2010-04-23
يەھۇدىيلار .1 - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62540681.html
يەھۇدىيلار كىمدۇر ؟
1924 -يىلى سىتالىن سوۋىت جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مىللەتلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللەتكە تەبىر بەرگەن ،
مىللەت
1.
2.
3.
4.
ئەمدى قارايدىغان بولساق سىتالىننىڭ كۆز قارشى ئىدىيەسى بويىچە ئايرىسا ، دۇنيادا يەھۇدىي مىللىتى بولماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنداقتا كىم يەھۇدىيدۇر ؟
يەھۇدىي دىگەنلىك1. ئاتا - ئانا جەمەتى ئىچىدە خالىغان بىر تەرەپنىڭ ئەجدادلىرى يەھۇدىي بولغان بولۇش . يەنى شۇ شەخىس قان تومۇرىدا ئېقىۋاتقان مەلۇم نىسبەتتە يەھۇدىي قېنى بار بولۇش ،
2. يەھۇدىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار
مانا مۇشۇ ئىككى شەرتكە ئاساسەن يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي پۇشتى ھېسابلىنىدۇ ، بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يەھۇدىيلار دەپ ئاتايمىز .
يەھۇدىيلارنىڭ 2000 يىللىق سۈرگۈن ھاياتىغا نەزەر
http://www.aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=418
يەھۇدىيلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 10.ئەسىردە ھەزرىتى سۇلايمان دەۋرىدە بەختلىك بىر قەۋىم ئىدى.
ھەزرىتى سۇلايماننىڭ ئولۈمىدىن كېيىن، مىسىرلىقلار بىلەن ئاسۇرلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا يەھۇدىيلار ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 586.يىلى بابىل پادىشاھى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىبادەتھانىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى ۋە يەھۇدىيلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. ئىİران پادىشى 11. كىروس يەھۇدىيلارنى تەكرار ئازاد قىلدى.
İئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىدە، يەھۇدىيلار ماكىدونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. İئىسكەندەردىن كېيىن بەزى مىسىر، بەزىدە ھەلەن پادىشالىغى ھۈكۈمىرانلىغى ئاستىدا قالغان يەھۇدىيلار ئارقىدىن روما İئىمپىراتۇرلىغىنىڭ ھۈكۈمىرانلىغى ئاستىدا قالدى. روما İئىمپىراتۇرلۇقىغا قارشى ئىسيان كۈتەرگەن يەھۇدىيلار، مىلادىنىڭ 70 - يىلى روما ئىمپېراتورى ۋەسپەسىئانۇسنىڭ ئوغلى تىتۇسنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى.
سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ بارلىك ئىبادەتخانىلىرى ۋەيران قىلىندى، يەھۇدىيلار ئومۇمى يۈزلۈك ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى.
مىلادى 132-135.يىللىرى يەھۇدىيلار ئىككىنچى قېتىم روما İئمپىريىسگە قارشى ئىسيان كۈتەردى ۋە قاتتىق باستۇرۇلدى.
يەھۇدىيلار روما ئىمپېرىيىسىگە تەۋە زىمىنلارغا تارقاق ھالدا سۈرگۈن قىلىندى. خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان روما ئىمپېرىيىسى، يەھۇدىيلارنى ئەيسا پەيغەمبەرنى ئازابلاپ ئولتۈرگەن ئاسى قەۋىم دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلارغا ھېچ رەھىم-شەپقەت قىلمىدى.
1351.يىلى ياۋروپادا ۋابا كېسىلى تارقالدى ۋە نوپۇسنىڭ ئۈچتە بىرسى ئولۈپ كەتتى. يەھۇدىيلارنى “ۋابا تارقاتقۇچى مىللەت” دەپ ھېسابلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۇلارنى شەرقى ياۋروپاغا قوغلاپ چىقاردى. غەربى ياۋروپادا قالغانلىرىنى گەتتو دەپ ئاتالغان سىپىللار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلدى، مەسىلەن: İئىتالىيەنىڭ ۋىنتىسسىيە شەھىرىدە. 1516.يىلى قۇرۇلغان يەھۇدىي گەتتوسى 1870.يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇرۇلغان ئىدى.
