بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇسىلەر! كەمىنە 2011-يىلى5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن كېيىن يېڭى يازما ئېلان قىلمىدىم. سەۋەبى: بلوگبۇس سۇپىسىنىڭ مۇقىمسىز بولىشى بىلەن بىر قانچە قېتىم بىر ئاي ئەتىراپىدا ۋاقت سەرپ قىلىپ يازغان يازمىلىرىمنىڭ تويۇقسىز يوقىلىپ كېتىشى قاتتىق ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. يېقىندا نۇرغۇن بلوگداشلىرىم ۋوردپەرەسكە كۆچتى. بەزىلىرى مۇستەقىل تور بېكەتلەرگە كۆچتى. مەنمۇ يېقىندا مۇستەقىل تور بېكەت سىستېمىسىنى لايىھىلەش، بېزەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. يېڭى تور بېكەتنىڭ رەسمىيەتلىرى پۈتۈپ بوشلۇققا چىقىرىلغاندىن كېيىن بلوگ يۈزىدە قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ.

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن: بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى

  • EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز.  مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز،  جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.

  • ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
    1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز
    .
    2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز،ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.

  • مەزكور迅雷(چۈشۈرگۈچ) دېتالىنىڭ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىغىمى ئاران 2.27MBبولۇپ، قاچىلىغاندىن كېيىنكى سىغىمىمۇ ئىنتايىن كىچىك. سەپلىمىسى تۆۋەن ۋە ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارنىڭ ھەر قاندىقىغا ماس كېلىدۇ. ھازىرقى 迅雷(چۈشۈرگۈچ) دېتالىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئارتۇقچە ئېلانلار توللۇق چىقىرىپ تاشلانغان بولۇپ، كۆرىنىشى ئىنتايىن ئازادە ۋە سىپتا لايىھىلەنگەن. قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.

  • بۇ دېتال ئارقىلىق SWF(فىلەش) نى GIF(ھەرىكەتچان رەسىم) گە ئايلاندۇرۇپ ساقلاشقا بولىدۇ.

    دېتال كۆرۈنمە يۈزى بەك ئاددىي بولغاچقا، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالمىدىم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.

  • سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋېتىپ توساتتن توك كەتسە ياكى كومپيۇتېرىڭىز قېتىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ مەن سىزگە بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي، بۇ سىزگە ئەسقاتىدۇ.

    سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، سىستېما WORD ھۆججىتىنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قويىدۇ. توك كەلگەندە سىز كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ c://documents andsettings//administaraor//application data//microsoft//word نىڭ ئىچىگە كىرىپ xxx.asp دىگەن ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپسىڭىزلا بولدى

  • 搜狗输入法5.0 نۇسخسىدا قولدا يېزىش(手写)  ۋە رەسىم تۇتۇش (截屏)ئىقتىدارى قېتىلغان بولۇپ، بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ئۇقماسلىقتىن خەتنى يازالماسلىق، ئېكراندىكى رەسىملارنى تۇتۇش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىپتۇ.

    搜狗输入法5.0 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلىرى بىۋاستە قېتىلمايدىكەن. بۇ ئىقتىدارىنى تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە يېڭىلاپ قاچىلايمىز ياكى بۇ كېڭەيتىلمە ئىقتىدارىنى توردىن چۈشۈرىۋېلىپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ.

  • 1. QQ نى كۈندە توردا ياكى تېلفۇندا ئىككى سائەت ئېچىپ قويۇش: بۇنداق قىلغاندا qq غا ھەر كۈنى بىر كۈن قوشۇلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەممەيلەن بىلىدىغۇ دەيمەن.

    2. QQ电脑管家 نى ئىشلىتىش: 电脑管家نى چۈشۈرۈپ قوزغىتىپ، QQرىڭىزنى يېرىم سائەت ئېچىپ قويسىڭىزلا، QQغا بىر كۈن قوشۇلىدۇ. (ئۇدا ئۈچ كۈن ئىشلەتسىڭىز QQ电脑管家 نىڭ بەلگىسىمۇ يۇرۇيدۇ)

    QQ电脑管家 دېتالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.

  • 1-2-خانىسى سىز كىملىك ئىلتىماس قىلغان ئاپتۇنۇم رايون ياكى ئۆلكىنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى.
    3-4-خانىسى ۋىلايەت ياكى شەھەرنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى.
    5-6- خانىسى ناھىيىنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى.
    7~14 خانىسى مەزكۇرنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ.

  • ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە، بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ. باشقىلار بىلەن ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشكىلى بولىدۇ. مىكرو سوفىتنىڭ توردا ئالاقە قىلدىغان دۇنياۋى يۇمشاق دېتالى. 600 مىليوندىن كۆپ ئابونتى بار.

    خەت نۇسخسى ئەلكاتىپ "Alkatip" قا توغرىلاندى. كومپىيۇتېرىڭىزدا بۇ خەت نۇسخىسى بولمىسا قاچىلاڭ. (ئەلكاتىپ خەت نۇسخسى بولمىسىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ ئەمما خەتلىرى ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك چىرايلىق چىقمايدۇ)

  • بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى230كۈن15سائەت25مىنۇت46سىكونت بولدى.

    بلوگىڭىز ياكى تور بېكىتىڭىزدە يۇقىرقىدەك ئۆنۈمنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى ئىشلىتىڭ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بلوگقا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، {c:0} نىڭ ئۈستىگە چاپلاڭ. مۇستەقىل تور بېكەتكە ئىشلەتسىڭىز خالىغان ئورۇنغا چاپلاڭ.

  • مەزكور دېتالنىڭ پېرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىغىمى ئاران532KB كېلىدۇ. قاچىلاش ھاجەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزنەك مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەپلىك، سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز بولۇپ، قوشۇمچە دېتال قاچىلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق رادىئو ئاڭلاشقا، تور تېلېۋىزىيىسى كۆرۈشكە ۋە 12مۇقام ئاڭلاشقا بولىدۇ.

  • 1. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى: %95 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. IT تۈرىدىكى يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، قىسمەن كونا تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)

    2. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى: %94 (985 قۇرۇلۇشىدىكى توققۇز مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ھاياتلىق ئىلىمى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسرەك، IT تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېڭى گۈللەنگەن تەبىئىي پەن كەسپى، مالىيە ئىقتىساد تۈرى، چەت ئەل تىلى تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياخشى)

  • ھەر قايسى ئايلارنى ئۇيغۇرچە مۇنداق ئاتايمىز:

    1-ئاي: قەھرىتان

    2-ئاي: ھۇت

    3-ئاي: نەۋرۇز......

  • بۇ ئەسەرنى مەن http://iask.sina.com.cn نىڭ بوشلۇقىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم. بىر ئوقۇغان پېتى بىراقلا ئوقۇپ تۆگەتتىم. ئەسەرنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق. بىراق ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى ئەسكە ئالالمىدىم. بىلىدىغان قېرىنداشلار تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997