2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62855219.html

     

     

    ئاق ساراي خىياللىرى

    نەبىجان تۇرسۇن

    (ئەدەبى خاتىرە)

    ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى--(داۋامى)

     

     

    بىز كۆپ مۇڭداشتۇق.بوۋاي ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ
    ئامېرىكىغا كېلىپ قالغىنىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئېغىر ئۇھ
    تارتىپ،بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ
    تۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىمىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە
    :ئۇ قەشقەرلىك بولۇپ،ئۆسمۇرلىك ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىرگە
    ئەنجانغا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن.20-ئەسىرنىڭ
    باشلىرىدا ئەنجان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا
    شەرق شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا
    تارىلىشىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولۇپ،ھەر يىلى ياز
    ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بولۇپمۇ
    قەشقەردىن كۆپلىگەن مۇساپىرلار تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ،
    ،مەزكۇر شەھەرگە كېلىپ توپلاشقان ۋە كېيىن تەرەپ-تەرەپكە
    تارقىلىپ تۈرلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇلارنىڭ
    ئىچىدە تىجارەتچىلەرمۇ،كاسىپلەرمۇ،دېھقانلارمۇ بار
    بولغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز يۇرتلىرىدا
    تىرىكچىلىك قىلشتىن مەھرۇم بولغان كەمبەغەللەر
    ئىدى.قاتمۇ قات زۇلۇم،مىللى كەمسىتىشلەر ۋە باستۇرۇشلار
    ئۇلارنى ئۆز تۇپراقلىرىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردىن
    ھاياتلىق يولىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.
    30-يىللىرىدىن باشلاپ مەزكۇر مۇساپىرلار سوۋىت ھۆكۇمىتى
    تەرىپىدىن تۈرلىك بېسىملارغا دۇچ كېلىشكە
    باشلىدى.بولۇپمۇ 1933-يىلىدىكى ۋە 1937-يىلىدىكى ئۇيغۇر
    خەلق قوزغىلاڭلىرى باستۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋىت
    ھۆكۇمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى
    شىڭ شىسەيگە ماسلىشىپ،تۇتقۇن قىلىپ،تۈركۇم-تۈركۈملەپ
    پويىزلارغا بېسىپ،سىبىرىيە ئورمانلىرىغا ھەيدەپ
    بېرىپ،ئېغىر مەجبۇرى ئەمگەكلەرگە سالدى.بۇلارنىڭ مۇتلەق
    كۆپچىلىكى سىبىرىيە ئورمانلىرىدا چىرىپ تۇگىگەن
    ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان زىيالىلارنى بولسا
    تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە ئېتىپ
    ئۆلتۈردى.قىسقىسى مەن ئۇيغۇر دىگەن ھەرقانداق كىشى
    سىتالىننىڭ ۋەھشىيانە جازاسىدىن بوش قالمىدى.كۆپلىگەن
    كىشىلەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيىشتىن قورقۇپ، مىللىتىنى ئۆزبەك
    ياكى "قەشىقەرلىك" دەپ ئاتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان
    ئىدى.ئەنە شۇ ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار سوۋىت
    گراژدانلىقىنى قوبۇل قىلىپ،پاسپورتىنىڭ مىللىتى دىگەن
    يېرىگە "قەشقەرلىك" دەپ يازدۇرىۋالغان ئىكەن.
    بوۋاي ھىكايىسىنى توختىتىپ، " سەن تارىخچى
    بولغاندىكىن بەلكى بۇ ۋەقەلەرنى بىلىشىڭ مۇمكىن
    ئوغلۇم،لېكىن يەنە ئەسلەپ قويغاننىڭ زىيىنى
    يوق،مېنىڭچە تارىخنى ئۇنتۇش جىنايەتتۇر خالاس!" دىدى ۋە
    چىرايىغا ئازراق كۈلكە يۈگۈرتۈپ،ئۆز ھىكايىسىنى داۋام
    ئەتتۇردى:
    1936-1937-يىللىرى ئۇنىڭ دادىسى باشقا كۆپلىگەن
    قېرىنداشلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ،زىيانكەشلىككە
    ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ،بىر كۇنى بۇ
    ئاقىۋەتنىڭ ئۇلارغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز
    قىلىپ،دەرھال باشقا 10نەچچە يېتىمچى بىلەن ئەنجاندىن
    پويىزغا ئولتۇرۇپ، موسكۋاغا قېچىپ كېلىپ،بىر زاۋوتتا
    ئىشچى بولۇپتۇ.ئۇنىڭ دادىسى مەرىپەتپەرۋەر ئادەم
    بولغاچقا ئۇنى موسكۋادىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە
    بېرىپتۇ.ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن يىلى ئۇرۇش
    پارتىلاپ،دادىسى ۋە باشقا ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئالدىنقى سەپكە
    ئىۋەتىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەنلىكى
    توغرىسىدا خەۋەر كەپتۇ ھەمدە ئۇمۇ ئالدىنقى سەپكە
    ئاتلاندۇرۇلۇپتۇ.ئۇ ئىككى يىل قان كېچىپ جەڭ
    قىلىپ،ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرىدە گېرمانىيە
    ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگىرلىرىنىڭ
    بىرىدە ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۇزىپتۇ.1945-يىلى ئامىركا
    ئارمىيىسى تەرىپىدىن بۇ لاگىر ئازات قىلىنغاندا، ئۇ
    ئەركىنلىككە ئەرىشكەن ئىكەن.ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،ئۇ
    سوۋىت ئىتىپاقىغا قايتىشقا جۇرەت قىلالمىغان چۇنكى ئۇ
    سوۋىت ئىتىپاقىغا قايىتسا،ستالىن تەرىپىدىن"ۋەتەن خائىنى"
    دىگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئېتىپ تاشلىنىشى مۇمكىن ئىدى.ئۇ

    بىر مەھەل گېرمانىيىدە تۇرغاندىن كېيىن، ئۆز تۇغۇلغان
    يۇرتىنى ئەسلەپ، ھىندىستان ئارقىلىق،ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن
    ،ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىغان ئادرىس بويىچە ئۆز مەھەللىسىنى
    ئىزدەپ تاپقان ئىكەن .ئەپسۇسكى ئۇ يۇرتىدا قالغان ئانىسىنى
    كۆرەلمىگەن .ئانىسى  بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆز
    ئانا يۇرتىدا قېلىپ، ناتىۋان خەلقى ئۈچۈن بىرەر ياخشى
    ئىشلارنى قىلىش نىيىتىدە يۈرگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىغا
    چۈشكەن پايلاقچىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەرخىل بەتناملارنى
    توقۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان نەتىجىدە
    ئۇ تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغن ئىكەن. ئۇ بېشىدىن ئۆتكۇزگەن
    ھايات مۇساپىلىرىدىن توپلىغان تەجرىبىلىرى بويىچە
    ۋەتەنىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئانا ۋەتەننى تەرك
    ئېتىش قارارىغا كەلگەن ھەمدە مىڭبىر جاپادا چەت`ئەلگە
    چىقىپ كەتكەن ۋە ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارغا
    باش پانا بولۇش سىياسىتىگە ئاساسەن ئامىركىغا
    كېلىپ،ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن.

    --بىلەمسەن ئوغلۇم --دىدى ،بوۋاي ماڭا تىكىلىپ
    قاراپ،--بۇ مېنىڭ تەخمىنەن 50يىلدىن كېيىن قايتا
    ئۇيغۇرنى كۆرۈشۈم.مەن ئامىركىغا كەلگەندىن كېيىن
    تۇرمۇشۇم ياخشى ئۆتتى.لېكىن بىرلا نەرسە ماڭا كەملىكى
    بىلەن ھەرقاچان مېنى ئازاپلايتى.ئۇ بولسىمۇ ئۆز قان
    قېرىنداش خەلقىمدىن تەنھا ياشاش! ئۆز ئانا تىلىمدا
    سوزلەشتىن مەھرۇم  قېلىش! كىچىك ۋاقتىمدا دادام ماڭا
    دائىم پۇل تېپىپ قەشقەرگە قايتىپ،ئانام بىلەن جەم
    بولىدىغانلىقىنى دەيتى.ئەپسۇس،دادامنىڭ بۇ ئارزۇسى
    ئەمەلگە ئاشمىدى.مەنمۇ ئانامنى بىر ئۆمۇر كۆرەلمىدىم.كىچىك
    ۋاقتىمدا ئانامنىڭ تونۇرغا نان ياققان ۋاقتىدا ماڭا
    ئايرىم بىر ئىككى دانە سامسا يېقىپ يىگۇزگەن، پىشانىسىدىكى
    تەرلىرىنى سۇرتۇپ،ئىللىق كۇلگەن،ماڭلىيىمنى سۆيۇپ،
    بۇرنۇمنى يېنىك نوقۇپ ئەكىلەتكەن ھالىتى كوز ئالدىمدىن
    ھېچقاچان كەتمەيدۇ.بۇ كۈنلەر ماڭا غۇۋا بىر چۈشتەك
    بىلىنىدۇ.ئىشىكىمىز ئالدىدا ئۆستەڭ ئېقىپ
    تۇراتتى.ئۆستەڭنىڭ سۈيى دائىم لاي ئاقاتتى.بىز ھەركۇنى
    چۆمىلىپ ئوينايتۇق.زاغرا نانلىرىمىزنى ئۆستەڭنىڭ
    بېشىغا تاشلاپ،ئېقىپ ئالدىمىزغا كەلگەندىن كېيىن سۈزۈپ
    يەيتۇق.دۇم يېتىۋېلىپ سۇ ئىچسەك ئانام دائىم "ئۇنداق قىلما
    ئىچىڭگە قۇرۇت كىرىپ كېتىدۇ"دەپ
    قورقۇتاتتى.مەھەللىمىزدىكى يول بويلىرىدا نان جىگدىلىرى
    پىشىپ ،تۆكىلىپ كېتەتتى.بەزى كۈنلەردە يەيدىغانغا نان
    يوق شۇ جىگدىلەرنى يەيتۇق.دادام ئېتىز ئىشىدىن باشقا ئايلاپ
    ،سىرىتقا چىقىپ كېتىپ ئىشلەپ ، ھارغىن قايتىپ
    كېلەتتى.ئانامدىن سورىسام داداڭ ھاشاغا بارمىسا بىز ئاچ
    قالىمىز دەيتى.كېيىن يۇرتىمىزدا كۈن ئېلىش بەك قىيىن
    بولغاندىن كېيىن دادام ئانام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،مېنى
    ئەنجانغا بىرگە ئېلىپ بېرىپ،پۇل تېپىپ كېلىش قارارىغا
    كېلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ياز ئايىدا بىز ئۇ يەرگە كېلىپ
    قالغان ئىدۇق.

    --شۇ ئۆز يۇرتىڭىزغا كەتكىڭىز بارمۇ؟--دەپ سورىدىم مەن
    بوۋايدىن.
    --نىمىشكە كەتكىم بولمىسۇن ئوغلۇم؟! --دىدى بوۋاي
    كەسكىن تەلەپپۇزدا،--شۇ ئۆزۇم تۇغۇلغان يۇرتقا بەك
    كەتكىم بار.بۇ ئوي مېنىڭدىن ھېچقاچان نېرى كەتكەن
    ئەمەس!مېنىڭ شۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا كۆمۇلسەم،روھىم
    بولسىمۇ ئانامنى كۆرسە،ئانام بىلەن بىرگە يۇرسە دەيدىغان
    ئويۇم بار.مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئانا يۇرتۇمغا بېرىپ
    كېلىشنى نىيەت قىغان بولساممۇ،لېكىن ئۇ يەردە ھېچ بىر
    تۇققانلىرىمنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى
    ئويلاپ،كوڭلۇم بىئارام بولدى.بەلكى تۇققانلىرىممۇ باردۇ؟!
    ھەش-پەش دىگۇچە 80كىرىپ قالدىم.پۇتتا ماغدۇرنىڭ
    تايىنى يوق،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوزۇم كېسەلچان بولۇپ
    قالدىم.يۈرىگىم ھەرقاچان ئېچىنىش،مۇساپىرلىق،تەنھالىق
    تۇيغۇسى بىلەن ئۆرتۈنىدۇ.

    --ھېچقىسى يوق بوۋا ،ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز،ھېلىھەم
    ۋەتەنگە بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەن سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىن
    تۇققانلىرىڭىزنى تېپىشىپ بېرەي،بەلكى كوپلىگەن قان
    قېرىنداشلىرىڭىز باردۇ؟! ئۇلار سىزنى كۆرسە ناھايىتى خوش
    بولىشى تەبىئى--دىدىم ،مەن بوۋاينىڭ كۆڭلىنى ياساپ.

    --رەھمەت ئوغلۇم ،مېنىڭچە بۇمۇ ئاللانىڭ مېنى
    جازالىشى بولسا كېرەك.مۇنداق مۇساپىرچىلىق كوچىسىغا
    چىققان بولۇپمۇ مەندەك ئوز ئانىسىنى ،ئوز ئۇرۇق تۇققان قان-
    قېرىنداشلىرىنى، ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس
    تۇپرىقىنى تاشلاپ، ئۇنى كۆرەلمەي ئۆتكەن ئۇيغۇرلار
    ناھايىتى كۆپ بولسا كېرەك.مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

    ---نىمىگە ئاللانىڭ جازاسى دەيسىز بوۋا؟--دىدىم مەن
    تەئەججۇپ بىلەن،--سىز نىمە گۇنا قىلدىڭىز؟ مۇساپىرلىققا
    ئۆزۈڭىز سەۋەپكار ئەمەستە؟!

    ---مەن ئۆزۇم سەۋەپكار!-دىدى بوۋاي كەسكىن رەۋىشتە---ئانا
    ۋەتەننىڭ قەرزىنى ئادا قىلماي، ئۇنىڭ قەرزىنى ئۆزۈمنىڭ
    مەنپەتىدىن تۆۋەن قويغانلىقىم،ۋەتەننىڭ نىمە
    ئىكەنلىگىنى ھەقىقى چۇشەنمىگەنلىگىم،ئۇنىڭ ئۈچۈن جان
    پىدا قىلماي،ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ئاياق ئاستى قىلىشقا يول
    قويغانلىقىم،ئۇنىڭ تەقدىرى ۋە كېلىچىكى ئۇستىدە باش
    قاتۇرمىغانلىقىم،قىسقىسى ئىسسىق قانلىرىمنى باشقىلارنىڭ
    تۇپراقلىرى ئۇچۇن تۆكۈپ،ئۆز كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا
    ۋەتىنىمدىكى يىغا زارىلەرنى ئاڭلىمىغانلىقىم
    ئۈچۈن،مانا مۇشۇنداق ۋەتەنسىزلىكنى تاللىۋالغانلىقىم
    ئۈچۈن ئاللا مېنى جازالاپ، مۇشۇنداق بىچارىلىق
    كوچىسىغا تاشلىۋەتكەنمىكىن دەپ ئويلايمەن.

    مەن بوۋاينىڭ زەردە بىلەن ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ
    مەلۇم مەنتىقىلىق ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىگىنى جەزىم قىلدىم
    ۋە:


    ---شۇنداق،--دىدىم مەن بوۋاينىڭ سۆزىنى
    تەستىقلاپ،---ئۇنداقتا سىز مەن دەپ سوزلىمەي بىز دەپ
    سۆزلەڭ.چۇنكى سىز ئېيىتقان ئاللا جازالىۋەتكەنلەر
    قاتارىدا مەن ۋە باشقا كۆپلىگەن ئادەملەر بار.بىز
    ھەممىمىز ئۆزىمىزنى مەن ئۇيغۇر دەپ دەپ مەيدىمىزگە
    مۇشتلاپ، جار سالغىنىمىز بىلەن ،تېخى ۋەتەن ئالدىدىكى
    قەرزىمىزنى ئادا قىلمىدۇق.ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزنى
    ئاقلىمىدۇق،ھەممىمىز،مەيلى ۋەتەن ئىچىدە ياكى ۋەتەن
    سىرتىدا بولايلى كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن تۇپراقلىرىمىز
    ئالدىدا جىنايەتچىلەرمىز! تۇپراقلىرىمىزنىڭ قەرزىنى
    تۆلىمىگەن نائىنساپلارمىز!مەن ئۇيغۇر دەپ ياقىمىزنى بىرەر
    قېتىم يىرتىپ قويغىنىمىز،ياكى ھاراقنى بولىشىغىچە
    ئىچىپ،ئۆزىمىزچە قايناپ ،يىغلاپ قويۇشلىرىمىز بىزنىڭ
    ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ.شۇڭا ئاللانىڭ
    بىزنى جازالىشىغا ئەرزىيمىز.بىز شۇنچىلىك ئاجىز ۋە
    ئىقتىدارسىزمىزكى،مەيلى ئىلىمد