2010-04-20
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient ) - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62392870.html
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ( Intelligence Quotient )
ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، ئىنسانلارنىڭ ئوبىيكىتىپ شەيئىنى تونۇ ش ۋە ئۆز بىلمىدىن پايدىلىنىپ رىئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى .
1905-يىلى ،فىرانسىيەلىك پىسخىلوگ سىمون ، تۇنجى ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان .
IQ=MA÷C.A×100,
IQ = ئەقلى يېشى \ ئەمەلىي يېشى * 100 يەنى ئەقلى يېشىنى ئەمەلىي يېشىغا بۆلۈپ 100 گە كۆپەيتىمىز .
سىناق جەدۋىلى جەمئىي 30 سۇئال چىقىرىلغان ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى چۈشىنش ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر.
1916 -يىلى ئامىرىكىلىق ۋېسلى يەنە بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان . ئۇ ياشلار ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ، بالىلار ، 4--6.5 ياشقىچە بولغان بالىلار غىچە ئايرىم --ئايرىم تۈزۈپ چىققان .
130 تىن يۇقىرى بولغانلار ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق . 120--129 ئالاھىدە ئەقىللىق ، 110 --119 ئەقىللىق ،
80--109 ئەقلىي نورمال ، 70--79 ئەقلى تۆۋەن ، 70تىن تۆۋەنلەر ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل.
ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئەقلى ئىقتىدارنى سىناش ئىچىدە ، ئاساسىي نوپۇسنىڭ ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 100 ،
مۇئەييەن سىتاتىستىكا پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 70 تىن تۆۋەن بولغانلار 3% ، 70--79 بولغانلار 6% ، 80--89 بولغانلار15% ، 90 --110 بولغانلار46% ، 110--119 بولغانلار18 % ، ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 120--139 بولغانلار11% ، 140 تىن يۇقىرى بولغانلار 0.5%
يېقىندا 2006 -يىلى ئەنگىلىيەنىڭ University of Ulster پىرافىسورى رىچارد ، 130 دۆلەتتنىڭ ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ، نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ 106 ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ 100 ، قارا تەنلىكلەرنڭ 86، ئافىرىقىنىڭ بىر قىسىم ئايرىم رايونلىرىنىڭ 70 .
ئېسكىموسلار 91 ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلار 87 ، ئىندىئانلار 87 ، ئاتلانتىك ئوكيان ئاراللىرىدا ياشىغۇچى ئاھالىلەر 85 ، ئافىرىقا سەھرايى كەبىردە ياشىغۇچىلار67، جەنۇبىي ئاسىيا 84 ، لاتىن ئامىرىكىسىدا ياشىغۇچىلار 85 ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئەسلى ئاھالىسى 62 ، ئەقلى ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى جەنۇبىي ئافىرىقا قۇملۇقلىرىدا ، ئىگىزلىكلەردە ، قەدىم ئورمانلىقلىرىدا ياشىغۇچى ، كونگو قەدىم يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشىغۇچىلار 54 .
يەھۇدىيلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 115 ، ياپونلارنىڭ 106 ، ئامىرىكىلىقلارنىڭ 101 ، جوڭگولۇقلارنىڭ 105 ،
گېرمانىيەلىكلەر 107 (ياۋروپادا بىرىنجى ئورۇندا) ، گوللاندىيە 107 ، پولشالىقلارنىڭ 106 ، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ 102 ، ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ 100 ، ھونگىرىيەلىكلەرنىڭ 98 ، ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ 98 ، روسىيەلىكلەر 96 ، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ 94 ، تۈركىيەلىكلەر 90 ،
ئامىرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 110 ، ئەنگىلىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 109 ،
جوڭگو نىڭ ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ : ئۇيغۇر دىيارى 103 ، شاڭخەي 109 ، بېيجىڭ 106 ،گۇاڭدۇڭ 100 ، شىياڭگاڭ 107 ،
شىزاڭ 85 ،
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان .
يەنە شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەرنىڭ ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ روھىي كىسەل بولۇش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
دۇنيادىكى ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى كىشلەر (IQ)
تۆۋەندىكىلىرى دۇنيادىكى ئەقلى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى كىشلەر ئەمەس ، پەقەت بىزگە كۆپ تونۇشلۇق بولغان كىشلەر ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغىنى : (دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى Marilyn vos Savant 228 )
ئىتالىيەلىك رەسسام داۋىنچى 220
گېرمانىيەلىك گىيوتى 188
گېرمانىيەلىك لېيبىنىز 183
نىيوتون 190
ئىتالىيەلىك گالىلىي 185
ئاۋىستىرىيلىك موزارت 165
كىيۇرى ئەر- ئايال 180
ئېينىشتىيىن 162
دۇنيادىكى نورمال ئادەملەرنىڭ مېڭىسى 3% ئىشلىگەن ، ئەكىسچە ئېينىشتىيىننىڭ مېڭىسى 9% . ئېينىشتىيىن ئەقىلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى ئەقىللىق ئادەم ، ئەمما دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى ئەقىللىق ئادەم ئەمەس.
بىل گەيتىس 160
كىلىنتون 182
كات 175
كىنىدى 174
نىكسون 155
1926 - يىلى ، Catherine Cox تالانىتلىقلارنىڭ گېن يۆتكىلىشىنى تەتقىق قىلىش يازغۇچىسى ، سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاخبارات ئىنىستىتۇتىدا تەرەققىي قىلغان نەزەرىيە ، ئۇ تارىخى خاتىرلەر ، ئۇنۋېرسىتىت خاتىرلىرى ، كىتاب -ماتىرىياللار ، ئىلىم ساھەسىدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تېمىلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يەكۈن چىقارغان .
Cox ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوتتۇرچە يىغىندىسىنى تالانىتلىقلارنىڭ ئۆلچىمى قىلغان .
22 نەپەر پەيلاسوپ ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 173 .
39 نەپەر ئىلىم - پەن ئالىملىرى ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 164 .
53 نەپەر يازغۇچى ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 163 .
43 نەپەر سىياسىيون ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 159.
11 نەپەر مۇزىكانىت ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 153.
13 نەپەر سەنئەتكار ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 150 .
27 نەپەر ھەربىي ساھەدىكىلەر ئوتتۇرچە ئەقلى ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 133.
بۇ ئادىرىستىكىسى بىر قەدەر ئومۇملاشقان سىناق سۇئال : خالىغانلار ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىڭلار..
http://hi.baidu.com/gsst/blog/item/306fab43d56f951d9213c665.html