|
-
2011/02/18
كىچىك ئاق خوراز - [مەسەللەر]
كىچىك ئاق خوراز چىللاشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن خۇشھاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى ئۇنى ماختاپ: - كىچىك ئاق خوراز، سەن ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ، ئېگىمىز سېنىڭ چىللىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ ئويغىنىدۇ - دە، ئاندىن بىزنىڭ كاتىكىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ، - دەپتۇ. كىچىك ئاق خوراز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ ۋە بارا - بارا مەغرۇرلىنىشقا باشلاپتۇ، يەنە تېخى تاڭنىمۇ ئۆزى يورۇتقاندەك قانائەتلىنىپتۇ.
-
2011/02/18
كاۋچوك دەرىخى ئاستىدىكى تۇڭگۇز - [مەسەللەر]
داۋىنچ
تۇڭگۇز كۈن بويى قېرى كاۋچوك دەرىخى ئاستىدا ئاچ كۆزلەرچە دۇب ياڭىقى يەيدىكەن، تويۇپ قالسا، كاۋچوك دەرىخى سايىسىدە خورەك تارتىپ ئۇخلايدىكەن. ئېغىر قاپاقلىرىنى يېرىپ ئويغانغاندا بولسا، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇمشۇقى بىلەن كاۋچوك دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى كولايدىكەن.
ـــ ھەي، سەن بىلمەمسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، كاۋچوك دەرىخىگە زىيان-زەخمەت يېتىپ قالىدۇ، ـــ دەپتۇ دەرەخ شېخىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر قاغا ئۇنى ئەيىبلەپ ۋارقىراپ، ـــ سەن دەرەخنىڭ يىلتىزلىرىنى ئېچىپ قويساڭ، دەرەخ قۇرۇپ قالىدۇ.
-
2011/02/18
قىزغانچۇق چۈجە - [مەسەللەر]
بىر كۈنى مېكىيان چۈجىلىرىنى باشلاپ دانلاشقا چىقىپتۇ. چۈجىلەر چۇكۇلدىشىپ يۈرۈپ دانلاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چۈجە توپتىن ئايرىلىپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپتۇ، يىراقلاشقانسېرى كۆپرەك دان تېپىپ يەپتۇ. ئۇ: ئۆزۈم يالغۇز دانلىسام كۆپرەك بىر نەرسە تېپىپ يېيەلەيدىكەنمەن، باشقىلار ماڭا ئەگىشىپ كېلىۋاتامدىكىن؟ - دەپ قىزغىنىپ ئارقىسىغا قاراپتۇ، لېكىن ھېچكىمنى كۆرمەپتۇ: ئەجەپ ئوبدان بولدى، - دەپتۇ كۆڭلىدە قىزغانچۇق چۈجە، - ئۆزۈم كەڭ - كۇشادە دانلاپ، قورسىقىمنى راسا تويدۇرۇپ، ئاندىن ئۆيگە كېتىمەن.
-
2011/02/18
قوشكېزەك ئوغلاقلار - [مەسەللەر]
چىمەنزارلىق ئىچىدە، كىچىك ئېرىق لېۋىدە. ئىككى ئوغلاق ئويناركەن، ئەركىن تاقلاپ يايراركەن. تۇغۇلغانىكەن قوشكېزەك، ئوخشايدىكەن شۇڭا بەك. ئۇنىڭ بىرى تېكىكەن، يەنە بىرى چىشىكەن. تالىشاركەن پات - پاتلا، ئۈسۈشەركەن سەكرەپلا. ئورۇنسىزلا بەسلىشىپ، قالىدىكەن تەگىشىپ.
-
2011/02/18
قىسقۇچپاقا بىلەن گرانت تاش - [مەسەللەر]
داۋىنچ
زېرەك قىسقۇچپاقا بىلەن بىر توپ بېلىجانلار تاسادىپىي جىددىي ئېقىنغا كىرىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بىر گرانت تاشنى چۆرگىلەپ ئويناپتۇ. سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن نۇر ئۆتىشىپ تۇرىدىكەن، بېلىجانلار خۇشاللىقىدىن ھەر يان ئۈزۈشۈپ، نۇر ۋە سايىنىڭ شادلىقىدىن بەھرىمان بوپتۇ.
-
2011/02/18
قىزغانچۇق توشقان - [مەسەللەر]
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تولۇمدىكەن، شۇ كۈنلەردە جاھاننىڭ چېتىدە، بىر جاڭگالنىڭ ئىچىدە بىر توپ توشقانلار بەكمۇ ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئالاچىپار توشقان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ھاكاۋۇر، قىزغانچۇق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغانچۇق توشقان بىر دوستى بىلەن تەگىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توپتىن ئايرىلىپ جاڭگاللارنى كېزىپ، يۇمران ئۆت - چۆپلەر بىلەن تولغان، يان تەرىپىدە بۇلاقلاردىن سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بىر گۈزەل جايغا كېلىپ قاپتۇ - دە،
-
2011/02/18
چېچەن كېلىن - [چۆچەكلەر]
بار ئىكەن ، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. ئۆتكەن زاماندا ئاۋۇت مەرگەن دېگەن بىر ئوۋچى بار ئىكەن. ئۇ ئوۋچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ، ئوغلىنى ئۆيلىمەكچى بولۇپ، لايىق ئىزدەپتۇ. ئاخىر ئوغلىنى باشقۇرغۇدەك قىز تاپالماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ خوتۇنى بىلەن كېلىشىپ، باشقا جايدىن كېلىن تېپىپ كېلىشكە مېڭىپتۇ.
-
2011/02/17
تايغان بىلەن بۈركۈت - [چۆچەكلەر]
بۇرۇن بىر ئەر - خوتۇن بوپتىكەن. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، خوتۇن ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ تىلىكى «ئىجاۋەت» بولۇپ، خوتۇن ھامىلىدار بوپتۇ. ئاي - كۈنى توشۇپ، ئۇ بىر قىز تۇغۇپتۇ. قىز تۇغۇلغان كۈنى قوتاندىن بىر قوي يوقاپتۇ. ئوغلى ھەيران بولۇپ بۇنى ئىزلەپ يۈرگەندە يەنە بىر قوشقار يوقاپ كېتىپتۇ. بالا قولىغا قېلىچ ئېلىپ، ئاخشىمى قوتانغا كىرىپ، ئۇخلىماي ماراپ يېتىپتۇ.
-
2011/02/17
بەش بارماقنىڭ سۆز تالىشىشى - [مەسەللەر]
بىر كۈنى بەش بارماق سۆز تالىشىپ قاپتۇ.
- ھەممىدىن مەن نوچى، - دەپتۇ باشمالتاق گىدىيىپ تۇرۇپ، - ‹‹باتۇر››، ‹‹نەمۇنىچى›› دېگەن سۆزلەر ئېيتىلغاندا مەن چىقىرىلىمەن، مەن نېمىدېگەن قالتىس - ھە!
باشقا تۆت بارماق بۇ گەپنى ئاڭلاپ قايىل بولماپتۇ. - ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە، - دەپتۇ كۆرسەتكۈچ بارماق، - سېنىڭ قالتىس چاغلىغۇچىلىك نېمەڭ بولسۇن! كىشىلەر يولنى ياكى نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرسىتىدىغان چاغدا مېنى ئىشقا سالىدۇ.
-
2011/02/16
ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى-ئۇيغۇر12مۇقامى - [ئېلىكترونلۇق كىتابلار]
ھەمىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر12مۇقامى ئۆز تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئەجدادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ تېخىمۇ بېيىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بىباھا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئەقلى ئويغاق ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى. سىزلەرگە سۇنۇلغان ئۇيغۇر12مۇقامى ئېلكىتاب شەكلىدە بولۇپ، ئېلكىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا كىرىپ (بۇ خەتنى بېسىڭ) ئېلكىتاب ئوقۇش دېتالىنى چۈشۈرۈپ، كومپىيوتېرغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا بولىدۇ. ئېلكىتابنى بلوگ ئارقا بېتىدىن چۈشۈرۈڭ.
-
‹‹ئىككى ئاساسەن›› نىڭA1كۆرسەتكۈچىدە تۈرىدە0دىن6ياشقىچە، 7دىن12ياشقىچە، 13دىن15ياشقىچە ۋە 16دىن20ياشقىچە بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرنى تىزىملاش دەپتىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئارخىپلارنى ئۆزەم بىر قوللۇق تۈزگەن ئىدىم. (12يىل جەريانىدا A1كۆرسەتكۈچنى ئىشلىگەن بولغاچ ئارخىپ ئىشلەشنىڭ جاپاسىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىغان ئىدىم. –بلوگ مەسئۇلىدىن قىستۇرما) مەكتەپلەردىكى مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلىنغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلىدىم.
-
2011/02/14
بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ مەمۇرىي كەنتلىرى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بوزدۆڭ يېزىسى 1984-يىلى ‹‹مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››غا ئاساسەن بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى بولۇپ قورۇلغان. مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە يەر شەكلى تۆزۈلۈشىگە ئاساسەن بەش مەمۇرىي كەنتكە ئايرىلغان. ئۇلار: قىزىلبۇلاق كەنتى، بوزدۆڭ كەنتى، تىكەنقۇرۇق كەنتى، ئاقبۇلاق كەنتى، بايلىقئاتا كەنتىدىن ئىبارەت .
قىزىلبۇلاق كەنتى
بۇ كەنت يېزىمىزنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يېزا مەركىزىگە 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىككى مەھەللىگە ئايرىلغان بولۇپ، ئومومىي ئائىلىسى 83، ئومومىي نوپۇس 388 نەپەر. قىزىلبۇلاق كەنتىدە ئۇيغۇر، قىرغىز مىللىتى ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
-
2011/02/14
بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ جايلىشىش ئورنى ۋە ئاھالىسى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بۇ يېزا تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. خەرىتىدىكى ئورنى كەڭلىك جەھەتتىن شىمالىي كەڭلىكˊ25°41~ˊ5°42 لۇق كەڭلىككە، ئۇزۇنلۇق جەھەتتىن شەرقىي ئۇزۇنلۇق5ˊ280°~5ˊ580° لۇق دائىرە ئىچىگە توغرا كېلىدۇ. يېزا بازىرى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ تاش يول مۇساپە ئارىلىقى 103كىلومېتىر بولۇپ، يېزىنىڭ شەرق تەرىپى مۇز ئارت دەرياسى ئارقىلىق باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەڭرىتاغ تەبىئىي ئورمان مۇھاپىزەت رايۇنى ئارقىلىق شىمالىي شىنجاڭ (مۇڭغۇلكۈرە) ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. غەرب تەرپى تېرەڭ دەرياسى ئارقىلىق تاغلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن، جەنۇپ تەرپى جام بازىرى تەۋەلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1182كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ % 8.35 تىنى ئىگىلەيدۇ.
-
2011/02/14
خىزمەت قالدۇرغانلارنى تىزىملاش جەدۋېلى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
بۇ ماتېرىيال دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلار بويىچە تىزىملاش خاتىرىسى، كېسەل سەۋەبىدىن دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خاتىرىسى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلارنىڭ خىزمەت قالدۇرۇش ئەھۋالىنى تىزىملاش خاتىرىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. ناۋادا جەدۋەل مەزمۇنلىرى سىزنى قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئۆزىڭىز خالىغان تۈرلەرنى قوشسىڭىز بولىدۇ.
-
2011/02/05
ئېئوت ياساش دېتالى ۋە دەرسى - [ئەسلىي كودلار]
دېتالنىڭ نامى: WEFT Microsoft بولۇپ، نۆۋەتتە تور بېكەت ۋە بلوگلارغا ئېئوت ياساشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئېئوت ياساش دېتالىنى ئارقا بەتتىن چۈشۈرۈڭ. ئېئوت ياساش دەرسىنى ‹‹يېڭى ئېرا›› تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىدىن كۆرۈڭ. http://php.newera.cc/show.asp?id=169 (دەرسلىكنى بوشلۇققا چىقىرىپ قويساممۇ بولاتتى. لېكىن باشقىلارنىڭ ئەجىر مېۋىسىنى ئوغىرلاشنى خالىمىدىم. –بلوگ مەسئۇلىدىن)