ئورنىڭىز: باش بەت > تارىخ-مەدەنىيەت > دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى

دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى

ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 05-05-2011 | خەتكۈشلەر: - -

  • .

    مەدەنىيەت ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغان نەرسە ئەمەس. بىر قەۋم ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ ماڭىدىغان، ئالدىنقىلار كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرىدىغان ئۈزۈلمەس رىشتە.

    مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەر باغلىنىدۇ، مەدەنىيەت بىلەن قەلبلەر شادلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى بولمىش باش كىيىم-دوپپا مەدەنىيىتىمۇ ھەم شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    دوپپا كىيسەم ئەرلىك قامىتىم تىكلىنىدۇ، ئەرلىك روھىم كۈۋەجەيدۇ. ئۆزۈمنى تېخىمۇ قالتىس سېزىمەن. يىللاردىن بېرى ئېيتقۇسىز سەۋەبلەر بىلەن پۈكلىنىپ كەتكەن روھىم قاناتلانغاندەك بولىدۇ. راست، مەن شۇنداق سېزىمەن، تېنىم ھەم، روھىم ھەم تېخىمۇ مۇكەممەل ئەرلىككە قاراپ ماڭىدۇ. جاھانغا ۋارقىرايمەن: «مانا مەن ئەر» دەپ…

    بۈگۈن (2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى) كەچتە دادامنى يوقلاپ كېلەي دەپ ماڭدىم. داداملارنىڭ مەھەللىسى دوقمۇشىدا بىر كاۋاپخانا بار ئىدى. كاۋاپنى بۇيرۇتىۋېتىپ چىقىشىنى ساقلىدىم. شۇ ئارىدا 20 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ئاق پىشماق، پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن بىر يىگىت كاۋاپدان ئالدىغا كەلدى. ئۇ كاۋاپچى بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشىدىغاندەك تۇراتتى.

    - ھە، كاۋاپ يەي دەپ كەپسەندە؟

    - ھە ئاكا، 10 زىق باسە.

    - تويغا بېرىپ كەلدىڭما ئۇكام؟

    - قانداق دەيسەن، ئاكا؟

    - دوپپا كىيىۋاپسەن، شۇڭا دەيمىنا.

    - ياق، بۈگۈن دوپپا بايرىمىكەن (ئۇ دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى دېمەكچى ئىدى). شۇڭا كىيىۋالدىم.

    - نېمە بايرىمى؟

    - دوپپا بايرىمى ئاكا، دوپپا.

    - ھەي… مۇشۇ ياش بالىلارنىڭ تاپمايدىغان ئىشى يوق جۇما، دوپپا دېگەننى ھېيت -بايرام، توي-تۆكۈندە كىيىدىغان نەرسە ئۇ.

    يىگىت ئارتۇق گەپ قىلمىدى. 50 ياشتىن ئاشقان بوۋايغا چۈشەندۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى دەپ ئويلىدىم.

    ئاڭغىچە كاۋىپىم چىقتى، يولدا كېتىۋاتىمەن، بوۋاي بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ كۆز ئالدىمدا لەيلەپ يۈرىدۇ…

    بوۋايغا سۆز: مەدەنىيەت لازىمى بولغاندا تېپىۋالىدىغان، لازىمى بولمىسا تېپىۋېتىدىغان نەرسىمۇ؟

    يىگىتكە سۆز: مەدەنىيەتنى چوقۇم بايرام شەكلىدە خاتىرىلەش كېرەكمۇ؟

    كەمىنىنىڭ چولتا قارىشىدا مەدەنىيەتنىڭ بايرام شەكلىدە خاتىرىلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلۇغ مەدەنىيەت بايرام شەكلىدە خاتىرىلەنمەسلىكى، بەلكى شۇ قەۋمنىڭ ھەربىر ئىش-پائالىيىتى، گەپ-سۆزىگە كىشى سەزگۈسىز دەرىجىدە جىپسىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى.

    قېنى، بۇرادەرلەر نېمە دەيدىكىن، ئاڭلاپ باقايلى…

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    3 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      ئىزدىنىش نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ماي 08:44

      بۇ يىلقى نورۇز سەنئەت كىچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئادىل مىجىت ئاكىمىزنىڭ ئىتوتىغا ئوخشاش ، دوپپا كەيگەن كىشىنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئىش بولدى دىگەن قاراش ھەقىقەتەن بەك ئېغىر ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىمىز دوپپا كەيمەيمىز ، مەكتەپلەردە باش كىيىمى كىيىش چەكلەنگەن ، بۇنڭىغا ئامال يوق . :arrow:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      ئۇيغۇرتېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ماي 23:29

      مەن قايسى كۈنى توردا ناخشىچى قەھرىماننىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوپپا توغرىسىدىكى پائالىيەتتە «مەن ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ يەنىمۇ كاتتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ قويدۇم. دوپپا بىزنىڭ باش كىيىمىمىز، ئەمما ماھىيەتلىك بەلگىمىز ئەمەس. ئۇنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس بايرام ئۆتكۈزۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن. چۈنكى دادام ھازىرمۇ مۇنبەردە دوپپا كىيىپ يۈرىدۇ، ئاڭلىسام تېخى بىرەر كىشى نېمىشقا دوپپا كىيىۋالدىڭ، دەپ سورىماپتۇ. ئەتە-ئۆگۈن «يەكتەك بايرىمى، بەلۋاغ بايرىمى، تۇماق بايرىمى…» دېگەندەك ئاتالمىش بايراملار چىقىپ قالمىسا بولاتتى. تېخى بەزى كىشىلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىلا كاللىسىغا قوندۇرۋېلىشىمۇ ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدۇ. ئىككى گەپ بولسىلا، بىزنىڭ «بىزنىڭ پەخىرلىك تاجىمىز» دەپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. ئاتالمىش مەدەنىيەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادنىڭ يان تايىقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت توغرىسىدا داۋراڭ سېلىشنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە كۈن پاتماس ئىمپېرىيىسى ھازىرقى ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، بىزدەك ئىچكى قۇۋۋىتى ئاجىز قۇۋۇم ئۈچۈن، بايرام دەپ، ناخشا توۋلاپ، بەلنى تولغاشمۇ ئارتۇقچە ئىشتەك بىلىنىدۇ. مېنىڭچە، كىشىلەر ئەسلى بىلسە، ئىدى مەلۇم بىر كۈننى بەلگىلەپ بايرام قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى.
      بۈگۈن بىر ئاداش بىلەن يولدا كۆرۈشۈپ قالدىم. سالام-سەھەتتىن كېيىن «ھەي، بۈگۈن دېگەن ئانىلار بايرىمى، ئاناڭغا تېلېفون قىلىپ ھال-ئەھۋال سوراپ قويدۇڭمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇيۇم تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن:« ئاداش مېنىڭ ئانام مۇشۇ ‹ئانىلار بايرىمى› دېگەننى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ، مەن ھەر كۈندە دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ ئەھۋاللىشىپ تۇرىمەن» دەپلا گەپنى ئۈزدۈم. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا گۈل ئالغىلى ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ، خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. «كەچكىچە ئانىسىنى قاقشىتىپ، ئۆيگە كىرمەي قاۋاقلاردا تۈنەپ ياتىدىغان ياتىدىغان بۇ ئاداش ئەمدى بولسىمۇ ئانىسىنى خۇش قىلاي، دەپتۇ-دە» دېدىم ئىچىمدە.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      ئاق چېچەك نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 13-ئاۋغۇست 17:01

      راسىت ، مەخسۇس دوپپا كىيىش ئۈچۈنلا بايرام قىلىشنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى يوق ئىدى . ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرچە مىللى كىيىملىرىمىزنى ھەر ۋاقىت كىيىپ يۇرسەك ، ئەرلىرىمىز شۇنچىلىك قەيسەر، كۆتىرەڭگۈ روھلۇق كۆرۇنسەك، قىز ئاياللار بولساق شۇنچىلىك جەبىدار، شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنەتتۇق. ئەممە ھازىرچۇ؟ دوپپىنى ئەرلەرنىڭ بېشىدا ئاندا-ساندا كۆرگەن بىلەن ئاياللارنىڭ بېشىدا پەقەت سەھنىلەردىلا كۆرىمىز . بىر قىسىم كىيىملەرنى ئادەم كۆرۇشتىنمۇ نۇمۇس قىلىدۇ. ئەمما بىز چۇ؟ تەپ-تارتماستىن كوچىلارغا ، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىيىپ بارىمىز . ھايا ۋە ئەخلاق ئېڭىمىز بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىپ بارىدۇ . ئاللا ھ ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن . ياخشى تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif