2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62855004.html
ئاق ساراي خىياللىرى
ئاق ساراي ىىياللىرى
نەبىجان تۇرسۇن
(ئەدەبى خاتىرە)
ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى
مانا ،خېلىدىن بېرى ئاقساراي ئالدىغا جايلاشقان باغچىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ئەلباشىنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە خىزمەت ئىدارىسى ھېسابلانغان ئاق سارايغا قاراپ ئولتۇرىمەن.ئاق رەڭ بىلەن بېزەلگەن ئۈچ قەۋەتلىك بۇ بىنا ئۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇرلىقى ۋە غايىۋانە ھەيۋىتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تولىمۇ ئاددى ساددا بولۇپ، كىشىگە ھېچقانداق سىرلىق، شۇبھىلىك شۇنداقلا دەبدەبىلىك تۇيغۇ بېرەلمەيتى.ئاق ساراي بىناسى خېلى چوڭ گۇزەل باغچە ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدى تەرىپى ۋاشىڭگىتون مۇنارى تەرەپكە قاراپ تۇرسا ،ئارقا تەرىپى ئەپچىلغىنا باغچىغا يۇزلىنىپ تۇراتتى.پۇتۇن ساياھەتچىلەر مانا مۇشۇ تەرىپىگە كېلىپ ئاق ساراي مەنزىرسىنى تاماشا قىلاتتى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر مانا مۇشۇ تەرىپىدە بولاتتى.ئاقساراينىڭ بۇ تەرىپىنىڭ ئالدى پىشايۋىنى ئۇچ جۇپ تۈۋرۈكتىن تۇرغۇزۇلغان ،پىشايۋاننىڭ ئالدى ماڭلىيى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ،ئۇستىدە ئامېركا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى.دەرىزىلىرى كىچىك ۋە ئىگىز بولۇپ،بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك بىلەن ئورالغان فونتاندىن ھەر قاچان مارجاندەك سۇلار ئەتراپقا تەكشى چېچىلىپ تۇراتتى،بىنانىڭ ئەتراپى قىشى -ياز كۆكىرىپ تۇرىدىغان ياپ يېشىل چىملىق ۋە دەرەخلىق بولۇپ، ئاق ساراي تەخمىنەن ئىككى مېتىرغا يېقىن تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قورشالغان.رىشاتكىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە ئەلباشى قوروسىغا كىرىدىغان دەرۋازا جايلاشقان بولۇپ،.ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى قورونىڭ ئالدىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ يۈرگەن بىر ئىككى ساقچىدىن باشقا ھېچقانداق ھەيۋىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى كۆرگىلى بولمايتى.ئادەملەر تۆمۈر رىشاتكىنى تۇتۇشۇپ،ئۇنىڭ ئاراشلىرىدىن ئاقساراينى سۇرەتلەرگە تارتىشاتتى ۋە سۇرەتلەرگە چۈشىشەتتى.قورونىڭ ئىچىدىمۇ ساقچى ياكى مۇھاپىزەتچى ھەربىلەرنىڭ قارىسىنىمۇ كورگىلى بولمايتى. .ئاق ساراي بەزى كۈنلەردە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئوچۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە بۆلۈملىرى ھەتتا ئەلباشىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىگىچە كورۇشكە رۇخسەت قىلىناتتى.
مەن ھازىرغىچە مانا مۇشۇنداق يۇقۇرى دەرجىلىك دۆلەت ئادەملىرى تۇرىدىغان جايلارنى خېلى كۆردۇم.لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاق سارايدەك مۇنداق ئەركىن تۇيغۇ بەرمىگەن ئىدى.قىسقىسى بۇ يەردە جۇڭنەنخەي ئالدىدىكى مىلتىقىنى مەھكەم تۇتۇپ،كىشىنىڭ تېنىنى شۈركۈندۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىتىپ،دەبدەبىلىك تۇرغان قاراۋۇللار ،كىرمىل سارىيى ئالدىدا ۋە لېنىن مۇزىيى ئىشىگى يېنىدا كۆكۈش كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ،قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك تۇرغان قىزىل قوغدىغۇچى سولداتلارنىڭ تىنىقىنى ئەمەس ئەكسىنچە ئادەملەر توپى ئارىسىدا دانلاپ يۇرگەن كەپتەرلەرنىڭ گۇڭۇرلاشلىرىنى سېزىسىز.قىزىل مەيدان ۋە باشقىلاردىن ئوتمۇشنىڭ قان ھىدلىرى پۇراپ تۇرسا بۇ يەردىن پەقەت پورەكلەپ ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى دىماقلىرىڭىزغا ئۇرۇلۇپ،سىزنى گۇزەل خىياللار دۇنياسىغا غەرق قىلىدۇ.
ئانچە چوڭ ۋە ئىگىز بولمىغان بۇ بىنا 1792-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،تاكى ھازىرغىچە ئامېركا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئەلباشىنىڭ تۇرالغۇ ۋە خىزمەت ئورنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە .ئامېركا ۋە دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر سىياسىيونلار :ۋاشىڭگىتون،لىنكولىن،روزىۋېلىت،تىرومىن،كېنىدى،نىكسون،رىگان،بۇش ،كىلىنتون ۋە باشقىلار مەزكۇر ئاددى ساددا ئوردىدا ئولتۇرۇپ،ئامېركىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆز قوللىرىدا تۇتقان ئىدى.سىرلىق تېپىشماقلار بىلەن تولغان بۇ ئوردا گەرچە ئوتمۈشتىكى مەشھۇر ئىمپىراتورلارنىڭ ئوردا قەسىرلىرىدەك ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ غارايىپ بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانىيەتنى مەڭگۇ ئۇنتۇلماس خاتىرلەر بىلەن تەمىنلىگەن،دۇنياۋى سىياسى ھادىسلەرنىڭ لاھىيىلىرى تۇزۇلگەن.ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر گىلەملىرىدە كوپلىگەن سىياسى تەۋەككۇلچىلەرنىڭ،ھەم سىياسى يانچۇقچىلارنىڭ ئىزلىرى قالغان ئىدى.بۇ ئوردا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلا دۇنيانى ئاستىن ئۇستۇن قىلىۋەتكۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بەلكى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.دىمەك كىمكى بۇ بىنانىڭ سىرىتقى كۆرۇنىشىگە قاراپلا ئۇنى كەمسىتىش ياكى ئۇنىڭ قۇدرىتىنى تۆۋەن چاغلاش تۇيغۇسىدا بولىدىكەن ئۇ چوقۇم زور خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ!ئۇنىڭغا خىرىس قىلغان،ئۇنى كەمسىندۇرۇش نيەتلىرىدە بولغان ھەمدە ئۇنى ئۆرۈۋىتىشكە ئۇرۇنغان قانچىلىغان ئۇنىڭ رەقىپلىرى ئوزلىرى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدىدا يۇزلىرى قىزارغان ھالدا باش ئىگىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەممىگە ئايان.ئۇ ،گاھ بىچارىلەرنىڭ قوغدىغۇچى قورغىنى سۈپىتىدە كۆرۈنسە ،گاھ تەلۋىلىكنى جازالىغۇچى،مۇشتۇمزور مۇستەبىتلەرنى ئەدەپلەپ،دۇنيا تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشىگۇچى بولۇپمۇ كۆرۇنەتتى. مەن ۋاشىڭگىتون شەھرىدە تۇرغان كۈنلەردە ھەر كۈنى شەھەر مەركىزىنى ئايلىنىپ، مەزكۇر ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى باغچىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، خىيال دېڭىزىغا غەرق بولاتتىم.باغچىنىڭ ئوتتۇرسىغا جېكسوننىڭ ئاتقا مىنىپ تۇرغان ھەيكىلى ئورنۇتۇلغان،ئۇنىڭ تۆت تەرىپىدە توت دانە زەمبىرەك بەتلەنگەن ھالدا قويۇلغان. مەن ھەر قېتىم باغچىغا كىرگىنىمدە ھەيكەلگە يېقىنراق يەردىكى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئاق سارايغا قاراپ ،ھاسا تايىقىغا تايانغان ھالدا ئولتۇرغان بىر بوۋايغا كۆزۈم چۈشەتتى.بوۋاينىڭ قارا كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ تۈگىمەس ئويلارغا غەرق بولغانلىقىنى سەزگەن ئىدىم.
历史上的今天:
ئاق ساراي خىياللىرى 2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى 2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى 2010-04-30
ئاق ساراي خىياللىرى 2010-04-30
نەقىل ئادىرىسى
: