2010-05-02

    پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى GNHGross National Happiness - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62898927.html

     

    پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۇچى  GNHGross National Happiness

     

    كىشلەرنىڭ ئۆزى تېنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن بەھرىمان بولۇش ۋە بەھىرلىنىش ھېس تۇيغۇسى بولۇپ،  كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىكى بىر خىل كۆرسەتكۈچنى كۆرسىتىدۇ، . . ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ ، مەسلەن :بەزى شەھەرلىكلەر : بەخىت بولسا يۇقىرى مائاش ، تاۋار ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولۇشنى بەخت دەپ قارىسا ،  بەزىلەر : بىر شىركەت قۇرۇپ  چىقىش ۋە ئۆز ماركىسىنى يارىتىشنى بەخىت دەپ قارايدۇ .
    بەخىت تۇيغۇسى بولسا ، قانائەتلىنىش ، خوشاللىق  ، قىممەت قاراشنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدۇر.

    بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچىنى ئەڭ دەسلەپ جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇتاننىڭ پادىشاھى ئوتتۇرغا قويغان . ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان ، سىياسەت بەخىتكە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ، بەخىتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى مەقسەت قىلىش كىرەك ، قانداق قىلغاندا كىشلەردىكى  ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش  تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان.
    مۇشۇ كۆز قاراش ئاساسىدا ، ھۆكۈمەت سىياسەتنى ياخشىلاش ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، مۇھىت قوغداش تۆتىنىڭ بىرلىشىشىدىن پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى  كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچىمى  قىلغان .

    كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا نىمىلەر تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

    كىشلەرنىڭ ئوبىيكىتىپ بەخىت تۇيغۇسىنى ئۆلچەش 20 ئەسىرنىڭ 60 يىللىرى ، كىچىككەندىمۇ 80 يىللارغىچە بولغان مەزگىللەردە  پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقات تېمىسىغا ئايلانغان.
    كىشلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار :
    ئىقتىسادى ئامىل : ئىشقا ئورۇنلىشىش  ئەھۋالى ، كىرىم -چىقىم ئەھۋالى ،
    جەمئىيەت ئامىلى : تەربىيەلىنىش دەرىجىسى  ، نىكاھلىنىش سۈپىتى ،
    نوپۇس ئامىلى :   جىنىس پەرقى ، ياش پەرقى ،
    مەدەنىيەت ئامىلى : قىممەت قارىشى ، ئەنئەنە ، ئۆرپ ئادەت قارىشى ،
    پىسخىك ئامىل :  مىللىي خاراكتىرى ، ئۆزلۈك ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش دەرىجىسى ، تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ، شەخسىي ئالاھىدىلىك ، مۇۋاپىقىيەت  ھەركەتلەندۈرگۈچى 
    سىياسىي ئامىل :  دىموكراتىيە ھوقۇقى ،  گۇرۇپپا ، ئىتتىپاقلارغا قاتنىشىش پۇرسىتى ، 
    ئوبىيكىتىپ بەخىتنى چۈشىنىش ۋە ئانالىز قىلىشتىكى ئوخشىماسلىققا ئاساسەن :
    تونۇش ۋە  كەيپىيات ، ھېس تۇيغۇ ،
    يەككىلىك ۋە كوللىكتىپلىق
    ۋىرتىكال ۋە گورزىنتال
    زامان ۋە ماكان

    پۇقرالار بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
    1. پۇقرالار بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى =  ( كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى بۆلىمىز  Gini Coefficient جىنى كوئىفىنسىنتىغا ) كۆپەيتىمىز  ئىشسىزلىق  نىسبىتى ، يەنە  كۆپەيتىمىز  Inflation Rate (پۇل پاخاللىقى)

    Gini Coefficient   جىنى  كوئىفىنسىنتى بولسا ، كىرىمنىڭ باراۋەر تەقسىملىنىشتىكى پەرقىنى كۆرسىتىدۇ .  ئەڭ چوڭ قىممىتى 1 ، ئەڭ كىچىك قىممىتى 0 .
    Inflation Rate ( پۇل پاخاللىقى ) تارقىتىلغان پۇلنىڭ ئوبورت قىلىشتا ئەمەلىي ئېھتىياجلىق پۇلدىن ئېشىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ .
     
      

    2.   پۇقرالار بەخىت  تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى =  ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى * ئا % + جەمئىيەت ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى *ب% + جەمئىيەت پاراۋانلىق كۆرسەتكۈچى *س % + جەمىيەت مەدەنىيەت كۆرسەتكۈچى *د% + ئىكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرسەتكۈچى *س%

    ئا% ، ب% ، س % ، د %  س% لەر بولسا  ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ، جەمئىيەت ساغلاملىق  كۆرسەتكۈچى ،  جەمئىيەت پاراۋانلىق    كۆرسەتكۈچى ....نىڭ GDP  ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتىنى  كۆرسىتىدۇ .

    n  بولسا ئادەم سانى تەڭ بولغان گۇرۇپپا ، wi بولسا بىرىنجى گۇرۇپپتىن i گۇرۇپپقىچە بولغان ئادەملەرنىڭ  يىغىندى كىرىمىنىڭ   ئومۇمىي نوپۇستا ئىگەللىگەن سالمىقىنى كۆرسىتىدۇ  .

    كىرىمنىڭ تەقسىملىنىش پەرقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى 0.4 

    جوڭگونىڭ سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا  ،  2004- يىلى جوڭگونىڭ  جىنى كۆرسەتكۈچى 0.47  بولغان . ئامىرىكىنىڭ 0.4
    تەپسىلىي جىنى كۆرسەتكۈچى تۆۋەندىكىچە  :
     كىرىمى ئەڭ تۆۋەن 20% :  4.25
    كىرىمى ئوتتۇرھال 20%  : 13.68
    كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 20%  :  51.86%

    جوڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ  جىنى كۆرسەتكۈچى
    1. گۇاڭدۇڭ            0.65 
    2. بېيجىڭ              0.61
    3. شاڭخەي            0.57
    4. جېجىياڭ             0.54
    9. ئۇيغۇر دىيارى     0.49
    28.گەنسۇ               0.33
    29. نىڭشىيا             0.33 
    31  تىبەت                0.28

    ئۈستىدىكىلەرنى چۈشەنگەن بولسىڭىز ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ .
    ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جىنى كوئىفىنسىنتى 0.49  ، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن يۇقىرى ،  ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ جىنى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىساق ، ئەلۋەتتە كىرەك ئۇ سان 0.4   تىن تۆۋەن چىقىدۇ ،  يەنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى دائىرىسى ئىچىگە كىردى ، قىزىل چىراغ ياندى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .
    بەخىت تۇيغۇسى كۆرسەتكۈچى

      سىياسەت بەخىتكە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ، بەخىتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى مەقسەت قىلىش كىرەك ، قانداق قىلغاندا كىشلەردىكى  ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش  تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان.
    مۇشۇ كۆز قاراش ئاساسىدا ، ھۆكۈمەت سىياسەتنى ياخشىلاش ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، مۇھىت قوغداش تۆتىنىڭ بىرلىشىشىدىن پۇقرالارنىڭ بەخىت تۇيغۇسى  كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچىمى  قىلغان .

    مۇشۇلارنى ئاساس قىلغان ،  ھەم ئۈستىدىكى  بەخىت تۇيغۇسى  كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاش فورمۇلاسىىدىنمۇ  كۆرۈنۈپ  تۇرىدۇ . يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىر پۇقرا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىش ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت سىياسەتنى ياخشىلىشى ، جەمئىيەت ساغلاملىقىغا مەبلەغ ئاجىرىتىشى ، (ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونتىرول قىلىش ، ئۆپكە تۇبىركۇلىيوز ، ب تىپلىق جىگەر راكى ، قاتارلىقلارغا  مەبلەغ ئاجىرىتىش ، سېلىنما مەبلەغنى كۆپەيتىشى ۋە  يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ كۆپلەپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ  كىشلەرنىڭ ساغلاملىقىغا  تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك   )  جەمئىيەت  پاراۋانلىقىغا  مەبلەغ  ئاجىرىتىش  (ياشانغانلار  ، مېيىپ ئاجىزلار ، نامىراتلارغا  ئاجىرىتىلغان  سېلىنما مەبلەغنى كۆپەيتىشى ) مۇھىت قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، مەبلەغ ئاجىرىتشى ، مەدەنىي پائالىيەتلەر ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان  سېلىنما  مەبلەغنى  كۆپلەش  ئاشۇرىشى كىرەك . ئەنە شۇندىلا  ھەربىر پۇقرا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ . . 


     
     





    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :

    评论

  • يېڭىچە تىما ئىكەن، بولسا مەنبە ياكى پايدىلانغان ماتېرياللارنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.