1885 قېتىم رەت قىلىنىش

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-04-01 15:31:43

دېمەك، قىيىنچىلىق دەل پەرۋەردىگار سىزنى چېنىقتۇرىدىغان جەرياندۇر؛ جاسارەت بولسا سىزنىڭ ئىشنى پۈتتۈرىشىڭىزنىڭ شەرتى، شۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزنىڭ شەرتىدۇر.

     
    1885 قېتىم رەت قىلىنىش
    نىساگۈل ئەيسا

    ئۇ بىر نامرات يىگىت بولۇپ، يېنىدا پەقەت 100 ئامېرىكا دوللىرىلا بار ئىدى. ئۇ ئارتىس بولۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ھوللىۋودقا كېلىشتىكى مەقسىتىمۇ، كىنو چولپىنى بولۇش ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھوللىۋودتىكى مېھمانخانىلار ئىنتايىن قىممەت، يانچۇقىدىكى پۇلىسى بىر نەچچە كۈن خەجلەشكىمۇ يەتمەيدىغان بولغاچقا، ئۇ كونا قۇڭغۇز ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگەنىدى. ماشىنىسىدا ئۇخلىسا، ئۆي ئىجارىسىنى تېجىگىلى ھەم قاتناش چىقىمىنى ئازايتقىلى بولاتتى. يېنىدىكى 100 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەر بىر سېنتىنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلىتىش ئۈچۈن، بۇ نامرات يىگىت ماشىنىسىنى دائىم 24 سائەت تىجارەت قىلىدىغان تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قوياتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ماشىنا توختىتىش ھەققى ئېلىنمايتتى.
    ئۇ، بۇ شەھەرگە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ كىنو شىركەتلىرىگە بېرىپ ئىش ئىزدەيدۇ. ئويلىمىغان يەردىن پۈتۈن شەھەردىكى 500 دىن ئارتۇق كىنو شىركىتىدىن بىرىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ 500 قېتىملىق رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي، قايتىدىن سىناپ بېقىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ قېتىمقىسىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟ جاۋابى پەقەت 500 قېتىملىق رەت قىلىنىش.
    ئۇ ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، «1000 قېتىملىق رەت قىلىنىش»نى «تەڭداشسىز تەجرىبە» قىلماقچى بولىدۇ. كىيىن، ئۇ يەنە بىرىنچى شىركەتتىن باشلاپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپلا قالماستىن، يەنە قارشى تەرەپكە ئۆزى ئەجىر قىلىپ يېزىپ چىققان سىنارىيەسىنى تونۇشتۇرىدۇ.
    ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بۇ بىچارە ياش 1500 قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ خىل ئەھۋالدا بەلكىم ھەرقانداق ئادەم بولدى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن «يەنە بىر قېتىم سىناش»نى تاللايدۇ.
    جەمئىي 1885 قېتىم رەت قىلىنىش، نۇرغۇن قېتىم مەسخىرە قىلىنىشتىن كىيىن ئاخىر بىر شىركەت ئۇنىڭ سىنارىيىسىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئەر باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئېلىشىغا ماقۇل بولىدۇ. «روكىي» ناملىق بۇ فىلىمدىكى ئەر باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغۇچىسى، يەنى بۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانىنىڭ ئىسمى سىلۋېستېر سىتېللون بولۇپ، كىيىن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنىدۇر.
    «مۇستەھكەم ئىرادە» ۋە «بوشاشماي تىرىشىش»تىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنىڭ ياردىمىدە، سىلۋېستېر سىتېللون يېنىدا پەقەت 100 ئامېرىكا دوللىرىلا بولغان غايە قوغلاشقۇچى نامرات يىگىتتىن ھەربىر فىلىمدىكى رول ئېلىش ھەققى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئايلىنىش جەريانىنى تاماملايدۇ.
    دېمەك، قىيىنچىلىق دەل پەرۋەردىگار سىزنى چېنىقتۇرىدىغان جەرياندۇر؛ جاسارەت بولسا سىزنىڭ ئىشنى پۈتتۈرىشىڭىزنىڭ شەرتى، شۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزنىڭ شەرتىدۇر.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رامبو