خېشېننىڭ خىيانەت قىلىپ غايەت زور مال-مۈلۈك توپلاپ جەريانىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، سەۋەبنى خېشېننىڭ ئۆزىدىن ئىزدىگەندىن باشقا، فېئودالىزملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن ۋە چيەنلۇڭخاندىنمۇ ئىزدەش كېرەك. پادىشاھلىق تۈزۈمدە، خان بولغۇچى «تەڭرىنىڭ ئوغلى»، «بارلىق زېمىن خانغا تەۋە»، « پۇقرالار پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى» دەپ قارىلىدۇ. گەرچە خان بولغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە نەسەبنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە رىئايە قىلمىسا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم زۇۋان سۈرەلمەيدۇ. ھوقۇق نازارەتسىز قالغاندا، ئۈنۈملۈك چەكلىمىگە ئۇچرىمىغاندا، ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە مەلۇم بىر پەرماننى چۈشۈرگەندە، بۇ پەرمان ئىجرا بولۇش جەريانىدا غايەت زور ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئالساق، چيەنلۇڭخانغا خېشېن شۇنداق ياراپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە خېشېننى قىسقىغىنا ۋاقىتتا نەچچە دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرگەن. ھەمدە مالىيە ھوقۇقى، ھەربىي ھوقۇق، ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش-قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرمىسا ئوڭاي چاتاق چىقىدىغان نەچچە ھوقۇقنى بىر ئادەمگە بېرىپ، غايەت زور خىيانەتكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
چيەنلۇڭخان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئاچچىقى كەلگەندە ياكى خۇش بولغاندا سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ئالاھىدە بىر ئورۇندا ئولتۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر كۈندە دېگۈدەك ماختاپ، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ، بىر ئادەمنى نۇقسانسىز ئەۋلىيا قىلىۋېتىدۇ. چيەنلۇڭخان ئۇلارنىڭ «ئۆزلىرى تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ داناسى» ماختاش سۆزلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ، ئۆزى ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقنى كېيىن بايقىسىمۇ ئېتىراپ قىلماي ۋە تۈزەتمەي شۆھرەتپەرەس، ياسالما بولۇپ قېلىشقا ئورۇن بېرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى تۈزۈلمە ۋە خان بولغۇچىنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغان تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتتۇر.
خېشېن پارىخورلۇق ۋە خىيانەت قىلىپ شۇنچە كۆپ مال-دۇنيا توپلىغان بولسا، مال-دۇنيا توپلاشنىڭ ئارقىسىغا قانداق ئادالەتسىزلىك يوشۇرۇنغان؟
مىسال ئالساق، پارا ئېلىش يولى بىلەن بىر ھاكىمنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن يۈزمىڭ سەر كۈمۈش پارا ئالغان بولسا، ئۇ ھاكىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى خەجلىگەن يۈز مىڭ سەر كۈمۈشنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خەلقنى شۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە ئوردىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىدۇ. سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكىلەرگە پارا بېرىدۇ. مۇشۇنداق نورمال بولمىغان يول بىلەن ئەمەلدار ئۆستۈرۈش جەرياندا شۇ ناھىيىدە جاھانغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ناھەقچىلىققا چىدىمىغان كىشىلەر ناھىيە ھاكىمىنى ئەرز قىلغاندىن كېيىن، مەنپەئەتى بىر-بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن يۇقىرى-تۆۋەن ئەمەلدارلار بىر-بىرىگە چاپان يېپىشىپ ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە يول قويىدۇ. مۇشۇ يول بىلەن تەرەققىي قىلغاندا، بىر خانىدانلىقتا ئەمەل سېتىش-سېتىۋېلىش ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، بىلىملىك بىراق پۇلى يوق كىشىلەر چەتكە قېقىلىدۇ. ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك پۈتۈن خاندانلىقتا ئالدى بىلەن ئادالەتسىزلىككە يول قۇيغان بولسا، ئارقىدىن بۇ ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئەڭ ئاخىرىدا خانلىقنى ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
خېشېن سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارغا ئاجرىتىلغان كۈمۈشلەرگە خىيانەت قىلىنغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ھالدا قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، خەلقنىڭ مال-مۈلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوردا مالىيە كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.
خېشېن چوڭ سودىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، باشقا سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىگە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان. خېشېن ھوقۇقنىڭ چوڭىنى تۇتقاچقا ئۆزى قاتناشقان سودا ساھەسىدىن باج تۆلىمىگەن، تۆلىگەن بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز تۆلىگەن.باشقا سودىگەرلەرنىڭ سودىسى ناچارلاشقان ۋە ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئوردا مالىيىسىنىڭ سودىدىن كىرىدىغان باج كىرىمىگە تەسىر يەتكەن. غوللۇق سودا خېشېن تەرىپىدىن كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، باھا ئۆز ئالدىغا چىقىرىلغان بولغاچقا، مال باھاسى تۇراقسىزلىشىپ خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. قىسقىسى، ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشكەندە كېلىدىغان غايەت زور پايدا خاندانلىقنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەر بىر ھالقىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئىگىلىكنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن.
خېشېننىڭ ئەمەل سېتىش جەريانىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى پۈتۈن خانىدانلىقتا ھوقۇق سودىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناھەقچىلىق كۈچىيىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ بېسىمى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ چىڭ خانىدانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىيات كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشكە سەۋەبكار بولغان.
1796-يىلى چيەنلۇڭخان پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى جياچىڭخانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، بىر خاندانلىقتا ئىككى پادىشاھ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن. پادىشاھلىق ئورۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىلەن ئەمەلىي ھوقۇق ئۆتكۈزۈلمىگەندىن كېيىن، جياچىڭخان بىلەن خېشېننىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىشىگە باشلىغان.
زىددىيەت قانداق كەسكىنلىشىپ كەتكەندۇ؟
چيەنلۇڭخان بوۋىسى كاڭشى 60 يىل سەلتەنەت سۈرگەن بولغاچقا، «تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتىم 60 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە تارىختا ياخشى نام قالدۇرۇشۇم كېرەك» دېگەنلەرنى مەقسەت قىلغان چيەنلۇڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن پادىشاھلىق ئورنىنى 15-ئوغلى يىنيەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىراق ئۆزىنى شاھىنشاھ (پادىشاھنىڭ پادىشاھى) دەپ ئاتاپ، ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا ھاكىمىيەتنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ كېلىدۇ. شاھىنشاھ ھايات بولۇپ تۇرغان مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدا، جياچىڭخاننىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھېچقانداق رولى بولمىغان. يەنىلا بۇرۇنقى چيەنلۇڭ-خېشېن ئاساسى ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، جياچىڭخاننىڭ ھوقۇقى بىلەن خېشېننىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.
ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن خانىدانلىققا يامرىغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تورى ۋە تورنى توقۇغۇچى خېشېن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جياچىڭخاننىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاسىتە تەھدىت چۈشەتتى. چۈنكى، جياچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق، بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋالدا جياچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق-مەنپەئەت مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلمىغاندا، پۈتۈن خانىدانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جياچىڭخان پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئاللاقاچان ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خېشېن ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، يەنى قولىدىكى ھوقۇقىغا، ئوردىدىكى كۈچلۈك تەسىرىگە، توپلىغان مال-دۇنياسىغا ۋە پۈتۈن چىڭ خانىدانلىقىدىكى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن كىشىلەرگە ئىشىنىپ كېتىپ، جياچىڭخاننى ياش، تەجرىبىسى يوق دەپ قاراپ، «ئۇ ھاكىمىيەتنى رەسىمى قولغا ئالسىمۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دەپ چوتنى خاتا سوقىدۇ ھەمدە چيەنلۇڭ خان بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ، چيەنلۇڭخان ئۈلۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ماڭا «ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىش تاختىسى» بېرىدۇ دەپ خام خىيال قىلىدۇ. خېشېن شۇنى ھېس قىلمىدىكى، نېمىلا بولمىسۇن، جياچىڭ چيەنلۇڭنىڭ ئوغلى، ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ پۇشتى، شۇنداق بولغانىكەن، چيەنلۇڭخاننىڭ چوڭ ھوقۇقنى تۇتقان خېشېنغا ئالاھىدە كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بېرىپ، كەلگۈسىگە چوڭ ئاپەت قالدۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چيەنلۇڭخان چىڭ خانىدانلىقى جياچىڭنىڭ قولىدا ۋەيران بولسا رازىكى، ھەرگىزمۇ خېشېنغا بۇنداق ئىمتىياز بەرمەيتتى. بۇ چيەنلۇڭنىڭ دانالىقى ھېسابلىنىدۇ.
خېشېن سوققان ھېساب خاتا بولغاچقا، جياچىڭخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىر نەچچە رەت خېشېن بىلەن تۇتۇشۇپ، خېشېننىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھوقۇقىنىڭ ناھايىتىمۇ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا ۋە ئورنىغا خىرىس دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى خېشېننى يوقىتىش بولدى. جياچىڭخان خېشېن بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشتىن يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا قاراپ ئۆتۈپ پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى ۋە خېشېننى غەپلەتتە قالدۇردى.
1799-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 89 ياشقا كىرگەن، تارىختا ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھلىق ئورۇندا ئولتۇرغان چيەنلۇڭخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جياچىڭخان ئۇزۇندىن بۇيان تۈزۈپ كېلىۋاتقان خېشېننى يوقىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ: «خېشېن شاھىنشاھنىڭ ئەڭ سادىق، ئەڭ يېقىن ۋەزىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن شاھىنشاھنىڭ مېيىتىنى ساقلاپ، دۇئا تىلاۋەت قىلغاي» دەپ پەرمان چۈشۈرۈپ، خېشېننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئەتىسى يەنە پەرمان چۈشۈرۈپ خېشېننىڭ بارلىق ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۈچىنچى كۈنى تۈرمىگە قاماپ، ئۆيىنى ئاختۇرۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە 20 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ.
25 يىل ھاكىمىيەت سۈرۈش جەريانىدا، جياچىڭخاننىڭ دانالىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى خېشېننى ئەپچىللىك بىلەن جازالىغانلىقى بولسا كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن 49 ياشقا كىرگەن، ھوقۇقى ناھايىتى تېز ئۆسۈپ چېكىگە يەتكەن، ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيا توپلىغان خېشېنغا تۇتۇلۇپ 10-كۈنى ئۆلۈۋېلىش جازاسى بېرىلىپ، ھاياتىغا چېكىت ئۇرۇلدى.
جياچىڭخان نېمە ئۈچۈن خېشېننىلا ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ؟
جياچىڭخان تۆت يىل سىمۋوللۇق پادىشاھ بولۇش جەريانىدا شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، خېشېننىڭ چىڭ خاندانلىقىدىكى تەسىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاشقا ئۇرۇنسا، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئۇلى تەۋرەيدۇ، پارا ئېلىش ۋە پارا بېرىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن بۇ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى تۈزەشكە جياچىڭخاننىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. شۇڭا خاننىڭ ھوقۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالغان، خىيانەتچىنىڭ بېشى بولغان خېشېننى يوقىتىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى داۋام ئېتىش ئەڭ ئاقىلانە يولدۇر. شۇنداق قىلىپ، جياچىڭخان خېشېننى جازالاش ئارقىلىق، جاھاننىڭ خوجىسى خېشېن ئەمەس ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە، خېشېننىلا جازالاپ قالغىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.
خېشېننىلا جازالاپ باشقىلارنى جازالىمىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ:
بىرىنچىدىن، خېشېن توپلىغان مال-دۇنيانى مۇسادىرە قىلىش يولى بىلەن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئوردا خەزىنىسىنى تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، خېشېن تۇتۇلغاندىن كېيىن خېشېننىلا جازالاپ، خېشېن يېتىشتۈرگەن كىشىلەرنى جازالىماي، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، ئوردا ھاكىمىيىتىنىڭ خېشېن سەۋەبلىك داۋالغۇش كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ئالىدۇ.
خېشېن شۇنچە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، خېشېن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆلتۈرمەسلىكىدىكى يەنە مۇھىم سەۋەب شۇكى، خېشېننىڭ چوڭ ئوغلى فېڭشەن يىڭدې چيەنلوڭنىڭ 10-مەلىكىسى خېشو مەلىكە بىلەن توي قىلغان بولۇپ، خېشو مەلىكىنىڭ سالاھىيىتى خېشېن ئائىلىسىنى قىرىپ تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوڭ رول ئوينىغان.
ناۋادا خېشېن جياچىڭخان بىلەن تىركەشمەي، ئۆزىنىڭ كۈچىنى بەك چوڭ مۆلچەرلىمەي، جاھاننىڭ خوجىسى ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن قەدەممۇ-قەدەم ۋاز كەچكەن بولسا ئامان قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، ھەرقانداق ئادەم شۇنداق بىر ئورۇنغا چىققاندىن كېيىن ۋاز كېچەلمەسلىك ئادەم تەبىئىتىدىكى شەخسىيەتچىلىكتىن، ئابرويپەرەسلىكتىن دەپ ئېيتىش مۇمكىن.
ئاخىرقى پەرەز: جياچىڭخان خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، توپلىغان مال-مۈلۈكىنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە دادىسى چيەنلوڭخانغا مەخپىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خېشېننى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئىككىيلەن (شاھىنشاھ ۋە شاھ)مەخپىي كېلىشكەن بولۇشى مۇمكىن. پەرەزنىڭ ئاساسى شۇكى، بۇ ئىككىسى ئاتا-بالا، ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى.
ھىممممم، ئەمدى بىلدىم. قىممەتلىك يازمىڭىزغا رەھمەت.
2011/07/12
جاھاندا ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار كۆپتە .
2011/07/15
«پارا ئېلىش يولى بىلەن بىر ھاكىمنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن يۈزمىڭ سەر كۈمۈش پارا ئالغان بولسا، ئۇ ھاكىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى خەجلىگەن يۈز مىڭ سەر كۈمۈشنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خەلقنى شۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە ئوردىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىدۇ. سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكىلەرگە پارا بېرىدۇ. مۇشۇنداق نورمال بولمىغان يول بىلەن ئەمەلدار ئۆستۈرۈش جەرياندا شۇ ناھىيىدە جاھانغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ناھەقچىلىققا چىدىمىغان كىشىلەر ناھىيە ھاكىمىنى ئەرز قىلغاندىن كېيىن، مەنپەئەتى بىر-بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن يۇقىرى-تۆۋەن ئەمەلدارلار بىر-بىرىگە چاپان يېپىشىپ ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە يول قويىدۇ. مۇشۇ يول بىلەن تەرەققىي قىلغاندا، بىر خانىدانلىقتا ئەمەل سېتىش-سېتىۋېلىش ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، بىلىملىك بىراق پۇلى يوق كىشىلەر چەتكە قېقىلىدۇ. ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك پۈتۈن خاندانلىقتا ئالدى بىلەن ئادالەتسىزلىككە يول قۇيغان بولسا، ئارقىدىن بۇ ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئەڭ ئاخىرىدا خانلىقنى ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ »
يۇقىرقى قۇرلار ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن، ھازىرقى زاماندىمۇ بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن. بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت!
2011/08/25
1. سىزنىڭ بۇ سۇئال جاۋاپ تەرىقىسىدىكى كىچىك ماۋزۇلۇق قىسقا تېىتملىق يازمىلىرىڭىز ھەم قىزىقارلىق ھەم پەلسەپىۋى پۇراققا ئىگە بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا مەسەلىنىڭ تىگىدىكى ماھىيەتنى ھىس قىلدۇرالايدىكەن ،
2.مەن خېشن بىلەن جىياچىڭ ھەقدىكى بىلدىغانلىرىم بىر چوڭقۇرلۇققا قاراپ ماڭدى ، ھەم كاللامغا خېشىن جىياچىڭ ، مۇۋاپىقيەت ، ئىسلام ، مەن ، ئۇيغۇر دىگەندەك ئۇقۇملار ھەقىدە پاراللىل بىر ئويلارپەيدا بولدى ،
3.دادىس ئەتىۋارلىغان نەرسىلەر بالىسى ئۇچۇن بىر يۇك بولۇپ قېلىشنى كىم ئويلىغان دەيسىز ، مېنىڭ دادام راستچىللىقنى ، ئادەمى ئەخلاق پەزىلەتنى ئەتىۋارلايدۇ ، ئىسلامى بىلىملەرنى چوڭ كۆرۇدۇ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانچە قىممەت قاراش بىلەن تەۋرەنمەي ياشايدۇ ، ھەم بۇلارنى ئوغلىغا مىراس قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ ، ئەمەلدىمۇ مەن دادام بىلەن ئاسانلا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالايمەن ، خۇددى دوسلار بىلەن سۆزلەشكەندەك پىكىرلىشەلەيمەن ،
4.مۇۋاپىقيەت توغۇرلۇق قۇرئان كەرىمنىڭ بەرگەن تەبىرى ئوخشۇمايدۇ ھە ، خېشىن مۇۋاپىقيەت قازاندى ، ئاخىرى مەغلۇپ بولدى ، پەقەت ئاللاھنىڭ يولى بىلەن ماڭغاندىلا مەڭگۇلۇك مۇۋاپىقيەتنى تاپقىلى بولۇدۇ ،ئىنشائاللاھ
2012/07/17