2010-05-03

    1.ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62947474.html

     

    ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس

     

    ئاپتورى: پروف.ھەربەرت ن.چاسسون

     

    تەرجىمان: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

     




    ئىنسان ، تۇيغۇ ۋە پىكىر قىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار بولغان ۋە مۇرەككەپ بولغان بىر مەخلۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا ۋە ئاڭلىرىغا خىتاپ قىلىپ ۋە روھىي بايلىقىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى قەدىرلەش، ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئىنسان رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


    بۇ ئەسەر ئىشىك باقاردىن سودا-سانائەتچىگىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر مۇكەممېل كىتاب. بۇ كىتاب ئىنسان ھاياتىغا ھارارەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ئىنسان نېمە بولسا بولسۇن ئۇ بىر جەۋھەردۇر. ھاياتتا ئەڭ ئاددى بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەممۇ ئۇ ئىشنىدىن غەلىبە قىلىپ ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانلىرىنى يارىتىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى قىلىۋاتقان ئىشتىكى پۈتۈن ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە بۇ ئىمكانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ كىتاب سىزگە ئۇ ئىمكانلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ھاياتتا يالغۇز ئالغا بېسىشنىلا ئەمەس بەلكى جەمئىيەت تەرەقىياتىنى ئالغا سۈرۈش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ كىتاب ئىشلەۋاتقان ھەرقانداق كىشىگە قانداق ئىشلەشنىلا ئۆگىتىپ قالماي بەلكى ئىش قىلغاندا ئۆز ئىشتىياقىنى بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ھەر كۈنى ئىشقا بولغان ئىشتىياقنى ئاشۇرۇش، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. ۋە بۇ ئىمكانلار يالغۇز بىر كىشى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ھەر كىشى ۋە ھەممىمىز ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. ئىش ھاياتىڭىزدا باي بولۇش ۋە كۆز ئالدىغىزدىكى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك.

    مەن بۇ كىتابنى ۋەتەن ئىچى ۋە تېشىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي ۋە ئىش تاپقان بولسىمۇ ئىشىدىن رازى بولماي يۈرگېن قېرىنداشلىرىمغا ۋە ئوقۇمىغان بىرەر ھۈنېر ئۆگىنىپ ئىش تېپىشنىڭ يولىدا بېشى قېتىپ يۈرگېن ياكى تىجارەتتە ئالغا باسالماي تۈرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن تەمتىرەپ يۈرگەن ئاشۇ بىباھا مىللىتىمگە ئاز بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دەپ، شۇنىڭدەك بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەرقانداق ئىشنى دادىللىق ، جاسارەتلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە قورقماي ئېلىپ، ئىش ھاياتىدىكى بىرىنچى قەدەمنى بېسىپ ، كەلگۈسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ بۇ « ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس » دېگەن كىتابنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىپ ، مىللىتىمگە ھۆرمەت بىلەن تەقدىم قىلدىم.


    ھۆرمەت بىلەن :

    ھەبىبۇللا ئابلىمىت ( گېرمانىيە)



    1. ئىشلىرىڭىزدا پەللىنى نىشانلاڭ


    قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى پۈتۈن يوللىرى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىڭ.

    ئەقلىڭىز ۋە مەنتىقىڭىزدە ئۇ ئىش ھەققىدە بىلمەيدىغان ھېچقانداق بىر نۇقتا قالمىسۇن.
    ئىشىڭىز بىلەن دوست بولۇڭ، چۈنكى بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
    ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز. ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ئاز ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك كۆپ ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.

    قىلىۋاتقان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    قىلىۋاتقان ئىشىڭىز تىرىشقا تەييارلانغان باغقا ئوخشايدۇ. باغنىڭ ئىشلىرىنى جان كۆيدۈرۈپ قىلسىڭىز مول ھوسۇل ئالىسىز، بولمىسا قۇرۇق قول قالىسىز. ئەلۋەتتە باغلارمۇ بىربىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئەسلىدىلا بىربىرىگە ئوخشىمىغان باغلاردا ئىشلىگەنلەر باغۋەنلەردۇر. شۇنداق بىر باغۋەنلەر باركى ئۈنۈمسىز تۇپراقلاردىنمۇ مول ھوسۇل ئالالايدىغان. بۇلار پەقەت قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق، مول دارامەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يەنە بەزىبىر باغۋەنلەر باركى، شۇنداق ئۈنۈملۈك تۇپراقلاردىنمۇ ھېچ بىر دارامەتكە ئېرىشەلمېي، بۇ جانىجان تۇپراقلارنى باشقىلارغا سېتىۋېتىشكې مەجبۇر بولىدۇ.

    زاۋۇتلاردا ۋە ماگازىنلاردا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشاشلا ئىشلارنى قىزىقىش بىلەن قىلماي، يېرىم-يارتا قالدۇرۇپ قويغانلىقتىندۇر.

    ئىش قىلغاندا ئەستاقيىدىللىق شەرتتۇر .

    باشتىلا كۆڭۈلشىمەستىن قىلىنغان ئىشلاردا پايدا يوق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىشنى باشلاش بىلەنلا ئۇ ئىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر نەرسىنى دەپتەرگە خاتىرىلەپ مېڭىڭ.

    قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى پۈتۈن يوللىرى بىلەن تەھلىل قىلىڭ.

    ئەقلىڭىز ۋە مەنتىقىڭىزدە ئۇ ئىش توغرىلىق بىلمەيدىغان ھېچقانداق بىر نۇقتا قالمىسۇن.
    ئىشىڭىز بىلەن دوست بولۇڭ، چۈنكى بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئەكسىچە بولغاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز.

    بىر ئىش ئۈچۈن قانچىلىك ئاز ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك كۆپ ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كېلتۈرۈڭ. غايىڭىزنى كۆپ ئەجىر قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
    باشقا-باشقا ئىشلار بىلەن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغان بولسىڭىز، بۇمۇ بىر ئىش قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىڭ.

    ئۆتكەندە ماڭا بىر ياش خەت ئارقىلىق بۇ سوئالنى سورىدى: «بۇ 10 يىل ئىچىدە ، 27 قېتىم ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ باققىنىمغا قاراپ، ماڭا ھازىر قانداق بىر ئىشنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىسىز؟»

    مېنىڭ بەرگەن جاۋابىم بەكمۇ ئاددى ۋە شۇ ئىدى:«ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان ئىشىڭىزغا مەھكەم ئېسىلىپ، ئۇنى پىششىق ئۆگىنىشكە باشلاڭ......»

    بۇ ياش، ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ، قىلغان ئىشىدا مەقسىدى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە 27 ئىش بەرگۈچى ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشتىن باشقا بىر نەرسىنى قىلىپ بېرەلمىگەن.

    قىلىۋاتقان ئىشلاردا، قانچىلىك ئاز ئىشلەپ، مائاشىمنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ئويلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا، ياخشى ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىشنى ئاقساتماستىن، ھالال تەرىڭىز بىلەن ھەققىڭىزنى ئېلىڭ.

    بىرمۇنچە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى : ئىشلاردا تەرتىپلىك بىر تەشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنىڭ بولمىغانلىقى، ئىشچىلارنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشى توغرىسىدا بىلىملىرىنىڭ يوقلۇقىدىندۇر.

    يېڭى ئىشچىلار ئىش باشلىغاندا، تەرتىپلىك ھالدا تەربىيەلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك؛ بولمىسا ئۇلار يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە تىرىشماستىن، كونا ئىشچىلارنى بەزى ناچار ئىللەتلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا زور تەسىر يەركۈزىدۇ. بۇنداق بىر مەۋقەدە بولۇش ئىنساپسىزلىقتۇر. ھەر ھىل سەۋەبلەر بىلەن ئىشنى ھەر كۈنى بىر سائەت كەينىگە سۈرگەن ئىشچىنىڭ ئايلىقىدىن 12٪ تۇتۇپ قېلىش، ئومۇمىي مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

    ئىشىڭىزنى قىلىۋاتقاندا ئۇنى كىچىك ئىش دەپ بىلگەندىن كۆرە، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى چوڭ دەپ بىلىپ ئىشلېڭ. ئەڭ ياخشىسى، ھەتتا كىچىك بىر ئىشنى ئەستايىدىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاڭ.

    دۇنيانىڭ ئەڭ باي ۋە نامى بار كارخانىچىلىرىدىن بىرى، بىر پولات زاۋۇتىدا ئاز مائاشقا رازى بولۇپ سوپۇرلۇق قىلغان ئىكېن. ئەڭ ئاخىرىدا، چوققىنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ زاۋۇتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.

    قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئىشقا كىرىشىشنىڭ ئۆزى، بىرىنچى قەدەمنى ئالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا يۇقىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىمىسىڭىز، بۇنىڭ پۈتۈن جاۋابكارلىقى ئۆزىڭىزدە بولىدۇ.

    قىلغان ئىشىڭىز نېمە بولسا بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر نەتىجە مۇتلەق بولىدۇ.
    بۇ توغرىلىق بىرقانچە مىسال بېرەي:

    ئىشنى ياخشى قىلىدىغان بىر خىزمەتچى، خىزمەت قىلىۋاتقان ئورنىدا باشلىقىنىڭ ئىشلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاپ، مائاش ئاشىدۇ.

    ئىشنى ياخشى قىلىدىغان كۆزەتچى، ئىشلەيدىغان ئىدارىسىدە كۈلۈمسىرەيدىغان يۈزى، چىقىشقاقلىقى بىلەن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر قىلسا، ئۇتۇقلىرى بىلەن ئىشلەيدىغان يېرىدە ھەسسىدارلاردىن بولۇشى مۇمكىن.

    ئىشىنى پاكىزە ۋە ئەستايىدىل قىلىدىغان بىر ئەينەك سۈرتكۈچى ئۈچۈنمۇ تېپىلمايدىغان پۇرسەتلەر باردۇر.
    ئىشنى ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن قىلىدىغان لېفىت ئىشچىسى، يۇقىرى -تۆۋەن چىقىپ-چۈشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزى ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

    ئىشىنى نەتىجىلىك قىلىدىغان بىر ماگازىندىكى مالساتقۇچى، خېرىدارلارنى رازى قىلىش ئارقىلىق بىرمۇنچە ئىمكانىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

    ئىشىنى ئەپچىللىك بىلەن قىلىدىغان كۈتكۈچى، خېرىدارلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئالدىغا بىرەر رېستۇران ئېچىشى مۇمكىن.

    يولۇچىلارنى ۋە سەپەر قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان شوپۇر، ئەخلاقى، دىققەت ۋە مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن شۆھرەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن.

    نامىمىزنى ئەڭ ياخشى چىقىرىدىغان ئۆزىمىزدۇر. چۈنكى قابىلىيەت، ھۈنەر ۋە تەربىيەنىڭ چېكى يوقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن قىلىمىز.

    ئەگەر سىز بىر ئىشتا يۈزدە 50 نىسبەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانسىڭىز، يۈزدە 50 لىك بىر ئادەم ھېسابلىنىسىز. ئىناۋىتىڭىز ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بۇنى پەقەت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
    ئىشلىگەن يېرىڭىزدىن چىقىپ كەتمەسلىك پەقەت سىزنىڭ قولىڭىزدا. بۇنى ۋەزىپىڭىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئورۇنداش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.

    2. يالغۇز ئىشىڭىزنى قىلىپلا قانائەتلىنىپ قالماڭ


    يۇقىرى پەللىگە چىققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى يېڭى بىر ئىشنى قىلغانلاردۇر.
    قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىن قانداق قىلىمەن؟ ئىشىڭىزدا يۈزدە يۈز غەلىبە قازىنىدىغانلىقىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئېيتالايدىغان بولۇشتىن باشقا سىز ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىش يوقمۇ؟


    جەزمەن بار. سىز قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى خاتالىقسىز قىلالىسىڭىز، قىلغان ئىشىڭىز نەتىجىلىك بولغان بولسا ۋە ئېلىۋاتقان مائاشىڭىزدىن رازى بولغان بولسىڭىز بۇنىڭ ئۆزى سىزگە يېتەرلىك بولغان بولىدۇ. پەقەت مەن بۇ ئەسىرىمنى پەللىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، قىزغىن كىشىلەر ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن ۋە بۇ ئەسىرىمنى بىرەر ئورگان ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سىزدەك ئەمگەكچان كىشىلەر ئۈچۈن يازغانلىقىمدىن، ئورگان ۋە ئىدارە قىلغۇچىلارنى رازى قىلىدىغان ئۇقۇملارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلەپ قوياي.

    ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بۇلاردۇر:
    قانداق قىلسام يۇقىرىغا چىقالايمەن؟
    ياخشى بىر خىزمەتنى قىلىپ ، بۇ خىزمەتتە قانداق قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلەيمەن؟
    ياكى قىلىۋاتقان ئىشىمدا قانداق قىلىپ كۆپ پۇل تاپالايمەن؟

    چوڭ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ بىر قىسمى، ئىش ئورۇنلىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىقتىن ئۆزىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق جارىي قىلدۇرالماي، ئىش قىلىش قىزغىنلىقى يوققا چىقىپ، ئۆزلىرىنى چوڭ ماشىنىلارنىڭ كىچىك بىر پارچىسىدەك ھېس قىلىدۇ.


    بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش، بۇ خەتەرلىك ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇش.

    ئىش ئورنىدا، كارخانىچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىدىن بىرى، ئۇ زاۋۇتنىڭ نامىدا شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا بىر قوشۇمچە ئىشلارنى قىلىپ، خوجايىندىن ھەق تەلەپ قىلماي ياردەم قىلىش كېرەك. بۇ قىلغان ئىشلىرىڭىز باشلىقلىرىڭىزدا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغايدۇ ۋە سىزگە ئالاھىدە بىر ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

    ئىش ئورنىڭىزنىڭ مۇدىرى خوجايىنغا: «ئىش ئورنىمىزدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلاردىن بىرى بۇ ئاخشام، 5 مىنۇتلۇق بوش ۋاقتىنى ئاجرىتىپ يېڭى كەلگەن سەبدىشىغا، ماشىنىنى قانداق تازىلاشنى ئۆگۈتىۋاتىدۇ، بۇ ياشقا ئازراق كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى چۈنكى ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بالىدەك قىلىدۇ» دېيىشى مۇمكىن.

    خوجايىنلار، ئىشچىلارنى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۈچۈن ئاچقان يىغىنلاردا، بۇ ۋەزىپىگە كىمنى تەيىنلېش توغرىسىدا، مۇۋاپىق ئادەم تاپالماي كۆپ ۋاقىت ئاجراتقانلىقىنى ئۇچراتقان ئىدىم.

    ئەجەبا قايسىنى بۇ ۋەزىپىگە قوياي؟ دېگەن سوئال دائىم جاۋابسىز قالاتتى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ سىرتىن ئالغان خىزمەتچىلەر بەزىدە ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى.

    ئېنىقكى، چوڭ بىر ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كۆپى قىلىۋاتقان ئىشىغا بولغان قىزىقماسلىق سەۋەبلىرى ئاساسەن بىر-بىرلىرىگە ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئازراق پەرقلىنىدىغان بىر ئىشتا ھۈنىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇ ئىشنى قىلىشقا جاسارەت قىلالمايدۇ. ھەتتا شۇنداق چوڭ ماشىنىلار ئىچىدە ، ئاشۇ ماشىنىلارنىڭ بىر ۋېنتىسىدەك غايىپ بولۇپ كېتىدۇ.

    شۈبھىسىزكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھالىدىن رازى بومايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمەتكە ئېرەڭسىمەيدۇ.
    كۆزلىرى تامغا ئېسىغلىق تۇرغان سائەتتە، قۇلاقلىرىنى ئىشتىن چۈشۈشكە چېلىنىلدىغان قوڭغۇراققا دىڭ تۇتۇپ تۇرغان بۇ ئىشچىلار، قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەنلا قوتاندىن قاچقان كالىدەك سىرتقا يۈگرەيدۇ.

    ياخشى باشقۇرۇلغان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ياخشى بېرىدىغان بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار ئىشتىن چۈشكەندە بۇ خىل قىلىقلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.

    مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدا ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ ئىش ۋاقتى سائەت 17.00 توشىدۇ، لېكىن تۇتۇش قىلغان ئىشىنى قىلىپ بولماي تۇرۇپ قايتمايدۇ، ئىشلار ئالدىراش بولغان كۈنلىرى 1-2 سائەت ئارتۇق ئىشلىۋېتىدۇ ۋە مەنمۇ تېلېفون ئارقىلىق «ئىشلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپلا كېتىپ قالماڭلار » دەپ ئۇقتۇرۇپ قويىمەن.

    بۇ قىزلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا سەمىمىي بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، يامغۇرلۇق كۈنلىرى ۋە ئالدىراش ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۆيلىرىگە راھەت قايتىشى ئۈچۈن يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت بۇرۇن قايتىپ كېتىشىگە رۇخسېت قىلىمەن ۋە ئۆزۈم ياردەملىشىمەن.

    بۇ ھەم كارخانا ئۈچۈن ھەم ئىشچىلار ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئۇسۇل. بۇنداق قىلىش مېنىڭ بۇرچۇمدۇر، چۈنكى ئومۇمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن، ئىش ئورنىمىزدىكى ئىشچىلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ناھايىتى مۇھىمدۇر. قاتتىق قوللارچە باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۈپتىن خاتا.

    ئىش ھاياتىمدىكى چاغلاردا، ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى ئىسلاھاتچى بولۇشۇمدۇر، يېڭى-يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدۇر.
    ئەڭ ئېسىل كارخانىچى يېڭى-يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالغانلار. نىشانىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ غەلىبىسى بىر يېڭى شەيئىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىدە، يالغۇز ئىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق لازىم. يېڭى بىر ئىشنى قىلالىدىڭمۇ ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشىدە.

    پەقەت ئەڭ مۇھىم بولغان نۇقتا ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىشىدا. بۇ ئىشنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋېلىش ئەمەس ، بەلكى قىزغىنلىق بىلەن قىلىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە.

    بىر ئىشچىنىڭ پەقەتلا ئۇنۇتمايدىغان نۇقتىسى شۇكى : كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئىشلىسېممۇ بۇ يەنە ئۆزۈم ئۈچۈندۇر دېيەلىشىدە. مۇشۇ نۇقتىدىن قىلىۋاتقان ئىشنى قانچىلىك ياخشى قىلالىسا شۇنچىلىك ياخشى قىلىشى كېرەك.
    ھەر ئىشچىنىڭ ۋەزىپىسى، ئىش ئورنىدا ماشىنىغا ئوخشاش ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى پىكىر قىلىش ھەققىنىمۇ قوغداش كېرەك.
    ئەڭ ئاددىي بىر ئىشتا ئىشلىگەن كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر ئىشنى ئويلىغۇچىلىگى بار بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك.
    دىققېت قىلىش، ئويلىنىش ۋە پىكىر بېرىشىمىز كېرەك. بۇلار ئىدارىمىزدىن بەكرەك ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

    ئېڭ داڭلىق كارخانىچىلار ھاياتىدا ئاددىي بىر ئىشچى بولۇپ، پەقەت ۋەزىپىسىدىن سىرت باشقا بىر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىن بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
    بۈگۈنكى كۈندە دەسمايىسى مىليارتلار بولغان چوڭ سىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى، ھاياتىدا كىچىك بىرەر كاتىپ بولۇپ ئىش ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

    بۇلاردىن مىسالغا بىرى: "ئاندرەۋ چارنەگى" بۇرۇن تۆمۈريول تېلېگراپ ئىدارىسىنىڭ تېلېگراف خادىمى ئىدى. بىر ئەتىگىنى تۆمۈريولدا ۋەقە يۈز بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولمىسىمۇ، بۇيرۇقلارنى بېرىپ، قازاغا ئۇچرىغان پويىزنى ئىتتېرگۈزۈپ، يولنى ئېچىپ تۆمۈر يولنىڭ نورمال قاتنىشىغا كاپالېتلىك قىپتۇ. بۇ نەمۇنىچىلىق ھەرىكەتلىرى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە تۆمۈريول باشلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كاتتا بىر باي بولۇپ قېلىشنىڭ ھۇلىنى شۇ چاغدا تىكلىگەن ئىكەن.
    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئىش قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەسكەرلەرگە ئوخشاش باشتىن-ئاخىر ئىنتىزامغا ۋە بۇيرۇققا بوي سۇنۇشىمىز كېرەك.
    ئىشچىلىق ھاياتىمىزدا، ئىشلەۋاتقان باشقا ئىشچىلارنىڭ پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئىمكانلىرىمىز بار.
    ئىنسانلار تەلەينىڭ ياردىمى بىلەن يۇقىرىغا چىقالمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن تەلەيگە كۆپ ئىشىنىپ كېتىش خاتا. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنى ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زىيىنى كۆپ بولىدۇ.
    كىچىك چاغلىرىمدا، يولدىن يېرىم دوللار تېپىۋالغان ئىدىم، كېيىن نەچچە كۈن ھەتتا ھەپتىگىچە ئوخشاش يولدىن مېڭىپ دوللار ئىزدىگەن ئىدىم، ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاجراتقان ۋاقتىمنى ئىشلەتكەن بولسام ئۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپار ئىدىم.

    ھەر ئىنسان تايىنىدىغان ئەڭ چوڭ كۈچ، ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر.
    مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئادەم ، ئىشنىڭ ئۆزىنى ئالدىغا سېلىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى يالغۇز ئىشىڭىزنى قىلىپلا قانائەتلىنىپ قالماڭ.

    3. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك


    ھەر ئىنسان ئۆز خىزمىتىنى ، مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشىنى، كۆز بويامچىلىق بىلەن قىلماي بەلكى ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق ئۆگىنىشى كېرەك. ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر مانا بۇلار. غەيۋەت، قۇرۇق گەپ ۋە ياكى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.

    بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈچۈن ، ئۆز كەسپىنىڭ ئەھلى بولۇشى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتىنمۇ مۇھىم ئىش بولمىسا كېرەك. بۇنىڭغا قارشى كېلىدىغان بىرەر قانۇن-پرىنسىپ يوق. شۇڭا ئىنسان ئۆگىنەلەيدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆگىنىش بىلەن مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولىدۇ.

    ھەممىمىز ئۆگىنىش ئىقتىدارىمىزنى، ھاياتىمىزدىكى قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدا تولۇق جارىي قىلدۇرمىغانلىقىمىزنى ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرالماسلىقتا، بەلگىلىك ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەنلىكىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى ئەمەلىي بىلىم ئېلىش مەكتەپ ھاياتىمىزدىن كېيىن باشلىنىدۇ.
    مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئا دىن ز غا قەدەر ھەممىسىنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن دېگەنلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭ، چۈنكى مۇنداق سۆزلىگەنلەر ماڭغان يوللىرىنى بىرقانچە قەدەم مېڭىپلا بولدى قىلىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى قىلغان ئىشلىرىنى بېشىدىن ئاخىرىغىچە بىلىدىغان ئىنسانلار بارماق بىلەن سانىغۇچىلىك. چۈنكى ئىنسانلار بىر نەرسىنى قانچە ئۆگەنگەنسېرى، بىلمەيدىغان نەرسىلىرىنىڭ شۇنچې كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

    بۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئىنسان بىر ئىشتا بىر قەدەم باسقاندىن كېيىن ھاكاۋۇرلىشىدۇ ۋە ھەر ئىشنى ئۆزۈم بىلىمەن دەپ ھېس قىلىپ، ئىككىنچى قەدەمنى باسقاندا، پۇتلىرىنى نەگە قويۇشنى بىلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىدىن بىلمەيدىغانلىرىنىڭ شۇنچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

    ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلىرىمىزنى كىتابلاردىن ۋە تەجرىبىسى مول كىشىلەردىن ئۆگىنىمىز. بىلىمىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانلار دائىم: «بۇنى قەيەردىن ئۆگەندىڭىز؟ » دەپ سورايدۇ.

    ئىنسانلارنىڭ مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشلىرىغا قىزىقماسلىقى، كۆڭۈلشىمەسلىكى ناھايىتى غەلىتە ئەھۋال. بۇ خىل ئەھۋال ساتقۇچىلارنىڭ سېتىۋاتقان ماللىرىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر ئۇقۇمغا ئىگە بولمىغىنىدەك، بۇ تىپتىكى كىشىلەر ئۆزى ئىشلەۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆگىنىشكىمۇ ھەۋەس قىلمايدۇ.

    ماگازىنلاردا ئىشلەۋاتقان ساتقۇچىلارنىڭ كۆپى، سېتىۋاتقان ماللىرىنىڭ پەقەت باھاسىنىلا يادلىۋالغان، ئۇ مال توغرىسىدا ھېچۋانداق بىر ئۇچۇر بىرەلمەي سودىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بۇلارنى ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز ماگازىنغا بېرىپ ساتقۇچى خادىمدىن: بۇ ئىككى چاپاننىڭ قانداق پەرقى بار؟ دەپ سورىسىڭىز، ئېرىشىدىغان جاۋابىڭىز، بۇنىڭ باھاسى 50 دوللار، بۇنىڭ 60 دوللار ئارىسىدا 10 دوللار پېرق بار دېپ جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ساتقۇچىنىڭ بۇ چاپان توغرىلىق بىلىدىغىنى شۇنچىلىك.
    باھاسىنىغۇ بىلدۇق، بۇنىڭ قايسى ياخشى دەپ سورىسىڭىز، سىزگە بىر مالنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 10 سەۋەبتىن ئاران بىرىنى تەسلىكتە دەپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ ساتقۇچىنى خىجىل قىلىشتىن باشقا بىر ئىش قالمايدۇ.

    ساتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى، باھانى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا قويۇشتۇر، چۈنكى باھاسىنى دەرھال دەيدىغان مال ئەڭ ئەرزان بولغان مالدۇر، يەنى باھاسىدىن باشقا بىر خېرىدارلارنى جەلپ قىلغۇدەك يېرى يوق.

    سۈپەتلىك مالنى ساتقاندا ئالدى بىلەن مالنىڭ ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ، خېرىدارمۇ بۇ مالنى ماختىغاندىن كېيىن، ئاندىن باھاسىنى ئېيتىش كېرەك. خېرىدارلارغا مالنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرقانچە سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلىمەيدىغانغا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.

    مەشھۇر سودا سانائەتچى م.سەلفرىدى:«سودا سارىيىمدا 250 مىڭ تۈرلۈك مال بار، بۇلارنىڭ ھەر تۈرى بىر ئادەمنى رىسقى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشېندۈرۈپ ئۆتكەن.

