2010-04-09

    تۈركچە ئۆگىنەيلى -3 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61858658.html

    1- ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى

     مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەكىلى

    1.بىرىنجى شەخىس

     بىرلىك

    ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى بىرىنجى شەخىس بىرلىك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە ım ,im , um , üm نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ ، تۈرك تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ، y قوشۇپ ئۇلىنىپ كېلىدۇ .

     مەسلەن : ben askerim.

     ben talebeyim

    . .....

    كۆپلۈك

    ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى بىرىنجى شەخىس كۆپلۈك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە ız ,iz , uz , üz نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ ، تۈرك تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ، y قوشۇپ ئۇلىنىپ كېلىدۇ

    . مەسلەن :

    ben askerim.

     biz talebeyiz .

     .....

    2. ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى

     مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەكىلى

    ئىككىنجى شەخىس

    بىرلىك

     ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى ئىككىنجى شەخىس بىرلىك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە sın ,sin , sun , sün نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.

    مەسلەن :

    sen hastasin.

    sen güzelsin. sen müdürsün .

    ........

    كۆپلۈك

     ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى ئىككىنجى شەخىس كۆپلۈك شەكىلى بولسا ، سۆزلەرگە sınız ,siniz , sunuz , sünüz

    نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ

    . مەسلەن :

     siz müdürsünüz.

    siz askersiniz .....

    1.سۆز بولسا مەنىگە ئىگە تاۋۇش ياكى تاۋۇشلارنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت

    . دۇر ، تۇر ، تۇر ، تۈر .....لار مەنىگە ئىگە ئەمەس ، شۇڭا سۆز دەپ ئاتالمايدۇ ،

     دۇر ،تۇر ، تۇر ،تۈر .......بۇلار ئىنگىلىزتىلدىكى be ...notسۆزى بىلەن ئۇيغۇرتىلدىكى بولسا ، ئىدى بولدى.....ياق ، ئەمەس دىگەندەك سۆزلەر بىلەن تەڭداش . ئىنگىلىزتىلدا بۇلارنى ئايرىم ھالدا be پېئىلى دەپ ئاتىغان ، ئۇيغۇرتىلدا بولسا ، بولدى ، ئىدى ، ياق ، ئەمەس، بار ، يوق ...دىگەندەك ئۆز ئالدىغا مەنە ئىپادىلىمەيدىغان ، لىكىن جۈملىدە پېئىللىق رولغا ئىگە سۆزلەر ئېنىق ھالدا پېئىلغا مەنسۇپ دەپ سۆز تۈرگە ئايرىلمىغان ، ئەمما مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن پېئىللىق سۆز دەپ يازدىم . ھەم مەندە ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكا كىتابى يوق ، شۇڭا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :