2010-06-20
تەرتىپ سانلىرى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/66557902.html
1.
تەرتىپ سانلىرى
تەرتىپ سانلىرى بولسا سانلارنىڭ ئارقىسىغا nci , nci , ncu , ncü (سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئارخىرلاشقان سانلارغا )
ınci , inci , uncu , üncü ( ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سانلارغا ) قوشۇلۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
birinci بىرىنجى
birinci gün بىرىنجى كۈن
ikinci ئىككىنجى
ikinci sıra ئىككىنجى قۇر
on beŞinci ئون بەشىنجى
on beŞinci numara ئون بەشىنجى نومۇر
مىقدار سان ۋە تەرتىپ سانلىرىغا ئۈچنجى شەخىس ئىسىملىق پېئىل قوشۇمچىلىرىنى قوشقىلى بولىدۇ .
ikisi sağlam dır ئۇلارنىڭ ئىككىسى بولسا سالامەت .
yedisi hasta dır ئۇلارنىڭ يەتتىسى بولسا كىسەل .
تەرتىپ سانلىرى ئىسىملىق پېئىل قوشۇمچىلىرى بىلەن بىرگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ .
sen koçıncısın سەن قانچىنجىسى
ben onuncuyum مەن ئونىنجىسى
biz beŞinciyiz بىز بەشىنجى
تەرتىپ سانلىرىنىڭ كىلىش ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشى
yedincisine يەتتىنجىسىنى (چۈشۈم كىلىش )
onuncusunu ئونىنجىسىنى
2.
تەقسىم سانلار
تەقسىم سانلار بولسا سانلارنىڭ ئارقىسىدىن ar , er (ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سانلارغا )
Şar , Şer (سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سانلارغا ) قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
birer
onar
altıŞar
yüz yirmi beŞer
uçer yüz
beŞer yüz
yediser bin
az
azar
Çok
Çoğar
kaç
kaçar
azar azar alınız ئاز ئاز ئالماق
Çoğar Çoğar yemeniz كۆپ كۆپ يىمەسلىك
3.
كەسىر سانلار
1/2
ikide bir
1/3
üçte bir
0.05
yüzde beŞ
0.2
yüzde yirmi
100%
yüzde yüz
تۈرك تىلدا 1/2 مەنەسىدىكى سۆزلەردىن تۆۋەندىكى سۆزلەر بار بولۇپ ، buçuk , yarım , yarı
ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى
buçuk پەقەت مىقدار سانلارغىلا ئىشلىتىلىدۇ .
saat bir buçuk بىر يېرىم سائەت
iki buçuk saat sonra ئىككى يېرىم سائەت كىيىن
beŞ buçuk kilo üzüm بەش يېرىم كىلو ئۈزۈم
yarım ئىسىم بىلەن بىرلىكتە قوللىنىدۇ ، ئىسىمدىن ئىلگىرى كىلىدۇ .
yarım lira يېرىم لىرا
yarım saat sonra يېرىم سائەت كىيىن
yarım kilo يېرىم كىلو
yarım ada يېرىم ئارال
yarım karpuz يېرىم قوغۇن
yarı سۆز ياسىغۇچى ئورۇندا ئىشلىتىلىدۇ .
yarı proleter يېرىم پىرۇلتار
yarı müstemleke يېرىم مۇستەملىكە
yarı gece يېرىم كىچە
yarı yarıya ئىككى يېرىم
تۈرك تىلدىكى 1/4 مەنەسىدىكى سۆز پارس تىلدىن كىرگەن بولۇپ ، çeyrek (çeher - i yek
ئاساسلىقى ۋاقىتنى بىلدۈرىدۇ .
iki çeyrek saat sonra
ئىككى سائەت بىر چارەك كىيىن
4.
بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقىتنىڭ ئىپادىلىنىشى
بارلىق ۋاقىتقا مىقدار سان ئىشلىتىلىدۇ . saat (ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز ) ، سانلارنىڭ ئالدىدا قوللىنىلىدۇ ، بەزىدە چۈشۈپ قالىدۇ .
saat on
saat on iki
تۈرك تىلىدا ، سائەت 12:30 غا yarım ئىشلىتىلىدۇ ، قالغانلىرىغا buçuk ئىشلىتىلىدۇ .
12:30
saat yarım
01:30
saat bir buçuk
05:30
saat beŞ buçuk
پۈتۈن بولمىغان ئالدىنقى يېرىم سائەت ئىچىدىكى ۋاقىتلارنى بىلدۈرگەندە ، ئالدى بىلەن سائەت ، مىنۇت ، سىكۇنىت ، دەقىقە بويىچە ، ئاندىن geçiyor ياكى geçe قوشۇلۇپ ئوقۇلىدۇ ياكى يېزىلىدۇ . geçiyor geçe ئۆتتى دىگەن مەنىگە ئىگە .
dakika ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى مىنۇت ، يېزىلماي قالدۇرۇپ قويۇلسىمۇ بولىدۇ . بەزىدە چۈشۈپ قالىدۇ .
saat onu beŞ (dakika) geçiyor (geçe
سائەت ئوندىن بەش مىنۇت ئۆتتى .
saat dokuzu çeyrek geçiyor (geçe
سائەت توققۇزدىن بىر چارەك ئۆتتى .
پۈتۈن بولمىغان كېيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدىكى ۋاقىتنى بىلدۈرگەندە ، چۈشۈم كىلىشتىكى پۈتۈن ۋاقىتقا قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئارقىدىن var , kalıyor بار ياكى قالدى سۆزلىرىنى قوشۇپ ئىپادىلەيمىز .
saat ona yirmi dakika var(kalıyor
سائەت ئونغا يىگىرمە مىنۇت قالدى .
saat beŞe on beŞ dakika var (kalıyor
سائەت بەشكە ئون بەش مىنۇت بار .
مۇقىم بىر ۋاقىتنى بىلدۈرگەندە ,evel sonra (ئەرەبچە سۆز ) ئىشلىتىلىدۇ .
دەرس بەش سائەتتىن كىيىن ئاخىرلىشىدۇ.
seŞ saat sonra ders bitte
ئۇ ئون مىنۇت ئاۋال كەلدى .
on dakika evel geldi
5.
تۆت ئەمەل ھېسابلاشنىڭ ئىشلىتىلىشى
4+6=10
dört altı daha on eder
15-3=12
on beŞten üç çıktı on iki kaldi
3*6=18
üç kere altı on sekiz
15/3=5
on beŞte üç beŞ kere var