2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62855420.html

     

     

     

     ئاق ساراي خىياللىرى
     
    نەبىجان تۇرسۇن
     
     (ئەدەبى ھاتىرە)
     
    ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى
     
     
     (داۋامى)

     
     بىلەمسەن ئوغلۇم؟--- دىدى بوۋاي قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ
     جىددى ھالەتتە--- مەن ئۇنداق ھەر نىمە دىگۇچىلەرگە،
     مازاق قىلغۇچىلارغا ھېچ نارازى بولمۇدۇم.چۈنكى
     ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ يەنىلا مەلۇم مەنتىقىلىق ئاساسى
     بار ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ خەرىتىدە نامى بولمىغان
     مىللەتنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ.مىللەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگى
     بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇ مەۋجۇت ھالىتى بىلەن يەنى ھازىرقى
     دۇنيادا تۇتقان سىياسى ئورنى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىگىنى
     ئىپادىلەيدۇ.ئۆزىنىڭ سىياسى ھاياتىغا كاپالەتلىك
    قىلالمىغان مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدىنىي ئورنى
    بولمايدۇ.سىياسى ئورنى بولمىغان مىللەت ئۇ قانچىلىك
     ئىقتىدارلىق ياكى تۆھپىكار بولۇشتىن قەتىي نەزەر ھامان
     باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىۋارغا ئېلىنمايدۇ! تارىخ
     ھەقىقەتەن ئۇلۇغ! لىكىن قانچىلىك مۇقەددەس شەۋكەتلىك تارىخىڭ ۋە
     تارىخى مەدەنىيىتىڭ بولسۇن سەن ئۇنى بۇگۇنكى
     ھاياتىڭنىڭ كاپالىتى بولغان سىياسى ھالىتىڭ ئۇچۇن
    خىزمەت قىلدۇرالمىساڭ ۋە ياكى مەۋجۇت سىياسى سالاھىتىڭ
    دۇنيا سىياسى خەرىتىسىگە يېزىلىشتىن مەھرۇم قالغان
    بولسا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ!تارىخ دىمەكلىك
     ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۇچۇن كۈرىشى دىمەكلىكتۇر!يەنە
    ئۆز نۆۋىتىدە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى كۈرەش دىمەكتۇر !
     !كۈرەشسىز ،قۇربان بېرىشسىز ھايات كاپالىتى بولمايدۇ!دۇنيانىڭ
    مەۋجۇتلۇقى كۈرەش ئىكەن ،ئۇنداقتا ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ
     مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى يوللۇقلا بولۇپ
     قالماستىن بەلكى ئىنتايىن زۆرۈردۈر!مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ
    روشەن ئىپادىسى ئىقتىسادى جەھەتتىلا ئەمەس ئالدى بىلەن
    سىياسى مەنپەت ۋە سىياسى ئورۇندا بەلگىلىنىدۇ!شۇڭا
    ھەرقانداق بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا
     بولۇش سالاھىتىگە ئېرىشكەن مىللەت ئالدى بىلەن دەل شۇ
     نوقتا ئۇچۇن كۈرەش قىلىدۇ !ھەم كۈرەش قىلىش كىرەك!
     مەزكۇر مۇقەددەس ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلەر ئىنسانلار
     ئۈچۈنلا ئەمەس ئۆز خەلقى ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش
     قىلالىدى،دىمەكچىمەنكى ئەگەر ۋاشىڭگىتون
    مەشھۇر"مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى"نى ئېلان قىلىپ،ئامىرىكا
    خەلقىنى ئاخىرقى مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە چاقىرمىغان
     بولسا،بۈگۈنكى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى بولمىغان
     بولار ئىدى.گورباچوۋ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ يوقالغانلىقىنى
    دۇنياغا جاكارلىمىغان بولسا،ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىسلام
     كارىموپ،نەزاربايوۋ،ئاقىيىۋ قاتارلىقلار ئوز
     جۇمھۇريەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلمىغان
     بولسا،بۈگۈنكى شۇ يېڭى دۆلەتلەر بولمىغان،ئۇلارنىمۇ
     دۇنيادا ھېچكىم ئېتىۋارسىز ھېساپلىغان بولار ئىدى.ئۇلار
    گەرچە يەيدىغان نانغا زار بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلار
     مەۋجۇتتۇر ھەم تېخىمۇ بىر پۇتۇن مەۋجۇتلۇقى ئۇچۇن
    كۈرەش قىلماقتا ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان!

     مەن بوۋاينىڭ ھەر بىر جۈملىلىرىنى ئېسىمگە سېلىۋېلىشكە
     تىرىشىپ ناھايىتى دىققەت بىلەن ئاڭلىدىم.بوۋايمۇ مېنىڭ
     پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق
     سېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي،تېخىمۇ ھاياجان
     بىلەن ،ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى .ئۇ ،نۇقتىنەزەرلىرىنى
     جانلىق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشاتتى.

    بىز ئۇيغۇرلار دائىم ئۆز ئۆتمۇشىمىز بىلەن
    پەخىرلىنىمىز،ئېسىمدە قېلىشىچە دادام ھەتتا باشقا
     مۇساپىرلار ماڭا دائىم ئوتمۇش ھىكايىلىرىنى،جەڭنامىلەرنى
     سۆزلەپ بېرەتتى.كېيىن ئويلاپ كۆرسەم ئۆتمۈشتىن سۆز ئېچىش
     ۋە ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلىق ئىشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش
     ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىدىن قالغان خۇسۇسىيەت
     ئىكەن.مەن بۇ خۇسۇسىيەتتىن ناھايىتىمۇ خوش بولدۇم.چۇنكى
     مىللەت روھى تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان پارتىلاش
     خاراكتىرلىك مۆجىزە ئەمەس! ئۇ ئەنە شۇنداق ئەنئەنە بىلەنمۇ
     زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆتمۈشنى ئەسلەش ۋە ئۇنى ئېسىدە
     ساقلاش ئۆزىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ۋاكسىنا دەپ
     قارىسام بەلكى خاتالاشماسمەن.ھەقىقەتەن ئۆتمۇشىمىز
    تولىمۇ شەرەپلىك ۋە تولىمۇ ھەيۋەتلىك ھەم پەخىرلىك
     بولغان.قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى دۇنيانىڭ
     سىياسى خەرىتىسىگە قارىسىڭىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ
    بولغان ئورۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرى
     ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ھەقىقەتەن ئۇ چاغلاردا بىز
     دۇنيادىكى قۇدرەتلىك سىياسى مىللەت ئىدۇق.دىمەك بىز ئۇ
     چاغلاردا ھەقىقى مەۋجۇت بولغان ئىدۇق!بىزنىڭ
     ئەجدادلىرىمىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ھەقىقى
     ماھىيىتىنى ياخشى چۇشەنگەن ئىدى.تارىختىن ياخشى خەۋىرىڭ بولسا
     كېرەك ئوغلۇم ؟!---دىدى بوۋاي كۇلىمسىرەپ،----ئەگەردە
    ئەشۇ كۈلبويلا قاغان چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر
     قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ،ئۇلارنى بىر بايراق ۋە بىر
    مۇددا ئاستىغا توپلاپ،دۇشمەنلىرىگە قارشى تۇرمىغان
     بولسا غەلبە قىلالمىغان بولار ئىدى ۋە ئۆزىنى
    "قاغان"دەپ جاكارلىمىغان بولسا ئەشۇ قۇدرەتلىك ئورخۇن
     ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى مەيدانغا كەلمىگەن بولار ئىدى.كۈل
     بويلا قاغان تىكلەپ بەرگەن مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۇرەش
     بايرىقى ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەھرىمان قاغانلار تەرىپىدىن
     تېخىمۇ ئىگىز كۆتىرىلىپ،ئاخىرى بۇ دۆلەت ئاسىيادىكى ئەڭ
     قۇدرەتلىك ئىمپەرىيە دەرجىسىگە يەتتى.بۇ دولەت
     ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي جەھەتتە
     ئاسىيادىكى باشقا ھەرقانداق خەلققە تەسىر يەتكۇزىشتەك
     مەۋجۇتلۇقىنى تەمىن ئەتتى. ئۇنىڭدىن كەيىنكى ئەسىرلەردە
     سۇلتان سۇتۇق كەبى ئەجدادلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ
    مەۋجۇتلۇق ئۇچۇن كۈرەش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى.ئەگەردە
     شۇ سۇلتان سۇتۇق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ،ھاكىميەتنى
     قولغا ئېلىپ،ئومۇمى يۈزلىك كۈرەش يولىغا ماڭمىغان
     بولسا،قاراخانىلار سۇلالىسى ئوخشاشلا ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك
     دۆلەتلەر دەرجىسىگە كۆتىرىلىپ،ئۆز ھەيۋىتىنى
    كۆرسىتىلمىگەن بولار ئىدى.ئەگەر تارىخنى ۋاراقلىساق
     بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن.بىز
    تارىخىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى
     ۋەقەلىرىگە نەزەر سالايلى.ئەگەر خوجا نىياز ھاجىم قۇمۇل
     تاغلىرىدا شىردەك ھۆكىرىمىگەن بولسا ،جىن شۇرىن
     ھاكىميىتى غولىمىغان بولار ئىدى.خوجا نىياز ھاجىم
     باشلىغان بۇ ئىنقىلاپ تىزدىنلا ئۇيغۇرلارنى ئومۇمى
     يۈزلىك كۈرەش قاينىمىغا ئەكىرىپ،ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ ھەر
     بىر بۇلۇڭىدا بايراقلار لەپىلدەپ،ھۇررا سادالىرى
     ياڭراپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەيدان ئۆزلىرىنىڭ سىياسى
     ئورنى ئۈچۈن كۈرەش دولقۇنى مەيدانغا كەلمىگەن
    بولسا،ستالىن ۋە برىتانىيە ئايال پادىشاسى ھەم جاڭ
    كەيشى ۋە باشقىلار دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتىسىنى قايتىدىن
     ئىچىپ،يەر شارىنىڭ بۇ بۇرجىگىگە كۆز تاشلىمىغان
     ،باشقا نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ
     قويۇپ، بۇ زىمىن توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ،بۇ زىمىننىڭ
     قانۇنلۇق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرىنى
     قانداق بېكىتىشنى مۇزاكىرە قىلمىغان بولار
     ئىدى.ئوخشاشلا  1944-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەشى
    پارتىلاپ،ئۆز ئەركىنلىكىنى جاكارلىمىغان
     بولسا،قۇدرەتلىك دولەتلەر خەرىتىنى يەنە بىر قېتىم يېيىپ ئولتۇرۇپ
     ئويغا چۆممىگەن،يالتادىكى سۆھبەتلەر تالاش-تارتىشلارغا
     ئايلانمىغان،ستالىن، چېرچىل ۋە روزۋېلىت قاتارلىق
     دۇنيا خەرىتىسىنى تۇتۇپ تۇرغانلار بىر-بىرىگە خىرىس
     قىلىشپ، ھەم مەسخىرە ۋە ئاچچىق ئارىلاش كۈلكىلىرىنى
     ياغدۇرۇشۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا سىياسى خەرىتىسىدىكى
     ئورنىنى ستالىن غاڭزىسىدىن چىققان تۇتۇنلەرگە
     كۆمىۋەتمىگەن، چېرچىل توم سىگارىتى بىلەن
     كۆيدۇرىۋەتمىگەن،روزۋىلىت بولسا كۆيگەن يەرنى
     تۈكۈرىكى بىلەن ئۆچۈرىۋىتىپ، مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلىمسىرىمىگەن
     ،جاڭ كەيشى بولسا روزۋىلىتنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ،
     تىزلىنىپ،تەشەككۈر بىلدۈرمىگەن،ستالىن بولسا
     ئۇيغۇرلارنىڭ تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىدا يۇيۇنۇپ،ھاردۇق
     چىقارمىغان بولار ئىدى.قىسقىسى ھەر بىر مىللەت ئوز
     سىياسى مەۋجۇدىيىتى بىلەن ياشاش كېرەك!ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ
     مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەركىن ھەركەت قىلىش ۋە ھۆكۇم
     چىقىرىش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، دىمەك ئۇ ئوزىنى
     زاۋاللىققا يۇزلەنگەن دەپ ھېساپلىسىمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ
     ئالدىدا ئىككى يول بار بىرى زاۋاللىققا يۇزلىنىپ،تارىخ
     سەھىپىسىدىن ئۆچۈپ كېتىش ،يەنە بىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى
     قولغا كەلتۈرۈش!شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق دولەت
     ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەر ئالدى بىلەن ئۆز سىياسى
     مەنپەتلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ئالى ھېساپلايدۇ.ئەگەر
     قايسى بىر مىللەت مەزكۇر مەنپەتنى باشقا ھەرقانداق
     مەنپەتتىن كېيىن ياكى تۆۋەن قويىدىكەن ئۇ چوقۇم
    پاجىئەلىك قىسمەتكە قالىدۇ خالاس! ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش ئەنئەنىسى ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.بۇ ئەنئەنە ئۈچۈن سانسىزلىغان ئوغلانلارنىڭ قانلىرى دەريا بولۇپ ئاقتى.سانسىزلىغان پەرزەنتلەرىمىز چۆللەردە قەۋرىسىز قالدى.لېكىن ،بۇ ئەنئەنە ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەردە ئۇيغۇرلار كۆپ خاتالىقلارغا يول قويدى.قىسقىسى نادانلىق،ساۋاتسىزلىق ئەقىللىق دۈشمەنلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى پاجئەگە ئېلىپ كەلدى.سىياسى ئاڭغا ئىگەخەلق بولالماي قالغىنى بەختسىزلىكنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولدى خالاس.

    بوۋاي سەل خىقىرىغان ئاۋازدا جىددى قىياپەتتە
     سۆزلەيتى.ئۇنىڭ گويا نەچچە مىڭلىغان ئادەمگە نۇتۇق
     سۆزلەۋاتقاندەك سالماق ھەم سىياسىيونلارغا خاس
     بولغان
     بىر خىل كەسكىن ئىپادىلەش خاراكتىرى مېنى ئالاھىدە
     ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئىدى.ئۇ ھەقىقەتەن جەلىپ قىلارلىق
     بوۋاي ئىدى.قويۇق ئۆسكىلەڭ قاشلىق،بۈركۇت
    كۆزلىك،قاڭشارلىق،پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن مانا مەن
     "ئۇيغۇر"دىگەن روھ ئىپادىلىنىپ،تۇرىدىغان، جاسارەتلىك
     ئەمما ئۇزۇن مەزگىللىك ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرلىق دەردى
     بولسا كېرەك تولىمۇ ئويچان ھەم تېز ھاياجانلىنىدىغان
    لېكىن ئىنتايىن ئۈمىتۋار ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا
     ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بوۋاي ئىدى.





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :