|
-
2011/03/14
Windows XPﻧﯩﯔ8 ﺧﯩﻞ ﻗﻮزغىلىش چۈشەندۈرلىشى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
قوزغىلىش دېگىنىمىز كومپىيوتېر قوزغالغاندا (F8بەزى كومپىيۇتېرلارغا F5كۇنۇپكىسىنى بېكىتكەن) كۇنۇپكىلىرىنى باسقاندا چىقىدىغان قوزغىلىش تىزىملىكلىرىنىڭ چۈشەندۈرلىشى.
XPﻧﯩﯔ8ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ تەپسىلىي ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻟﯩﺸﻰ
1. ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ:
ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺪﯗ.
-
2011/03/01
كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىسىنىڭ ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە سۇئاللىرى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئىنتايىن تېز سىڭىپ كىرمەكتە. 21-ئەسىردە خەنزۇ تىلى بىلمىگەن، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق ۋە كومپىيوتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەر ‹‹ساۋاتسىز›› ھېسابلانماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانى گۇۋاھنامىسى ئۈنۋان ئۆستۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك شەرتىگە ئايلاندى. بۇ قېتىم تەمىنلەنگەن ماتېرىيالدا مەن ئىلگىرى ئۆزەم رەتلەپ چىققان كومپىيوتېر ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھان سۇئالىدىن بىر يۈرۈش، نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالىدىن توققۇز يۈرۈش سۇئالنى تەمىنلىدىم. سۇئاللار توللۇق ئۇيغۇرچە. مېنىڭچە مۇشۇ سۇئاللاردا توللۇق لاياقەتلىك بولسىڭىز، كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىدىن %100 ئۆتىمەن، دەپ مەيدىڭىزگە چەكسىڭىز بولىدۇ.
-
2011/03/01
پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكى(Visual Basic 6.0) - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
بۇ ئېرا كومپىيوتېر تەتقىقات ئىشخانىسىدىن مۇختار رۇزى ئەپەندى تۈزۈپ تارقاتقان Visual Basic دەرسلىكى بولۇپ، ئومۇمىي بەت سانى410 بەتلىك ھەجىمدىكى ئىنتايىن ياخشى دەرسلىك بولۇپ، PDF شەكلىدە، ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا بىلىك كۇلۇبى ھەقسىز تارقاتقان بولۇپ، چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن كومپىيوتېردىن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا ئۇچىرتىپ قېلىپ كەڭ VB ھەۋەسكارلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئۈچۈن بلوگقا يوللىدىم. بايانات: ماتېرىيالنىڭ بارىلىق ئىجادىيەت ھوقۇقى- مۇختار رۇزى ئەپەندىگە مەنسۇپ. ماتېرىيال ئەينى چاغدىمۇ ھەقسىز تارقىتىلغان بولغاچقا، بۇ قېتىممۇ يەنىلا ھەقسىز تارقىتىلدى. ماتېرىيالنى قالايمىقان ئۆزگەرتىشكە، سېتىشقا بىردەك بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كەمىنە مەسئۇل ئەمەس!
-
2011/02/27
كومپىيوتېرنىGHOST لاش دېتالى ۋە دەرسلىكى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېر بەزىدە ۋىروسلىنىش سەۋەبىدىن ياكى مەلۇم بىر سىستېما ھۆججىتى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراش سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن قان-تەر سىڭدۈرۈپ قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللارنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى-قىممەتلىك ماتېرىياللىرىمىز يوقۇلۇپ كېتىشىمۇ مۈمكىن.
كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلاشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلايمىز، ھەتتا ۋروسخورنىڭ دەرىجىسىنىمۇ ئۆستۈرۋالىمىز. ھەممە تەڭشەكلىرىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن،GHOST دېتالىنى چۇشۇرۇپ قاچىلايمىز. سىز چۈشۈرىۋاتقان بۇ GHOST دېتالى2010-يىللىق ئەڭ يېڭى نەشرى. دەرسلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.
-
2011/02/27
رەڭ كودىنى كۆرسىتىش قورالى - [ئەسلىي كودلار]
بۇ دېتال ئارقىلىق PHOTOSHOP، 3DMAX، FILASH ۋە رەڭ بېرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ھەر قانداق ئورۇنلارغا ئۆزىمىز خالىغان رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەتتاكى دېتالنى قوزغىتىپ، مائۇسنى مەلۇم خەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسەكمۇ، شۇ خەتكە ئىشلەتكەن رەڭ كودىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بلوگ ۋە تور بەت ياسىغۇچىلار بۇ دېتالدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىدىغانلا بولسا، تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ياخشى بەتلەرنى لايىھىلەپ چىقالايدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئاۋۋال دېتالنى قوزغىتىمىز. دېتال يېشىل دېتال بولۇپ، قاچىلاش ھاجەت ئەمەس. ئاندىن تور بېكەت ياكى ئۆزىمىزگە يارىغان مەلۇم رەسىم ياكى خەتكە مائۇسنى توغىرلايمىز.
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1 كۆرسەتكۈچىنىڭ تەلىپىدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلار بويىچە تىزىملاش دەپتىرى بولۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ماتېرىيالدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىنى تىزىملاش دەپتىرى مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا دەپتىرى بولغان 0دىن20ياشقىچە بولغان توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇش نوپۇسى جەدۋېلى مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.
-
2011/02/24
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلى - [ئىككى ئاساسەن]
بۇ ۋىلايەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ‹‹ئىككى ئاساسەن›› A1كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچەملىك ئارخىپى بولۇپ، ناھىيە ئاتلاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلى ۋە ناھىيە تەۋەسىدە يېزا ئالمىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىشنى تەستىقلاش جەدۋېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەدۋەللەرنى ئەينى ۋاقىتتا لايىھىلەپ قويغان ئىدىم.
-
2011/02/24
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ئامبىرى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
مەزكور ماتېرىياللار ئامبىرىغا باشلانغۇچ1-يىللىقتىن تولۇقسىز9-يىللىقىچە بولغان14پەننىڭ1-، 2-مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن: دەرس ئۆلچىمى، دەرس ئۆلچىمىنىڭ يەشمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش قوللانمىلىرىنىڭ تىزىملىكى، ماتېرىيال ئالغۇچى، سانى، باھاسى، قايتۇرغۇچى ۋە قايتۇرغان ۋاقتى ئىنتايىن تەپسىلىي جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقىلغان
-
مەزكور ماتېرىيال ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكى كۇرژۇك يوقلىمىسى، كۇرژۇك پائالىيىتى مەزمۇنىنىڭ كالىندار پىلانى، كۇرژۇكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رويىخېتى، كۇرژۇكنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانى، ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلاردا يېتىلدۈرمەكچى بولغان بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەت نىشان ۋە مەكتەپنىڭ مەۋسۈملۈك ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىنىڭ پىلانى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۆزەم بىر قوللۇق پۈتتۈرگەن ئىدىم. تۆت يىلدىن بۇيان مەكتىپىزدە مۇشۇ ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. مەكتەپلەرنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى تېخىمۇ بېيىتىپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
بۇ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۈملۈك بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى يىللىقلار ۋە پەن تۈرى بويىچە خۇلاسە قىلىپ، بىر نۇسخىسىنى مائارىپ ئىدارىسىگە يوللاپ، يەنە بىر نۇسخىسى مەكتەپلەردە ساقلىنىدىغان ئېلكترونلۇق جەدۋەل بولۇپ، ئادەتتە بارىلىق مەكتەپلەر نۆۋەتتە مۇشۇ جەدۋەلنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئېلكترونلۇق جەدۋەلدە باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇقسىز9-يىللىقىچە بارىلىق يىللىقلارنىڭ بارىلىق پەنلىرى توللۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكەندە جەدۋەلدىكى فورمۇلاغا چېقىلماي، باشقا مۇناسىۋەتلىك كاتەكچىلىرىگە سانلىق مەلۇماتلارنى قويساق بولىدۇ.
-
2011/02/18
ھاكاۋۇر ئېشەك - [مەسەللەر]
ئېشەك بىلەن كالا بىللە سەپەرگە چىقىپتۇ، ئېشەك ئىتتىك مېڭىپ، پات - پات ئارام ئېلىشقا، كالا سالماق قەدەم بىلەن بىر خىل مېڭىپ، ئۆزىنى ھارغۇزماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە خۇشتار ئىكەن. ئېشەك يول يۈرۈش داۋامىدا كالىنىڭ ئالدىرىماي ماڭىدىغانلىقىدىن بەكمۇ زېرىكىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، مېڭىشتا مۇسابىقلىشىشنى ئېيتىپتۇ. كالا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتا ئېشەكتىن يېڭىلىپ قېلىشنى نومۇس بىلىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.
-
بولۇق ئۆسكەن ئوت كىيىم كىيگەن بىر تاغدا، ئوتلايدىكەن يايرىشىپ، قوي - ئۆچكىلەر ھەر تاڭدا. ئۇزۇن - ئۇزۇن ساقاللىق، ئۆچكىلەر بەك شوخ ئىكەن. تاغقا چىقسا ھارمىغاچ، كۆڭۈللىرى توق ئىكەن. زاڭلىق قىلىپ كۈلەركەن، پەستە قويلار ئوتلىسا. دېيىشەركەن: - چىقمامدۇ، بىڭسى بولسا، قورقمىسا. قويلار بىر كۈن باش قوشۇپ، چوڭ بىر يىغىن ئېچىپتۇ. ئەگرى مۈڭگۈز قوچقاربايم ئۆز پىكرىنى ئېيتىپتۇ: - نەچچە چاغدىن بىز قويلار، تاغ تۈۋىدە ئوتلىدۇق. بىر جاينىلا چۆرگىلەپ، ئوت - چۆپنىمۇ قويمىدۇق. بىڭسىمىز يوق دېمەيلى، كۈچ - غەيرەتكە كېلەيلى. ئۆچكىلەردىن ئۆگىنىپ، تاغ ئۈستىگە ئۆرلەيلى...
-
2011/02/18
مايمۇننىڭ قىڭراق بىلىشى - [مەسەللەر]
مايمۇن بىر قىڭراق تېپىۋاپتۇ، ئەمما بۇ قىڭراق ناھايىتى گال بولۇپ، بىرەر تال كىچىك ياغاچنىمۇ كېسەلمەيدىكەن. ئۇ ئوتۇنچىنىڭ قېشىغا بېرىپ: - سەن قىڭرىقىڭنى قانداق ئىتتىكلىتىسەن؟ بۇنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ، - دەپ تەلەپ قىپتۇ.
- ئۇنى تاشقا سۈركەپ ئىتتىكلىتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوتۇنچى.
-
2011/02/18
كېمىچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى - [مەسەللەر]
قەھرىتان قىشنىڭ بىر كۈنىسى، كېمىچى كېمە بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ، بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. كېمىچى بىردەم تازا كۈچەپ پالاق ئۇرغاندىن كېيىن، بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، كۆڭلەكتىن باشقا كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوغلىغا: - بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، چاپىنىڭنى سېلىۋەت! - دەپ بالىسىنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ، كۆڭلەكچان قىلىپ قويۇپتۇ.