەتلەرنى بىلدۈرىدۇ.
1. سېلىشتۇرما دەرىجە : تۈرك تىلدا خاسلىق سۈپەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى مۇنداق تۈزۈلگەن ، سېلىشتۇرۇلغۇچى شەيئى چىقىش كىلىش ھالىتىدە بولۇپ ، ئارقىسىدىن سۈپەت سۆزى ئەگىشىپ كېلىدۇ .
مەسلەن :
o benden büyüktür . ئۇ مېنىڭدىن چوڭ .
evimiz sizin evinizden yüksektir
بىزنىڭ ئۆيىمىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن ئېگىز .
بۇ جۈملىگە دىققەت قىلىساق ، بىرىنجى جۈمىلىدە سېلىشتۇرۇلغۇچى شەيئى ئادەم ،مەن ، den قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ كېلىپ چىقىش كىلىش ھالىتىدە بولغان ۋە شۇ سېلىشتۇرۇلغۇچى شەيئى سۆزىدىن كىيىن سۈپەت سۆزى قوشۇلۇپ كەلگەن . ئىككىنجى
جۈملىدىمۇ سېلىشتۇرۇلغۇچى شەيئى ئۆي سۆزىگە den قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ كېلىپ چىقىش كىلىش ھالىتىدە بولغان ۋە شۇ سېلىشتۇرۇلغۇچى سۆزدىن كىيىن سۈپەت سۆزى قوشۇلۇپ كەلگەن .
2. سېلىشتۇرما دەرىجە ئوخشاشلا يەنە rak ,rek قوشۇمچىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تۈزۈلىدۇ ، ئەمما بۇ خىل تۈزۈلگەن سېلىشتۇرما سۈپەت سۆزلىرىنىڭ سان مىقدارى ئاز ، چەكلىك .
ince نېپىز incerek نېپىزراق
küçük كىچىك küçükrek كىچىكرەك
alçak پاكار alçarak پاكارراق
acı ئاچچىق acırak ئاچچىقراق
ufak ئىنچىكە ufarak ئىنچىكەرەك
3. تەڭداش دەرىجە
تەڭداش دەرىجىدە سۆز ئارقا قوشۇمچىسى kadar ئىشلىتىلىدۇ .
مەسلەن :
onun kadar genç
ئۇنىڭغا ئوخشاش ياش . (ئۇنىڭدەك ياش .)
ustura kadar keskin
ئۇستىرىغا ئوخشاش ئۆتكۈر. (ئۇستىرىدەك ئۆتكۈر )
bu su buz kadar soğuk
بۇ سۇ مۇزغا ئوخشاش سوغۇق. (بۇ سۇ مۇزدەك سوغۇق)
4. ئەڭ يۇقىرى دەرىجە
ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولسا سۈپەت سۆزىدىن ئىلگىرى en نىڭ قوشۇلۇش ياردىمىدە تۈزۈلىدۇ .
en iyi ئەڭ ياخشى
en büyük ئەڭ بۈيۈك
en güzel ئەڭ گۈزەل
en kızıl ئەڭ قىزىل
melek talebelerinden en iyisi.
5. خاسلىق سۈپەتلەرنىڭ ئەركىلەتمە ۋە كىچىكلەتمە ھالەتلىرى تۆۋەندىكى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇش ياردىمىدە تۈزۈلىدۇ .
1.
cık , cik , cuk , cük
çık , çik , çuk , çük
kolay ئاسان
kolaycık ئاسانراق
kısa قىسقا
kısacık قىسقاراق
yüksek ئىگىز
yüksecik ئىگىزرەك (ك چۈشۈپ قالغان)
dar تار
daracık تارراق (ر ۋە c ئارىسىدا سوزۇق تاۋۇش پەيدا بولغان )
2.
cak , cek , çak , çek
büyük چوڭ
büyücek چوڭراق
çabuk تىز
çabucak تىزراق
3.
cacık , cecik , çaçık , çeçik
yakın يېقىن
yakıncacık ناھايىتى يېقىن
dar تار
darcacık ناھايىتى تار
kolay ئاسان
kolaycacık ناھايىتى ئاسان
güzel گۈزەل
güzelcecik ناھايىتى گۈزەل
6. سۈپەتنىڭ ئاشۇرما ھالىتى
خاسلىق سۈپەتنىڭ ئاشۇرما ھالىتى سۈپەت سۆزىنى تەكرارلاش ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ .
تەكرارلاش ئىككى خىل بولىدۇ . 1. تولۇق تەكرارلاش 2. قىسمەن تەكرارلاش
1. ئىككىلا قىسىمى مەنە بىلدۈرىدۇ .
büyük büyük چوڭ ، (ئىنتايىن چوڭ)
uzun uzun يىراق ، ( ئىنتايىن يىراق)
soğuk soğuk سوغۇق (ئىنتايىن سوغۇق)
2. بىرىنجى قىسىمى مەنە بىلدۈرىدۇ ، ئىككىنجى قىسىمى مەنە بىلدۈرمەيدۇ .
ufak tefek ئىنچىكە
ufak ئىنچىكە ، tefek مەنە بىلدۈرمەيدۇ .
yorgun argın ھارغىن
yorgun ھارغىن ، argın مەنە بىلدۈرمەيدۇ .
eski püskü كونا
eski كونا ، püskü مەنە بىلدۈرمەيدۇ .
3. ئىككىلا قىسىمى مۇستەقىل مەنە بىلدۈرمەيدۇ .
abuk sabuk قۇرۇق ، قىممەتسىز ، بوش
abulla but ئىسىل ئەمەس ، نەپىس ئەمەس ، قوپال
قىسمە تەكرارلىنىش : سۈپەت سۆزىدىن ئىلگىرى سوزۇق تاۋۇش ياكى سوزۇق تاۋۇش ئزۈك تاۋۇشقا قوشۇلغان سۆز بار بولغان بولسا ، ئۇ سۆزلەر سۈپەتنىڭ بىرىنجى بوغۇمى بولۇپ ، ئارقىسىدىن تۆۋەندىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كېلىدۇ .
m , p ,r ,s
açık ئوچۇق ap -açık ئوپئوچۇق
uzun ئۇزۇن up -uzun ئۇپئۇزۇن ، ناھايىتى ئۇزۇن
diri ئۆتكۈر dip -diri ناھايىتى ئۆتكۈر
boŞ قۇرۇق bom - boŞ قۇپقۇرۇق
bütün مۇكەممەل ، پۈتۈن büs -bütün ئىنتايىن مۈكەممەل ، ئىنتايىن پۈتۈن
çıplak يالىڭاچ çır-çıplak ياپيالڭاچ
sağlam ساغلام sapasağlam ئىنتايىن ساغلام