بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىدىكى ھەرە چىشى نىمە ئۈچۈن 21 چىش بولىدۇ

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-03-23 18:45:01

بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىدىكى ھەرە چىشى نىمە ئۈچۈن 21 چىش بولىدۇگاۋ شياۋباۋبوتۇلكىنىڭ ئاغزىدا نەچچە تال ھەرە چىشى بار؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇش...

    بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىدىكى ھەرە چىشى نىمە ئۈچۈن 21 چىش بولىدۇ
    گاۋ شياۋباۋ

    بوتۇلكىنىڭ ئاغزىدا نەچچە تال ھەرە چىشى بار؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان بارلىق تاج شەكىللىك ھاراق بوتۇلكىلىرىنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بوتۇلكىلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ ياپقۇچىدىكى ھەرە چىشى 21  بولىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن 21 بولىدۇ؟
    قاڭالتىر پىۋا بوتۇلكا  ياپقۇچى كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزىغا ياغاچ پروپكا ئىشلىتىلەتتى، ئەمما ياغاچ پروپكىلىك ياپقۇچلارنى ئېچىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق ئىدى، پىۋىدىكى گازمۇ  كۆپ بولۇپ، ئەگەر بىراقلا ئاچقىلى بولماي قالسا، بوتۇلكىدىكى گاز ئاستا-ئاستا تارقاپ كېتەتتى-دە، كۈپۈكمۇ يوق دېيەرلىك بولۇپ،  پىۋىنىڭ تەمىمۇ ئۆزگىرىپ كېتەتتى.
    كىشىلەر پېۋا بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى بىراقلا ئاچقىلى بولۇشىنى ، «بۇك»  قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيەلىك ۋىليام پېت قاڭالتىر پىۋا ئاغزى ياپقۇچىسىنى كەشىپ قىلدى. چىشلىق قاڭالتىر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ،بىر تال ئەتۋىركە بولسىلا، ئازراقلا بوشىتىپ قويسا ئچىلىپ كېتەتتى.  ئۇ چاغلاردىكى پىۋا بوتۇلكىلىرىنىڭ ياپقۇچى ھازىرقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغىنى ياپقۇچتىكى ھەرە چىشى 24 ئىدى. 24 ھەرە چىشلىق ياپقۇچقا پاتنېت ئىلتىماس قىلىپ، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئىشلىتىلىپ كەلدى.
    ئەڭ دەسلەپتە،  ياپقۇچ ئورنىتىشتا پۇت بىلەن دەسسەيدىغان بېسىم ماشىنىسى ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ بىلەن بىردىن بىردىن بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزىغا ئورناتقان، سانائەتلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن قول بىلەن ياپقۇچ ئورنىتىش ماشىنا بىلەن ئورنىتىشقا ئۆزگەرگەن،  ياپقۇچ بىر يۇمشاق نەيچىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاپتوماتىك ئورنىتىلغان، ئەمما ئىشلىتىش جەريانىدا،  24 ھەرە چىشلىق ياپقۇچنىڭ ئاپتوماتىك ياپقۇچ ئورنىتىش يۇمشاق نەيچىسىدە تۇرىۋېلىپ، توسۇلۇپ قالىدىغانلىقى بايقالغان. ئەگەر ھەرە چىشىنىڭ سانى تاق سان بولسا، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرمەيتتى،  شۇنىڭ بىلەن 24 ھەرە چىشىدىن بىرنى ئازايتىپ، 23 ھەرە چىش قىلغان. ئەمما ئورنىتىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا 23 ھەرە چىشلىقىنىڭ ھىملىقى 21 ھەرە چىشلىقىدەك ياخشى بولمايدىغانلىقى بايقالغان.  شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر  21 ھەرە چىشلىقىنى تاللىغان، ھەمدە ئۇ بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.  
    ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزى خالىغانچىلا ھەرە چىشىنىڭ سانىنى ئازايتىپ، شۇنداق بولۇپ قالغان ئەمەس،  بەلكى 21  ھەرە چىشلىق قىلىش ئەمەلىيەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرى.  
    پىۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون ئوكسىد بار، بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىغا نىسبەتەن ئىككى ئەڭ ئاساسىي تەلەپ بار، بىرى، ھىم يېپىلىشى كېرەك،  يەنە بىرى مەلۇم دەرىجىدە چىشلىشىپ تۇرۇشى كېرەك، يەنى ئادەتتە دېيىلىدىغان بوتۇلكا ئاغزىنىڭ چىڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەر بىر بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىدىكى قىر بىلەن بوتۇلكا ئاغزى تېگىشىش دائىرىسى مەلۇم نىسبەتتە بولغاندا، ئاندىن ھەر بىر قىرنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ياپقۇچنىڭ سىرتىدىكى دولقۇنسىمان ئېغىزنىڭ سۈركىلىش كۈچىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئېچىشقىمۇ قولايلىق بولىدۇ، 21 ھەرە چىشلىق ياپقۇچ بۇ ئىككى شەرتنى ئەڭ تولۇق قاندۇرالايدىغان تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    بوتۇلكا ياپقۇچىنىڭ ھەرە چىشىنىڭ سانىنىڭ 21 بولۇپ قېلىشى يەنە ئەتۋىركە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.  پىۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گاز بولىدۇ، ئەگەر ئېچىش ئۇسۇلى توغرا بولماي قالسا، ئىچىدىكى گاز بېسىمى تەكشى بولماسلىقتىن يارىلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  بوتۇلكىنىڭ ياپقۇچىنى ئېچىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەتۋىركە كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، بوتۇلكا ياپقۇچىدىكى ھەرە چىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى 21 ھەرە چىشقا مۇقىملاشقاندا، ئاچقان ۋاقىتتا ئاسانلا ئېچىلغان ھەم بىخەتەر بولغان، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان پىۋا بوتۇلكىلىرىنىڭ ياپقۇچىنىڭ ھەرە چىشى 21. 

    مەنبە:  «ھېكمەتلەر» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى
    تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بوتۇلكا