    دۇنيانىڭ ئەڭ باي سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان جوھن ۋاناماكەر قول ئاستىدىكى 80 سۆبە سىركىتىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىردىن كىتاب ھازىرلاپ، شىركەت خادىملىرىنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ بىلىشىنى سەرت قىلىپ، بۇ 17000 ئىشچى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنىدى.

    زىيارەت قىلغان سودا يەرمەنكىلىرىدە، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ساتقۇچىلارنىڭ بۇ يەرمەنكىلەرنى ئالاھىدە جانلاندۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى بۇ يەردە خېرىدارلار سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ناھايىتى ياخشى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالىغانلىقىدىن رازى بولۇشىدۇ.

    ئاپتوموبىل كۆرگەزمىلىرىدە، ئۆزى كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى كۆرىسىز، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ۋە ئەقىللىقلىقىدىن ھەيران قالىسىز. چۈنكى سىزگە، ئاپتوموبىل بىلىملىرى توغرىسىدا يېڭى-يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.

    سودا سارايلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ تۈرلىرىنى بىلىدىغان ۋە بۇ بىلىملىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ساتقۇچىلارنى كۆرىمىز.

    مىسال، ئادەم ۋۇجۇدۇنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاناتومىيە ئوقۇغان بىر ماشىنىچى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىپ چۈشەندۈرۈپ قويسا ياكى سېتىۋاتقان كىتابلىرىنىڭ نېمىنىلەرنى تەسۋىرلەپ يېزىلغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە بۇ كىتابلارنى قانداق تۈرلەرگە ئايرىشنى بىلىدىغان كىتابچى سىزنى ھەيران قالدۇرۇپ قويار. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئاز ۋە ئاسان يېتىشمەيدۇ.

    ئىنسانلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىگە ھېچقانداق بىر سەۋەب يوقتۇر.

    بىر ئىدارىنىڭ كاتىپى خاتىرە دەپتەر تۇتۇش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئادەت. ئەگەر كاتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ياخشى ئۆگەنمىسە تاغنىڭ باغرىدا قالىدۇ، تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

    بىر شاقچى قانۇنلاردىن خەۋەرسىز بولسا، بۇ ساقچى بۇ قانۇنلارنى ئۆگەنمەسلىككە نېمە سەۋەبچى؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا ساقچى يېرىم كىلومېتىر ئۇياقتىكى كوچىنىمۇ تونۇماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ساقچى خادىملار دائىم تىرىشىشى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ تۇرقىغا قاراپلا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋالىدىغان بولۇشى لازىم.

    نەشرىياتچى دائىم قەغەز بىلەن ھەپىلىشىدۇ، مەتبۇئاتچىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەدەبىيات-سەنئەتنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدىغان بىر كەسىپ. بۇ كەسىپ شۇنداق تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بەزى نەشرىياتچىلار ھېرىپ كاتولىگىنى ئېچىشتىنمۇ ئېرىنىدۇ.

    ئۇستا بولغان بىر ئادەم بۇيرۇق بېرىشنى، ماشىنىلارنى تەكشۈرۈشنى بىلسە كۇپايە قىلمايدۇ ، ئىشچىلارنى باشقۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. بۇلارنى ئۆگەنمەسلىككە نېمە سەۋەب بار؟ ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇندىماق مەھسۇلاتنى ئاشۇرىدۇ.


    ئەگەر ئەقىلنى ئىشلىتىپ قولىدىكى شارائىتلاردىن پايدىلانسا ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە پايدا يەتكۈزىدۇ.

    ئاشپەز ئۇستا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىكلەردىن يېڭى بىر لەززەتكە ئىگە تائاملارنى پىشۇرۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاشپەزلەرنىڭ كۆپى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆگىنىشكە پەقەتلا قىزىقمايدۇ. ئەگەر ئۆگەنگەن بولسا بۇنىڭغا نېمە كېتەتتى؟ بۇلارنى ئۆگىنىشكە تىرىشقان بولسا ئىدى، پىشۇرغان تاماقلىرى ھەم لەزەتلىك ھەم قۇۋۋەتلىك ھەمدە كۆركەم بولاتتى.

    بىر دوپپىچى قىز رەڭلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقنى بىلگەن بولسا، خېرىدارلارغا ئەڭ يېقىن ياردەمدە بولۇپ، تىجارىتى يۈكسەلگەن بولار ئىدى. قىسقىسى ھەر ئىشتا ماھارەتنى ئاشۇرۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرىدىغان بىرمۇنچە ئىمكانىيەتلەر مەۋجۇت. ئەگەر جىددى ۋە سەمىمىي بولۇپ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ ياخشى پايدىلانسىڭىز تىجارىتىڭىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ھەقىقى يولىنى تاپتىڭىز دېگەن گەپ.


    مىسال : توقۇمىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىكدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە تەركىبى ئوخشىمايدىغان سان-ساناقسىز يىپ تۈرلىرى بار. بىر كىشىنىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش ئىمكانى يوق، شۇڭا بۇ ساھەنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىستىقبالى بار. ھەتتا بۇ ساھەدە كۆپلىگەن نەرسىلەر تېخىچە كەشپ قىلىنمىغان.

    خۇرۇم ئىشلەش ھۈنەرۋەنچىلىكىدە، كىشىلەرنىڭ كۆپى پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ ئىشقا بېغىشلىغان ۋە بۇ توغرىلىق ئوتتۇراھال بىلىملەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلەلمىگەن.

    ياغاچچىلىقتا، خېمىكلار يۇمشاق ياغاچلارنى قاتتىقلاش ئۈچۈن ئىجات قىلغان يېڭى مېتوتلارنى بۇرۇنقى كىشىلەر خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمىگەن بولغىيتتى. شۇنداقلار يېڭى ئىجادىيەتلەردە ياغاچلاردىن قەغەز ۋە سۈنئىي يىپەك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئەمەلىي يولىنى بىلىپ بولدى.

    دېھقانچىلىقتا خىمىيىۋى ئوغۇتلاردىن پايدىلىنىپ يەرلەردىن ئالىدىغان يىللىق ھوسۇلنى ئىككى-ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولدى. شۇڭا بۇ ئىشلاردا چارچاپ قاتتىق ئەمگەك قىلغاندىن كۆپرەك كاللىنى ئىشلىتىپ ئىلىم-پەنگە تايانغان ياخشى.

    ھەر كەسپكە، ھەر ھۈنەرگە ئىلىم-پەننى تەدبىقلاش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى پەن - تېخنىكا تەتقىقاتچىسى، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك. بۇنىڭغا ئوقۇشلا شەرت ئەمەس، تېخنىكا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ھەرقانداق بىر كىشىدۇر. تۇپراقتىكى قۇرۇتلار بىلەن 16 يىل ھەپىلەشكەن دارۋىن بۇلار توغرىسىدا كىتاپلار يازغانىدى.

    ھەممىمىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا ئىشتىياق باغلاپ، كەڭ دائىرىلىك بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئاخىرقى پەللىگە يېتىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتى، مەنپەئىتىمىز ۋە يۇقىرىغا ئۆرلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا ھەقىقىي ئىشتىياق باغلاپ ، بىزدىن سورالغان سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىدىغان بولغىچە بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇپ مېڭىشىمىز كېرەك. بۇلار مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ئادەت.


    4. ئىش ئورنىڭىزدىكىلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىڭ

    ئىش ئورنىڭىزدا ئەڭ ياخشى كىشى كىم ؟ دەپ باھالاش بولۇپ قالسا سىز قانچە ئاۋازغا ئېرىشەسىز؟ ئەڭ كۆپ ئاۋاز ئالغان 3 كىشى ئىچىگە كىرەلەسىزمۇ؟ بىر ئىنساننىڭ ھاياتتىكى غەلىبىسى، جىنازىسىغا چىققان كىشىلەرنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ دېگەن سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان.

    ھەر كۈنى 8 سائەتنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئىش ئورنىڭىزدىكىلەرنى تونۇماي قېلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىسىز. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشىڭىز، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرسىتىشىڭىز لازىم.

    ئىش ئورنىڭىزدىكىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگەننى قىلىڭ. بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ھاياتتا مەۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكى نېمىدىن؟ ئىش ئورۇندىكى خىزمەتداشلىرىنى ئۆزىدىن سوۋۇتقانلىقى ۋە دۈشمەنلىشىپ قالغانلىقىدىن.

    ئىش ھاياتىڭىزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا سىزگە يېقىنچىلىق قىلمىغان خىزمەتداشلىرىڭىزغا قاراپ ئىچىڭىز تىت-تىت بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ناھايىتى غېرىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىسىز. كېيىن ئۇلارغا ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، كىشىلەر بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىسىز.

    مەن تۆت يىل خىزمەت قىلغان گېزىتخانىدا پەقەت بىرلا دوست تۇتالىغانتىم. بۇنىڭدىن مەن ئىدارەمدىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ناھايىتى غېرىپ بىر كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. يەنە بىر نەرسە ھەقىقەتكى، مېنىڭ ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گېرىپ ئىكەنلىكىم، ئۆزۈمنى ئۇلارغا ياخشى كۆرگۈزەلمىگەنلىكىم ئىدى، مەن ئۆزۈمنى سۆيۈندۈرۈشكە سازاۋەر قىلغان بولسام بولاتتى.

    ياشلىقىمدا، مۇستەقىل ۋە يالغۇز ياشاش مېنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىم ئىدى. پەقەت بېشىمدىن تەجرىبىلەر ئۆتكەندىن كېيىن، يالغۇز ياشاشقا بىر چەك قويۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئۆگەندىم. چۈنكى، ئىنسان پەقەت يالغۇزلۇق بىلەنلا ئالغا باسالمايتتى.

    ئىنسان باشقىلار بىلەن دوست بولۇپ، بىرلىكتە ياشىيالمايدىغان بولغانغا قەدەر، يالغۇزلۇقنىڭ پىشىۋاسى بولالمايدۇ. ئەگەر روبەنسون چرۇسوئە («دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو» دېگەن روماندىكى باش قەھرىمان، بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار – تەھرىر ئىزاھى) دەك بولماقچى بولسىڭىز، يا چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى دېڭىز ئارىلىدا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ يالغۇز ياشاش مۇمكىن ئەمەس.

    بەزى ئىنسانلار، شۇنداق كۆپ ئىشچىلار بار زاۋۇتلاردا يالغۇز ئۆزىلا باردەك يۈرۈيدۇ. تونۇمايدىغان بىرى يېنىغا يېقىنلاشسا ئورنىدىن دەرھال قوپۇپ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇنداق ئىنسانلار ئىش ئورنىدا ھېچقانداق بىر دوست تۇتالمايدۇ.
    بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي خاتا. ئىنسانلار بىر-بىرى ئۈچۈن يارالغان. ئات، ئىتتەك ھايۋانلار بىلەن دوست بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. دوستسىز كىشىلەر تەنقىد قىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلىرىمىز.چۈنكى ئۇلار قورۇنۇپ يۈرۈيدۇ. تارتىنچاقلىق، قورۇنۇش ناھايىتى ناچار بىر ئەيىپ بولغاچقا ئۇنى تىزگىنلەش لازىم.

    ئەمەلىيەتتە قورۇنۇپ ياشايدىغان كىشى، خىزمەت ھاياتىدا ئالغا باسالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قورۇنۇش كەمتەرلىكتەك بىر ئارتۇقچىلىق ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەتلا ئىنسان ئۈچۈن ئازابتۇر. قورۇنۇپ سۆزلەيدىغان يەردە سۆزلىمەسلىك بىر ئىشنى قىلالمىغانلىقتىن ئىبارەت.

    قورۇنۇش ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار كەينىگە چېكىنىدۇ. بۇ قۇسۇر بولسا زىمىستاندىكى قار ئۇچقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىدىن تىل توڭلايدۇ، ئىنسان ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. سەۋىرچان، چىداملىق ۋە مۇستەككەم ئىرادە بىلەن بۇ ئەيىبتىن قۇتۇلۇش كېرەك.

    ئىسان ئۆزىنى ھەر كىشىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى، قورۇنۇشتىنمۇ بەكرەك خاتادۇر، بۇنداق قىلسا ئىنسان دۈشمىننى كۆپەيتىۋالىدۇ.

    بىر ئىشقا كىرگەن چاغدا، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنى ئۈستۈن تۇتسىڭىز ناھايىتى خاتا ۋە خەتەرلىك. ئۈستۈن بولغان ھالەتتىمۇ يەنىلا بۇنداق قىلماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى دەسلەپكى قەدەمدىلا ناچار تەسىر بېرىپ، باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە قالىسىز. دوستسىز قېلىپ، يېتىمسىرايسىز.

    ئىچىڭىزدە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئەمەس بەلكى سۆيگۈ ۋە دوستلۇقنى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم.
    باشقىلارنىڭ كەمچىلىك تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كۆرە ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ. خەقنىڭ خاتالىقىنى ئىزدەش، خاتالىقنىڭ ئەڭ چوڭى.

    باشقىلارنى تەقدىرلەپ، ياخشى تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قىزغانچۇقلۇقتىن كۆپ ياخشى. قىزغانچۇقلۇق بولسا چۈشكۈنلۈك ۋە دۆتلۈكنىڭ ئالامىتى.

    دۇنيادا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىك بەك كۆپ. تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغان بىرمۇنچە ئىشلار بار. بۇلارنى تۈزىتىشنىڭ يولى قىزغانچۇقلۇق ۋە دۈشمەنلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا كېلىشىش روھىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك. سۇنداقلا قىزغانچۇقلۇق ۋە دۈشمەنلىككە تايىنىپ قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم.

    يا بىرلىرىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قىزغانمايمىز، يا بىرلىرىنىڭ كەمبەغەللىكىدىن كەمسىتمەيمىز. كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنياسىغا ئەمەس ئىچكى دۇنياسىغا قارايمىز.

    كۆزلىرىڭىزدىكى قارا كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىپ، ئاقكۆڭۈل ۋە توغرا-دۇرۇس ئىنسانلارنى كۆرۈش شەرىپىگە ئىگە بولۇڭ.

    ياخشى رومان ۋە ئوپېرالارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىسى، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكىدە.
    مىسال: ئاتاقلىق يازغۇچى لوچكە «مېھرى-شەپقەتلىك ئابدال» ناملىق ئەسىرىدە ، كەمسىتىشكە ئۈچرىغان كىشىلەرگە تايىنىپ، ئىجادچانلىقنىڭ پايدىلىرىغا ئېرىشىپ، ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزمۇننى شەرھلىگەن ئىدى.

    ھەقىقىي ھايات سەھنىسىدە بىر كىشىلىك ئادەم بولۇش، كىنولاردىكى پۈتۈن خىيالىي رومان قەھرىمانلىرىدىن ئۈلگە قىلىنغان ئىدى. ئەگەرچەندە كىنولاردىكى ئەرتىستلەرگە چوقۇنۇپ يۈرگەندىن، خىزمەتداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئۆزى توغرا ئىدى.

    1-دۇنيا سوقۇشىدا، ئىش ئورۇنلۇنلىرىدا قەھرىمانلار مەيدانغا كەلگەنىدى. بىرمۇنچە ياشلار، ئىشلىرىنى تاشلاپ ئەسكەرلىككە كېتىپ، مەيدىلىرىگە مېداللارنى قاداپ قايتىپ كەلگەن. بۇنداق دوسلىرىنىڭ قېھرىمانلىقىنى بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغان دوستلىرى ھەيران قالغانىدى.

    دېمەك بىز ئىنسانلارنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىدىغان بولساق، دۇنيادىكى ئەڭ ئالاھىدە بىر تەتقىقات تېمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىمىز. ئىنسانلارنى تونۇغانسېرى ياخشى كۆرۈپ كېتىمىز. چۈنكى ئىنسان بىلمەيدىغان، تونۇشمىغان نەرسىنىڭ دۈشمىنى. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە، ساياھىتىگە، مەرىكىلىرىگە قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇڭ.

    سۆزلەش قابىلىيىتىڭىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنى كىتابلار ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئۆگىتىدۇ. تۇغما قابىلىيىتىڭىز بولمىسا تىرىشىش ئارقىلىق يېتىلدۈرىسىز.





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :