2010-05-08
تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى living level - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63196715.html
تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى
مەلۇم جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىدا ، ئاھالىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشتا كىرەكلىك بولغان تاۋار ۋە ئەمگەك مۇلازىمەتنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ .
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەزمۇنى :
1. ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى ، 2. ئىستىمال سەۋىيەسى ، 3. ئىستىمال قۇرۇلمىسى ، 4. ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى 5. ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسس ،سۈپىتى 6. دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئىگەلىگەن سانلىق نىسبىتى 7. سەھيە ساغلاملىقى ۋە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ...
تۇرمۇش سەۋىيەسى بولسا ئاھالىنىڭ ماددى تۇرمۇشۋە مەنىۋىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئالاقىدار بىر قاتار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۆلچەم كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ . 1953 -يىلى ب د ت تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى ئۆلچەم سېستىمىسى ۋە خەلقئارالىق سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى يېزىپ چىققان .
1978 - يىلى تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان 12 تۈرلۈك ئۆلچەمنى كۆرسەتكەن .
1. تۇغۇلۇش نىسبىتى ، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئىلمىدىكى باشقا نىسبەت ئالاھىدىلىكلەر
2. سەھيە داۋالاش شارائىتى 3. يىمەكلىك ئىستىمالى 4. ئولتۇراقشلىىش شارائىتى 5. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت 6. ئەمگەك شارائىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى
7. ئاھالىلارنىڭ كىچىم -چىقىمى 8. تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئىستىمال بۇيۇم باھاسى 9. قاتناش تىرانسىپورت قوراللىرى 10. دەم ئېلىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى
11 ئىجتىمائىي كاپالەت 12.ئىنسانىي ئەركىنلىك
ھەرقايسىسىدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆلچەم كۆرسەتكۈچى قوللىنىلىدۇ . مەسلەن : پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىم كۆرسەتۈچى ، ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى ، ئەمەلىي ئىستىمال سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى ، پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمۈر ۋە باشقا نوپۇس ئىلىم كۆرسەتكۈچى ، ئاندىن سىتاتىستىكا ئىلىمىدىكى Engel's Coefficient ئېنگىل كۆرسەتكۈچى ۋە calorie كالورى ياكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش كۆرسەتكۈچى
Engel's Coefficient ئېنگىل كۆرسەتكۈچى بولسا يىمەكلىك ئوزۇقلۇق چىقىمىنىڭ يەككە شەخىسنىڭ ئىستىمال چىقىمىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى .
calorie كالورى ياكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش كۆرسەتكۈچى بولسا ...
12--16 ياشقىچە قىزلار 2200 --2400 كالورىي
13--19 ياشقىچە ئوغۇللار 2400--2900 كالورىي
30 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار 2100--2700 كالورىي
40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر 2400--3200 كالورىي
60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر 1900--2100 كالورىي
مائارىپ كۆرسەتكۈچى
مائارىپ كۆرسەتكۈچى بولسا ب د ت ئېلان قىلغان تەرەققىيات پىلانىدىكى ،ئىنسانىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچدىكى ئۈچ تۈردىن بىرى بولۇپ ،
ئۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ خەت تونۇش نىسبىتى (3\2 دىن كۆپ بولۇش )، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى (3\1 دىن كۆپ بولۇش ) نى ئورتاق ئۆلچەشنى كۆرسىتىدۇ . ئەڭ چوڭ قىممىتى 1 گە يېقىن ، ئەڭ كىچىك قىممىتى 0 گە يېقىن .
ھەرقايسى دكلەتلەرنىڭ مائارىپ كۆرسەتكۈچى
1. ئاۋىستىرالىيە 0.993 2. دانىيە 0.993
3.فىنلاندىيە 0.993 4.يېڭى زىنلاندىيە 0.993
5. كانادا 0.991 6. نورۋىگىيە 0.989
7. كورىيە 0.988 8. ئىرلاندىيە 0.985
9.گوللاندىيە 0.985 10گىرىتسىيە 0.980
11. ئىسلاندىيە 0.980 12. فىرانسىيە 0.978
13. كۇبا 0.976 14 . لىيۇكسىمبۇرگ 0.975
15. بىلگىيە 0.974 16. شىۋىتسىيە 0.974
17.ئىسپانىيە 0.971 18. سىلوۋىنىيە 0.969
19. لىتىۋا 0.968 20. ئامىرىكا 0.968
21. قازاقىستان 0.966 22. ئىتالىيە 0.965
28. ئەنگىلىيە 0.957 31. گېرمانىيە 0.954
33. ياپونىيە 0.949 34.ئىسرائىلىيە 0.947
35. ئارگىنتىنا 0.946 39. شىۋىتسارىيە 0.936
40. روسىيە 0.933 45.قىرغىزىستان 0.919
52. تۈركىمەنىستان 0.907 54. ئەرمىنىيە 0.903
58.تاجىكىستان 0.896 64. ئۆزبېكىستان 0.890
80. شىياڭگاڭ 0.879 91. جوڭگو 0.849
104. تۈركىيە 0.824 111 ئىران 0.804
142 ھىندىستان 0.638 155 شەرقىي تىمۇر 0.545
169. سىنگال 0.417 171 ئىفئوپىيە 0.390
172. كىنىيە 0.361 173 مالى 0.300
174.چاد 0.293 175. نىگىر 0.286
176. بۇركىنا فاسو 0.274
داۋاملىق مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىنىدۇ ...
Quality of Life تۇرمۇش سۈپىتى ، Lifestyle تۇرمۇش شەكىلى ، ئېنگىل كۆرسەتكۈچى ، calorie كالورى كۆرسەتكۈچى ... ...