2010-05-03
ياشلىق ئۈگەن
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62949284.html
ياشلىق ئۈگەن
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
1943-يىل ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
ياشلىق تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۈگەن،
ئىلىمنىڭ دىڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.
نادانلىق ئۇ، ھەممىنى بىلدىم دىگەن،
كۆرۈپ ... ۋاراقلاپ بىر قۇر.
ئىلىم-مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقۇ ئون يىل!
كۆزلا ئەمەس ئالدىڭدا نۇر چاققۇچى.
قاراڭغۇنى يورۇتقان بۇ يورۇق دىل.
ھەر بىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،
توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ.
ئىلىم تۈگىمەس، مەرت ئادەمنى ياقلايدۇ،
ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەرقاچان غايىپ.
راھىپ بول ئىلىمنىڭ نازاكەت گۈلىگە،
مۆجىزىلەر گۈمبىزىگە "شەيخ".
كۈن، تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،
سېنى دىگۈزمەس دەرىھ.
ئادەم بالىسى ياپراق، كىر قونماس ئېسىل،
ھەممىدىن ئۆتكۈر ئۇنىڭ مىڭىسى.
باق، ئويلان ...... ئوبدان پىكىر قىل،
دەۋرگە ئامراق يېڭىنىڭ يېڭىسى.
ئۈگىنىش سازىغا ماھىر سازەندە،
كۆرگىن، سېرىپ قول چەككىنىنى،
تارغا تىل بەرگەنمۇ شۇ ئاددى بەندە،
تاماشا قىل مۇقاملار يولىن ئەككىنىنى.
قايسى مۇقام، قايسى پەدە باغرىڭ،
قايسى سازەندە دىلىڭغا سۇ بەرگەن؟
قايسى ناخشا پەسلەتكەڭ زارىڭ،
قايسى ناخشا كۆڭلۈڭگە گۈل تەرگەن.
ئويلىساڭ ياشلىق --- قىسقا سېنىڭ ئۆمرۈڭ،
تاڭدا چېچەكلەپ، گويا كەچتە قويۇلىدۇ،
دىماققا خۇش پۇراق چېچىپ گۈللىرىڭ.
كۆز ئېچىپ يۇمغاندەك تۇيۇلىدۇ،
ئەرلەرنى باسسا ساقال-بۇرۇتلار.
قىزلارغىمۇ ئىز سالىدۇ بۇدۇر-قورۇقلار.
پولاشمايدۇ دەرەخلەر ياپ-ياش تۇرۇپلا،
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەيدۇ قۇرۇتلار.
ياشلىق --- چاقماق سەن، چېقىپ ئۆچىسەن،
ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ، ئۈگەڭىن، ئۈگەن!
قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆكىسەن،
ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن!