2010-05-03
3. ھاياتتا ئالغا قاراپ ئالغا باس - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62947598.html
9. سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ
سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىش، ۋۇجۇدىڭىزنى بىلىشىڭىز ۋە ئۇنى تونۇشىڭىز لازىم. چۈنكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئىنساننىڭ بەدىنى بىر موتورغا ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىچى بىلەن تېشىنى پاكىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى ئورگانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىلىرى بار. بۇ ئورگانلاردىن بىرەرسى بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇدىغان زاپاس بىرى يوق. مۇشۇ سەۋەبتىن مېيىپ بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئىنسانلار سالامەتلىككە دىققەت قىلىشى لازىم. ئىشلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان ھەر بىر ئادەم سالامەتلىكىنى قوغداشنى بىلىشى ۋە ئۆگىنىشى لازىم. سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا، مىڭلارچە ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشلاردا ئارقىدا قالىسىز. خوجايىنلار بۇ ئەھۋالغا قاراپ «سالامەتلىگىڭىز ياخشى بولسۇن-دە، ئۇ چاغدا مائاشىڭىزنى ئۆستۈرىمىز» دەيدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇنچە ئادەملەر، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ، بۇلارنى يېرىم ساغلام ئادەملەر دەپ ھېسابلايمىز. بۇلار تەن ساغلاملىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قېرىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلار، ئومۇمى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئاران 3٪ ئىگىلەيدۇ، سالامەتلىكنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆلىدىغانلار 97٪ ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئەمەلىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەربىر ئىنسان 65 ياشقىچە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ. داڭلىق سودىگەرلەردىن جوھن ۋاناماكەر 84 ياشقىچە ياشىغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن. گلاندستونە 86 ياشتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 95 ياشتىكى بىر ئىنجىنېرنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چىرتيوج سىزغانلىقىنى كۆرگەنمەن.
ئىنساننىڭ بەدىنىدە 200 ئۇستىخان، 400 دەك مۇسكۇل بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇرتقىنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشقان. ئومۇرتقا ئۇستىخىنى 24 پارچىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار بىر ئېلېكترونلۇق مېڭە تورىغا ئوخشاش تۇتاشقان.
كاللىمىزنىڭ ئىشلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان 20 مۇسكۇل بار. ئومۇرتقىنىڭ ئىشلىشى بىلەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان مۇسكۇللارنىڭ سانى 144 كىچە.
ئۇستىخانلار ئادەم بالىسى 20 ياشقا كىرگىچە قاتىدىغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ۋە چارچىتىشنىڭ ئۆزى توغرا ئەمەس. ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان ۋاقتى 25 - 40 ياش ئارىلىقىدا. ئۇستىخان جانلىق بولغان كىچىك ھۈجەيرىلەردىن مەيدانغا كەلگەن.بۇ ھۈجەيرىلەر ئوستەئوبلاستلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن مىڭلارچىنى بىر رەتكە تىزساق ئاران بىر سانتىمېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ. ئۇستىخان خۇددى بىر ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرىدە مىليونلارچە ھەرە بار. ئۇستىخان ھەم كۈچلۈك ھەم يەڭگىل ھەمدە ئۆزىنى ئۆزى ياسايدىغان ھالەتتە يارىتىلغان. ئۇستىخان؛ پولات. تۆمۈر ۋە تاختايلەردەك ماددىلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتەر كۈچ بېرىدىغان بىر ماددىدۇر.
مۇسكۇل مىڭلارچە كىچىك سىلىندېردىن ۋە ھەر بىر سىلىندېر بولسا كىچىك قارا ۋە ئاق شارچىلاردىن تۈزۈلگەن. بۇ سىلىندېرلار كېڭىيىدۇ ھەم تارىيىدۇ. بۇلار بىر نېرۋا ئەۋەتكەن بۇيرۇققا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ شارچىلار قانداق قىلىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بۈگۈنگە قەدەر بىلەلمىدۇق. بۇ تەبىئەتنىڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسكۇللار بولسا ئۇستىخانغا ئوخشاش كونىرىمايدۇ، بۇلار قانچە ھەرىكەت قىلسا، شۇنچە كۈچلىنىپ بارىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كۈچى، بىر ئاتنىڭ كۈچىنىڭ يەتتىدەن بىرىگە( 1 / 7 ) تەڭ. ئەڭ كۈچلۈك بىر ئادەمنىڭ ياراتقان رېكورتى بىر ئات كۈچىنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇشى مۇمكىن.
پاچاقلىرىمىزغا كەلسەك، بىر قەدەم بېسىش ئۈچۈن، يېرىم سېكۇنت ئىچىدە 54 دانە مۇسكۇل ھەرىكەتكە كېلىدۇ. پاچاقلىرىمىزغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيلى. چۈنكى قازالارنىڭ كۆپى پۇتلىرىمىزنىڭ قېيىپ كېتىشىدىن ياكى قايرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
نېرۋىلار ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئېلېكترونلۇق مېڭە سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ. پۈتۈن بەدىنىمىزگە تارقالغان نېرۋا يوللىرى 300000 غا يېتىدۇ. ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن نېرۋىلار سانى 180مىليون، يالغۇز كۆزىمىزدىكى نېرۋىلارنىڭ سانى 18000. نېرۋىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەۋەتىلگەن تېلېگراملار سېكۇنتىغا 4 مىل ( 1 مىل = 1609 مېتىر)، يەنى سائەتىگە 14400 مىل سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. خۇددى ئېلېكترونلۇق تېلېگرامغا ئوخشاش. مېڭىمىزدىن پۇتىمىزغا بىر بۇيرۇقنى ئەۋەتسە، بۇيرۇقنىڭ يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن سېكۇنتنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرىچىلىك (1 / 200 ) ۋاقىت كېتىدۇ. ئوتقا تېگەر – تەگمەس قولىمىز ياكى تەگكەن يېرىمىزنىڭ كۆيۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.
تېرە بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ھارارىتىنى ساقلايدۇ. بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تۆتتىن ئۈچى ( 3 / 4 ) تېرە تۆشۈكچىلىرىدىن چىقىدۇ. تەر بەدىنىمىزنى مۇزلىتىدۇ. كۆپ ئەمگەك قىلغان ئادەملەر نورمال تېرىنىڭ 8 ھەسسىسىنى چىقىرىدۇ. ھېچ تېرلىمەيدىغان ئادەمنى سالامەتلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا ساغلام دېگىلى بولمايدۇ.
يۈرىكىمىز بىر ئۆمۇر ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز ئۈچۇن سوقىدۇ.. يۈرىكىمىز كېچە ۋە كۈندۈز بىر ئۆمۈر سائاتىگە 4320 قېتىم سوقىدۇ. ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا مىنۇتىغا پومپىلىغان (سىقىپ چىقارغان) قان 5 لېتىر، ماڭغان چاغدا 20 لىتېر بولىدۇ.
بەدەندىكى نېفىت بولسا قېنىمىزدىن ئىبارەت. پەقەت بۇ نېفىت پارتلىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭ قانداق مۇسكۇلنى تەشكىل قىلغانلىقىغا قاراپ باقىدىغان بولساق بۇنى بىلەلەيمىز. بىز بۇنى «ئوكسپىداسيون» دەيمىز. پەقەت بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. مۇسكۇللار قانچىلىك ھەرىكەت قىلسا قان ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تېز كېتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغدا قان ئايلىنىپ زەھەرلىك ۋە بەدىنىمىزدىن چىقىرىشقا تېگىشلىك بولغان ماددىلار يوقۇلىدۇ.
ئۆپكىمىز بىر مەشكە ئوخشايدۇ. قاندىكى كېرەكلىك ماددىلار كۆيدۈرۈلىدۇ. ئۆپكىدە 6 مىليونغا يېقىن ھاۋا خالتىلىرى بار بولۇپ، تۈبېركۇليوز كېسىلى ئۆپكىمىزنى ئاسراپ ئىشلەتمىگەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىقىدۇ.
خۇلاسلەپ ئېيتقاندا بەدىنىمىز بىر قان زاۋۇتى. ئوزۇقلۇقتىن قان ھاسىل بولىدۇ ۋە ساپ ھاۋا بىلەن ساپ بىر ھالەتكە كېلىدۇ. بەدىنىمىز دۇكانلار ۋە لابوراتۇرلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىم لابوراتۇر جىگىرىمىز. چۈنكى ئوزۇقلۇقنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن گۆش، قان، ئۇستىخان ۋە مۇسكۇل قىلىش ئۈچۈن يەنە جەۋھەر تەييارلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئىنسان ۋۇجۇدى ھېچ توختىماستىن ئىشلەيدىغان موتورغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېچ ئۆچۈپ قالماي يېنىپ تۇرىدىغان بىر مەشئەلگە ئوخشايدۇ. پاسكىنا ھاۋادا ياشاپ، ۋىتامىنسىز قالساق مەشئەلنى پار-پار يانمايدىغان ھالەتتە كۆرىمىز. مەلۇم بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دوختۇر سىزنىڭ كېسەل بولغانلىقىزنى ئېيتىدۇ.
بەدىنىمز ئوچاققا كۆمۇر سېلىپ ياندۇرغان ئوتلارغا ئوخشايدۇ. سالىدىغان كۆمۈر ناچار بولسا ئوتنىڭ يانماسلىقىغا ھەيران قالمىساق بولىدۇ. ئىنسانىڭ بەدىنى بىر ئېنېرگىيە مەمبەسى. سالامەتلىكنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق: ئېنېرگىيە ئېلىش، ئېنېرگىيە بېرىش. بەدىنىمىزنىڭ تۇراقلىقى ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئالىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېنېرگىيە ئاجرىتىمىز.
بىر كېسەلگە گېرىپتار بولۇشنى توختىتىۋالىدىغانلار بەكمۇ ئاز. كېسەل بولدىمۇ ئۇنى تارتماستىن باشقا ئامال يوق. چۈنكى ئۇنى پۈتۈنلەي داۋالايدىغان دورىلار بەك ئاز. ئانتىتوكسىنلارنىڭ بوغما كېسىلىگە، قىنىنىڭ بەزگەككە قارشى تەسىرى بارلىقىنى بىلىمىز. ھەر ئەتىگەندە بىر لىمون ياكى يېرىم ئىستاكان ئۈزۈم شىرنىسىنىڭ رېماتىزىمغا پايدىسى بارلىقىنى بىلىمىز. ھەرقانداق يارىغا ئوكسىگېن ياكى باشقا تازىلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ماددىلارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. پەقەت ئەمەلىيەتتە داۋالاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ كۆپى تەخمىنلەرگە ئاساسەن داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە كۆپ دورا ئىچىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى بۇلارنىڭ پايدىسى بولغىنىغا ئوخشاش زىيىنىمۇ بار. مىجەزىمىز يوق چاغلاردا چوقۇم ئۆز كەسپىگە پۇختا، تەجرىبىلىك دوختۇرلارغا بېرىپ كۆرۈنۈشىمىز لازىم.
سوغۇق تېگىپ يۆتىلىپ قالغاندا، كىشىلەر قانداق قىلىشنى بىلىدۇ. زۇكامنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىسسىق لىمون سىقىلغان چاي ئىچىمىز، ۋىتامىنچ نى ئىچىپ تەرلىنىپ يېتىشىمىز كېرەك.
ئىنسان بەدىنى 5 نەرسىگە مۇھتاج: «ئوزۇقلۇق»، «ھەزىم قىلىش»، «ئەمگەك قىلىش»، «ساپ ھاۋا»، «ئۇيقۇ».
ئوزۇقلۇق: ئىنسان يېمەكلىكلەر بىلەن ۋۇجۇتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يۇقىرى، ۋىتامىن يۇقىرى بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك. ئەمگەك قىلىش بىرمۇچە كېسەللەرنىڭ شىپالىق دورىسى. ھورۇنلۇق ئىنساننى ھەرخىل نېرۋا كېسەللىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ. بىكار يۈرگەن ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ. شۇنداق ھورۇنلار باركى، ئىشلەشنى باشلاپلا كېسەلدىن ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئىشلىتىشنى ئويلايدۇ. ئىنساننى ئىش ئەمەس بەلكى ھورۇنلۇق بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئەگەر بىرسى ئەقىللىق ۋە ئىشچان بولسا تەقدىرلىشىمىز لازىم، ئەقىللىق ۋە ھورۇن بولسا غەپلەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم، ئەقىلسىز ۋە ئىشچان بولسا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ساقلىنىشقا كېرەكلىك بولغان نەرسەن ھورۇنلۇق. پەقەت ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھېچ ئىشلىمىگەنگە ئوخشاش ۋۇجۇتقا زىيان بېرىدۇ. قانچىلىك ئىشلىشىمىز توغرىسىدا ئىلىم ئەھلىلىرىمىز بۇ سۆزنى قىلغان: «ئىنسان سائەتتە ئىككى مىل ئارىلىققا ئۆز ئېغىرلىقىدىن بەشتەن ئۈچىنى توشۇيالايدۇ، ئىنسان بۇنى قىسقا ئارىلىقتا قىلالايدۇ». دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادىمى بولغان تھوماس لەئاچ بىر قولى بىلەن 200 پفۇند (1 پفۇند = 500 گ ) كېلىدىغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنساننىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشى بەك مۇھىم.چۈنكى يالغۇز مۇسكۇل سالامەتلىكنى بىلدۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ئەمەس. تەنھەرىكەتچىلەرمۇ باشقىلاردەك ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. ئەسلىدە مۇھىم بولغان نەرسە ۋۇجۇتنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە كۈچلۈك بولۇشىدا.
ئىشلىرىمىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلماي قېلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىشىمىز لازىم. بىر ئادەم بىر كۈن كەچكىچە دەم ئالماستىن ئىشلىشى توغرا ئەمەس. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى سائەتنى دەم ئېلىشقا ئاجرىتىشىنىز لازىم. قانچىلىك كۆپ ئىشلىسەك شۇنچىلىك كۆپ دەم ئېلىشىمىز كېرەك.
ئەمدى ئالدىراقسانلىق، غەزەپلىنىش، قورقۇش، تۇيۇقسىز تېرىكىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.ئىنساننىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان چاغدا بەدەننىڭ نورماللىقىمۇ تەڭ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى كاللا بىلەن ۋۇجۇت بىربىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ بىئاراملىقىمىز ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە باشقا ئورگانلارنىڭ ساغلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. مېڭە بەدىنىمىزنىڭ فىزىكىلىق ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلغۇچىدۇر. كاللىمىزدا ئويلىغان ئويلار بىلەن پۈتۈن نېرۋىلارنىڭ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى بار. كاللىمىزنىڭ ساق بولۇشى دوختۇرنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئازايتىدۇ. ھەركۈنى بىر ئاز كۆڭۈل ئىچىپ كۈلۈشىمىز ۋە خۇشال بولۇشىمىز لازىم.بۇ قاندا بولىدىغان قىزىل قان دانىچىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. خۇشاللىق ۋە كەيپىيات ئىنساننى كېسەللەردىن قوغدايدۇ.
ھاياتىمىزنى كۈلۈپ، سۆيۈنۈپ ۋە خۇشال بىر ھالەتتە ئۆتكۈزەيلى. ئاللاھ ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلگەچكە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق بەرگەن. ئاللاھ بۇ ياخشىلىقنى بىلمىگەنلەرنى ئەسىرگە ئالغۇچىدۇر.
10. رەھبەرلىك قىلغۇچى بولۇشنى ئۆگىنەيلى
ياخشى بىر رەھبەر بولۇش ئۈچۈن غەيرەتلىك، چىداملىق، سەۋرچان بولۇشىمىز لازىم. ئىقتىدارنى سىنايدىغان نەرسە، قوپاللىق قىلىش ئەمەس بەلكى پىلانلىق ئىدىيىۋى ھەرىكەت قىلىپ، ھەرقانداق بىرسىدىن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. رەھبەر دېگەن كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە بولۇشى، كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان بولۇشى، كېلىدىغان ئاي ۋە يىللاردىكى ئىشلارنى بۈگۈندە تۇرۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇشى لازىم.
سىز كىچىك كۆرگەن بىر ئىش، سىزنى بىر كۈنى ئەڭ يۇقىرىغا چىقىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بىرمۇنچە سىياسىئونلار پارتىيە ئەزالىقىدىن مىنىستىرلىككە ھەتتا رەئىس جۇمھۇرلۇققا ئۆرلىگەنلىگىنى بىلىمىز. بىرمۇنچە تىجارەتچىلەر ئۇششاق ئىشلارنى قىلىپ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىققانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھەرقانداق بىر ئادەم، ھاياتتىكى ئەڭ خىلۋەت كوچىلاردا ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈپ، ئىلگىرلە-ئىلگىرلە ئاخىرى دۆلەتنىڭ پۈتۈن باشقۇرۇشىنى قولغا ئالغان داڭلىق شەخسلەرگە ئايلىنىش ئىمكانلىرىغا ئىگە بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشقا كىرە-كىرمەي ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سورايلى:
بۇ ئىش مېنىڭ ئۈچۈن بىر باشلىنىشمۇ ياكى ئاخىرلىشىشمۇ؟ بىر باشلىنىش بولسا، بۇ سېخ بىلەن قانچىلىك مەشغۇل بولۇشۇم كېرەك، بۇ ئىشتا ئالغا باسالامدىن يوق؟
1- ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئىشتىنمۇ تۆۋەن ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمەيلى. چۈنكى بۇلار پۈتۈن ئۆمرىنى كىچىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆتكۈزىدۇ.
2- ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئىشلارنى تولۇق ئورۇنلىغان، ئالغا باسالايدىغان لېكىن ئەڭ يۇقىرى مەقسەتلەرگە يېتەلمەيدىغانلار داۋاملىق ئىككىنچى ئورۇندىكى شەخس بولۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ لىدېر (باشلىق) بولۇش ئىمكانىيەتلىرى يوق.
3- ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئىشنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلايدىغان، كۆزلىگەن پەللىگە يېتىپ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلار. مانا بۇلار لىدېر بولۇشنىڭ نامزاتلىرى.
سىز ئۆزىڭىزدىن سوراشقا تېگىشلىك 3 سوئال بار: مەن قىلىۋاتقان ئىشىمدىن تۆۋەنمۇ؟ قىلىۋاتقان ئىشىمغا لايىقمۇ؟ ياكى قىلىۋاتقان ئىشىمدىن سەۋىيەرىم يۇقىرىمۇ؟
ھاياتتا يۇقىرى غايىگە يېتىشنى ئويلايدىغان ھەرقانداق ئادەم، داۋاملىق ئالغا قاراپ ئالغا بېسىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئىشىنى قىلىشتىن سىرت ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنمىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشى لازىم. خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆز بار: لىدېرلار ئانىسىدىن تۇغما لىدېر ئىدى. بۇ سۆز مەلۇم جەھەتتىن توغرا. ھەقىقەتەن بۇلارنىڭ كۆپى تۇغۇلۇشتىن تارتىپلا ئۆزىنى يېتىلدۈرگەن. بەزى بالىلار، يارىتىلىشىدىن لىدېر قىلىپ يارىتىلغاندەك ئۆز ئاىلىسىدىمۇ ۋە مەكتەپتىمۇ دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماغىدۇ. دوستلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇلار ئىش ھاياتىدىكى لىدېر بولۇشقا تېگىشلىك نامزاتلار. تۇغۇلۇشىدىن لىدېرلىق ئالاھىدىلىكى يوقلارمۇ بار . پەقەت بۇلار لىدېرلىققا ھېرىس ۋە نىيەت قىلغانلار بولۇپ، كۆپ ئىشلەيدۇ، غەيرەت قىلىدۇ، ھاياتتا قەدەممۇ-قەدەم ئالغا بېسىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ.
ھاياتتا ئۇچرايدىغان توسقۇنلۇقلارنىڭ ئەڭ چوڭى ھورۇنلۇق بىلەن تارتىنچاقلىق شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچسىزلىك. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەربىرىنى يېڭىش ئىمكانىيەتلىرى بار. ھەقىقەتەن بەزى ياشلار كۆرسەتكەن قابىلىيەتلىرىدىن بەكرەك قابىلىيەتكە ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە، پەقەت ھورۇنلۇق بىلەن تارتىنچاقلىق بۇلارنى كۆرسىتىشكە ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلغان. ئىدارە قىلىشتا ئاياللارمۇ ئەرلەردىن ئارقىدا قالمايدۇ. بۈگۈنكى لوندوندا مىڭلارچە ئايال باشلىقلار بار. لوندوندا سودا-سانائەت بىرلەشمىسىگە ئەزا ئاياللارنىڭ سانى ئادەتتىكى كۆرسىتىلگەن ساندىنمۇ يۇقىرى. ھوقۇقدار ئاياللار، پارلامېنت ئەزالىرى بولغان ئاياللار، لادي رھونداغا ئوخشاش 50 شىركەتنى باشقۇرىدىغان ئاياللارنىڭ بولغىنىغا قارىغاندا، ھاياتتا ئەرلەرگە نېسىپ بولغان پۇرسەتلەر ئاياللارغىمۇ نېسىپ بولمايدىغانلىغىدىن ئەنسىرەش توغرا ئەمەس. ئىش ھاياتى يالغۇز ئەرلەرگىلا خاس بولۇشى ئاللابۇرۇن ئەمەلدىن قالغان. تىجارەتنىڭ 60٪ نى ئاياللار قىلىۋاتىدۇ ۋە دۇنيادىكى پۇلنىڭ قۇدرىتىگە ئاياللار ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار ئىدارە قىلىشقا ئارىلاشمايدىغان ھېچقانداق بىر سەۋەب قالمىدى.
بۈگۈنكى زاماندا ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇئەسسەسىگە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇرۇنقى ئىدارە قىلغۇچىلار، ئىدارە قىلىش ئەمەس ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قارىغۇلارچە بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلاتتى. خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىلمەيتى. يالغۇز شۇنداق بىر ئويى باركى:«قېنى تېز بول، ئىشنى تۈگەت» دەپ ئاچچىقلىنىپ يۈرەتتى. ئەمگەكچىلەرگە ھايۋانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ خىل ئۇسۇل تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا پايدا بەرمەي بەلكى زىيان ئېپكېلەتتى.
بۈگۈنكى ئىدىيەگە ئاساسەن، باشقۇرغۇچى بىر ئوقۇتقۇچىدۇر. بۇ ئوقۇتقۇچى ئىشچىلارغا ئۆزلىرى ۋە زاۋۇت ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. باشقۇرغۇچى مۇشۇ سەۋەبتىن بىر لىدېرغا ئوخشايدۇ. بىر ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلار بىر ئاىلىنىڭ ئەزالىرىغا ئوخشايدۇ. سېخنىڭ مۇدىرى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشچىلارغا نەسىھەتتە بولىدۇ.
تەرەقىي قىلىشنى ئويلايدىغان ھەرقانداق زاۋۇت يالغۇز بىر شەخسنىڭ باشقۇرىشىغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. باشقۇرۇشقا قانچە كۆپ كىشىنىڭ ھەسسىسى قوشۇلسا زاۋۇت شۇنچىلىك ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرۇشتا يېڭى بىر نەرسىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، باشتا ئۆز-ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم، ئاندىن كېيىن بىلگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئۆگىتىسىز. سىزگە باشقىلارنى كۆزىتىش ۋەزىپىسى بېرىلگەندە، كۆزىتىشنىڭ ئۆگىنىشتىن تەس بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. چۈنكى كۆزىتىش دېگەنلىك باشقىلارغا بۇيرۇق بېرىش ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك.
بۇيرۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش ناھايىتى چوڭ بىر سىناقتۇر. چۈنكى بۇيرۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇش كۈچى بىرمۇنچە ئىنسانلارنى بۇزىدۇ، ئۇلارنى تەكەببۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداقلار باشقىلارنى ھەقىقىي باشقۇرمىغانلىقى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بىرمۇنچە ئىنسانلار باشلىق بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا يول باشلىغۇچى بولماستىن بەلكى كىشىلەرنى سۆرەلمىلىك قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭدەك باشقىلارغا ۋاقىرايدۇ ۋە غورۇرىغا تېگىدۇ. ھالبۇكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش-ھەرىكەت، باشقىلارغا ۋارقىراپ-جارقىراش ئەمەس بەلكى ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىش. ئىشچىلارغا بېسىم ئىشلىتىش ھېچقانداق پايدا ئېپكەلمەيدۇ. ئەكسىنچە بېسىمغا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىرى باشقىلارغىمۇ بېسىم قىلىپ ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.
باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن پۇتاق چىقارمايلى. ياخشى سېخلارنى تەقدىرلەيلى، يامان ئىشلارنى تەنقىد قىلايلى، داۋاملىق تەنقىدلا قىلىپ، تەقدىرلىمىسەك بۇ ئۇلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىق ۋە ئىنساپسىزلىق بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىشچىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يارىمىسا ۋە ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرۇشنى ئويلىسىڭىز بۇنىڭغا باشقىلار يېنىدا قوپاللىق بىلەن ۋاقىرىماي بەلكى ئۇنى يالغۇز ئىشخانىڭىزغا چاقىرىپ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن تەربىيە قىلىشىڭىز لازىم. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بولىدۇ. ئىشچىمۇ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، مۇشۇنداق بىر قوپاللىقا ئۇچرىغان ئىشچى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى ئاغرىيدۇ.
ئىش ئورنىمىزدا بېرىلگەن بۇيرۇققا بوي سۇنۇش ياخشى بىر ئەخلاقتۇر. ئەقىل-پاراسەتمۇ ناھايىتى مۇھىم. بانكىلار ۋە ئىدارىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنگە ئوخشاش، قول ئاستىمىزدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرەيلى. توغرا بولغىنى ئىشچىغا قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرگۈزۈش. ئىشچىلار مىجىپ سۈيىنى چىقىرىدىغان لىمون ئەمەس. ئۇلارمۇ بىر ئىشلارنى ئويلىيالايدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان ئىنسانلار. باشقۇرغۇچى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھېسسىياتلىرىنى زاۋۇتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قوللىنىشنى بىلىشى لازىم.
ئەقىللىق بىر باشقۇرغۇچى جازانىڭ ئورنىغا مۇكاپاتنى قويغۇچىدۇر. چۈنكى باشقۇرغۇچى نېمە قىل دېسە ئىشچى شۇنى قىلىدۇ ۋە ئىشچىغا قىلغان سەمىمىيىتى بىلەن ياخشىلىقىنىڭ ئورنىغا ياخشىلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ باشقۇرۇش. ئىستاكانغا، ئۇنىڭ ئىستاكان ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۇنۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەرىكەتتە بولىمىز. كىتابقا، ئۇنىڭ كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى پاسكىنا قىلماي، يىرتىۋەتمەي تۇتىمىز. ئىشلەپچىقىرىشتا ماشىنىلارگىمۇ ئەنە ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى پاكىز، ئاسراپ ئىشلىتىمىز. ئىنسانلارغا قىلىنغان مۇئامىلىدىمۇ، ئۇلارنى ياشاش، ئوي-پىكىر، ھىس-تۇيغۇلارغا ئىگە قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىمىز.
بىر زاۋۇتنى زىيان تارقۇزىدىغان كارخانىچى بولماستىن بەلكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرىدىغان بولۇشىمىز، قانچىلىك يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى ، كەلگۈسىنى شۇنچىلىك چۈشىنىپ مېڭىشىمىز لازىم. باشقۇرغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئاندىن ئۆز دائىرىسىنى ئاندىن كېيىن پۈتۈن جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئىدارە قىلغۇچىلار توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇن ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلار بار. بۇلاردىن بىرقانچىسىنى ئوقۇپ ئۈگەنگەن نەرسىلىرىمىزنى ئۆز ئىشلىرىمىزغا تەدبىقلىشىمىز لازىم.
ئىنسانلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ماشىنىلار ۋە ماددى بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ئانچە تەس ئەمەس، ئەمما ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىر بۇيرۇق بەرگۈچىنى تەيىنلەش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر كىشىنى ۋەزىپىگە قويۇشىمىز كېرەك. ھەر كىم بۇ ۋەزىپىنى تولۇق بىجىرەلمەيدۇ. پەقەت قانچىلىك ياخشى قىلسا شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
ئىنسانلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇش سەنئىتىنى سىياسەتتە "دىپلومات" دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، باشقىلارنى ئۆز پىكرىگە كۆندۈرۈش ۋە ئۆز كۈرەش يولىغا باشلاش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ خۇي-پەيلىنى، ئوي-پىكىرلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىدارە قىلىش شەخسكە باغلىق بىر ئىش. بۇ ئىش پۇل مۇئامىلە، قەرز ياكى ستاتىستىكا ئىشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. يالغۇز كۈچ بىلەن ئىدارە قىلىش ئەمەس، ئىنسانلارنى توغرا بىر يول بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۇستىلىق بىلەن تەسىرىمىزنى سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
مال-دۇنيالارغا ئېرىشىپ داڭلىق بىر شەخىسكە ئايلانغانلىقى ئۇنىڭ مۈلۈكدار بولغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ ئادىل بىر باشقۇرغۇچى بولغانلىقىدا.
داسمايىسى تىرليونلار بولغان چوڭ زاۋۇتلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياخشى بولمىسىلا پۈتۈن دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر زاۋۇت باشقۇرۇلۇشىغا قاراپ يا تەرەققى قىلىدۇ يا زىيان تارتىپ يوقىلىدۇ. ياخشى بىر باشقۇرغۇچى، زىيان تارتىشقا يۈزلەنگەن بىر زاۋۇتنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى پايدا ئالىدىغان بىر زاۋۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇنداق ئىنسانلار جەمئىيىتىمىزدە بەكمۇ ئاز.
بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىمتىھان سوئاللىرى 3 چوڭ نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.
قول ئاستىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ پۈتۈن ماددى كۈچلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلەمدۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىيالامدۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرەلەمدۇ يوق؟ ئىشچىلارنىڭ ئېنېرگىيەسى ۋە پۈتۈن كۈچلىرىنى زاۋۇتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرەمدۇ يوق؟
قول ئاستىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىلەمدۇ يوق؟ بۇلار ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئويلىغان ئوي-پىكىرلىرىنى زاۋۇتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتەلەمدۇ يوق؟ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدەك ئويلىيالامدۇ يوق؟
قول ئاستىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مەنىۋىي كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىلەمدۇ يوق؟ دوستلىرى تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولامدۇ يوق؟ ئۇنى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانچىلىك قوغدايدىغان دوست دەپ بىلەمدۇ يوق؟
بۇ كۈچلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىكى كۆڭۈلدىن ئىبارەت.
ھەرقانداق جەمئىيەتتە ھېچ بولمىغاندا بۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى نىسبەتتە بولۇشى مۇھىم. بۇنى ئەقلىمىزدىن ھېچ چىقارماسلىقىمىز لازىم. مەلۇم بولدىكى ئىدارە قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر سەنئەت . دۇنيا ئىشلىرى ئۇنىڭ سايىسىدە قىلىدۇ. ئۇنى تەتقىق قىلىپ شۇ بويىچە ماڭساق ئىشلىرىمىزدا قانچىلىك ئالغا باسىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلەيمىز.
11-بۆلۈم. ئىش ئورنىمىزغا ھەسسىدار بولايلى
پۇلنىڭ پۇلنى قانداق تاپىدىغانلىقىنى، بانكىدىكى پۇلىڭىزغا قاراپ بىلەلەيسىز. پۇل كۈچ دېمەكتۇر، خەزىنە ۋە ئېنېرگىيە دېمەكتۇر. پۇلغا ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. يەر-زىمىن، قورا-جاي، ماشىنا قاتارلىقلار. ئىش ئورنىڭىزغا ھەسسىدار بولۇش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىشلاردىن بىرى. ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر ياخشى ئىش. ئىش ھاياتىمىزدىكى پۈتۈن نازۇك نەرسىلەرنى بۇ ئارقىلىق بىلىمىز.
بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر پۇلى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر ئىشقا مەبلەغ سېلىشى، ئۆز ئىش ئورنىغا شېرىك بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قازانچىڭىز يېنىڭىزدا بولىدۇ. پايدىنى كۆزلىگەن ئىشلاردا زىيان تارتىپ قالسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن ئاچچىق بىر ساۋاق بولۇپ ھەقىقىي ئىشلارنى ئۆگىنىسىز.
يېڭى كەشپىياتلارنى قوغلىشىپ، ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سالماڭ، بۇ ئىشەنچلىك ئەمەس. بۇنداق تەۋەككۈلچىلىك ئىشلار مىليونىرلارغا لايىق كېلىدۇ. سىز مىليونىر بولمىغاندىكىن ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر قازانغان بىرىنچى قېتىمدىكى بۇ پۇللارنى يوقاتسىڭىز، قىزغىنلىقىڭىز سوۋۇپ مال-مۈلكىڭىز زىيان بىلەن تۈگەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن قازانغان پۇلىمىزنى ئىشەنچىلىك يەرلەرگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئەڭ ئىشەنچلىك يەر ئۆز ئىش ئورنىمىزدىن ئىبارەت.
پۇلغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بانكىدا ھېساب نومۇرى ئاچقۇزۇشىمىز كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا بىزگە ئاز كۆرۈنگەن بۇ پۇللار تاما-تاما كۆل بولىدۇ.
باشقىلارغا مۇھتاج بولماستىن ياخشى ۋە مەيدىمىزنى كۆتۈرۈپ ياشايمىز دېسەك بۇ پۇل دېگەن نەرسە بەك مۇھىم. پۇلى يوق كىشىلەر ئۆمۈر بويى يېتىم بالىلاردەك بويۇنلىرىنى قىسىپ ياشايدۇ. سىز ئىقتىساد قىلغان پۇلىڭىز بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنىڭىزغا ھەسسىدار بولسىڭىز مۇھىم بولغان بىر ئىشنى باشلىغان بولىسىز. بۇ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سايىسى بىلەن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىز ئېشىپ، تۇرمۇش ئەھۋالىڭىز ياخشىلىنىدۇ.
ئىشلەۋاتقان يېرىڭىزدىكى خىزمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، باشلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاڭ. ئىش ئورنىڭىزغا ھەسسىدار بولسىڭىز بۇ ئىش يېرىگە باغلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئورنىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىسىز. ھەم ئۆزىڭىز ھەم ئىش ئورنىڭىز ئۈچۈن ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. ئوخشاش ۋاقىتتا قوشقان ھەسسىڭىزنىڭ سايىسىدە ئىشچىلىق ئورنىڭىزدىن ئۆسۈپ شېرىكلىك ئورنىغا كۆتۈرۈلىسىز. چۈنكى ئىش ئورنىڭىز سىزگە تەۋە بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىللىق پايچەك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى بېرىپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىسىز.
دەسمايىنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىش ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلاردىن بىرى. ئۆز ئىقتىسادىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغان كىشى باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ئىقتىسات قىلغان پۇلىڭىزنىڭ سايىسىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ، ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن قەرز ئالالايسىز. قەرز ئېلىش، بانكىغا ئېرىشىش دېگەنلىك. بانكا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇپ سىزدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
دەسمايە بەكمۇ مۇھىم. بۇنىڭدا بىز مىليونلارغا ئىگە بولغانلارنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ مىليونىرلارنىڭ كۆپى كىچىكىدىن پۇللارنى يىغىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىللە باي بولغانلار. چۈنكى مىليونىرلار ئانىسىدىن مىليونەر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىشلەپ تاپىدۇ.
ياۋروپادا مىڭلارچە كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان بىرمۇنچە شىركەتلەرنىڭ مەبلەغلىرىنى پەقەت بانكىلار ئارقىلىق بىلىدۇ. بانكا پۇلىڭىزنى ئىشەنچلىك ساقلايدۇ ۋە دارامىتىڭىزنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن سىزگە ياردەم قىلىپ يول كۆرسىتىدۇ ۋە سىزدىن بىر نېمە تەلەپ قىلماي ئەكسىچە پايچەكلىرىڭىزنى قوغدايدىغان بىر قۇرۇلۇشتۇر.
ئەنگلىيەنىڭ مالىيە چىقىملىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ۋە پۈتۈن قۇرۇلۇشلارغا ياردەم قىلىدىغان ئەنگلىيە بانكىسى بولۇپ، بۇنداق بانكىلاردىن ئەنگلىيەدە يەنە 5ئى بار. بۇ چوڭ بانكىلار خەلقنىڭ كىچىك ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىنى چوڭ مەبلەغ ئىگىلىرىگە قەرز بېرىپ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر بانكىلار بولمىسا، كىچىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ تەرەققى قىلالمايمىز. شۇنىڭ بىلەن كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزنى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ ئۆتكۈزۈپ ئۆمرىمىز ئۆتەر ئىدى.
پاي چېكى ۋە زايۇم بازارلىرى كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ ساھەدە قولىڭىزدىكى پاي چېكى، زايۇملارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇلغا ئالماشتۇرالايسىز. پاي چېكى بازارلىرىدا پايدىمۇ ئالىسىز، زىيانمۇ تارتىسىز، بۇ شۇنداق بازار. بۇ بازاردىكى پاي چېكى باھاسى قولىڭىزدىكى پاي چېكىنىڭ باھاسىنى ساقلايدۇ. بۇ بازار ئۇنچىلىك توسالغۇلۇق ئەمەس. پۇللىرىڭىزنى دەرھال قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ يوللىرى بار. قىسقىسى دەسمايىنى قولىمىزدا ئۇزاق ۋاقىت تۇتۇپ ياتمايلى. كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىپ، يولنى تېپىپ، بۇ ھاياتتا ئەمگەك قىلسىڭىز، ئالاھىدە ئېيتىلغان سۆزلەرگە قارىغاندا مەبلەغ ئىگىلىرى بولۇش ئۇنچىلىك تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
دەسمايىنى توپلاپ بانكىدا ھېساب ئاچقۇزۇش قىلىدىغان بىرىنچى ئىش. مۇشۇنداق بولغاندا ئەركىن ھەرىكەت قىلالايسىز. ھەتتا بۇنىڭ بىلەن باي بولغانلارغا ھەسەت قىلماي ۋە تەتۈر قارىمايسىز. نەتىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىقتىساد ئىگىلىرىگە ئايلىنىسىز.
ھاياتتا تۇيۇقسىز دۇچ كېلىدىغا ھەر خىل كېسەللەر ، توغرا بالا قازالار، ئۆلۈم- يېتىملەرگە ھەر ۋاقىت ھازىرلىقتا بولۇڭ. ئەڭ ئاز ئىقتىسات قىلغان پۇللىرىڭىز بىلەنمۇ سۇغۇرتىلىق بولالايسىز، بۇ سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ.
بۇرۇنقى زامانلاردا بانكا يوق ئىدى. ئىنسانلار قۇلدەك ئىشلەپ، قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلاتتى، ئايلىقمۇ ئالمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە پۇلىمىزنى يىغىپ، سەرمايە قىلىپ توپلىشىمىز، ياشاۋاتقان زاماننىڭ ئېھتىياجىدۇر. مۇشۇنداق قىلىپ يوقسۇلچىلىقتىن قۇتۇلىشىمىز مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن بايلارنىڭ ئېزىشىدىن قۇتۇلۇپ، سەرمايىگە ئىگە بولۇش ھەققىمىزگە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن.
ئىش ئورنىڭىزغا ھەسسىدار بولۇش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىشلاردىن بىرى. ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر ياخشى ئىش. ئىش ھاياتىمىزدىكى پۈتۈن نازۇك نەرسىلەرنى بۇ ئارقىلىق بىلىمىز. بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆز ئىگىدارچىلىقىمىزدىكى پايدىلارنى قولىمىزدا تۇتۇشىمىزدا. ئېرىشكەن پۇلىڭىز ئىش ھاياتىڭىزغا كىرىش ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بىرىنچىدىن ئىشىڭىز ئارقىلىق تەجرىبىگە ئىگە بولىسىز، كارخانىغا زىيان ياكى پايدا تەگكۈزىدىغان ماۋزۇلارنى ئۆگىنىسىز. ئىككىنچىدىن دوست تۇتىسىز. بۇ بىر ناھايىتى چوڭ نەتىجىدۇر. شېرىكلىرىڭىز بىلەن ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئۆزىڭىزنى كارخانىنىڭ مۇھىم بىر خىزمەتچىسى دەپ ھېس قىلىسىز. ئۈچىنچىدىن خاراكتېرغا ئىگە بولىسىز. ئۆز-ئۆزىڭىزنى تونۇپ يېتىپ، ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇپ، ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ، پىكىر ۋە چۈشەنچىدە كامالەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلىسىز. چۈنكى يەلكىنى يوق كېمىگە ھېچقانداق بىر شامال ياردەم قىلالمايدۇ.
كىشىلەرگە ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىكىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. باشلىغان ئىشىڭىزغا ئىشەنچى بىلەن قاراڭ.