2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62854574.html
ئاقساراي خىياللىرى ئىمىلا تەھرىرلەش باسقۇچىدا .........
دوستلارغا
ھۆرمەتلىك دوستلار مەن ئامىركىغا كېلىپ يېڭى ئوقۇش
ھاياتىمنى باشلىغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ خىياللارنى
سۈردۈم.ئىلگىرى موسكۋادىكى "قىزىل مەيدان"دا ياكى
كىرمىل سارىيى ئالدىدا يۈرۈپ خىياللار دۇنياسىغا غەرق
بولغان بولسام مانا ئەمدى ئاق ساراي ئالدىدا خىيال
قۇشلۇرۇمنى ئۇچۇرۇپ يۇرىمەن.مەن سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن
بىرگە خىيال سۇرىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىپ،"ئاق ساراي
خىياللىرى"نى ھەر بىرىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى
سەرىپ قىلىشقا ھاۋالە قىلدىم.بەلكى "موسكۋا خىياللىرى"نى
ئوقۇغان بولسىڭىزلەر دىمەك بۇ بىزغا ئوخشاش مۇساپىر
قېرىندىشىمىز يەنىلا ئاشۇ خىياللىرىنىڭ داۋامىنى
سۇرىۋىتپتۇ! دىمەك ئۇنىڭ خىياللىرى تۇگىمەيدىكەن دىگەن
ئويغا كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل .قەدىرلىك
دوستلار ئەمىليەتتە بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق خىياللاردۇر! ئۇ
بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان!!!>
ئاق ساراي خىياللىرى
نەبىجان تۇرسۇن
( ئەدەبى خاتىرە)
مۇندەرجە
مۇقەددىمە
بىرىنچى باپ: قىتئەلار ئاتلاپ
ئىكىنچى باپ :ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى
ئۈچىنچى باپ:ئەركىنلىك ئىلاھى يىغلايدۇ
تۆتىنچى باپ:ئامىرىكىنى ئۇيغۇرلار تاپقان
بەشىنچى باپ:ئامىرىكا دوللىرى ۋە قۇللار
ئالتىنچى باپ:كۇڭزى روھى نىيويورىكتا
يەتتىنچى باپ:ئاخىرقى بىر ئىندىئان ۋە ئۇيغۇرلار
سەككىزىنچى باپ:كىلىنتوننىڭ كۈلكىسى
توققۇزىنچى باپ:كىرمىلدىن ئاق سارايغىچە.
ئونىنچى باپ:ۋاشىڭگىتون ۋە ۋەتەن سەھرالىرى
ئون بىرىنچى باپ:خىياللار چوڭقۇرلاشماقتا
ئون ئىككىنچى باپ:مىراسخور خىياللار
مۇقەددىمە
سۆيۈملىك كىتاپخان ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئاللا
كەمىنىنى مانا يەنە يېڭى سەپەر شەرىپىگە مۇيەسسەر
قىلدى.
ئايروپىلان ئاسىيا -ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن بىپايان
ئاتلانتىك ئوكيان ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۇپ،دۇنيانىڭ ئەڭ زور ۋە
ئەڭ مەشھۇر شۇنداقلا ئەڭ سىرلىق ۋە خاسىيەتلىك ،
رومانتىك ھەم قابائەتلىك پايتەختى نىيويورىك شەھرى
ئاسمىنىغا كىلىپ ئايلانغاندا،تۆۋەندىكى ئاجايىپ
ھەيۋەتلىك شەھەر مەنزىرسىگە قاراپ ،قەلبىم ھاياجان
ئىلكىگە چۆمدى.چاقماق تىزلىكىدە خىيال ئىكرانلىرىمدىن
موسكۋا،ئىستانبۇل،تاشكەنىت،ئالمۇتا،بىشكەك ۋە بېيجىڭ
،لېنىنگىراد ،سوفىيە،ئۇرۈمچى،ئاقسۇ شەھەرلىرى ئاسمىنىدا
لەيلىگەن ۋاقىتلىرىمدا پەيدا بولغان ئويلىرىم قايتا
ئەكىس ئەتتى.ئەلۋەتتە ھەر بىر سەپەردە يېڭى ئوي،يېڭى
خىياللار،يېڭى تەسىراتلار! مەن بۇ تەسىراتلىرىمنى
سەلىشتۇرۇپ كورۇشكە ئۇرۇندۇم.قىزىق! بۇ قېتىم تامامەن
باشقىچە تەسىرات! مەن بۇنىڭغا جاۋاپ ئىزدەشكە
تىرىشتىم،خولاسەم شۇ بولدىكى بۇ قېتىم مەن ئوكيان
ئاتلىغان ئىدىم،بولۇپمۇ 21-ئەسىر بوسۇغۇسىغا ئىككى يىل
قالغان بۇ كۇنلەردە دۇنيانىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى ۋە
مەدەنى،مەنىۋى ۋە ئىدىيىۋى ھاياتىغا جىددى ئوزگەرتىش
كىرگۇزۇشكە تېخىمۇ تىرىشىۋاتقان ھەم شۇنىڭغا قادىر
قۇدرەتلىك بىر ئەلنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمى
قىياپىتى ۋە رىئالى ۋە غايىۋى قۇدرەتلىرى توغرىسىدا
قىياسلار دۇنياسىغا غەرق بولۇۋاتاتتىم،مەن شۇنىڭغا
ئىشەندىمكى چوقۇم بۇ ئەل مېنى "موسكۋا خىياللىرى"منىڭ
داۋامىنى سۇرۇشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ! مېنى خىياللىرىمنى
رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى كۇرەشلىرىمدە تېخىمۇ
تاۋلايدۇ!
ئايروپىلان دەرىزىسىدىن توۋەنگە نەزەر سالدىم
.سانسىزلىغان چوخچۇيۇپ تۇرغان ئىگىز بىنالار ئارىسىدىن
"ئايال ئەركىنلىك ئىلاھ"نى ئىزدىدىم.مانا!! ئەركىنلىك ئىلاھىمۇ
كورۇندى. ئىلاھنىڭ قولىدىكى مەشئەل ئالاھىدە كوزگە
تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىختىيارسىز كوز ياشلىرىم
تاراملىدى.مەن كوزۇمنى سۇرتۇپ، سەپەرداشلىرىمغا نەزەر
سالدىم.ئۇلارمۇ ئايال ئەركىنلىك ئىلاھىنى
كورسىتىشىۋاتاتتى،لېكىن ئۇلارنىڭ كوز ياشلىرى
تۆكۇلمىگەن،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن پەقەت
خوشاللىق،مەمنۇنىيەت ۋە خاتىرجەملىك ئارىلاش قىزىقىش
ھەتتا ئىرەڭسىزلكى ئالامەتلىرى يېغىپ تۇراتتى.دىمەك
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغان
ئادەملەر دەپ ھېساپلىغان بولسا كېرەك؟!ئەركىنلىك ئۇلار
ئۈچۈن پەقەت مەلۇم ئىجتىمائى دائىرىلەردىلا چەكلىنىپ
قالدىمۇ قانداق؟! شۇ تاپتا ئۇلار مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ۋە
روھىيىتىمدە قانداق تۇيغۇلارنىڭ ھوكۇم
سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلەرمۇ؟ بەلكى ئۇلار كوز ياشلىرىمغا
قاراپ،ھەيرانلىق ھېس قىلىشار،بەلكى "بۇ يىگىتنى ياخشى
كۆرگەن ئاشىقى كۈتىۋاتقانلىقى ئۇچۇن ئۇنى كورۇشكە ئالدىراپ
كېتىپ ،ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ "دەپمۇ ئويلاپ قالار.ئەمما
ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كوز ياشلىرىمنىڭ سەۋەپلىرى ئويلاپ
تاپالمايدۇ خالاس!!!.مەن يەنىلا كوز ياشلىرىمنى
توختۇتالمىدىم.ئاللا مېنى مۇشۇنداق بىچارە قىلىپ يارىتىپ
قويغانمۇ ياكى ئۆزۇمنى شۇ بىچارىلىق كوچىسىغا ئۆزۇم
تاشلىغانمۇ؟ ئېھ! مەن نىمە دىگەن بىچارە ھە؟! مېنىڭ
ئىختىيارسىز ئەركىنلىك ئىلاھىغا سوئال قويغۇم كەلدى ھەتتا
ئۇنىڭغا كايىغىم كەلدى."ئەي! ئەركىنلىك ئىلاھى "دەپ خىتاپ
قىلدىم مەن ئىچىمدە "ئەركىنلىك مەشئىلىنىغۇ ياندۇردۇڭ!
ئوتىنىمۇ تۇتاشتۇردۇڭ. بۇ ئوت تەپتىدىن نۇرغۇن ئەركسىز
كۆڭۈللەر ئىللىدى.توڭلىغان تەنلەرگە جان كىردى.سېنىڭ
خاسىيىتىڭنى ھەممە بىلىدۇ، سەن ئانچە گىدىيىپ كەتمە
قوللىرىڭنى سۇنۇپ،مەشئەل تەپتىڭ بىلەن بىچارىلەرگە
ساخاۋەت قىلىمەن دىگۇچە ئەشۇ مەشئەل كۆتەرگەن گىگانت
قولۇڭ بىلەن ئەركىنلىك دۇشمەنلىرىنى تازا كېلىشتۇرۇپ بىر
شاپىلاق سالساڭلا كۇپايە قىلاتتى!.........
ئايروپىلان يېنىك قوندى،مەن ئاخىر ئۇھ تارتىپ، سومكامنى
قولغا ئېلىپ،ئايروپلاندىن چۇشىشكە تەييارلاندىم. قەلبىم
ئېچىنىش ۋە تەنھالىق ئوتىدا ئېچىشقاندەك بولدى.
"مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ ھارمىغان ئىدىڭغۇ؟! مانا
يەنە ساڭا يېڭى مۇساپىرلىق !" دەپ ئۆز ئۆزۇمگە ئاچچىق
كايىدىم شۇنداقلا شۇ زامات مۇساپىرلار ناخشىسنى ئېسىمگە
كەلتۇردىم.
مۇساپىر بالىلار يىغلايدۇ
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ،
.................
................
شۇنداق ،مەن مۇساپىر،بىز مۇساپىر،بىز ھەممىمىز
مۇساپىر!!!. ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ مۇساپىر ،ئۆزگە يۇرتتىمۇ
مۇساپىر !مۇساپىرلار ناخشىسىنى بولىشىغىچە ياڭرىتىپ،
سەرگەردانلىق ۋە خانى ۋەيرانلىق كوچىسىدا زار زار
قاخشاپ يۇرگىنىمىزگە خېلى بولۇپ قالدى.بۇ ناخشىنى بىز
قەۋەتلا ياخشى كۆرۈمىز ،ناخشىمىز ياڭرىغانسىرى
مۇساپىرلىق پىسخىكىسى كۈندىن كۈنگە ئۇلغايماقتا،مەن
نىمە ئۇچۇن مۇنداق مۇساپىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار
بولدۇم؟نىمە ئۇچۇن ئۆز يۇرتۇمدا قىسقىسى ئۆز
ئەجدادلىرىمنىڭ قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ،ئۇلارنىڭ ئۈمىت،
نىدالىرى بىلەن ئوغۇتلانغان ئوز مۇقەددەس تۇپرۇقىمدا
ئۆزۈمنى مۇنداق مۇساپىر ھېس قىلىمەن ؟دىگەن
سوئاللارنى قويمىدۇق ھەم قويماۋاتىمىز. دىمەك مەن
مۇساپىرلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن باشقا سانسىزلىغان
مۇساپىرلاردەك مۇساپىرلىق يولىغا ماڭغان ئىدىم.ئەنە
شۇنداق سانسىزلىغان نىمە ئۇچۇن دىگەن سوئاللارغا ھەقىقى
جاۋاپ ئىزدەش ئۈچۈن مۇساپىر بولغان ئىدىم."مۇساپىر
بولغاندىكىن تېخىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولىمەن-دە
ئەلۋەتتە!"
مەن يەنىلا ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.دىمەك مەنمۇ ئاشۇ
سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمدەك ئۆزۇمنى ئالداش دورىسى
بىلەن ئۆزۈمنى مەشۇق قىلدىم.ئۇيغۇرلارنىڭ قان قېنىغا
سىڭىپ كەتكەن ئۆزىنى ئالداش ۋە ئۆزىنى پەپىلەش
پىسخىكىسىدىن مەن قانداقمۇ قېچىپ قۇتۇلالاي ،چۈنكى
مەنمۇ بىر ئۇيغۇر دە؟!
مەن ئايروپلان ئىخىگىدىن سىرىتقا چىقتىم.كوڭلۇم ۋاللىدە
يورۇپ كەتكەندەك بولدى."مەن كورۇخنى ئارزۇ قىلغان
ئامەرىكا سەن خۇمۇ؟" دەپ ھىتاپ قىلدىم ئوز-ئوزۇمگە -" سەن
بىلەمسەن؟ مەن ياۋروپا -ئاسىئا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نەق
ئوتتۇرسىغا جايلاخقان ھەددى ھەساپسىز بايلىق بىلەن
تولغان تاكلاماكان ،جۇڭغارىيە ئاتلىق چوللىكنىڭ
سالىمىنى ئەلىپ كەلدىم،ئۇ يەردىكى ھەلق دوستلۇق ئۇمىدى
بىلەن ساڭا تىكىلمەكتە،ئۇ بەك پاك مۇھەببەتكە،مەھرى
خەپقەتكە ھەقى دوستلۇق ۋە سەمىيەتكە مۇھتاج،ساڭا ئوھخاخ
ئەركىن ئەچىلىپ يەيىلىپ ئۇسۇل ئويناخقا تەپلپۇنىدىغان
ھەلق! سەن خۇنداق بىر ھەلقنىڭ ئۇيغۇر دەپ
ئاتىلىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ يەرخارىنىڭ ئەڭ كونا
ئىگىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟"
سۆيۈملىك دوستلار شۇنداق قىلىپ مەن ئەنە شۇنداق سوئال
،خىتاپ،ئۆكۇنىش،كايىش ۋە تەسەللى شۇنداقلا ئىشەنچ ۋە ئۈمىت
ئىلكىدە ئامېرىكا ھاياتىمنى باشلىدىم.مەن كىلىنتوننىڭ
مىيىقىدا مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەن سىماسىنى كۆردۇم،ئاق
ساراي ئالدىدىكى باغچىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئاق سارايغا
قاراپ ئولتۇرۇپ، شىرىن چۈشمۇ كۆردۇم،ۋاشىڭگىتون ۋە
نىيويورىك كوچىلىرىدا يۇرۇپ "مەن كىم؟" دىگەن سوئاللارنى
ئۆز ئۆزۈمگە قانچە قېتىملاپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن.مەن
"ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى"نى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن يىغا
زارە قىلىپ تۇرۇپ سوزلەشتىم ۋە مۇنازىرلەشتىم. بۇ
بىچارە "ئىلاھمۇ" مېنىڭ دەريادەك ئاققان ياشلىرىمغا
قاراپ كوڭلى بۇزۇلدى ۋە بېشىمنى مېھرىبانلىق بىلەن
سىلىدى ۋە ئىلھامبەخىش مېھرى بىلەن "مېنىڭ قولۇمدىكى
مۇشۇ مەشئەل چوقۇم سېنىڭ يىغىلىرىڭنى شادلىق
كۈلكىلەرگە ئايلاندۇرۇدۇغانلىقىغا ئىشەن بىچارە ئىنسان!
مەن ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن مانا شۇنداق گىگانت
تۇرىۋاتىمەن،مەن ئىگىزلىكىم بىلەن ئالەمنىڭ ھەممە يەرىنى
كۆرەلەيمەن،ھەممە يىغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايمەن!" دەپ
خىتاپ قىلدى.مەن ناتىۋانلىقتا بەلكى دۇنيا رىكورتى
يارىتالايدىغان بۇ كۆڭلىمنى "ئىلاھ"نىڭ بۇ سەمىمى
خىتاپلىرى بىلەن پەپىلىگەندەك قىلىپ،ئۆز-ئۆزۈمگە قايتا
تەسەللى بەردىم ۋە ئاھ ئۇلۇغ خۇدا مەندەك مۇساپىر
بەندىلىرىڭنى ھېچ ئۇنۇتمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن!
دەپ خىتاپ قىلدىم.
مەن مۇساپىرلىقىمنى چۇشەنگەنسىرى ۋە ھېس قىلغانسىرى
ئاللانى كۆپرەك ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.مەن
ئىلگىرى مۇقەددەس قەشقەر ھېيتىكار جامەسىگە كىرمىگەن
بولسام مانا ئەمدى ئامېركىغا كېلىپ، ۋاشىڭگىتوندىكى
بىزنىڭ ئەشۇ ھېيتىكار جامائىمىزنىڭچىلىك تارىخى
بولمىغان يېڭى مەسچىتكە دائىم بېرىشنى ئۇنۇتمايدىغان
بولۇپ قالدىم،قىسقىسى ئاللانىڭ بۇ يەردىكى مۇقەددەس
ئۆيىدە مۇساپىرلىق،ۋە غېرىپلىك تۇيغۇلىرىمغا خاتىمە
بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك نىدا قىلىدىغان بولدۇم.ئامېركا
ھاياتىم مېنى ئىلگىرىكى ھايات مۇساپىلىرىمدا ھېس قىلىپ
باقمىغان يېڭى تۇيغۇ ۋە يېڭى چۇشەنچىلەر شۇنداقلا
تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە ۋە كېلىچەككە بولغان قەتئىي