2010-04-14
ئىسىمنىڭ ياسىلىشى - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62138561.html
ئىسىمنىڭ ياسىلىشى
بىر قىسىم ئىسىم ۋە پېئىللارغا ئۇلانمىلارنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق يېڭى ئىسىم ياسىلىدۇ .
1. ئىسىمدىن ئىسىمنىڭ ياسىلىشى
باشقا ئىسىمدىن يېڭى ئىسىم ياسالغان ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىدىغان ئۇلانمىلار تۆۋەندىكىچە : (مۇھىملىرى)
(1) ci ,cı, cu , cü سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەردىن كىيىن ئۇلىنىپ كىلىدۇ .
çi , çı ,çu ,çü ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەردىن كىيىن ئۇلىنىدۇ .
بۇ ئۇلانمىلار قوشۇلغاندىن كىيىن ياسالغان ئىسىم كەسىپ ،قىزىقىشنى بىلدۈرىدۇ .
kömür + cü كۆمۈر + چى
tayyare +ci ئايروپىلان + چى (ئۇچقۇچى ) ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز .
balık + çı بېلىق + چى
(2) taŞ , daŞ بۇ ئۇلانما تۈرك تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنمايدۇ .
سۆزلەرگە ئۇلىنىپ دوستانە ھەمكارلىق ، كوللىكتىپ ئىشقا ئورتاق قاتنىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
vatan + daŞ ۋەتەن + داش (ئەرەبچە سۆز )
arka + daŞ ئارقا ، دۈمبە + داش = ساۋاقداش
yurt + taŞ يۇرت + داش
(3) lik , lık, luk , lük بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ئورۇن ، ھالەتمەنىسىنى بىلدۈرىدۇ .
ana + lık ئانا + لىق
genç + lik ياش + لىق
dokuz + luk توققۇز + لۇك = توققۇزىنجى نومۇر
(4) cik , cık, cuk , cük ، çik , çık, çuk , çük بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، كىچىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ .
ev + cık ئۆي + ... = كىچىك ئۆي
kapı + cık ئىشىك + ....= كىچىك ئىشىك
kuŞ + çuk قۇش + .....= كىچىك قۇش
(5) man ,men بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، كەسىپ ۋە ساھەنى مەنىسنى بىلدۈرىدۇ .
dil + men تىل + ... = تىلشۇناس
2. پېئىلدىن ئىسىمنىڭ ياسىلىشى
پېئىلدىن ئىسىم ياسالغان ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىدىغان ئۇلانمىلار
(1) ma , me بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ئىش ھەركەتنىڭ جەريانى ، نەتىجە مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ .
bas-mak باسماق ، بېسىش basma باسما
as-mak ئاسماق ، ئېسىش asma ئاسما
(2 ) y)iŞ ,(y)ıŞ , (y)uŞ , (y)üŞ ) بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ئىش ھەركەتنىڭ ھالىتى ، ئۇسۇلى ، جەريانى ، نەتىجىسنى بىلدۈرىدۇ .
gelmek كەلمەك geliŞ كىلىش (مېڭىشنىڭ ھالىتى)
gülmek كۈلمەك gülüŞ كۈلۈش (كۈلكە ئاۋازى )
doğmak تۇغماق doğuŞ تۇغۇش (تۇغۇش جەريانى)
(3) m , im , ım ,um ,üm بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ئىش ھەركەتنىڭ سان مىقدارى ، جەريانى ، نەتىجىسىنى بىلدۈرىدۇ .
yutmak يۇتماق yudum بىر يۇتۇم
görmek كۆرۈش görüm كۆرۈش قۇۋىتى
(4) k, ik, ık ,uk ,ük بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
kapamak يېپىش kapak ياپقۇچ (تۇۋاق ، بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزى دىگەندەك)
bölmek بۆلۈش bölük بۆلەك
sürmek ئۇزارتىش sürek ئۇزۇنلۇق
(5) nç , ınç , unç ,ünç بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
sevinmek خوش بولماق sevinç خوشاللىق ، خوشال
kazanmak يەڭمەك ، ئۇتماق kazanç كىرىم ، مائاش
(6 ) kaç , keç , gaç , geç
kıç ,kiç, kuç ,küç
giç , gıç , guç , güç
بۇ ئۇلانما سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ، ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
yüzmek سۇ ئۈزۈش yüzgeç سۇ ئۈزگۈچى
baŞlan باشلانماق baŞlangıç باشلىنىش (جەريانى)
kısmak قىسماق kıskaç قىسقاچ ، ئامبۇر
bilmek بىلمەك ، بىلىش bilgıç كەسىپ ئەھلى ، بىلگۈچى