1492.يىلى 3.ئاينىڭ 31.كۈنى، ئىسپانىيە پادىشاھى، خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلمىغان يەھۇدىيلارنى مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىش پەرمانى ئېلان قىلدى. خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلار ئامان قالغان بولسىمۇ، قوبۇل قىلمىغانلار كېمىلەر بىلەن دېڭىز-ئوكيانغا قويۇۋېتىلدى. ئۆلۈمگە تەرك ئىتىلدى. بىر مۇنچە كېمىلەر دېڭىزغا چوكۈپ كەتتى. ساق قالغانلىرىدىن 60 مىڭ يەھۇدىينى ئوسمانلى تۇرك ئىمپېرىيىسى، 23 مىڭنى پورتىگالىيە قوبۇل قىلدى. گوللاندىيە، İئىتالىيە، فرانسىيە بىر قىسمىنى قوبۇل قىلدى. بىر قىسمى ئوكيانلاردىن ئوتۈپ يېڭى قىتئە بولغان ئامېرىكا قىتئەسىگە يەرلەشتى.
1799.يىلى ناپالىيون مىسىرغا قىلغان ئەسكىرى يۈرۈشىدە، بۇ رايوندا يەھۇدىلارىڭ يەرلىشىشى ئۈچۈن بىر قىسىم زېمىن بىرىدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ناپالىيون بۇ زېمىنلاردا ئۇزاق ۋاقىت قالالمىغانلىغى ئۈچۈن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. 1840.يىلى، ئۇلۇغ بىرىتانىيەنىڭ قۇددۇستىكى ۋەكىلى لورد پالمەرستون “بىرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالىي مەنپەتى ئۈچۈن بۇ زېمىندا ياۋرۇپا يەھۇدىيلىرىنى يەرلەشتۇرىلىدىغان رايون قۇرۇلۇشى لازىم.. ” مەزمۇنىدىكى دوكلادىنى لوندون´غا سۇنغان ئىدى. بۇ يىللاردا ياۋروپانىڭ بىرمۇنچە دۆلەتلىرىدە يەھۇدىي دۈشمەنىلگى ئېغىر ئىدى. بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت خىزمىتىگە ۋە ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغان يەھۇدىيلار تىچارەت، بانكىچىلىق، مەتبۇئات ساھالىرىدە زور مۇۋاپپىققىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، سىياسىي ئورنى يەنىلا تۆۋەن ئىدى. كەمسىتىلەتتى.
1840.يىللاردا پارتلىغان پارىژ ئىنقىلابىدا پىرانسىيە خەلقى ئەركىنلىك ۋە دەموكىراتىيەگە ئېرىشتى. بۇ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ياۋروپانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقىلىشقا باشلىدى. دەل بۇ دەۋرلەردە يەھۇدىيلارمۇ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولدى ۋە كېلەچەكلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدى.
1860.يىلى ۋىنگىرىيەدە تۇغۇلۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن 1878. يىلى ئاۋۇستىرىيەنىڭ ۋىيەنا شەھىرىگە كوچۈپ كەلگەن يەھۇدىي جورنالىست تەئودور ھەرزل 1896.يىلى “يەھۇدىي دۆلىتى” دېگەن بىر كىتاب يازدى. بۇ كىتاب غەرپتىكى تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن “سىياسىي سىيونىزىمنىڭ خىتابنامىسى”دەپ تەرىپلەندى. سىيونىزم ھەرزلنىڭ كىتاۋىدا كوپ تەكرارلانغان بىر سوز بولۇپ، سىيون ئەسلىدە قۇددۇس(ئەرۇسالىم) شەھەر سىپىلىنىڭ سىرتىدىكى يەھۇدىيلار ئىبادەت قىلىدىغان بىر داۋاننىڭ ئىسمى . يەھۇدىيلار ئۈچۈن بۇ ئىسىم قۇددۇس بىلەن ئوخشاش مەناغا توغرا كېلىدۇ. سىيون ئەينى زاماندا يەھۇدىيلارنىڭ 2000 يىل ئىلگىرى ھەيدەپ چىقىرىلغان ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىش ئارزۇسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.
1840-1970 - يىللىرى ئارىسىدا غەرىپتىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان “ئانتى سىمىتىزم” سىياسىتى، يەھۇدىيلارنى ئاسلىمىلاسىيە قىلىش سىياسىتى بولۇپ، يەھۇدىىلار گىرمانلىشىپ كېتىش، پولەكلىشىپ كېتىش، چېخ، ۋىنگىر، İئىتاليان…لىشىپ كېتىش خەۋىپى ئاسىدا ياشىماقتا ئىدى.
1881.يىلدىن 1940.يىلغىچە رۇسىيىدىمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى بولدى.
چار پادىشاھى دەۋرىدە خەلق ئىسيانلىرىدا ئالدى بىلەن يەھۇدىي بايلار تالان-تاراچقا ئۇچرىغان بولسا، لېنىن، İستالىن دەۋرىدە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان كاپىتالىست يەھۇدىيلارنىڭ مۈلكى تارتىۋېلىنىپ، ئۆزلىرى ئېتىپ تاشلاندى. ھايات قالغانلىرى بولسا سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىندى.
ئوسمانلى پادىشاھلىق ئارخىپلىرىدىكى 1878.يىلدىكى نوپۇس ئېنىقلاش تىزىملىكىدە پەلەستىننىڭ نوپۇسى تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان؛ 404 مىڭ مۇسۇلمان، 44مىڭ خرىستىئان، 25مىڭ يەھۇدىي بار.
تھەئودور ھەرزل 1896-1902.يىللىرى ئارىسىدا ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان بىلەن كوپ قېتىم مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشقا تىرىشقان. گېرمان، ئاۋۇسرىيە-ۋىنگىريە İئىمپىرىيىسىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق، يەھۇدىيلار پەلەستىندىن بىر قىسىم زېمىن ئېلىش ئۈچۈن ئوسمانلى دۆلىتىگە 50 مىليون پوئۇنت ئالتۇن بېرىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلدى . سۇلتان ئابدۇلھەمىت “مۇسۇلماننىڭ قېنى بىلەن كەلگەن زېمىن، ئالتۇنغا سېتىلمايدۇ”دەپ رەت قىلدى. ھەرزل نىڭ كۈنلۈك خاتىرىسىدە “تۈرك دۆلىتى ئۈچۈن 20 مىليون پوئۇند خەجلىگەن بولساقمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق”دەپ يېزىلغان.
يەھۇدىيلار ئوسمانلى تۈركلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ھارزل بىرتانىيە مۇستەملىكە مىنىستىرلىقى بىلەن سانا يېرىم ئارىلى ھەققىدە بازارلىق قىلىشقا باشلىدى، ئامما ، فرانسىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن ۋەياكى ئەتراپىدا ھەر تەرەپلەر بىلەن كىلىشىمگە كەلمەي تۇرۇپ بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇلىدىغان بولسا، فرانسىيىنىڭ سۈرىيە دېڭىز قىرغىغىدىكى ئەسكىرى كۈچىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرتانىيەگە تەھدىت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرتانىيە، يەھۇدىيلارغا غەربى ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىسى ئۇگاندادىن(بۈگۈنكى كەنيە)زېمىن بېرىشنى ۋەدە قىلدى. دەل بۇ كۈنلەردە، يەنى 1903.يىلى يېڭى يىلدا روسيەدە 3 كۈن ئىچىدە 45 نەپەر يەھۇدىي كىشىنەۋ دە رۇسلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. چارىسىز قالغان ھەرزل İئىنگىلىزلەرنىڭ تەكلىۋىگە ماقۇل بولۇپ، كەلگۈسىدىكى يەھۇدىي ۋەتىنى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۇگاندا غا بىر ھەيئەت ئەۋەتتى. بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلگەن يەھۇدىي ھەيئىتى، ئافرىقىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنى زەھەرلەپ ئولتۈرىۋەتىدىغان ھاشەرەتلەر بىلەن تولغان، شۇنداقلا ياۋايى قارا ئىنسانلار ئارىسىدا بىخەتەرلىك مەسىلى مەۋجۇتلۇقى قاتارلىك سەلبىي دوكلاتلارنى سۇندى. ھەرزل 1904.يىلى ۋاپات بولدى. يەھۇدىيلار ئافىرىقىنى ۋەتەن قىلىش پىكرىدىن ۋاز كەچتى.
ھەرزلنىڭ ئىزباسارى ناچمان سيركىننىڭ باشچىلىقىدىكى سىئونىست تەشكىلاتى، دۇنيانىڭ قايىرىدە بولسا بولسۇن يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇش يولىدا ھېچ بوشاشماستىن پائالىيەتلىرىنى داۋام ئەتتۈردى. ئارگېنتىنا، كانادا، تېكساس… قاتارلىق يەرلەردە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش مەسىلىسى تەتقىق قىلىندى. يەھۇدىيلار دۆلىتىنى قايسى قىتئە دە، قايسى زېمىندا قۇرۇش توغرىسىدا بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. مەشھۇر İئىنگىلىز جاسۇسى لورنىس ئەرەبلەرنى تەشكىللەپ ئوسمانلى İئىمپىريىسىگە قارشى ئىسيانغا ھەم قوماندانلىق قىلدى ھەم ئوز ھۆكۈمىتىدىن كوپ مىقداردا قۇرال-ياراق ياردىمى ئالدى.
