2010-04-22

    ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62479779.html

    تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى  ئوخشاش مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەر  ئارلاشمىسىدىن  بولغان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان .
    يەنە  شۇنداقلا   ئوخشاش  بولمىغان مىللەت ۋە  ئىرىقتىكىلەرنىڭ  ئارلاشمىسىدىن  بولغان كىشلەرنىڭ  روھىي كىسەل  بولۇش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
    باشقا تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە : ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى  ئانا سۈتى بولمىغان سۈتلۈك يىمەكلىكلەر بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3--10 نومۇر يۇقىرى بولغان .
    1. يىمەكلىك : گۆش ۋە چىلانغان يىمەكلىك ۋە چىرىگەن يىمەكلىكلەرلەرنى كۆپ يىگۈچىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان .
    2. يۇقىرى مايلىق يىمەكلىك: كانادا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە ، يۇقىرى مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا زىيىنى بولغان ، تەجىربىلەردىن ئىسپاتلىشىچە ، يۇقىرى مايلىق ھايۋان چاشقان گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن .
    3. تاماكا ۋە ھاراق : كۆپ مىقداردا ھاراق ئىستىمال قىلىش ۋە تاماكا چىكىش ئادەم چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىركىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىۋېتىدۇ. بىر تال تاماكا چەككەندە ، ئادەم بەدىنىدە 25 مىللىگىرام ۋىتامىن C كەملەپ كىتىدۇ .
    4.ئېغىر مىتاللار بىلەن بۇلغانغان سۇ ۋە يىمەكلىك بىلەن ئۇچۇرىشىشتىن ساقلىنىش : لىدىي ۋە ئاليۇمىنغا ئوخشاش ئېغىر مىتال تەركىبلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرسە چىقىرىۋېتىش تەس بولۇپ ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل ئاليۇمىن تەركىبلىك ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ۋە يوتىياۋ، پىنتوزا ، سىرتقى قەۋىتى ھاكلاشتۇرۇلغان تۇغۇم قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ئاليۇمىن تەركىب مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ  ۋە ئاليۇمىندىن زەھەرلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. ئېلىكتىر ماگىنىت بۇلغۇنىشى : بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكتىر ماگىنىت بۇلغۇنىشى ئاڭ تەپەككۇرنىڭ قالايمىقان بولۇشى ، ئەستە تۇتۇشنىڭ خۇۋا بولۇشى ، نورمال مىڭە ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  مەسلەن : ھاۋالىغۇچ ، تىلۋىزور ،كومپيۇتېر .
    سىناق نەتىجىلىرىدىن كۆرە : تۆۋەن دولقۇنلۇق ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى كۆپ ھەركەت قىلىش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى زىيانغا ئۇچىرىتىدىكەن . رادىئو - تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئانتىنا مۇنارى ، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى ، ئايرىدىروم ، رادار ، ئائىلە ئىكىترى ئۈسكۈنىلىرى رادىئاتسىيىسى،  ئېلىكتىرون توزانلىرىنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ  چوڭ مىڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
      6.زىيادە تويۇنۇپ يىمەكلىنىش : زىيادە تويۇنۇپ يىمەكلىنىش ئادەم بەدىنى ۋە مېڭىدە ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان بولۇپ ، ئۇزۇن مەزگىل زىيادە تويۇنۇپ تاماقلانغاندا ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە ئەكىس تەسىرى بولىدىكەن.
    7. ئۇزۇن مەزگىل  تىز تاماقخانىدىن تاماقلىنىش ياكى تەييار تاماق يىگەندە ، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ياكى ماددىنىڭ  بىرخىللا بولۇپ قېلىشىنى پەيداقىلىپ ،مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىرى بولىدىكەن .
    8. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇ دورىسى ۋە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلغاندا . چوڭ مىڭىگە زىيىنى بولىدۇ.
    9. تاماقنى چاينىمايلا ، يالماپ يۇتۈش : بىر ئوزۇقلۇقشۇناس ئالىم ، بىر مايمۇننىڭ سول تەرەپ چىشلىرىنى يۇلىۋېتىپ ، پەقەت ئوڭ تەرەپ چىشلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، يېرىم يىلدىن كىيىن كۆزىتىش ۋە تەجىربە ئارقىلىق ئۇ مايمۇننىڭ ئوڭ تەرەپ مېڭىسىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلغانلىقىنى بايقىغان ، ئەكىسچە چىشى كەمتۇك بولغا نسول تەرەپ مېڭىسى ئازراق كىچىكلىگەن(Atrophy ) ،  بۇ تەجىربە نەتىجىسىدىن كۆرە ، چوڭ مىڭە ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىپ تۇرمىغاندا ، چىكىنىش ۋە كىشىكلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
    تاماق يىگندە كۆپ چايناش ۋە تىز چاينىغاندامېڭىدىكى قان ئايلىنىش ياخشى بولغان بولۇپ ، چىشى بار ياشلار بىلەن چىشى يوق ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىدىكى قان ئايلىنشى پەرق كۆرسەتكۈچى 30 بولغان .


    دەنخام.ھارمان دوكتۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە ،  ئادەم بەدىنىدە ئەركىن رادىكال (Free radical ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇ (DNA) نىڭ غەيرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، Deaeration  دىن ئۆتكەندە  ، چوڭ مىڭىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق يەنى مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، بالدۇر قېرىش ، داغ ، سەپكۇ، قورۇقلار كۆپ بولۇش ، بوغۇم ياللۇغى ، ھەركىتى ئاستا ئېغىر بولۇش ، سەكتە ،راك  كىسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
    بۇلغانغان مۇھىتتا ئەركىن رادىكال (Free radical ) لار پەيدا بولىدۇ ، مەسلەن : رىنتىگىن نۇرى ، مىكرو دولقۇن ، يادىرو رادىئاتسىيەسى ، زەھەرلىك ئېغىر مىتاللار ، ئىش تۈتەك ، تاماكا ئىس تۈتىكى ، خىمىيىلىك( Chemical additive  添加剂)  قوشۇلغان يىمەكلىك ، ماشىنىلارنىڭ كىرەكسىز گازى ، ھىدىروگىنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مېيى ، ئادەم  ياسىغان ياغسىز يىمەكلىكلەر: سۈت پاراشوكى ، ئوكسىگىنلاشتۇرغان ئۆسۈملۈك مېيى ، ھەرخىل تەم تەڭشەش ماتىرىياللىرى، سۈپىتى ناچار ئاشلىق مايلىرى. 
    بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى (پىشىقلاپ ئىشلەنگەن ، تاماقخاناۋە تىز تاماقخانىلارنىڭ تامىقى ) ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدە ئەركىن رادىكال (Free radical ) پەيدا قىلىدۇ .
    مايلىق يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئوكسىدلاش سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ئەركىن رادىكال (Free radical ) نى پەيدا قىلىدۇ ، شۇنداقلا  ئادەم چوڭ مىڭىسىگە كىرىدۇ ، ئادەم چوڭ مىڭىسى بولسا ئەركىن رادىكال (Free radical ) لار ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاسان تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇن .

     





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :