2010-04-07
يەرشارىلاشقان سەرمايە .... - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61761891.html
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىغا نەزەر سېلىپ باقايلى .
يەھۇدىيلارغا ئائىت ئازدۇر كۆپتۇر ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشلەر يەھۇدىيلارنىڭ 1890-يىللاردىن باشلانغان زىئونىزىم ھەركىتىنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەرسىز بولسىمۇ ،ئەمما زىئونىزىم دەپ مۇشۇنداق بىر ئىسىمنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولسا كېرەك ، ئۇنداقتا يەھۇدىيلارنىڭ زىئونىزىم ھەركىتى پەقەت يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشلىمۇ ياكى باشقىچە ، تېخى يېقىندا بىز يەھۇدىيلار ئەسلىدە ئافىرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىدۇق ، ئۇنداقتا يەھۇدىيلار زىئونىزىم ھەركىتىدىن 50 يىللار كىيىن يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپلا قالماي ئىرۇسالىم زىمىنىدا ئىسىرائىل جۇمھۇرىيىتىنى قانداق قۇرۇپ چىقتى.
زىئونىزىم ھەركىتى : ئەينى يىللار ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل بەنى ئىسرائىلدىن قوغلىنىپ سەرسان بولغان يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىدە قايتىدىن ئىسىرائىل زىمىنلىرىغا بولغان قەلىب تەلپۈنىشىنى پەيدا قىلىش،ئىرۇسالىمدا ئولتۇراقلاشقاندىن كىيىن يات مىللەتلەردەك تىل ئالاقىسى قىلالماي ، كىشلەر قەلبىدە يىتىمسىراش ھېس قىلماسلىق ۋە ئۆم بولۇپ خەلق قەلبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، يېڭى ياشاش تىرىتورىيەسىدە نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش ۋە كەلگۈسىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ بارچە يەھۇدىي چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق جۇمھۇرىيەت تىلى بولۇشى ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئالاقە تىلى بولۇش ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلارنى ئىسىرائىل زىمىنلىرىغا قانداق قايتۇرۇپ ئەكىلىش (خەلقئارا نوپۇس قانۇنىدا بىر دۆلەت ياكى بىر رايون باشقا بىر دۆلەت ياكى رايونغا نوپۇس كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنىدا: ئۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچىرىغانلار مۇساپىر ھېسابلىنىپ كوللىكتىپ باشقا ياشاش رايونى ئىزدىسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.) زىئونىزىم ھەركىتى پىلانى بىر يىلدىلا تۈزۈلگەن پىلان بولماستىن ، بارا -بارا تولۇقلىنىپ تۇرغان پىلان ،ئەمما ئاۋۇ قانۇنلارنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن تۈزۈلگنلىكىنى بىلمىدىم ۋە تاپالمىدىم.
يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بايلار سانى كۆپ بولغان ۋە دۇنيادىكى تۈنجى مىليادىر ماگىناتلار چىققان مىللەت بولۇپ ، 1900 يىللاردىلا نۇرغۇنلىغان مىليادىر يەھۇدىيلار بولغان ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، كاپىتالىستنىڭ ئېتىقاد ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بولمايدىغانلىقتىن ، بۇ خىل مىليادىر كاپىتالىستلاردا ئالدى بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە ھېسداشلىق پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى توختاتمىغان ، يەھۇدىي مىليادىرلىرى مىللىي تۇيغۇ ۋە ھېسىياتقا ئېگە بولۇپ ، ئومۇمىي يەھۇدىيلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغاندىن كىيىن ، ئۇلار مىليادىر ماگىناتلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق زىمىن سېتىۋېلىپ ، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە مۇشۇ ئۇسۇلدا دەسلەپكى دۆلەت ئاھالىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان ، ئۇلار ئافىرىقىدىن زىمىن سېتىۋېلىش ياكى بىر ئاماللار بىلەن ئىرۇسالىمغا قايتىپ كېلىشنى نۇرغۇن ئويلانغان بولىشى مۇمكىن ، يەنىلا بۈگۈنكى ئىرۇسالىمدا ئىسىرائىلنىڭ قۇرۇلىشىدىن ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىت مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق ئىرۇسالىمغا قايتىشنى تاللىغان دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇنداقتا ئىرۇسالىمغا قانداق قايتىپ كېلىش كېرەك؟
يەرشارىلاشقان سەرمايىدارلىرى بولغان خەلقئارا بانكىر روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەنگىلىيەنى قەسلەش جەريانىنى ئۈستىدە كۆرۈپ ئۆتتۇق ، بىرنىجى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ شۇنداق پىلانلار ئاساسىدا يۈزبەرگىنىنىمۇ كۆردۇق. ئەنگىلىيە نوقۇل ئۆزىنىڭ دكلەت مەنپەئەتىگە ۋەكىلىك قىلماستىن قارا پەردە ئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ۋەكىلىك قىلىدۇ.
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا نەزەر سالساق ، قۇتىرىغان روسلار قىرىم ئۇرۇشىدا ئوسمان ئېمپىرىيەسىنى يوقىتىۋېتىش ۋە بىراقلا يۈتىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 1914-يىلى قىشتا ، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلدى ۋە تىرابزون، ئەرزىنجانلارنى ئىگەللەپ تۈرك ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپ ، بۇ يەرلەرگە ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كەلدى،1914-يىلى ئەرەبلەر مۇپتى ھۇسىيىننىڭ باشچىلىقىدا ئوسمان تۈركلىرىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانغان بولۇپ،ئۇلار ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن كىلىشىم تۈزگەن.مەزمۇن: ئەرەبلەر بىلەن ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىيەسىنى يوقىتىش، ئەنگلىيە ئەرەبلەرگە سۈرىيە ،ئىراق ،ئىئوردان دەريا بويلىرىغىچە بولغان رايونلاردا ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىش. مانا مۇشۇنداق كىلىشىملەر تۈزۈلگەندىن كىيىن ئەرەبلەر ئەنگىلىيە تەمىنلىگەن قوراللار بىلەن قوراللىنىپ تۈركىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلغان، تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرغىن قىلغان، 1915-يىلى ئەنگىلىيە -فىرانسىيەلەر سۈۋەيىش قانىلى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ، ئىستانبۇلغا يېقىنلاپ كەلدى. مۇشۇ ۋاقىت ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانى ،خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىستانبۇلنى تاشلاپ كونىياغا قېچىپ كەتمەكچى بولدى.1915-1917 ئەنگىلىيە بەسىرە ، باغدادلارنى ئىگەلىۋالدى، 1917- يىلى ئەرەب - ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ ئىرۇسالىمدىكى 80 مىڭ تۈرك ئارمىيەسىنى يوقىتىپ ، ئىرۇسالىمنى ئىگەلىۋالغان، ئەنگىلىيەنىڭ خىل قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەبلەر ئەنگىلىيەنى ئۆزلىرىگە سۈرىيە ،ئىراق ،ئىئوردان دەريا بويلىرىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكتىن ، تۈركلەرنى بۇ زىمىنلارغا قايتا ئاياق باسماس ھالەتتە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەلەپتە ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۈرك ئەسكەرلىرىنى بىراقلا قىرغىن قىلغان، 1918-يىلى تۈركىيە سۇلتانى تەسلىم بولدى .ئەنگىلىيە--فىرانسىيە ئارمىيەسى ئىستانبۇلغا كىردى ۋە ئەرەبلەرنى ئوسمان ئېمپىرىيەسى ھاكىمىيىتىدىن ئازاد قىلغۇچى سۈپتىدە ئىرۇسالىمدا ھەربىي جەھەتتىن ئولتۇراقلاشقان. كىينچە ئىرۇسالىمدا ئەرەبلەر بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدا سودا ئالاقە مۇناسىۋىتى راۋجلاندى ، ئەرەبلەر يەر زىمىنلىرىنى ئەنگىلىيەلىكلەرگە سېتىپ بەرگەن ، ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا نوقۇل ئۆز مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلماستىن پەردەئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭمۇ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقتىن ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئەرەبلەردىن سېتىۋالغان يەر زىمىنلارنى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بەرگەن شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە يەر زىمىن سېتىۋېلىپ ئاھالە كۆچۈرۈش بولغان ، سېتىۋېلىنغان يەھۇدىيلار دەسلەپ چاندۇرماسلىق ، ئەرەبلەرنىڭ مىلىي ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ، تارقاق چېچىلىپ ئولتۇراقلاشقان ، يەھۇدىيلار كېلىشىمدىكى ئەنگىلىيە ئەرەبلەرگە جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان سۈرىيە ،ئىراق ئىئوردان دەريا بويلىرىدىكى رايونلارغىچە چېچىلىپ تارقاقلاشقان بولۇپ ، پارچە پارچە بولغان دەسلەپكى يەھۇدىي مۇساپىرلار مەھەللىلىرىنى قۇرۇپ چىققان،مانا مۇشۇ خىل پۇل ئارقىلىق يەر زىمىن سېتىۋېلىپ ، مەھەللە قۇرۇپ ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق ، ئوسمان ئېمپىرىيەسى ۋاقتىدا ئازغىنە نوپۇستىكى يەھۇدىي بار بولغان ئىرۇسالىمدا بارا -- بارا يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەن. بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىرۇسالىمغا كېلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ، يەھۇدىيلار ئەسلىدىن يوق بولغان ئىرىقچىلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ساھەسى ئارقىلىق خەۋەرلەرنى كۆپلەپ تارقىتىش ئارقىلىق پىلانلىق ئىرىقچىلىقنى پەيدا قىلىپ ، يەھۇدىيلارنى يېڭى ياشاش مۇھىتى ئىزدەشكە توغرا كەلگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن . ئەمما يەھۇدىيلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆزلىرى ئويلىغان دەرىجىدە بولمىغان، ئىرۇسالىم ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا ئەنگىليەلىكلەر ئۇرۇش دەۋرىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىرۇسالىمغا قايتىپ كېلىۋېلىشىغا كۆپ ياردەم قىلغان بولۇپ ، ئىسرائىل زىمىنلىرىغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئەنگىلىيە ئارقىلىق كەلگەن . ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش مەزگىلىرىدە ئەرەبلەر ئەنگىلىيەنىڭ بىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىشىغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەنگىلىيەگە ئېيتقان ، بۇ ۋاقىت ۋاقىت يەھۇدىيلارمۇ ئەسلىدىكى پارچە پارچە مۇساپىرلار مەھەللىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ ، ئۇلارمۇ دىنىي ئاساسلار ئارقىلىق ئىسىرائىل زىمىنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ زىمىنلىرى ئىكەنلىكى شۇڭا ئىرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يەھۇدىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە ئىسرئىل ئارمىيەلىرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان . سىياسىي ئويۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن ئەرەبلەر ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ بىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىشىغا ئىشىنىپ يۈرىۋەرگەن ، ئەمما ئەنگىلىيە بولسا پەردە ئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۈزۈلكسىز تۈزىتىلىۋاتقان ۋە دەلىل ئىسپات قىلىنغان ، ئوتتۇرا شەرق ئەرەب ۋە ئىسىرائىلىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىلىشىمنامىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يەھۇدىيلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئۆزلىرىڭ ئىسرئىلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە يەھۇدىي يازارمەنلىرى دەرھال خەلقئارلىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراش، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ، يازمىلىرىنى ئاخبارات تۆكمىسى قىلىپ تارقىتىدۇ ،يەھۇدىي يازارمەنلىرى باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرىنى ھەقىقەتەن ئۆز يازمىلىرى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرگەن ، باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرى 6 مىليون يەھۇدىينىڭ بەدىلى ئۈچۈن بولسىمۇ ،ئۆزلىرى جاكارلاپ قۇرىۋالغان ئىسرئىلىيەنىڭ قۇرۇلىشىنى قوللىغان .
قىسقىسى خەلقئارا بانكىر، مىليادىر ماگىناتلار بار بولغان يەھۇدىيلارئسرائىلىيە پۇل سىياسىتى ئارقىلىق پارچە يەرلەرنى سېتىۋېلىپ ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلدى...
بۇ خىل خەلقئارا بانكىرلار ۋە مىليادىر ماگىناتلار بىلەن تەشكىللەنگەن كۆپ قىرلىق خاراكتىردىكى تەشكىلاتلار ئىنتايىن كۆپ ، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلىرى بار ، ماسون ، مۇساد قاتارلىق، ئەمما ئۇلار باشقىلارنىڭ سۈيقەستچىلىك نەزەرىيەسىدە تەسۋىرلىشى بىلەن دۇنيادىكى ھەقىقىي رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ئۇنى ئىسلام بىلەن خىرىستىئاننىڭ ئۇرۇشى ، ئەرەب بىلەن يەھۇدىينىڭ ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇپ خۇنۇكلەشتۈرىۋەتتى ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار غايەت زور كۈچتۇر..يەرشارىلاشقان سەرمايىمۇ ئەنە ئاشۇنداق گەرچە ئۇ ئېنىق بىر تەشكىلات بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىرى تەشكىلاتسىزدەك ئەمەس ،
Bank of America Corporation ئامىرىكا بانكىسى دۇنيادىكى بىرىنجى چوڭ بانكا بولۇپ ، ئامىرىكىنىڭ ئۆزىدىلا 1200 دىن ئارتۇق تارماق بانكىسى بار ، 77 دۆلەتكە تارقالغان، 2000 يىلىدىكى سىتاتىستىكىدا ئومۇمىي بايلىقى 700 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 400 مىليارد يىغىۋالىدىغان قەرز مەبلىغى بار بولغان. يىللىق ئۆسۈم كىرىمى 25 مىليارد .
hsbc بولسا دۇنياۋى ئۈچىنجى دەرىجىلىك چوڭ بانكا ،75 دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ ، 1500 دىن ئارۇق ئىسمى ئوخشاش ۋە ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇنلىغان تارماق بانكىلارغا ئايرىلغان .
ئەنە ئاشۇنىكدەك ۋال كوچىسىدىكى 7 جەمەت خەلقئارا بانكىرلارنىڭ بانكىسىمۇ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە نۇرغۇنلىغان تارماق بانكىلارنى ئېچىپ تارقالغان .. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مەجلىسى ۋە پارلامىنتىدىمۇ كۆپ سانلىق نىسبەتتە ئەزالىق سالايىتىگە ئىگە .. ئەمدى ئاشۇ خەلقئارا بانكىرلارنىڭ بارلىق بانكىسىنى يىغسا 10مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ، ھەرقايسى بانكىلارنى كونتىرول قىلغان ئوخشاش مەنپەئەتتىكى شەخىسلەر تېخمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە بانكىلارنىڭ كەسپى بولسا ، ئابونىت توپلاش ، ئابونىتلىرىغا قەرز بېرىش ، visa ، مىمورال كارتا ، ئىناۋەتلىك كارتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ، بۇنىسى نورمال ئىش ئەلۋەتتە ، ئەمما بۇمۇ بانكىلارنىڭ تاپاۋەت سۈيقەستى خالاس ، سىز يەككە شەخىس بانكىلارنىڭ ئۇ خىلدىكى كارتا مۇلازىمىتىدىن بەھىرلەنگىنىڭىزدىن ئەلۋەتتە كېرەك رازى بولىسىز ، ئەمما بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتى ئاساسلىق نوپۇس كۆپ ، زىچ ئولتۇراقلاشقان شۇ دۆلەت ياكى جەمئىيەتنىڭ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىدىكى بانكىلاردىلا تەمىنلەنگەن ، دۇنيادىكى بايلىق راستىنلا 22% ئادەمنىڭ كونتىروللۇقىدا بولسا ،ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلام خەلقتە كۆپ بايلىق يوق دىگەن گەپ ، ئۇنداقتا ئۇ كاپىتالىست بانكىرلار قانداق قىلىپ بايلىقى بولمىغان ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلام خەلقتىن تەشكىللەنگەن جەمئىيەتتىن ئۈزلۈكسىز پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك ، ئەلۋەتتە قارشى تەرەپنى مەنپەئەتلەندۈرگەن ئاساستا ئۆزى يۇقىرى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ، بانكىلار سىزنى ھەرخىل مۇلازىمەت كارتىلىرى بىلەن تەمىنلىسە سىزنىڭ يەككە شەخسىي ئارتۇق ئېشىنچە بايلىقىڭىز بولمىغاندىكىن ئۇلاردىن مىنەتدار بولىسىز ۋە ئۇلار تەمىنلىگەن كارتا مۇلازىمەتلىرىدىكى پۇللارنى ئىشلىتىپ ئىستىمال قىلىسىز ، (گەرچە سىز كارتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ نەق پۇل ئوبورتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ ، ئەمما پۈتۈن جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ يەردە يەنىلا تەقلىدى ئېلىكتىرونلۇق ھېساباتىكى پۇل ئوبورت قىلىنىدۇ .) سىزگە ئوخشاش بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىستىمال قىلىدىغانلار بۇ خىل كۆپ نوپۇسلۇق شەھەردە يالغۇز سىزلا ئەمەس ، ناھايىتى نۇرغۇن ، شۇنداق بولغاندا بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئابونىتلارنىڭ ئىستىمال سان جۇغلانسىمىسى نەتىجىسىدە ساختا كۆرۈنۈشلۈك رايون خاراكتىرلىك ئىستىمال تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇش پەيدا بولىدۇ ، كىشلەر بانكا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ توختىماي ئىستىمال قىلىپ تۇرىدۇ ، بازارنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ بارىدۇ ، كارخانچىلار توختىماي ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدۇ ، بۇ يەردە پەقەت تەبىي بايلىق خوراشلا بولۇپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىستىمالىدىن پەيدا بولغان ئوبورت سۈرئىتى تىزلىشىدۇ ، كىشلەرنىڭ ئىستىمال تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەنسىرى دەل ھازىرقىدەك پايچېك ، فونىد ، تەقلىدى ئالتۇن سودىسى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بايلىق ، ئىقتىسادى تۇرمۇش ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇسى كېلىدۇ ، (گەرچە بىزنىڭ كىشلىرىمىزدە بۇخىل ھادىسە ئانچە كۆپ بولمىغان بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇخىل ئېقىم ئاساسىي سالماقنى ئىگەلەيدۇ . ) شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئىستىمالدىن كىيىن ، پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سالغان ئابونىتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ،پۇل مۇئامىلە بازىرىدا بىر قېتىملىق قايناق بازار ھالىتى شەكىلىنىدۇ . يەنى كۆپۈكسىمان بازار پەيدا بولىدۇ . مانا مۇشۇنداق كۆپۈكسىمان بازار پەيدا بولغاندىن كىيىن تەجىربىلىك ماگىناتلار ئاستا ھەركەتكە كىلىپ تورنى يىغىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە كىرەك ھەرقېتىملىق خەلقئارا خەۋەرلەردىمۇ كۆرۈپ تۇردۇق ، شۇنداق بىر قېتىملىق قىسقا مەزگىللىك باھا ئۈشۈپ يۇقىرى باھا پەيدا بولۇش ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەنپەئەتلەنگۈچى تۆۋەن قاتلام خەلق بولماستىن يەنىلا ماگىناتلاردۇر ..
ئەمدى ھازىرقى بازارغا قايتىپ كىلەيلى . مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا
927-يىلى بىنجامىن مورگەن ۋە kuhn loeband company قوللىشى ئاستىدا نىيويورىك بانكىسىنىڭ لىدىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ، خەلقئارا بانكىرلار ئۇنىڭغا ئامىرىكا بانكىلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشىنى مەسلەھەت كۆرسىتىپ مەخبىي خەت يازغان بولۇپ ، بۇ پىلان ئىجىرا قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇرۇش ئامىرىكا زىمىنىدا بولمىغانلىقتىن ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئوتتۇرىھال ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ئامىرىكىغا كىلىپ ئامىرىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . دۆلەت ئىچى تىپتىنىچ بولغان ئامىرىكا مۇھىتى يارىتىش ، دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان بارلىق كىشلەرنىڭ تىپتىنىچ ئۇرۇشتىن خالىي مۇھىتقا ئىگە بولغان ئامىرىكىغا سەپەر قىلىشى ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىش خەۋىپىدىن ئەنسىرىمەيدىغان مۇھىت بولغانلىقتىن ، يۇرەكلىك ھالدا زاۋۇت كان كارخانا قۇرۇشتەك ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى.. ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن مەبلەغ سېلىش دولقۇنى كۆتىرىلىپ ، ۋال كوچىسىدىكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق سودا ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 1928 -يىلى خەلقئارا بانكىرلار پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇ پ ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىنى تۆۋنلەتكۈزدى. كۆپتۈرۈلگەن قايناق مەبلەغ سېلىشتىن كىيىن ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن 1927-1929 يىلغىچە بولغان ۋال كوچىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى بورىنى كېلىپ چىقتى. ئەمما نىيويورىك بازىرىدا باھا تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ لوندون بازىرىدا باھا ئەسلى ھالىتىدە مۇقىم بولغاچقا ، ئارلىقتىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىندى ، بازار باھاسىدىكى باھا پەرقىدىن ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ياخشى پايدىلىنىپ ، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر قېتىملىق پىلاندىن كىيىن لوندون ۋە نىيويورىك پۇل مۇئامىلە بازىرىدا باھا پەرقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرقى ۋە باھا پەرقىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشىكىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەتندى . (ھازىرمۇ لوندون ۋە نىيويورىك بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىدا ھەر ئۇنسىيەدە نەچچە دوللار پەرق بار بولۇپ غايەت زور مەبلەغكە ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار ئارلىقتىكى پەرقتىن توختىماي پايدىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ . ) ئەمدى ئاشۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇساقمۇ ، يەنە ئوخشاپ قالىدۇ ، ئالدىنقى يىلى ياز پەسىل ئولىمپىك مەزگىلىدە ئالتۇننىڭ بازار باھاسى 970-980 دوللار ئەتىراپىدا ئىدى ، ئىقتىسادىي كىرزىس داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 870--890 ئارلىقىدا ساقلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ .. خەلىقئارا بانكىرلارنىڭ قولىدا غايەت زور كاپىتال بار ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەقلىدى ۋە رىئال ئالتۇننى ئۈزلۈكسىز سېتىۋالسا ، ۋە ساقلاپ قالسا (بىزدەك قىسقا ۋاقىتلىق باھا ئۆسكەندە سېتىپ ،يەنە ئېلىپ دىگەندەك قىسقا ۋاقىتلىق ئوبورت قىلمايدۇ ) ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش بىلەن دۇنيا خاراكىرلىك بولغان بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنى تەڭ ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاخىرلاشتۇرسا ، قايتىدىن كىرزىستىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ ، كىشلەر قايتىن پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرزىستىن كىيىنكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق بازار شەكىلىنىپ ، نىيويورىك ۋە لوندوندا پاي ۋە ئالتۇننىڭ باھاسى قىسقا ۋاقىت تىز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ . نەتىجىدە غايەت زور مىقداردىكى كاپىتالغا ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار يىغىپ ساقلىۋالغان ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئارلىقتا نەچچە يۈز مىليارد ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ . ئەكىسچە ئوتتۇرا بۇرژازىيە ۋە ئاددى خەلقنىڭ زور مىقداردىكى كاپىتالى بولمىغانلىقتىن يەنىلا كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ...\ مانا مۇشۇنداق يېزىپ قالدۇرغان .
يەنى بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم تاشقى پىرىۋوت پۇل ئوبورت نىسبىتى ، ئالتۇننىڭ باھاسىنى پۇل ئارقىلىق بەلگىلىگەندىكى ئوبورت نىسبىتى ، ئاندىن ھەرقايسى رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ خىل نىسبەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى دەل تاسادىپىي كىلىپ چىققان ئەمەس، ئەسلىدە بۇ خىل نىسبەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇقىم تۇراقلىق ھالەتتە ، ياكى نىسبىي تۇراقلىق ھالەتتە بولۇپ ، ھەر ئايدا ياكى پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرغان ، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك مىنۇت سىكۇنىت توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ئەمەس، مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇرۇشتىن كىيىن ئامىرىكىدا رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەن ، يەنى بىر مەيدان پىلاندىن كىيىن نىيويورىك بىلەن لوندوندىكى باھادا پەرق پەيدا بولۇپ ، ئارلىقتىكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن پەرقىدىكى بازارنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، ئاندىن ئىككى ئورۇننىڭ باھا پەرقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ياۋروپالىقلار ئارىدىكى پايدىدىن مەنپەئەتلىنىپ ئۇرۇشتىن كىيىنكى دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تىز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلغان ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن يالغۇز ياۋروپالىقلارلا مەنپەئەتلىنىپ قالماستىن ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىمۇ مەنپەئەتلەنگەن . ئەمدى ھازىرقى دۇنيا خاراكتىرلىك ئىقتىسادى كىرزىسقا ۋە تاشقى پىرىۋوتتىكى دوللار ، ياۋرو ، فونىستىرىلىڭ ، يىن قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئوبورت نىسبىتىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە نەزەر سېلىپ باقايلى . ئەمدى تاشقى پىرىۋوت بازىرىدىكى نىسبەت ئۆزگۈرىشىگە ئۇزۇندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقانلار بولسا ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن ، ئامىرىكا دوللىرى بىلەن جوڭگو خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتىدە ، جوڭگو پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا ئايرىلىدىغان نىسبىتى چۈشىۋاتقان يەنى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى چۈشىۋاتقان بولسىمۇ (ئىلگىرى 7.6 ، ھازىر 6.8375 ) ئەكىسچە ياۋرو ۋە فونىستىرلىڭنىڭ ئامىرىكا دوللىرى بىلەن ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ، ئامىرىكا دوللىرى بىلەن ياپون يىنى ، فونىستىرلىڭلارنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتى ئوخشاش ماسلىقتا ئەمەس ، يەنى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ فونىستىرلىڭ ۋە ياۋروغا نىسبەتەن چۈشىۋاتقانلىقىنى ماسلىق ھالىتىدە كۆرىۋالغىلى بولمايدۇ ھەم جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي مىقەزىنى بۇنىڭغىمۇ ئارلاشتۇرۇپ نىسبەتنى ئۈچ تۆت ئايدىن بېرى 6.7--6.8 لىك ئەگىرىلىك دەرىجىسى ئانچە چوڭ بولمىغان تۈز سىزىق ھالىتىدە ساقلاپ مېڭىۋاتىدۇ .(ئىلگىرىمۇ 7.5 ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق قىلغان)
(مەن تاشقى پىرىۋوتنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىگەچ باشقا پۇللار ئارىسىدىكى ئەھۋال ئۆزگۈرىشىنى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقالمىدىم) ھازىر ئامىرىكا دوللىرى ئۈزلۈكسىز چۈشىۋاتقىلى خېلى مەزگىل بولدى . بۇ دۆلەت كىشلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي سىياسىي ئارقىلىق نىسبەتنى كونتىرول قىلدى ، ئۇنداقتا دوللار بىلەن خەلق پۇلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىساق ، بازار باھاسى بىر مو ئۆسسە 29250457038.39 يەنى 29مىليارد250 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدۇ ، ئەگەر ئوخشاشلا بازار باھاسى بىر مودىن چۈشۈپ ماڭسا يەنىلا 29250457038.39 يەنى 29مىليارد250 مىليون ئامىرىكا دوللىرى چىقىم بولىدۇ. خەلق پۇلى ئەسلىدىكى 7.8 مەزگىلدىكىدىن كۆپ چۈشۈپ كەتتى ، مانا مۇشۇنداق بولغاندا كىشلەر بۇ دۆلەت ئۇنۋېرسال سېلىشتۇرمىدا ئۈچىنجى ئورۇنغا ئۆتتى ، تەرەققىي قىلدى ،شۇڭا پۇلىسىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ئېشىپ دوللار بىلەن كۈچ سىنىشىپ تەڭلەشتى دەپ چۈشەنسىمۇ ، ئەمما بۇ دۆلەت ئىككى پۇل ئارىسىدىكى پەرقتىن قىسقىغىنا بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا 300 مىلياردتىن ئارتۇق زىيان تارتتى .ئۇنداقتا بۇ ئىقتىسادى كىرىملەر زادى قەيەرگە باردى دىگەندە يەنىلا ، ئامىرىكا ۋە ياۋروپاغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى 1929 يىللاردىكى ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە نىيويورىكتا باھا چۈشۈپ ياۋروپالىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئەسلىگە كىلىۋېلىشى ئۈچۈن بولۇنغان بولسا ، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس شەرقتىكى بۇ كۈچنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ، ئارلىقتىكى پايدىدىن ئامىرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى قەدىمىنىڭ تىزلىشى ئۈچۈن بولدى . ئۇنداقتا دوللار بىلەن ياۋرو ۋە فونىستىرلىڭلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغۇ ، ئۇ چاغدا بۇ دۆلەت كىشلىرى پايدىغا ئېرىشەلمەمدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى جۇغراپىيەلىك رايون پەرقىدىكى ئوخشىماسلىقتىن ھەم باھا پەرقىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ، ئەمما پايدىغا ئېرىشكۈچى ھەرۋاقىت يۇقىرى كاپىتال مەبلەغ سالغان ۋە بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى چۈشەنگەن ۋە ئالدىن پىلانلىغۇچىدا كۆپ بولىدۇ دىگەن گەپ . چۈنكى ھازىرقى ئىقتىسادى كىرزىس بايا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك يۇقىرى تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيىسىدىن كىيىنكى قايناق بازار سەۋەبىدىن ،يەنى ئىقتىسادتىكى بازارنىڭ نورمال ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ، ۋە يەرشارىدا ئېنىرەىيە بايلىقنىڭ كېمىيىشى بىلەن كىلىپ چىقتى. ئەمما بۇ بىر خىل ساختا ئىقتىسادى كىرزىس دەپ قاراشقا بولىدۇ ، ئۈستىدىكى ئىنكاستىكى ئالتۇن ئوينىغانمۇسىزدىن قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ۋاقىت جەريانىدىكى باھا ئۆزگۈرىشىگە دىققەت قىلدىڭلار ، ئەمدى بۇ تاشقى پىرىۋوت بازىرىدىكى باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشىمايدۇ ، شۇنداقتىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىن كىيىن باھانىڭ بارا بارا ئۆسىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. (مەن تاشقى پىرىۋوتنى چۈشەنمىگەندىكىن مۇشۇنى مىسال قىلاي ) باھانىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا 870---940 دوللار بولۇپ ، 70 دوللار پەرق بار ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ، لىكىن بۇ خىل باھا پەرقىدىن ھەممە كىشى ئوخشاش مەنپەئەتلەنسىمۇ ، ئەمما تۆۋەن كاپىتالغا ئىگە بولغانلارغا قارىغاندا ، دەل ئەنە ئاشۇ كىشلەرنىڭ پايدىسى يەنىلا كۆپ بولىدۇ . ئەمدى ئويلاپ باقساق بۇ باھا پەرقى ناھايىتى تىزلا شەكىللەنگەن ، ئۇنداقتا بۇخىل باھا ئۆسۈش قانداق كىلىپ چىقتى ، نەزەر سېلىپ باقايلى . ئوپىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتتى، نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 10 دوللار ئەتىراپىدا ئۆستى ، ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى پەسىل ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى دۆلەت ،رايونلاردا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قايتىدىن مەبلەغ سالغۇچى ئابونىتلار كۆپەيدى ، ئالدىنقى يىل ياكى ئالدىنقى پەسىلدە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن چىكىنگەنلەر ۋە يېڭىدىن قىزىققۇچىلار قايتىدىن پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ قايناق بازار ھاسىل قىلدى ، مۇشۇ ھەپتىدىكى شاڭخەي ئاكسىيە ئورنىنىڭ تور خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى يىلى 60 % ئابونىت پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن چىكىنگەن بولسا ، ھازىر پەسىل ئالمىشىشى بىلەن قايتىدىن تىز كۆپىيىپ ئابونىتلار 38 % ئاشقان .يەنى ھازىر كۆپۈكسىمان بازار شەكىلىنىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ . ئەمدى تاشقى پىرىۋوتتا بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ئارلاشتۇرىۋېلىپ ھازىرچە باھانى 6.7--6.8 ھالەتتە ساقلاپ ماڭماقتا ، ئەمما بۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇ ئارمانلىرىدىن قارىغاندا خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ نىسبىتى ئىلگىرىكى 7.6--7.8 لىك ھالەتكە ئەمدى قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى چوڭ دەپ قارايمەن . بۇلار تېخى ئالدىنقى قېتىملا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارالىق ئوبورت پۇل بولۇشتىن قېلىپ ئورنىغا باشقا دۇنيا پۇلى تەسىس قىلىش ئارزۇسىنى ئېيتىپ ئۆتتى ،گەرچە رەت قىلىنغان بولسىمۇ ، بۇلارنىڭ ئارزۇسىدىن قارىغاندا ، بۇلار كەلگۈسىدە خەلق پۇلىنىڭ دۇنيا پۇلى بولۇشىنى ، خەلقئارالىق ئوبۇرت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە شۇ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ ، ئاندىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باش كۆتىرىپ چىقىشى بويىچە بۇلار كەلگۈسىدە ئۇنۋېرسال دۆلەتلەر قاتارىدا ياپونىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئامىرىكا بىلەن تەڭلىشىش ۋە تىرىشىپ ئامىرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىشتەك گۈزەل ئۇلۇغۋار ئارزۇلار بىلەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، ئۈستىدىمۇ كۆرۈپ ئۆتتۈق خەلق پۇلى بىر مو چۈشسە كۆپ زىيان بولىدۇ ، بۇلارنىڭ ئۇنداق گۈزەل ئارزۇلارغا يىتىپ كېتىشىگىمۇ غەربمۇ قاراپ تۇرمىسا كېرەك ، شۇڭىمۇ خەۋەرلەردە كۆرىۋاتىسىلەر ، ئۇنداق بولغانىكەن ، بۇلارنىڭ ئارزۇسىغا بالدۇر يەتمەسلىكى ، قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشى ئۈچۈن باھا ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ تۇرىشى كېرەك ، ئەنە ئاشۇنداق بولغاندىلا ، بۇلار ئارزۇسىغا تىز يىتەلمەيدۇ ، ھەم غەربلىكلەرمۇ ئۈستىدىكىدەك ئاشۇنداق غايەت زور ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ ، مۇشۇخىل سىياسىي مۇھىتتىن قارىغاندا باھانىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، باھادا ئۆسۈش كۆرۈلىشى مۇمكىن ئەمەس..
ەھۇدىيلار
Blog:تارىمى تور خاتىرىسى2010-04-23 18:23:17