2010-11-01
Turkey - [Travel Turkey]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/81585246.html
turkey
تۈركىيە
تۈركىيە ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزى ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قارا دېڭىزنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان .
ئومۇمىي يەر كۆلىمى 783600 كىۋادىرات كىلومىتىر ، 97% زىمىنى ئاسىياغا جايلاشقان ، بۇ بكلىكى ئاناتولىيە دىيىلىدۇ ، 3% زىمىنى ياۋروپاغا جايلاشقان ، بۇ بۆلىكى تىراكايا دىيىلىدۇ . ئىران ،ئىراق ، ئەرمىنىيە ، گىرۇزىيە ، گىرىتسىيە .. قاتارلىق 12 دۆلەت بىلەن چىگىرالىنىدۇ . بوسپور بوغۇزى ۋە داردانىل بوغۇزى ئارلىقى مارمارا دېڭىزى دىيىلىدۇ ، بۇ قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارلىقىدىكى بىردىنبىر ئۆتۈشمە سۇ يولى .
ھازىر 67 مىليون تۈرك نوپۇسى بار . دۆلەت ئاھالىسنىڭ ئوتتۇرچە يېشى تەخمىنەن 27 ياش . شۇڭا تۈركىيە ياشلارنىڭ دۆلىتى .
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى دۇنيا بويىنچە 17 ئورۇندا ، ئىقتىسادىي تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرتىپىدە 4 ئورۇندا.
تۈركىيەدە 90% تۈركنىڭ ئانا تىلى تۈرك تىلى . 1932- يىللاردىن بۇرۇن تۈركلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تۈركىي سۆزلۈكلىرى 35-40% ئەتىراپىدا بولغان ، كىيىن ئاتا تۈركنىڭ تىل -يېزىق ئىسلاھاتىدىن كىيىن ،ھازىرغىچە بۇ نىسبەت 75-80% كە كۆتىرىلگەن . ھازىر تۈركلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تۈركىي سۆزلۈكلىرى 75-80% ئەتىراپىدا .
تۈركىيەدە 1997- يىللىق قانۇندا بالىلار يېشى 14 ياشقا توشقان ۋە 8 يىللىق مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن دىنىي تەربىيە قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان . تۈركىيەدە 116 ئۇنۋېرىسىتىت بار. داڭلىقلىرىدىن ھاجى تۆپە ئۇنۋېرسىتىتى ، ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتى ، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ، بېلكەنىت ئۇنۋېرسىتىتى ، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى ، بوغازئىچى ئۇنۋېرسىتىتى .
تۈركىيە تارىخى جوڭگودىنمۇ ئۇزاق بىر دۆلەت . تۈركىيەدە مىلادىدىن 10000 يىللار ئىلگىركى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بىر قىسىمم قۇرلۇشلار بار. تۈركلەر بوسلا 4000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەت . تۈركلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1766-يىللاردىن مىلادى 990- يىللارغىچە ، ياۋروپا ،ئاسىيا ۋە ئافىرىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 9 ئېمپىرىيە قۇرغان .
مىلادى 1000 يىللارغا كەلگەندە زور كۆپ سانلىقتىكى تۈركلەر ئىسلام دىنغا كىرگەن .
سالجۇق ئېمپىرىيەسى دەۋرىدە تۈركلەر 1071-يىللاردا ، تۈركلەر مازگىرتلارنى يېڭىپ ، ئاناتولىيەنىڭ تۈنجى مەدەنىيىتىنى بەرلىققا كەلتۈرۈشكە باشلىغان .
تۈركلەرنىڭ ئەڭ شانلىق ، پەخىرلىك دەۋرى بولسا ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيەسى دەۋرىدۇر.
13- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىرىدە ، ئوسمانىلار ، سالجۇقلار ئېمپىرىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇرسانىڭ ئەتىراپىدىكى بىر كىچىك بەگلىك ئىدى . 1281- يىللىرى ئوسمان بەي بۇ بەگلىككە ھۆكۈمران بولدى ۋە ئۈزلۈكسىز ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ ،بىرلىككە كەلتۈردى ، 1299- يىلى ئېمپىرىيە بىرلىككە كەلتۈرگەن زىمىننى ئۆز نامى بىلەن ئاتىدى . ئوسمان ئېمپىرىيەسى تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئېمپىرىيەنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئوسمانىلار 1362- يىلى بالقان دۆلىتىنى ، 1421- يىلى ھونگىرىيە ۋە ياۋروپانىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسىم زىمىنلىرىنى بويسۇندۇرغان ، 1453- يىلى 4-ئاينىڭ 29- كۈنى شەرقى رىم ئېمپىرىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، تارىختا ئۆچمەس ئىزدىن بىرنى قالدۇرغان ۋە كونىستانتىنپۇلننىڭ نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتكەن ۋە ئىستانبۇل ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان .
1512-1520- يىللاردا ئوسمان ئېمپىرىيەسى خەلىپىلىك شەرىپىەە ئېرىشكەن .
تۈركىيە 34 مەمۇرىي رايون ۋە 81 ئۆلكىەە ئايرىلغان . يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇلىنىدىغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 46%، تۈركىيە دۇنيادىكى مىۋە ،ئۆسۈملۈك ،زىرائەتلەر ئەڭ مول دۆلەت بولۇپ ، دۇنيادىكى 10000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ، مىۋە ،زىرائەتلەرنىڭ 4000 خىلدىن ئارتۇقى تۈركىيەدە ، ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىدىلا پۈتۈن ئەنگىلىيەدىكىدىن كۆپ.
34 مەمۇرىي رايون ۋە 81 ئۆلكىدىن :
EPHESUS قەدىمىي شەھرى ، Asia Minor كىچىك ئاسىيا ، ئىزمىر ئۆلكىسى ، Cappadocia كاپپادوكىيە ، شەرقىي ئانادولۇ ، Güneydogu Anadolu شەرقى جەنۇبى ئانادولۇ ، Marmara مارمارا .
مۇھىم شەھەرلەردىن :
ئىستانبۇل ، ئەنقەرە ، ئىزمىر ، ئادانا ،بۇرسا ،كونىيا ، ئانتالىيا ،غازىئانتەپ ، قەيسەرى، سىۋاس، تىرابزون ، ئەرزىنجان .