2010-04-30

    ئاق ساراي خىياللىرى - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62855570.html

    ئاق ساراي خىياللىرى

    نەبىجان تۇرسۇن

    (ئەدەبى خاتىرە)


    ئاق ساراي ئالدىدىكى يىغا ئاۋازى

    (داۋامى)


    --ئۇنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇنىڭ نىمە دەپ يۈرگەنلىگىنى
    بىلەمسەن ؟---دەپ سورىدى بوۋاي ،ئاق ساراي ئالدىدا بىر
    قولىدا بايراق تۇتۇپ، ئادەملەرگە بىر نىمىلەرنى
    سۆزلەۋاتقان ئايالنى كۆرسىتىپ،-- ئۇ،شەرقى جەنۇبى
    ئاسىيادىكى
    شەرقى تېمورلۇق ئايال ئىكەن.مەن تەخمىنەن خېلى يىللاردىن
    بۇيان ھەر كۇنى دىگۇدەك بۇ ئايالنى مۇشۇ ئورنىدا
    كۆرۈۋاتىمەن.ئۇ شۇ ئورنىدا شەرقى تېمور بايرىقىنى
    لەپىلدىتىپ، نەچچە سائەتلەپ تۇرىدۇ.كىشىلەرگە شەرقى
    تېمور خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ئارزۇ -ئارمانلىرىنى
    سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۈ.تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى
    تارقىتىدۇ.دىمەك مۇشۇ يەرگە كەلگەن ھەرقانداق كىشى
    مەيلى ئۇ قايسى دولەت پۇقراسى بولۇشتىن قەتىي نەزەر بۇ
    ئايالنىڭ نىمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىماي
    كەتمەيدۇ.قىسقىسى دۇنيادا كىچىككىنە بولسىمۇ مانا
    مۇشۇنداق بىر زىمىننىڭ بارلىقىنى ،بۇ زىمىن خەلقىنىڭ
    مىللى مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە
    ئارزۇ ئارمانلىرىنى بىلىپ قالىدۇ.ئۇ ،ئۆز خەلقىنىڭ دەردىنى
    يەتكۇزۇش ئۈچۈن ئامىرىكا ئەلباشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىنى
    ئەڭ مۇۋاپىق دەپ بىلگەن ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇنلىغان
    تەشكىلاتلار ۋە مىللەت داۋارگەرلىرى مۇشۇ يەرنى ئوز
    داۋالىرى ۋە پىكىرلىرىنى خەلققە بىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى
    جايى دەپ بىلگەن ئىدى.شۇڭا بۇ يەردە ھەركۇنى ھەر خىل
    پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ.ئەنە ئاۋۇ يالىڭاچ ئادەمنى
    كۆردۈڭمۇ؟ --دەپ سۆزىنى توختۇتۇپ،تۇمشۇقىنى ئىمايلاپ،
    جېكسون ھەيكىلى يېنىدا پەيدا بولغان پەقەت ئەرلىك
    ئەزالىرىنىلا ياپقان بەدىنىڭ باشقا ھەممە يەرلىرى ئوچۇق
    ،يۈزلىرىنى ساقال باسقان ياشانغان كىشىنى كۆرسەتتى.
    مەن قىزىقسىنىپ بۇ غەيرى ئادەمگە نەزەر تاشلىدىم .بوۋاي
    خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى ۋە "توۋا مەن نىمە ئويدا سەن نىمە
    كويدا دىگەن شۇ دە"-دىدى پەس ئاۋزدا--ئۇنىڭ نىمە دەپ
    سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندىڭمۇ؟ مەن ئۇنىڭ نىمىلەرنى
    دەۋاتقانلىقىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەي. ئۇ << ماڭا
    ئەركىنلىك كېرەك! مەن ئانامدىن تۇغۇلغان ھالىتىم بىلەن
    يۈرۈشىم كېرەك.كىيىم كېچەكتىن ئىبارەت بۇ سۈنىي بېزەك
    بىلەن ئاللا ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل بەدىنىمىزنى يېپىپ نىمە
    قىلىمىز؟ئۆز تەبىيىتىمىز بىلەن ياشايلى!ھەي ئىنسان
    تەبىئەتىنىڭ دۇشمەنلىرى ئەركىنلىكىمنى بېرىڭلار! ھەي
    ئىنسان ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ گۆركارلىرى سىلەر ئىنسانلارنىڭ
    ئەڭ گۇزەل ئارزۇلىرىنى ،ئىنتىلىشلىرىنى يوق قىلىسىلەر!
    سىلەر بىچارە ئىنسانلارنى قۇل قىلىسىلەر.ھەممە ئىنسان
    ئوخشاش ھەم باراۋەر!ھەممە ئىنسان ئەركىنلىكى بىلەن ياشىشى
    كېرەك! ھەي بىچارە ئىنسانلار قۇل بولماڭلار! ئۆزەڭلارنى
    بىز ئىنسان دەپ ئويلىساڭلار ئەركىنلىكىڭلار بىلەن
    ياشاڭلار!سىلەر ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلار بەلگىلەيسىلەر
    ،ھەرگىز باشقىلارنىڭ بەلگىلەش ھوقۇقى يوق!ئاللا ئاتا
    قىلغان بەدىنىمىزنى ،روھىيىتىمىزنى باشقىلارنىڭ
    كىشەنلەش ھوقۇقى يوق!ئۆزۈمىزگە ئۆزىمىز ئىگە! ھەي بىچارە
    ئىنسانلار سىلەر نىمانداق مېنىڭ ئىچىمنى
    ئاغرىتىسىلەر؟!قەددىڭلارنى كۆتىرىپ،ئىنساندەك
    ياشاڭلار!...>>دەۋاتىدۇ.

