2010-04-23
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62518684.html
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى
ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى بولسا باراۋەر ھالدا ئولتۇراق ئۆيدە ئولتۇرۇشتىكى ئىقتىسادى قىينچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ . يەنە شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆي بايلىقى بازىرىنىڭ كۆپۈكسىمان بازارغا ئايلىنىش كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بولسا : تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى (ھەر كىۋادىرات مىتىر ) \ كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى = ئولتۇرۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى . يەنى ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرچە باھاسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ، كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئايلىق كىرىمى بىلەن تەتۇر تاناسىپ.
مىسال ئالساق ھازىر ئۈرۈمچىدىكى يېڭى سېلىنىۋاتقان ئولتۇراق تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 4000\ ھەر كىۋادىرات مىتىر
دىسەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرچەئايلىق ئشى ھەققى 700--2000 غىچە دەپ پەرەز قىلساق ،
ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەكۈچى 2---5.7 گىچە بولغان بولىدۇ .
ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆلچىنىدۇ ،
كۆپ قىسىم سانلىقتىكى ئاھالىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1200--2000 غىچە دەپ پەرەز قىلساق ،
شۇنداق بولغاندا ، ئۈرۈمچىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچى 2---4.17 گىچە بولغان بولىدۇ .
بىر ئۇيغۇر ياش 75 كىۋادىرات مىتىرلىق يېڭى بىر ئولتۇراق تاۋار ئۆيگە ئىرىشىش ئۈچۈن ،12.5--- 35.7 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
دۇنيا بانكىسى مۇۋاپىق بولغان ئولتۇراق تاۋار ئۆي بىلەن كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمىنىڭ پەرق نىسبىتى 4---6 ھەسسە دەپ قارىغان . دۇنيا بانكىسىنىڭ ئولتۇراق ئۆي كىرىم نىسبىتى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىق كۆرسەتكۈچى 5: 1 ، بەشنىڭ نىسبىتى بىرگە .
بۇ ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 4000 سوم \ ھەر كىۋادىرات مىتىرنى جوڭگونىڭ ئوتتۇرچە ئولتۇراق ئۆي باھاسى دەپ قارىساق ، ئۇ چاغدا بىر جوڭگو پۇقراسىنىڭ 75 كىۋادىرات مىتىرلىق بىر ئولتۇراق ئۆيگە ئېرىشىشى ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرچە كىرىمىنى 1700---2500 دىسەك ) 14.7 ---10 يىل ۋاقىت كىتىدۇ .
ئۇنداقتا جوڭگونىڭ ئولتۇراق ئۆي كۆرسەتكۈچى = 14.7\ 5 ، (10\5) = 2.94 ---2 گىچە بولغان بولىدۇ .
بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىق كۆرسەتكۈچىسى جوڭگونىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيگە ئىرىشىش قىيىنچىلىق دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .