2010-04-22
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62479898.html
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient )
ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، تونۇش ، كونترول قىلىش ۋە ئۆز ھېسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .
ھېسىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بولسا ھېسىياتنىڭ سۈپىتىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
ھېسىي ئىقتىدار ئەقلىي ئىقتدارغا ئوخشىمايدۇ ، پىسخولوگلار مۇنداق دەپ قارىغان، ھېسىي ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەمنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغان : ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تاشقى مىجەز ھەم خوشال ، ئاسان قورقۇش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسىغا كىرىپ قالمايدىغان ، ئىش - كەسىپلەرگە چوڭقۇر كىرىشەلەيدىغان ، ئەستايىدىل ، ھېسداشلىققى كۈچلۈك ، مۇھەببەت تۇرمۇشى مول ، يالغۇز ياكى كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرغاندا ئوخشاشلا ئۆزىنى تەبىي تۇتالايدۇ .
ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇش كۆرسەتكۈچى (Adversity Quotient)
ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇش كۆرسەتكۈچى بولسا كىشلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان ۋاقتىدىكى قايتۇرغان ئىنكاس شەكىلىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى پايدىسىز ئەھۋال ، شارائىت ،ۋەزىيەتكە يولۇققاندا ئۇنى پايدىلىق ئەھۋال ، شارائىت ،ۋەزىيەتكە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .
ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇش كۆرسەتكۈچىنى ئېنىق نومۇر بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ ، ئۇ ئاساسلىقى ئىرادە كۈچى ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەيدۇ .
IQ、EQ、AQ بۇ ئۈچى كىشلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارالغان .
100% مۇۋاپىقىيەت = ( 20%IQ + 80% (AQ+EQ
بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بىر ئادەمدە تالانىت بولسىلا ، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنامدۇ ، كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ئۇنداق ئەمەس، يەنى بىر تالانىت ئىگىسىدە ئەقلى ئىقتدار يۇقىرى بولۇشتىن سىرت يەنە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ھېسىي ئىقتىدار ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ، شۇ قىيىنچىلىقلارنى يىڭەلەيدىغان ، ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلالايدىغان ئىقتىدارمۇ بولۇشى زۆرۈر .
كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن كۆرە : IQ ، EQ ئەقلىي ئىقدار كۆرسەتكۈچى ۋە ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى باشقىلارنىڭكى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى شەخىسنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولغان.
AQ يۇقىرى بولۇشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجە ، ئىجاد قىلىش كۈچى ، كىشلەرنىڭ ساغلاملىقنى ساقلىشى ، ھەركەتچان بولۇشى ، خوشال كەيپىياتىنى ساقلىىشىغا ياردىمى بولىدىكەن ، AQ يۇقىرى بولۇشنى پەرزەنىتلەرنى كىچىكىدىكى تەربىيەسىدىن باشلاپ تەربىيەلەپ يىتىلدۈرگۈلى بولىدۇ .
AQ سىناقتا ، مۇنداق نۇقتىلار كۆزىتىلگەن : كونترول قىلىش ، Ownership ، چىدامچانلىق ،
كونترول قىلىش بولسا ، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئۆزىدە قانچىلىك كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
Ownership بولسا ، ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا مەسئۇلىيەتنى ئىتراپ قىلىشنى خالاش ۋە ئاقىۋەت ، نەتىجىنى ياخشىلاش ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن تەرەپلەرنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ .
چىدامچانلىق بوسلا مەسىلىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يەككە شەخىسكە ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشنى كۆرسىتىدۇ.
EQ بولسا كىشلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئۆزلۈك EQ ، كىشلىك مۇناسىۋەت EQ ، ماسلىشىش كۈچى ، بېسىمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ، ئادەتتىكى ھېسىي كەيپىيات ،
ھازىر نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە EQ سىناپ ئۆلچەشتە ئىشلىتىۋاتقىنى (MSCEIT), ئەمدى ئۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك مەسىلە بار : (1) كەيپىايتنى كۆزىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ، (2) مېڭىدە كەيپىياتنىڭ ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ،(3) كەيپىياتنى چۈشىنشى ئىقتىدارى ، (4) كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى
AQ مۇتەخەسىسى پاۋلو سىتوز دوكتورنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ، AQ ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ، ئاكتىپ ، ئوبىيكىتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ ، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ، شۇ ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىقىش چارىسىنى ئىزدىگەن ، مەغلۇپ بولسۇن ياكى غەلبە قىلسۇن ، ئاخىرغىچە بوشاشمىغان ۋە ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن .
AQ ئىقتىدارى تۆۋەن ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ، روھىي چۈشكۈن ، سۇلغۇن ، دەككە- دۈككە ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرگەن ، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل ، يېرىم يولدا ۋاز كەچكەن ، ئاخىرىغىچە چىداپ تاماملىيالمىغان .