    مەن بوۋاينىڭ سۆزلىرىدىن كۆزۈمگە ئالجىپ قالغاندەك
    كورۇنگەن بۇ ئادەمنى ھەرگىز ساراڭلار قاتارىغا
    چىقىرىۋەتىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۇشەندىم.ئۇ ئالجىپ
    قالغان ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەركىنلىكنىڭ
    ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەن باشقا ھەممە كىشى ئالجىپ
    قالغان، بىچارىلەر ئىدى.ئۇ ئىنسانلارنى ئەركىنلىكنى
    سويۇشكە ئۇندەۋاتاتتى ۋە چاقىرىۋاتاتتى.ئەركىنلىكنىڭ
    ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەن ۋە ئەركىنلىك ئۇچۇن كۈرەش
    قىلمىغان ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتىپ،ئۇلارغا ھېسداشلىق
    قىلىۋاتاتتى.ئۇ سۆزلىگەنسىرى ھاياجانلىنىپ،قوللىرىنى
    شىلتىپ،يۇقۇرى ئاۋازدا بىز تەرەپكە قاراپ سۆزلەيتى.ئۇنىڭ
    چوڭ كۆزلىرى ۋالىلداپ،خۇددى ماڭا تىكىلىۋاتقاندەك
    ،گويا ھەممە سۆزلىرىنى ماڭا ئېيتىۋاتقاندەك بىلىنىپ
    كەتتى.
    بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ،
    _---بىزگىلا سۆزلەۋاتقاندەك قىلىدىغۇ بۇ ئادەم --دىدى
    ----مەنمۇ شۇنداق ئويلۇدۇم.ئۇ بىز تەرەپكىلا قاراپ
    سۆزلەۋاتىدۇ.بەلكى ئۇ بىزنى تونىۋالغان بولسا
    كېرەك.بەلكى ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى
    چۇشەنمىگەن،ئەركىنلىك ئۇچۇن قۇربان بېرىشتىن قۇللۇقنى
    ئەلا  بىلىپ،رەقىپلىرىمىز ئالدىدا بىر بىرىمىزنى سېتىپ
    غەجلەپ،يەپ،ئۇنىڭ بەدىلىگە زەئىپلەشكەن تەبىئيىتىمىزنى
    پەدەزلەپ،بىربىرىمىزگە گىدىيىپ يۇرىشكە ئادەتلەنگەن،ياكى
    بولمىسا بىر تال سۆڭەك تاشلاپ بەرسە غىڭىلداپ خوش
    بولۇپ كەتكەن لالما ئىت كەبى ئەركىنلىك دۇشمەنلىرىنىڭ
    زەنجىرلىرىگە باغلىنىپ،ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ
    يۇرۇپ،"ئالە دەپ بۇيرۇق قىلسا ،ھاپ قىلىپ،ئۇتتۇر كەلگەننى
    چىشلەپ،ئىگىمىزنى خوش قىلىشقا ئادەتلەنگەن
    بىچارىلىقىمىزنى تەنقىت قىلىشقا ئاساس بولۇپ قالار.

    ---نىمە ئۇچۇن بۇ بوۋاي ۋە ئاۋۇ ئايال بۇ ئاددىغىنە
    بىنانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ،ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە دەرت
    ئەلەملىرى توغرىسىدا سوزلەشنى ئادەت قىلغان؟ئۇلارغا
    باشقا جاي تېپىلمىدىمۇ؟ياق ! ئۇنداق ئەمەس!سۆزلەيدىغان
    سورۇن ناھايىتى كۆپ،لېكىن بۇ جاي دۇنيانىڭ كۇندىلىك
    سىياسى،ئىقتىسادى ھاياتىغا بىۋاستە تەسىر
    كۆرسىتىدىغان،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە دۇنيانىڭ سىياسى ۋە
    ئىقتىسادى بازىرىنى ئاستۇن- ئۇستۇن قىلىۋەتەلەيدىغان
    غايەت زور قۇدرەتكە ئىگە ئىستىكام ئورۇنلاشقان جاي ئىدى.ئەشۇ
    ئاق رەڭلىك زەبەردەست ئىستىكامنىڭ كىچىك-كىچىك
    دەرىزىلىرى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، مەزكۇر قورغاننىڭ ئىگىسى
    بولغان ئەلباشى جاناپلىرى ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە
    كېلىچىكى توغرىسىدىكى سانسىزلىغان قەغەزلەرگە ئىمزا
    چەككەچ مەمنۇنىيەت ۋە تەكەببۇرانە ھالدا بېشىنى
    كۆتىرىپ،سىرىتقا نەزەر سالغىنىندا بۇ بوۋايغا ۋە
    ئايالنىڭ قولىدىكى بايراققا كۆزى چۈشمەي قالمايدۇ.بۇ
    بەلكى ئەشۇ بايراقنىڭ ئىگىلىرى ھەققىدىمۇ بىرەر پارچە
    قەغەزگە ئىمزا چەككەنلىكىنى دەرھال ئەسىگە ئالماي
    قالمايدۇ ۋە ياكى شۇنداق قىلىش ئويىغا كېلىدۇ.قىسقىسى
    ھەر كۇنى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ،بەلكى
    ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان داۋا ئەرزى -شىكايەتلەردىن خەۋەر
    تېپىپ،يەر يۈزىدە يەنە نۇرغۇنلىغان خارلىنىۋاتقان
    ،قىرغىنچىلىققا،كەمسىتىلىشكە ،ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان
    ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.مەيلى قانچىلىك ئىنسان
    ھېسداشلىق قىلىش خىيالىدا بولۇشتىن قەتىي نەزەر، بەرىبىر
    ئەشۇنداق داۋانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ،ئەنە شۇنداق پاجەلىك
    ئاقىۋەتكە قالغان سىياسى ،ئىجتىمائى-ئىقتىسادى ۋەمەدەنىي
    شۇنداقلا ۋە باشقا ھەممە تەرەپتىن ھۇجۇمغا
    ئۇچراپ،مىللەت سۇپىتىدە يوقۇلۇشقا يۇزلەندۇرىلگەن
    مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلسىلا كۇپايە،چۇنكى،بەرىبىر
    داۋاگەرنىڭ داۋاسى ھەققانى بولسا ئۇنىڭ ھېسداشلىققا
    ئېرىشەلىشى بەرھەق!ھېسداشلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى ھەر خىل
    بولۇشى مۇمكىن.داۋاگەر مىللەت چوقۇم داۋاسىنى يىغلاپ
    تۇرۇپلا ئەمەس،بەلكى كۈلۈپ تۇرۇپ،مەيدىسىنى كىرىپ
    تۇرۇپ،ئۆز ھەققانىيىتى،ھوقۇقى يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى
    دەريا -دەريا ئاققۇزۇپ،قىممەتلىك جانلىرىنى ئايىماي پىدا
    قىلىپ،دۇشمەنلىرىنىڭ رەھىمسىز،قارا يۇرىگىگە خەنجەر
    بولۇپ،سانچىلغاندا رەقىپلىرىنىڭ ياقىسىدىن مەھكەم
    ئېسىلىپ تۇرۇپ،كاچاتلىرىغا سالغاندا ئاندىن ياخشى ۋە
    ئۈنىملىك بىلدۇرەلەيدۇ.شۇ چاغدا ھەممە دەردى يوق
    ئىنسانلارمۇ ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش بىلەن ئاستىن-ئۇستىن
    قىلىۋەتىلگەن ھەققانىيەتنى سۇرۇشتۇرىپ چۈشۈنىپ،ئاقىۋەتتە
    داۋاگەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ.ھەتتا ھەققانىيەت مەنسۇپ
    تەرەپ ئۇچۇن ئىسسىق قانلىرىنى ئايىماي قۇربانلار بەرىدۇ.

    بوۋاي سۆزلىگەنسىرى تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ،مۇشتۇمىنى
    قەتئىلىك بىلەن سىلكىيتى.

    _---بەلكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئەشۇ كىچىك
    رۇجەكلەردىن ئامىرىكا ئەلباشلىرى ماڭا ئوخشاش بېشىغا
    بادام دوپپا كىيگەن ئادەمنىڭ ھەر كۇنى دىگۇدەك
    ئوزلىرىنىڭ مەزكۇر سارىيى ئالدىدا ئۇلارغا تەلمۇرۇپ
    قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندۇ؟! چۈنكى مۇنداق باش
    كىيىمى كىيگەن ئادەملەر مەزكۇر ساراي ئالدىغا كەلمىگەن.
    بەلكى، كەلگەن بولسىمۇ ،ناھايىتى ساناقلىق،ئۇنىڭ ئۇستىگە
    ھەر كۇنى ئاق ساراي ئالدىدىكى گۈلزارلىقتىكى ئورۇندۇقتا
    ئاق سارايغا قاراپ نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىدىغان، ئاق
    ساراينىڭ تومۇر رىشاتكىلىرىنى ھەر كۈنى بىرەر قېتىم
    تۇتۇپ، پەنجىرلەردىن قايتىۋاتقان قۇياش نۇرىنىدىن
    ئىللىلقلىق ئالىدىغان كىشى پەقەت مەن بىچارە بولسام
    كېرەك؟! بۇ يەرگە كەلگەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر ھامان
    مېنىڭ بېشىمغا قارىماي قالمايدۇ.چۈنكى،ئۇلار ئۈچۈن
    مۇنداق غەيرى ،چىرايلىق يارىشىملىق باش كىيىمىمۇ
    خۇددى ئەشۇ ئاق سارايغا ئوخشاشلا يىگانە ئىدى.قانچىلىغان
    ئادەمنىڭ مېنىڭدىن بۇ دوپپامنى نەدىن ۋە قايسى
    ماگىزىندىن ئالغانلىقىمنى سورىغانلىقى ھېلىمۇ
    ئېسىمدە.مەن ئۇلارغا بۇ دوپپىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەر
    دىگەن شەھەرگە بېرىشنى ئېيىتسام ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن
    بۇ شەھەرنىڭ ئامىرىكىنىڭ نەرىدە ئىكەنلىگىنى سورىغان
    ئىدى.مەن ئۇلارغا قەشقەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا
    بۇ دوپپىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرسەم
    تېخىمۇ ھەيرانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەر شارىدا مۇنداق
    جاينىڭ ۋە مۇنداق دوپپىلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى
    ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىشقان ئىدى.ھەتتا ئاق
    ساراي ئالدىدا يۇرىشىدىغان ساقچىلارمۇ مېنى تونۇپ
    قېلىشقان ئىدى.ئۇلار مېنىڭ دوپپامنى كىيىپ بېقىشقان
    ئىدى.بىر كىشى ماڭا " بەلكى بۇ دوپپىڭىزنى ئەلباشى
    ئەپەندىمنىڭمۇ چوقۇم كىيىپ باققىسى كېلىدۇ.چۈنكى بۇ
    بەك كۆركەم ،بەئەينى تاج كەبى باش كىيىمى ئىكەن.ئەپسۇسكى
    ،پرەزىدەنت مۇنداق ئەسىل نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلەمدۇ يوق
    ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم.ئەگەر قاچانكى ،ئەلباشى  بۇ باش
    كىيىمىنى كىيىپ باقسىلا ئۇنىڭ بازىرى چىقىپ،ھەممە
    ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتىلىشى تەبىئى " دەپ چاقچاق
    قىلغان ئىدى.دىمەك مەن شۇ كىشى دىگەندەك ئۈمىت بىلەن بۇ
    دوپپىنى كىيىپ ئاق ساراينىڭ ئالدىدا
    يۈرىۋەردىم.---دىدى،بوۋاي مىيىقىدا كۈلۈپ---مانا ئەمدى
    سەن كېلىپسەن ئوغلۇم.ئەمدى دوپپىلىق ئادەمنىڭ بىرى
    كۆپەيدى.ھەر قېتىم مۇشۇ يەرگە كەلگەنىڭدە دوپپاڭنى
    كىيىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسسەن!

    بوۋاي ئۈمىت ۋە ئىشەنچ ھېسسىياتى بىلەن بېشىدىن دوپپىسىنى
    ئېلىپ،بېشىمغا كىيدۇرۇپ قويدى ھەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
    ----بىز ئۇيغۇرلار --دىدى بوۋاي ھەسرەت ۋە ئېچىنىش
    ئارىلاش،--بېشىمىزدىكى بۇ دوپپىمىزنى بىزگە كۈلۈپ قويغان
    ئادەمنىڭ ھەممىسىگىلا كىيدۇرىمىز .قېنىمىزنى شورىغان
    ،كاللىمىزنى ئالغان رەقىپلىرىمىزنىڭ بېشىغىمۇ
    كىيدۇرىمىز.دوستىمىزغىمۇ كىيدۇرىمىز.دوپپىمىز دىمەكلىك
    تاجىمىز دىمەكتۇر! دوپپىمىز دىمەكلىك بېشىمىز
    دىمەكتۇر!ئەگەر كىمكى،بۇ دوپپىنى رەقىپلىرىگە كىيدۇرسە ئۇ
    ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىنى ئۇنىڭغا تەقدىم
    قىلغان بولىدۇ!دىمەك ئۇ خائىن خالاس! ئەمما بالام مەن بۇ
    دوپپامنى ساڭا ھەقىقى قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ۋە ئۈمۈت
    ھەم ئىشەنچ بىلەن تەقدىم قىلىۋاتىمەن،سەن شۇنى ئېسىڭدە
    چىڭ تۇتقىنكى،بۇ دوپپىنىڭ ئاستىدا سېنىڭلا ئەمەس پۇتۇن
    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشى بار!كونا ئەۋلات ھېساپلانغان بىز
    تۈگىدۈق ،يېڭى ئەۋلات بولغان سىلەر بۇ دوپپىنى
    كىيىپ،ئۇنى كېلىچەككە تاپشۇرىشىڭلار كېرەك!بىلگىنكى بۇ
    بىزگە ئەجدادلاردىن قالغان!
    مەن بوۋاينى چىڭ قۇچاقلىدىم.يۈرىگىم ھاياجاندىن
    تېز-تېز سوقۇپ،ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىق
    ھېسسىياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي قالدىم.چۇنكى ئۇ
    ماڭا ئاددى بىر دوپپا ئەمەس بەلكى كېلىچەككە بولغان
    ئىشەنچ ئاچقۇچىنى تاپشۇرىۋاتاتتى.بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن
    تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش
    تامچىلىرى مەڭزىنى يۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.نىمە دىگەن
    دەرتمەن بوۋاي بۇ ھە؟!بۇنداق ئاچچىق ئەلەم ۋە نالىلەر
    ئارىلاشقان ياشلارنى تۆكۈشكە زادى نىمە سەۋەپكار؟ مەن
    بوۋاينى ياخشى سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇردۇم.
    ---ۋەتەنسىز ،سەرگەردان ئادەمنىڭ كۆڭلى نازۇك،يۈرىگى
    دەرت-ئەلەم،يىغا -زارىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ.بۇنداق
    ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن مىللەت تېخىمۇ ناتىۋان
    بولىدۇ.مىللەت ناتىۋان بولسا ،خەلقنىڭ يۈرىگى
    زىدە،مەسۇم بولىدۇ. مەن يات ئەللەردە ئۆزەمنىڭ
    كىملىكىمنىنى چۇشەندۇرۇپ بولالماي ،نىمە ئۇچۇن
    يىغلايدىغانلىقىمنى بىلدۇرۇپ بولالماي خارلىق
    ،مەھكۇملۇق تەقدىرىگە دۇچار بولغانلىقىمدىن
    يىغلايمەن.ئۆز يۇرتۇمغا ئىگە بولالماي مەنىۋى
    گادايلىققا مەھكۇم بولغانلىقىمدىن يىغلايمەن
    .باشقىلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆزلىرى تۇتۇشۇپ
    گىدىيىشىپ يۇرىشلىرىگە ،دولەت گىمنىنى
    ياڭرىتىپ،بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ،ماڭا ئوخشاش
    بىچارىلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ قويمىغىنىغا
    يىغلايمەن!--دىدى بوۋاي--مېنى ھەرگىزمۇ
    يىغلاڭغۇ،بىچارە ئىكەن دەپ قالما! ئۈچ قەۋەتلىك ئېسىل
    ئۆيۈم ،ئېسىل ئالى ماركىلىق ماشىنىلىرىم،نەچچە ئون
    مىليون دوللارغا يەتكۇدەك ئىقتىسادىم بار .قىسقىسى
    ھاياتنىڭ ھەر قانداق ماددى لەززىتىنى تېتىش قۇربىم
    يېتىپ ئاشىدۇ.لېكىن بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقى بايلىق ئەمەس!
    مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى بايلىق ئۆز ئانا تۇپرىقىڭدا
    گاداي بولساڭمۇ خوجايىندەك ھېسسىياتتا ۋە غورۇردا
    ياشاشتۇر!

    مېنىڭ بۇ بوۋايغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ
    ئاشتى.مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ
    قالغىنىمدىن ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلدىم.بوۋاي
    مېنىڭ ئامىرىكىدىكى ئەڭ سىرداش دوستۇم بولۇپ قالدى.بىز
    ئىككىمىز دائىم بىرگە سەيلە قىلغاچ ئاق ساراي ئالدىغا
    كېلىپ ئولتۇرۇپ،ئاق ساراي دەرىزىلىرىگە قاراپ خىياللار ۋە
    قىياسلار دۇنياسىغا غەرق بولاتتۇق.مەن بوۋايغا
    تۈرلىك سوئاللارنى ياغدۇرىۋىتەتتىم .ئۇمۇ ھېچ ئېرىنمەستىن
    مەن قانائەت ھېس قىلغىچە جاۋاپ بەرەتتى.
    ---بوۋا ،بىزنىڭ ھەر كۇنى مۇشۇ يەردە ئاق ساراي
    رۇجەكلىرىگە تەلمۇرۇپ ،يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىمىزنى
    ئەلباشى  جاناپلىرى ياكى ئۇنىڭ ئايالى بولسىمۇ
    كۆرۈپ،بۇلار كىملەردۇ؟دىگەن سوئاللارغا كېلىپ قالارمۇ؟
    ---ئۇلار بىزنى ئاللاقاچان كۆردى ئوغلۇم .بەلكى ئۇلار ئاللا
    بۇرۇن بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلىپ، بەلكى بىزگە ئىللىق
    كۈلىمسىرەۋاتقاندۇ؟!--دىدى بوۋايمۇ جاۋابەن.

    مەن كېيىن ۋاشىڭگىتون شەھرىدىن كېتىپ قالدىم،لېكىن بوۋاي
    بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئۈزۈلمىدى.ئۇ يەنىلا مېنىڭ
    سوئاللىرىمغا جاۋاپ بېرىپ،مېنى ئۈمىتلىك خىياللار بىلەن
    تەمىن ئېتىشنى توختۇتۇپ قويمىدى.مەن ھەر قاچان بوۋاينىڭ
    ھەر بىر سۆزلىرىنى ئانالىز قىلىپ،ئۇنىڭ تېگىگە
    يوشۇرۇنغان كۈچلۈك مەنتىقىلەردىن ئۆزۈمگە ھايات مىزانى
    بېكىتىشنى ئۇنۇتمىدىم.
    2000-يىلىنىڭ ياز ئېيىدا ۋاشىڭگىتونغا بارغىنىمدا
    ئادىتىم بويىچە يەنە شۇ ئاق ساراي ئالدىغا كېلىپ، ئاق
    ساراي دەرىزىلىرىگە نەزەر تاشلىدىم.بۇ قېتىم مەن بۇ
    يەردە ھېلىقى شەرقى تىمۇرلىك ئايالنى كۆرمىدىم.چۈنكى
    ئەمدى ئۇنىڭ بۇ يەردە بايرىقىنى كۆتىرىپ دەرت توكۇشىنىڭ
    ھاجىتى قالمىغان ئىدى.ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ،شەرقى
    تىمۇر خەلقى ئۆز مىللى بايرىقىنى ئۆز تۇپراقلىرىغا قاداپ
    ،ئىنسانلار ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مۇستەقىللىق
    ئەڭگۇشتىرىگە ئېرىشكەن ئىدى.مەن ئىختىيارسىز يوسۇندا ،ئۈنلىك
    يىغلاپ كەتتىم.يىغا ئاۋازىم ئاق ساراي ئالدىنى زىل-زىلىگە
    كەلتۇرىۋەتتى. كىشىلەر ماڭا ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھەيرانلىق
    ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەندەك قىلدى.


    ئاپتوردىن: ھورمەتلىك كىتاپخان مەزكۇر باپ تامام
    بولدى.ئەمدى قالدى
    كەچمىشلىرىمنى كېيىنكى باپلاردىن ئاڭلىغايسىز





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :