2010-05-03

    2. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62947548.html

     

    5. ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان ۋەزىپىڭىزنى ئارتتۇرۇڭ


    جاسارەت -- غەلىبىگە باشلايدىغان بىردىن-بىر سۆز. قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن قەت`ئى نەزەر جاسارەتلىك بولۇڭ.

    ئۈستىڭىزگە ئالدىغان ۋەزىپىنى ئارتتۇرۇشقا تىرىشىڭ، قورقۇنچاق ئىنسانلار تەدبىرلىك ۋە بىخەتەر ياشايدۇ دەپ خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماڭ. قورقۇنچاقلار ھاياتتىن لەززەت ئالالمايدۇ. مۈشكۈل ئىشلارنى باشقا ئېپچىققان كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى دوستلۇقلاردىن مەھرۇم قالغانلار.


    يېڭىدىن ئىشقا كىرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر، بۇ كۈننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ ۋە سورىغانلارغا «خۇداغا شۈكرى، بەكمۇ ئاسان ئىش ئىكەن!» دەيدۇ.
    بۇ سۆز ، ئالغا بېسىشنى خالىمايدىغان، مەغلۇبىيەتكە نامزات بولغان كىشىلەرنىڭ دەيدىغان سۆزى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەھلىكىلىك سۆزلەرنىڭ بىرى.


    بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ئىدىيە ئىنساننى مۇۋەپىقىيەتكە باشلىمايدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ بەتەر بىر خاتا چۈشەنچە بولمىسا كېرەك.
    «خۇداغا شۈكرى ، بەكمۇ ئاسان بىر ئىش ئىكەن ! » دېگەن سۆزنى دەيدىغان بىر ياشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن پەلسەپەسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن بۇ كۈلپەتنى مۈرىسىدىكى يۈكتەك كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئەجدادىدىن بىرەر مىراس قالغان بولسا ئىدى، بىر ئىشقا قولىنىمۇ تەگكۈزمەستىن، ئىشسىز، زەئىپلىكتە ياشىغان بولاتتى.

    ئۇنىڭ چۈشەنمەيدىغان نەرسىسى، ئىشنىڭ ھاياتتا ئەڭ ياخشى بىر دوست ئىكەنلىكى. يەنە چۈشەنمەيدىغان بىر نۇقتىسى، ئىشسىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتتا ئىناۋىتىنىڭ يوقلۇقى ۋە پارازىت قۇرۇتلاردەك ياشايدىغانلىقى.

    دۇنيادا ئەڭ بەختسىز كىشى، نېمە ئىش قىلىشنى تاپالمىغان كىشى. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ھاياتتا چۈشكۈنلىك، كىرىزىس ئىچىدە ۋە كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلاپ يۈرگەنلەردۇر.
    ئەگەر بۇ تۈردىكى كىشىلەر باي كىشىلەردىن بولۇپ قالغان بولسا، بەختسىزلىكىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلغانلىقىدىن بىر يېرىدە تۇرالماي دائىم ساياھەت قىلار ئىدى.


    مۇنداق بىر مەشھۇر سۆز بار: «ھېچبىر ھەرە، كېپىنەككە ھەۋەس قىلمايدۇ. چۈنكى كېپىنەكنىڭ ئۆمرى قىسقا ھەم ھەسەلمۇ چىقىرالمايدۇ». پەقەت ياشلارنىڭ كۆپى ئىشسىز-كۈچسىز، بىر يەردىن بىر يەرگە قونۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرگە ھەۋەس بىلەن قارايدۇ. بۇ قىلىقلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كېيىن چۈشىنىدۇ.

    قىلغان ئىشىنى نەپرەت بىلەن باشلىغان كىشى پەقەت ھورۇنلۇق قىلمايچۇ دەپ، توشقانلاردەك ياشايدۇ. ئەمما پۈتۈن غەم-قايغۇسى ھورۇنلۇق بىلەن ياشىغانلىقىدا. بۇ خىل غەم-قايغۇلار ئىنسانغا پەيدا يەتكۈزمەي بەلكى بىرمۇنچە زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.


    بۇ تۈردىكى ئىنسانلار ئۆزىلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىسە ، ھاراقكەشلىك ۋە ياكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە قەدەم باسار. چۈنكى ئىنسانلار، غەم-قايغۇلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھاراق ئىچىدۇ، كاللىسىنى ئىشلەتمەستىن چۈشكۈنلىشىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدۇ، ھاياتلىق ئۇلار ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس بىر يۈك بولۇپ كۆرۈنىدۇ.


    ئىشىڭىز، باشپاناھلىق تىلەيدىغان بىر خىلۋەت يەر، يوشۇرۇنىدىغان بىر ئۆڭكۈر ئەمەس. ئىشىڭىزدا، ھېچكىمگە كۆرۈنمەستىن، ئۇيقۇمۇ ئۇخلىماستىن ئىشلەيدىغان كېچىدىكى كۆزەتچىلەردەك قىلماڭ. بۇنداق ھاياتىڭىزدا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىمەستىن ئۆتكۈزۈشىڭىز زادى نېمىدىن.

    بۇنداق ئويلايدىغان ئىنسانلار بىر چەتتە تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ئاسان، ئۆزلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.

    مىسال: مېرسېدىس فابرىكالىرىدا، باي بولۇشنىڭ ئىمكانلىرى كۆپ بولۇشىغا قارىماي، بۇ تۈردىكى ئىنسانلار يالغۇز بىر ئىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ، ئوخشاش ئىشنى تەكرار قىلىپ يۈرۈيدۇ. ھەتتا گۇرۇپپا باشلىق بولۇشتىنمۇ قورقىدۇ.


    بۇنداق قورقۇنچاق قانائەتچان ئىنسانلارنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنالماسلىقى نېمىدىن. شۇ بىر ھەقىقەتكى، ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىنسانلارنىڭ كۆپى جەسۇر ئىنسانلار ئىدى. قورقۇنچاق بولماستىن... ئىش ھاياتىمىزدا جەسۇر بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، چوققىغا چىقىشىمىز كېرەك.


    دۇنيادا ئەڭ باي كارھانىچىلاردىن بىرى بولغان ئۇويد كىرىمىنى، باشقىلارنىڭ جاسارىتىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. پاراخوت ئىگىلىرى، پاراخوتلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئاز بىر قىسمىغا ئۇلارنى سۇغۇرتىلىق قىلىدۇ. 265 يىل ئىچىدە قەت`ئى زىيان تارتماي ۋە ئەنگلىيە بانكاسىغا قەرزىنى ئۆتەپ ئىشەنچلىكلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. كۆپ ئىنسانلار بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىنى چۈشىنەلمەيدۇ.


    بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىرىمىز پارازىتلار ئەمەس، مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولغان، قابىلىيەتلىرىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر.


    ئاندرەۋ چارنەگىئە نىڭ 1600 كۇتۇپخانا قۇرالىشىنىڭ سەۋەبى نېمە، ئۆزىگە ياردىمى بولىدىغان ئىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلغىنىنى كۆرمىگىچە، ھېچ بىر ياشقا ياردەم قىلمىغانلىقىدا. چۈنكى ئۇ، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى ئويلىغانلارغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.


    پارازىت بولغانلارنىڭ بەختىنى ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۆرمەسلىكى باشتىن ئاخىرغىچە بولغان خاتا بىر شۈچەنچىدۇر.

    ئەمەلىيەتتە، بەختلىك بولۇشنىڭ بىرمۇنچە تۈرلىرى بار. كېچىدىكى كۆزەتچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاش بىلەن ئېرىشكەن بەختى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ تېز پاراخوت كاپىتانىنىڭ بەختىيارلىقى بىربىرىدىن پەرقلىك.


    دۇنيادا ھېچكىم 12 چوڭ ماگازىنى ۋە 17 مىڭ ئىشچىسى بولغان جوھن ۋاناماكەرچىلىك بەختلىك بولالمايدۇ. جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا ھاياتنى سۆيۈپ تۇرۇپ ياشىغان بۇ كىشى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.



    ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، بۇنى پەقەت ئانىلار ئۆزىلا ئورۇنلىيالايدۇ. نورمال ھەر بىر ئايال ئۈچۈن ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ جازا بالا يۈزى كۆرمەسلىكتۇر.

    دېمەك بۇلاردىن، مەسئۇليەتنىڭ ھاياتتا ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن بىر دوست ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئىشلىرىمىزدا غەلىبىگە ئېرىشكەنسېرى خۇشاللىقىمىز ئېشىپ ماڭىدۇ.


    زۆرۈرىيەتلەر بىزنى ئويلىنىشقا يېتەكلەپ، بىزنىڭ كۈچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغۇزىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىي كۈچىمىزنى، ئىنسانلارنى باشقۇرۇش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇردۇ. بۇ ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەس، بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىرادىمىز تاۋلىنىپ، قارار بېرىشىمىز ئاسانلىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە ئېشىنىدىغان ئىنسانلاردىن بولۇپ چىقىمىز.


    ئالغا ئىلگىرىلەپ ۋە باشقىلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولۇشىمىزنىڭ سىرى، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، توغرا قارارغا ئىگە بولۇشىمىزدا. بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىمىزنى ھەل قىلىدۇ. پەللىنى كۆزلىسەك، ئىشلىرىمىز ئالغا باسىدۇ. ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىنسانلارنىڭ كۆپى مۇشۇنداق يۈكسەلگەن ئىدى.
    دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە كۆپ ياخشى كۆرۈش ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشىلەرنىڭ مەسئۇليىتى بىلەن ئىشلار يۈرگۈزۈلىدۇ.

    ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، مەسئۇليىتىمىزنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىش. ھەرگىز كۆزلىرىمىزنى سائەتكە، قۇلاقلىرىمىزنى قوڭغۇراققا دىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىشچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئىنسانلارغا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىشىغا قاراپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. ئەمگەك ئىنساننى ئۆلچەيدۇ.


    ئەلبەرت ھۇبباردنىڭ «گارچىئاغا خەت» ناملىق ئەسىرى مىليونلارچە سېتىلغان ئىدى.

    گارچىئا، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئىدى. كۇبا ئورمانلىقلىرىنىڭ بىرىگە مۆكۈنۈۋالغاندا، ھېچكىم ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. دۈشمەنلەر ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە ناھايىتى چوڭ مۇكاپات ۋەدە قىلغان ئىدى.

    ئامېرىكىدىن گارچىئاياغا بىر خەت ئەۋەتىش كېرەك ئىدى. خەتنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئۆزىگە ئىشىنىشتە داڭق چىقارغان ياش بىر ئىشچىنى چاقىرىپ، خەتنى گارچىئاغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئىدى.
    يىگىت ھېچبىر سوئال سورىماستىن، كۇباغا كېتىپ، گارچىئانى تېپىپ، خەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.
    ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۆزىنى بايلىققا ئېرىشتۈرگەندىن باشقا يەنە ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ قەھرىمان كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. ئەلبەرت ھۇببارد ئۇنىڭغا لايىق ئۆلمەس بىر نامغا ئېرىشتى.


    ئىش ھاياتىڭىزدا ھۆكۈم سۈرىدىغان ھەقىقىي روھ مانا ماشۇ روھ، يەنى تەۋەككۈلچىلىك ۋە جاسارەت روھىدۇر. ئىشىڭىزدا بۇ روھنىڭ ئۇچقۇنىدىن يانغىن چىقىرالايسىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى كۆز ئالدىڭىزدىكى ۋەزىپىلىرىڭىزنى ئاشۇرۇش.

    قىيىن بولغان ئىشلارنى تاللاپ قىلىڭ. چۈنكى ئىلىكلەرنىڭ ئەڭ لەززەتلىكلىرى ئەڭ قاتتىق سۆڭەكتە بولىدۇ. شەخسەن ئۆزىڭىز ئالغا باسماقچى بولسىڭىز، ھېچكىم سىز بىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرمايدۇ، تىرىشمىسىڭىز ئالغا باسالمايسىز.


    ھەربىر پۇرسەت ۋە ئىمكان يېڭى بىر مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. ھەربىر ئۆتكەن كۈن قولدىن كەتكەن پۇرسەتلەر بىلەن تولغان. پۇرسەتلەر قولدىن بېرىپ قويماڭ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قەدرى-قىممىتىنى بىلىڭ.


    يېتىلگەن كىشىلەر چېغىدا بالىلىق ۋاقىتلىرىدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدۇ، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ھەقىقەت. بۇلار چوڭ بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى، ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى كۈتىدۇ. بۇلار ھېچ ئالغا باسالماي بىر ئىزدىلا توختاپ قالىدۇ.

    بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ۋە ئىقتىدارى 8 ياشتىكى بالىلاردەك. يا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەنلا ياشايدۇ يا تىلەمچىلىك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ جاسارەت يوق. بۇ تۈردىكى ئىنسانلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئۈستىن تەبىقىسىدىنمۇ، ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىنمۇ تېپىلىدۇ.


    بۇلار بىر دەرەخنى قۇچاقلاپ يۇقىرىغا ياماشقانلارغا ئوخشايدۇ، بۇلار ھەم ياماشقان دەرەخنى ھەم ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ.


    6. دارامەتنى ئاشۇرۇڭ


    ھەرقانداق بىر ئىش ئورنىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى سەرمايىنى كۆپەيتىپ، كۈچىنى ئاشۇرۇش. بۇ ھەركىم ئۈچۈن پايدىلىق. پەقەت سەرمايىنىڭ ئارتىشى بىلەن، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېشىپ ئىشچىلارنىڭ مائاشنى ئارتىدۇ. بۈگۈن 18 ياشتىكى ئىش ئىزدەپ يۈرگەن بىر ياش بوغان بولسام، سەرمايىسى كۆپ بىر يەرگە ئىشقا كىرەتتىم، چۈنكى سەرمايىسى كۆپ بولغان يەرلەر كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

    ئەگەر ئالاھىدە بىر ئىشتا ئىشلىسىڭىز، سىزگە لايىقىدا بىر ئايلىق بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىشتا ساپ بىر پايدا بولمىسا بۇ كارخانا ماڭمايدۇ. ھەر ئىش ئورنىدا ئىسىملىرى «قىزىل قەلەم» بىلەن يېزىلغان ئىشچىلار بار ۋە بۇلارغا بېرىلگەن ئايلىق زىياننىڭ ئورنىدا بېرىلىدىغان ئايلىق. بۇلار ئاخىرى ئىشتىن چىقىرىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىشچىلار، سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ئۆلچەم قىلىپ ئايلىق ئالىدۇ. مىسال: كۆمۈر كاندا ئىشلىگەن ئىشچى بىلەن دېڭىزدا بېلىق تۇتقۇچى ھاياتىنى خەتەرگە ئاتقانلىقى ئۈچۈن ئالىدىغان ئايلىقلىرى يۇقىرى بولۇش كېرەك دېگەن قاراش تەرەپدارى مەن.
    پەقەت كۆمۈرچى بىلەن بېلىقچىنىڭ ئايلىقلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق بولىدىغان سەۋەب بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قىممەت باھادا سېتىلمايدىغانلىقىدا . چۈنكى خەلق نائىلاج قالمىسا بۇلارنى ئالمايدۇ.

    ھەرقانداق زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان توۋارنىڭ باھاسى يا رېقابەت يولى ياكى قانۇنغا ئاساسەن ۋە ياكى خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئىشچىلارنىڭ ئايلىقلىرىمۇ بۇ توۋارنىڭ سېتىلىپ ياراتقان قىممىتىگە ئاساسەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر بىر ئىشچى دارامەت تەقسىماتىغا ئورتاق بولغانغا ئوخشايدۇ.

    كارخانىنىڭ ھاياتى، سەرمايىگە ئەمەس، ئىشچىلارنىڭ پايدا يەتكۈزگۈچى بولۇشىغا باغلىق. پايدا ياراتمىغۇچىغا ئايلىقمۇ بېرىلمەيدۇ. بىر ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن كىشى، يالغۇز جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچنى سەرپ قىلغۇچى بولۇپ قالماي، بەلكى يەنە ئىشقا ئاىت پۈتۈن ئەشيالارنى ھازىرلىغۇچىدۇر. ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنسان ئەمگىكىنىڭ يېنىدا ماشىنىنىڭ ياردىمىنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

    ئىش يەرلىرىنىڭ كىراسى، توك، سۇ ... باج قاتارلىق چىقىملار بار. بۇ ئىش خىراجەتسىز پۈتمەيدۇ. چۈنكى مال ئۆزىنى ئۆزى ساتمايدۇ.

    بۇلارنىڭ يېنىدا زىيان تارتىشمۇ بولىدۇ. ھاتتا بىر يالغۇز زىيان، يىللار بويىچە قولغا كەلتۈرگەن پايدىنى تۈگىتىشى مۇمكىن. قەرز بولۇش، دەۋالىشىش، قازالار، باھالارنىڭ چۈشۈشى قاتارلىقلار ھېساب-كىتاب قىلىدىغان نۇقتىلار. ئىدېئالىسلار، قەغەز يۈزىگە بۇلارنىڭ ھېسابىنى قىلماي يازىدۇ، پەقەت پايدا بىلەن زىيان ئىككىسىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. سودېگەرلەر مائاشنى، قەرز ئۆسۈمىنى، كىرانى، راسچوتلارنى، زىيانلارنى ھېساب-كىتاب قىلغاندىن كېيىن قوللىرى قۇپقۇرۇق قالغانلىقىنى كۆرىدۇ.

    ئىش ھاياتى مەمۇرىي خىزمەتكە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى مەمۇرىي خىزمەتتە پايدا-زىيان مۇھىم سۆز تېمىسى بولمايدۇ. سودا – سانائەتچىلەر زىياننى مەجبۇرى ئۈستىگە ئېلىپ يا ئاز پايدىغا ئېرىشىدۇ ياكى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئىش ۋە تىجارەتتە ئەڭ ئېسىل مەقسەت ساپ پايدىنى ساقلاپ قېلىش. ھەر ئىنگلىز كارخانىسى ئەڭ ئاخىرىدا مەجبۇرىي ھالدا ئىككى ياقىنى بىر يەرگە كەلتۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەمگەكچىلەر تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    ماگازىندا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر، ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار قىلغان ياخشى ئىشلىرى بىلەن، ساپ پايدىنى ئىككى قاتقا چىقىرىشى مۇمكىن. تەرتىپلىك ۋە ياخشى ئىشلەپ، قىلغان ئىشلىرىدا زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.

    ۋەزىيەت يامانلاپ، ئىشچىلار ئىش تاشلىسا، بۇنىڭ بىلەن ئىش تاشلىغانلارنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسە، كېلىشمەسلىك يەنە شۇ ئىشچىغا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر قازانچىغا زىيان سالىدۇ. زاپاس ئىقتىساد كېمىيىپ، مائاشلار چۈشىدۇ. دۇنيادا، ئىشچىلارنىڭ ئاران ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرمۇشىدا تايىنىدىغان ئىشنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىنمۇ يامان باشقا نېمە ئىش بار دەيسىز؟ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەپدارى بولۇپ سۆزلىگەنلەر بىلىمسىز جاھىللاردۇر.

    كارل ماكسنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئىشچىلار، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى تەكرار سېتىپ ئالىدىغان دەرىجىدە مائاش ئالالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خوجايىنلىق ھوقۇق ئىشچىلارنىڭ قولىدا بولمىغانلىقىدا. ئىدارە قىلغۇچىلار، بۇغالتېرلار، ساتقۇچىلار، ھەسسىدارلار ۋە باشقىلار ئايرىم تاپشۇرىدىغان باجلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىي دۆۋلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆتىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر.

    قانداقمۇ خەقنىڭ سالغان ئۆيىدە ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىسۇن، ئىشلەۋاتقان فابرىكا ياكى ماگازىندا ئوغرىلۇق قىلىدىغانلاردىن بولماسلىقىمز كېرەك.

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئورنىمىزنىڭ سەرمايىسىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئويلايدىغان بولۇشىمىز. ئىشلەۋاتقان زاۋۇتىمىز يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى ئالسا، تېخىمۇ كۆپ رېكلام قىلسا، سېتىشنى ئارتتۇرسا بۇ يەردىكى قازانچىمىز ئاشىدۇ.

    مېھنەت بىلەن سەرمايە ئىككىسى بىربىرى بىلەن قېرىنداشقا ئوخشاش بولۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.
    ئوركىستىردا بىللە ئىشلەيدىغان دۇمباقچى بىلەن سۇنايچى ئارىسىدا زىچ ماسلىشىش بولغىنىدەك ، سەرمايە بىلەن مېھنەت ئارىسىدىمۇ شۇنداق مۇناسىۋەت بار. بۇ سەۋەبتىن ئىش ئورنىمىزغا پاي قوشقاندەك ئىشلەيلى ۋە قازانچى ئىمكانلىرىمىزنى ئارتتۇرايلى. كۆپ پۇل تېپىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى مانا بۇدۇر.

    7. داۋاملىق پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇڭ


    كىتابنىڭ پايدىسىنى باشقا ئىنسانلاردىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغان كارنىگ، ئۆز زامانىسىدا 60 مىليون font ستېرلىڭ(ئەن گلىيە پۇلى) قازان غان ۋە بۇ پۇلنىڭ يېرىمى بىلەن ھەركىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇردۇرغان ئىدى. مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشىڭىز قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئى نەزەر، ئىشىڭىزنى ئالغا باستۇرۇش ئۈچۈن سىزگە ياردەمچى بولىدىغان نۇرغۇن كىتاب بار. ئوقۇشنى بىلگەندىن كېيىن نادانلىقتا قېلىشقا سىزنىڭ كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر بانايىڭىز يوق. ھاياتتا ئىنسانغا ئەڭ زىيان سالىدىغان نەرسە قالاقلىقتۇر(نادانلىق). قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن - بىر يولى ئوقۇشتۇر.

    ياشلارنىڭ كۆپى توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەتنى، ئىشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆگىنىشنى ئۇنتۇيدۇ. مۇھەببەتمۇ، بىلىممۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىشىمىز لازىم. مۇھەببەتنى ئۇنتۇش سەۋەبىدىن قانچىلىغان ئاىلىلەردە بەختنىڭ ئورنىنى بەختسىزلىك ئالغان. پەقەت ئەڭ گۈزەل يول، دائىم ياشاش، دائىم سۆيۈش، دائىم ئۆگىنىش. ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئېسىل يولى، ھەر ۋاقىت پايدىلىق بىر كىتابنى ئېلىۋېلىپ بوش ۋاقىت چىققاندا دەرھال ئوقۇش.

    كىتاب بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. چۈنكى كىتابسىز ھايات، قا