پەلەستىندىمۇ ئىسيان باشلاندى. تۈرك ئارمىيىسى ھەم ئىسيانچى ئەرەبلەر، ھەم دېڭىزدىن كەلگەن İئىنگىلىز ئارمىيىسى، ھەم تەشكىللەنگەن قوراللىق يەھۇدىي كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، İتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ İئستانبۇلغا ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇمى تۈپەيلى بۇ رايوندىكى ئەسكىرى كۈچىنى چەكىندۈرۈشكە مەجبۇر قالدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئوسمانلى ئاراسىدا تۈزۈلگەن موندروس كېلىشىمى ئارقىلىق 1918.يىلى،10،ئاينىڭ 30.كۈنى پەلەستىن ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ قولىدىن ئەنگىلىيەنىڭ قولىغا رەسمىي ئوتۈپ كەتتى.
بىرتانىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنگە يەرلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇنلارنى چىقاردى.
بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقاندا “ئەرۇسالىمدا ئۇچرىشايلى”(ئەرۇسالىم-قۇددۇس دېمەكتۇر) دېيىشنى 2000 يىلدىن بېرى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلغان يەھۇدىيلار ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان، ئامما تەۋراتتا يەھۇدىي قوۋمىغا ۋەدە قىلىنغان بۇ زېمىنغا كۈچۈپ كېلىشكە باشلىدى. باشقا قىتئەلەردە دۆلەت قۇرۇش خىياللىرىدىن ۋاز كەچتى ھەتتا 1938.يىلى İستالىن، قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيە چىگرىسىغا يېقىن بولغان رۇس زېمىنى ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئاپتونوم دۆلەت قۇرۇشى ئۈچۈن زېمىن بېرىش تەكلىۋىدە بۇلۇنغان بولسىمۇ، رۇس ۋە ئوكرايىن يەھۇدىيلىرىدىن باشقا يەھۇدىي جامائىتى بۇ تەكلىپكە بەك قىزىقمىدى.
2.دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىشى بىلەن ياۋروپا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۈستىدە يەنە قارا بۇلۇتلار ئەگىشكە باشلىدى. بىراق، پەلەستىندىكى İئېنگىلىز ھۆكۈمىتى ئەرەب دۇنياسىنىڭ قاتتىق بېسىمى تۈپەيلى، پەلەستىڭە كۆچمەن كېلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان قانۇن ۋە تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىڭە كىرىشى بەسى مۈشكۈل بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار بۇرۇنلا İئېنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى قوراللىق پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. ھەم ئەرەبلەر بىلەن ھەم İئېنگىلىز ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان يەھۇدىيلار پەلەستىننى تىنىچسىز بىر رايونغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، يەر-زىمىننىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن پايدىلانغان يەھۇدىي يەر تىجارىتى شىركەتلىرى، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن ئېقىپ كەلگەن يەھۇدىي سەرمايىسى بىلەن، يەھۇدىي ئاھالىسىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ يەر-زىمىنلىرىنى سېتىۋېلىش ئىشىنى تىزلەتتى. مەسىلەن، بىر ئەرەبنىڭ بىر كىلو ئالتۇنغا يارايدىغان ئۆي-جايى ياكى يەر-زىمىنىگە 30-40 كىلو ئالتۇن تەكلىپ قىلدى. بىر كېچىدىلا باي بولۇش خىيالىغا مەستانە بولۇپ كەتكەن ئەرەبلەر، مال-مۈلكىنى يەھۇدىيلارغا سېتىپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كوچۈپ كېتىشتى (پەلەستىندە 1960.يىللاردىن كېيىن ياسەر ئارافات يەھۇدىيلارغا يەر-زىمىن ساتقان ئەرەبلەرنى ۋەتەن خائىنى سۈپىتىدە ئولتۈرۈشكە باشلىغانغا قەدەر يەھۇدىلارغا قاي سېتىش داۋام قىلدى).
يەھۇدىيلار ئەڭ ئېغىر پاجىيە ۋە ئازاپ-ئۇقۇبەتنى 2. دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە باشتىن كەچۈردى.
6 مىليۇن يەھۇدىي گېرمان ئارمىيىسى تەرىپىدىن خۇمدانلاردا كاۋاپ قىلىنىپ ئولتۈرۈلدى. ياۋروپادىن قېچىپ پاراخوتلار بىلەن دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغان 10 مىڭلىغان يەھۇدىي ئاھالىسى، يەھۇدىيلار كوپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۈچى بولغان ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا ، ئارگېنتىنا.. قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلمىغانلىقى تۈپەيلى ئوكىيانلاردا ھالاك بولدى. ساق قالغان پاراخوتلارنى بولسا گېرمان ئۇرۇش پاراخوتلىرى قوغلاپ يۈرۈپ چوكتۈرۈۋەتتى. مەسىلەن، گىتلېردىن قاچقان رۇمىنىيە يەھۇدىيلىرىنى تۇشىغان سترۇما يولۇچى پاراخۇدى پەلەستىن سەپىرىدە قارا دېڭىز بىلەن ئادىرياتىك دېڭىز ئارىسىدا ھېچبىر دۆلەت قۇرۇقلۇققا يېقىنلاشتۇرماي (يەھۇدىيلارنىڭ ۋابا كېسىلى تارقىتىشىدىن قورقۇپ) ئاخىرى قارا دېڭىزنىڭ İئىتانبۇل يېقىنلىرىدا 1941.يىلى 8.ئاينىڭ 15.كۈنىدىن باشلاپ 75 كۈن توختىتىپ قۇيۇلغاندىن كېيىن 769 كىشىلىك بۇ پاراخوت گېرمان سۇ ئاستى پاراخۇدى تەرىپىدىن دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىلدى.
يەھۇدىيلار، بىر مىللىي دۆلەتسىز بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلسىمۇ، ئامما، بىر مىللىي دۆلىتىنى يوقىتىپ قويغان مىللەتنىڭ نەسلىنىڭ تامامەن يوقىلىپ كېتىش خەۋپىنى بۇ قەدەر جىددىي ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇلار پەلەستىندە بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مىسلىسىز جاسارەتكە كەلدى. بارلىق دۇنيا يەھۇدىيلىرى بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلدى. بىر مىللەت پۇل بىلەن بەختلىك بولالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەھۇدىيلار بەختلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ، ئوتتۇرا شەرق، كاپكاسىيا ۋە شىمالى ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى تىزگىنىنى قولىدا تۇıتۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ مىللەت ھەر قېتىم دۇنيا تىنىچسىزلىققا ياكى كىرزىسقا يۈز تۇتقاندا، ۋەتەن ۋە دۆلەت ئىگىسى بولغان خەلقلەر تەرىپىدىن دەھشەتلىك شەكىلدە ئىنتىقام ئېلىش نىشانىغا ئايلاندى ۋە ئېغىر بەدەللەرنى ئوتىدى. ۋەتەنسىز بۇ مىللەت دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە پۇل بىلەن بەختكە ئېرىشەلمىدى. پۇل بىلەن ئائىلىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى. بۇنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى مۇستەقىل بىر مىللىي دۆلەت ئىدى.
ئەسلىدە يەھۇدىيلارنى بىر مىللەت دېيىش رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئۇلار تەۋرات ئەتراپىدا ئۇيۇشقان مۇسەۋى دىنىغا مەنسۇپ مىللەتلەردى. پەلەستىنگە 50 كە يېقىن دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق مىللەت يەھۇدىي ئىسمى ئاستىدا توپلانماقتا ئىدى.
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى بىلمەيتتى، ئورپە-ئادەت، مەدەنىيەتلىرى باشقا-باشقا ئىدى. ئورتاق ئادىتى پەقەتلا ئوغۇل بالىلىرىنى سۈننەت قىلدۇرۇش، توڭگۇز گۆشى يېمەسلىك، روزا تۇتۇش.. قاتارلىقلار ئىدى.
پەلەستىندىكى يەھۇدىي تىلشۇناسلىرى ،تەۋرات يەزىغى بولغان ئىبرانچە تىل ئاساسىدا دەرسلىك كىتابلار ھازىرلىغان بولۇپ، 2000 يىل ئالدىدا يوقاپ كەتكەن بىر تىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بالىلارغا تەكرار ئۈگۈتىلىۋاتاتتى. يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمى ئانا تىلىنى ئۈگەنگەن سەبىي بالىلار، سودا-سېتىق، كۈندىلىك ئالاقىلىشلاردا ئاتا-ئانىلارغا تەرجىمانلىق قىلاتتى. ئىبرانچە تىلنى ئاخشاملىرى ئاتا-ئانىلارمۇ كەچكى كۇرۇسلاردا ئۈگۈنەتتى. بىر تەرەپتىن ئەرەبلەر بىلەن، بىر تەرەپتىن مۇستەملىكىچى İئېنگىىلىز ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان پەلەستىن يەھۇدىيلىرى، يېڭى بىر تىل، يېڭى بىر مەدەنىيەت يارىتىش يولىدا تارىختا مىسلى كۈرۈلمىگەن سەپەرۋەرلىك ۋە پىداكارلىق ئىچىدە ئىدى. بۇ مەدەنىيەتنى يارىتىش، بىر دۆلەت يارىتىشنىڭ ئاساسى ئىدى.
2. دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا بولسا پەلەستىندىكى نوپۇس نىسبىتى مۇنداق ئىدى؛
ئەرەب نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭ، يەھۇدىي نوپۇسى 600 مىڭ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر كومىسىيونى، زېمىنلارنى نوپۇسلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ تەقسىم قىلدى. يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇلىدىغان تەرەپتە 498 مىڭ يەھۇدىي، 407مىڭ ئەرەب ياشايتتىı. پەلەستىن ئىسمى بىلەن قۇرۇلىدىغان ئەرەبلەر تەرىپىدە 725 مىڭ ئەرەب، 10 مىڭ يەھۇدىي ياشايتتى. قۇددۇس İسرائىلغىمۇ، پەلەستىڭىمۇ قارىمايدىغان ئالاھىدە بىر رايون قىلىنغان بولۇپ، قۇددۇستا ياشىغان ئەرەبلەر، يەھۇدىلار، خرىستىئانلار بىرلىكتە شەھەر ھاكىمىيىتىنى باشقۇراتتى. دوكلاتتا، يەھۇدىيلارنىڭ İئىختىسادى ۋە بىلىم، تەخنىلوگىيە ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئەرەبلەرنىڭمۇ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش پىلانلانغانلىقى يېزىلغان ئىدى. بۈگۈن قارىغاندا ئۇ تەخسىمات ئەرەبلەرگە پايدىلىق، يەھۇدىيلارغا پايدىسىز ئىدى.
1947.يىلى.11.ئاينىڭ 29.كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زالىدا پەلەستىن-İئىسرائىل دۆلىتى خەرىتىلىرى ئاۋازغا قويۇلدى. يەھۇدىيلار، نېمە بەرسە ئېلىشقا رازى ئىدى. ئەمما، يۈرىگى دەككە-دۈككۈدە ئىدى. پەلەستىنلىك ئەرەبلەر، ئۇلارلا ئەمەس بارلىق ئەرەب دۇنياسى دەرغەزەپتە ئىدى. پەلەستىن زېمىنىدا İئىسرائىل دۆلىتىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي قارشى ئىدى. ئەمما، دۆلەت باشلىقلىرى، پەلەستىن ۋەكىللىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئاساسەن قايىل قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي ، ئەرەپ-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سانى كۆپ ۋە كەڭ كۆلەملىك لوبى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش خىيالىنىڭ يوققا چىقىش ئىھتىمالى بار ئىدى. دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ سىناگۇگ قا كىرىپ ئاللاھقا يالۋۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىدى. ھەممىسىنىڭ قوللىرىدا تەۋرات، دۇئا-تەلاۋەت قىلىپ يىغلاشماقتا ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر زالىدا تۇنجى ئاۋازنى بەرگۈچى گۇئانتامالانىڭ ۋەكىلى سەھنىگە چىقىپ تېخى سۆزىنى باشلىماستىنلا، كۆزەتكۈچىلەر ئۇرۇندىغىدا ئولتۇرغانلار ئىچىدىن بىرسىنىڭ دات-پەريات كۈتەرگەن بىر ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بىر يەھۇدىي ئىدى ۋە ئىبرەن تىلىدا “ئانا ھا شەم ھوشىئا!”(ئەي ئاللاھ، بىزنى قۇتقاز!) دەپ ۋارقىرىغان ئىدى.
دېگەندەك، ئاللاھيەھۇدىلارنى قۇتقۇزدى. ئەسلىدە يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى ئاۋاز بېرىدىغان 10 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى يىغىن زالىغا كىرمىدى. بىر تەرەپ قېلىشى پەرەز قىلىنغان بىر قانچە دۆلەت ۋەكىلى İئىسرائىلنىڭ پايدىسىغا ئاۋاز بەردى. شۇنداق قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لايىھىسى 33 ئاۋاز ماقۇل، 10 ئاۋاز بوش،13 ئاۋاز رەت بىلەن تەستىقلانغان بولدى. بۇ مەسىلىگە ئائىت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 181. نومۇرلۇق ھۆججىتى دۇنياغا ئېلان قىلىندى.
ئىسرائىل دۆلىتى ئەنە شۇنداق قۇرۇلدى
پۇل بايلىق ئارقىلىق دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش
يەرشارىلاشقان سەرمايە
logs/61761651.html
logs/61761891.html
بۈگۈنكى دۇنيا يەھۇدىيىلىرى
پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىي 13مىليوندىن ئارتۇق . دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 0.2% --0.3% نى ئىگەللەيدۇ .
دۇنيا ئومۇمىي بايلىقىنىڭ 36% نى ئىگەللەيدۇ ،
ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى جەمئىي 7 مىليون ، 76% يەھۇدىي ، 19 % ئەرەب ، 5 % باشقا مىللەتتىن تەشكىل قىلىنغان .
2.5 مىليون ئىشچى - خىزمەتچى بار ،
ئىرۇسالىمدىكى ھەر بەش يەھۇدىدا بىردىن ئىرۇسالىم پوچتا گېزىتى بار، ئىرۇسالىم پوچتا گېزىتى كۈنىگە 48 سان نەشىرىدىن چىقىرىدۇ . يىللىق مۇشتىرى ھەققى 180 ئامىرىكا دوللىرى ، يىللىق تىراژى مىليوندىن ئارتۇق . ھەربىر شەھەر ، بازاردا ئىسىل كۇتۇپخانا ، قىرائەتخانىلار بار بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى كۈتۈپخانا ، قىرائەتخانا ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئامىرىكىدا 5.7 مىليون يەھۇدىي بار . 200 دىن ئارتۇق يەھۇدىي تەشكىلاتى بار .
ئامىرىكىغا ئەڭ دەسلەپ 1654 - 9-7 - كۈنى پورتوگالىيە ۋە ئىسپانىيەدىن 23 يەھۇدىي كەلگەن .
1.45 مىليون يەھۇدىي نىيو يورك شەھرىدە .
يەھۇدىيلار ئامىرىكا بايلىقىنىڭ 70% ئىگەللەيدۇ .
نىيو يورىك شەھرىدىكى ئىچكى كىسەللەر دوختۇرىنىڭ 55% يەھۇدىي .
نىيو يورىك شەھرىدىكى چىش دوختۇرىنىڭ 64 % يەھۇدىي .
نىيو يورىك شەھرىدىكى ئادۋوكاتنىڭ 65 % يەھۇدىي .
ئامىرىكىدىكى ئەڭ تەسىر دائىرىسى زور 200 ئادەمنىڭ يېرىمى يەھۇدىي .
ئامىرىكىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پىرافىسورلىرى : يەھۇدىي 3\ 1 .
ئامىرىكىدىكى ئادۋوكاتلار : يەھۇدىي 4\1 .
ئامىرىكىدىكى ئەدەبىيات ، تىياتىر ، ناخشا - مۇزىكا يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان يازغۇچىلار : يەھۇدىي 60% .
ۋاشىنگىتون ، نىيو يورك ئىككى شەھەردىكى چوڭ ئاۋوكاتلىق ئورنى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلار : يەھۇدىيلار 40% .
نىيو يورىك ۋاقىت گېزىتى ، ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ، ۋال كوچىسى گېزىتى ،
ھوللىۋوتتىكى Warner Bros ، FOX،Metro Goldwyn Mayer لارنىڭ قۇرغۇچىسى يەھۇدىيلاردۇر .
دۇنيادىكى پۇلدار ماگىناتلار نىسبىتىدە : يەھۇدىي 2\1 ،
ئامىرىكىدىكى مىليونىرلار نىسبىتىدە : 3\1
بەش مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلى بار يەھۇدىي ئائىلىسى ، يەھۇدىي بولمىغان باشقا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىككى ھەسىسىگە تەڭ .
فوبۇس ژۇرنىلى ئېلان قىلغان پۇلدار ماگىناتلار ئالدىنقى 40 ئىچىدە : يەھۇدىي 18 .
ئامىرىكىنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىك ، رەھبەرلىك قاتلاملىرىدا يەھۇدىيلار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
ئامىرىكىدىكى مۇھىم رەھبىرى ئورگانلىرىدىكىلەرنىڭ 11% يەھۇدىي .
ئامىرىكا چوڭ سايلام مەبلىغىنىڭ 80% --90% نى يەھۇدىيلار ئىئانە قىلىدۇ ۋە تەمىنلەيدۇ .
1901 - يىلدىن 2007 - يىلغىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 758. يەھۇدىي 168 .ئومۇمى ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە 22% نى ئىگەللىگەن .
ئامىرىكىدىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ 38% يەھۇدىي .
فىزىكا 46 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 26% ،
خىمىيە 23 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 16.8% .
بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا 51 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 29.1% .
ئىقتىساد 14 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 36.84% .
ئەدەبىيات 12 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 13 % .
تىنىچلىق 9 ، مۇشۇ ساھەدە ئومۇمىي ئېرىشكەنلەرنىڭ 10.98 % .
ئامىرىكا پەن -تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 38% .
ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ 3\1 ،
پىنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3\1 يەھۇدىي .
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 25% يەھۇدىي .
ئامىرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ 80% تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىغان .
ئامىرىكىدىكى ئومۇمىي تولۇق ئوتتۇرا تەربىيەسى قوبۇل قىلغانلارنىڭ 35% .
ئامىرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ 32 % ئالىي مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلغان .
ئامىرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئالىي مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلغانلارنىڭ 17% .
ئامىرىكىدىكى يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ 87% ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان .
يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ ئامىرىكىدىكى ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى 40% تىن ئارتۇق .
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا يەھۇدىيلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىدە 40 % تىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بېكىتكەن .
2010 -يىل فوبۇس ئېلان قىلغان ئالدىنقى 40 باينىڭ ئىچىدە 18 يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي پۇشتىدىن .
2010 - يىل فوبۇس ئېلان قىلغان ئامىرىكىدىكى 10 چوڭ باي ، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي پۇشتىدىن:
ۋالتون ئائىلىسى 83.6 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي ئائىلە ھېسابلانغان.
1. بىل گەيتىس (ئانا جەمەتى يەھۇدىي ) ،2. ۋولىن باففىت ، 3. لاۋرىنىس ئېللىسون ، 4. كىرىستىئان ۋالتون (Wal-martشىركىتى قۇرغۇچىسى سام ۋالتوننىڭ ۋارىسى) ، 5. جىم ۋالتون (Wal-martشىركىتى قۇرغۇچىسى سام ۋالتوننىڭ ئوغلى ،ۋارىسى ، CNN نىڭ لىدىرى ) 6. ئەيلىس ۋالتون (Wal-martشىركىتى قۇرغۇچىسى سام ۋالتوننىڭ قىزى ، ۋارىسى) 7. روبىنسون ۋالتون (Wal-mart شىركىتى قۇرغۇچىسىنىڭ ۋارىسى) 8. مايكول بلومبىرىگ (Bloomberg ئاخبارات شىركىتىنىڭ لىدىرى )
9. ...10...
2010 - يىل فوبۇس ئىلان قىلغان IT ساھەسىدىكى 10 چوڭ باي ، يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي پۇشتىدىن :
1. بىل گەيتىس 2. لاۋرىنسى ئېللىسون 3. سېرگىي بىرىن (گوگولنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى ، ) 4. لاررىي پەيىج (گوگولنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى ، ئانا جەمەتى يەھۇدىي ) 5. سىتىۋ باللىمىر (مىكروسوفىتنىڭ بايلىق باشقۇرغۇچىسى، ئانا جەمەتى يەھۇدىي ) 6. پائۇل ئەيلىن (مىكروسوفىتنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى) ،7. مايكول دېل ( Dell نىڭ قۇرغۇچىسى ) 8. جېففىرى بىزوس (ئامازوننىڭ تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئاتىسى يەھۇدىي)روبىرت نويىس (ئېنتىرنىڭ قۇرغۇچىسى)
1900 يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە گېرمانىيەنىڭ ۋىنا شەھرىدە ،كۆپلىگەن ياشلار مەكتەپتە ئوقۇمىغان ، ئەمما يەھۇدىيلار ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ تەخمىنەن 30% ئىگەللىگەن .
1920 - يىللاردا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 70% يەھۇدىي ساۋاتسىزلىقنى تۈگەتكەن . 1929 - يىللىرى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60% نى يەھۇدىيلار ئىگەللىگەن .
پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر شەخىسلەر ئىچىدىكى يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي پۇشتىدىن بولغانلار :
ئۇيغۇرلارغا كۆپ تونۇش بولغان دەپ قارىغانلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن .
ئېينىشتىيىن ، كارل ماركىس ،سىگمۇنىد فىرىئۇد ، لېنىن (ئانا جەمەتى يەھۇدىي ) ، سىتالىن ، ئىزىنخاۋىر ، بىل گەيتىس (ئانا جەمەتى يەھۇدىي ) ، ۋولىن باففىت ، ۋال كوچىسىدىكى ماگىنات مورگان جەمەتى (مورگان سىتەنلىنىڭ ئىگىسى) ، روسچىلىد جەمەتى (ياۋروپا پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە دۇنيا پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى 200 يىل مونوپول قىلىۋالغان) ، روكفىللىر (دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر ماگىنات ) ، ۋون نويمان (كومپيۇتېر ئاتىسى) ، نىرىس بور ، ئوبىنخام ، بىروۋىن (فىزىكىدىكى بىروۋىن ھەركىتى ) ، ھېنرى بېينا (تىك ئۇچار ئايروپىلان كەشىپ قىلغۇچى ) ، زامىنخوف (دۇنيا تىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى) ، لىۋ سىتىرائۇس (پادىچىلار ئىشتىنىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ) ، بېن يەھۇدا (ئىبراي تىلىنى قايتا تىرىلدۈرگۈچى) ، خېرزىل (يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى )
بېن گۇرىئۇن (ئىسرائىلىيە ئاتىسى) ، مىگىل خانىم (ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ) ، دالى كارنىگ
评论