-
2011/02/18
كاۋچوك دەرىخى ئاستىدىكى تۇڭگۇز - [مەسەللەر]
داۋىنچ
تۇڭگۇز كۈن بويى قېرى كاۋچوك دەرىخى ئاستىدا ئاچ كۆزلەرچە دۇب ياڭىقى يەيدىكەن، تويۇپ قالسا، كاۋچوك دەرىخى سايىسىدە خورەك تارتىپ ئۇخلايدىكەن. ئېغىر قاپاقلىرىنى يېرىپ ئويغانغاندا بولسا، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇمشۇقى بىلەن كاۋچوك دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى كولايدىكەن.
ـــ ھەي، سەن بىلمەمسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، كاۋچوك دەرىخىگە زىيان-زەخمەت يېتىپ قالىدۇ، ـــ دەپتۇ دەرەخ شېخىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر قاغا ئۇنى ئەيىبلەپ ۋارقىراپ، ـــ سەن دەرەخنىڭ يىلتىزلىرىنى ئېچىپ قويساڭ، دەرەخ قۇرۇپ قالىدۇ.
تۇڭگۇز جاۋاب بېرىپ:
ـــ بولدى، ئۆلسە ئۆلمەمدۇ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم. ئۇنىڭ قانچىلىك رولى بار ئىدى، ئۇ مەڭگۈلۈك يوقاپ كەتسىمۇ، قەتئىي ئېچىنمايمەن. ماڭا لازىمى دۇب ياڭىقى، ـــ مېنى ھۆپپىدە سەمرىتكىنىمۇ دۇب ياڭىقى ـــ دە، دەپتۇ.
ھەي، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئەبلەخ! ـــ دەپتۇ كاۋچوك دەرىخى قاتتىق تەلەپپۇزدا، ـــ مۇبادا سەن رەزىل يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قارىساڭ، دۇب ياڭاقلىرىنىڭ مېنىڭدە مېۋىلىگەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
نادانلار تۇڭگۇزغا ئوخشاش قارىغۇ كېلىدۇ. ئۇلار بىلىم، مەرىپەتنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئىلىم ساھەسىدىكى نەتىجىلەرنى مەنسىتمەي ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ دەل ئىلىم ساھەسىدىكى نەتىجىلەردىن بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
历史上的今天:
ھۈۋەي باتۇر ھەققىدە چۆچەك 2011/02/18«يېرىل تېشىم، يېرىل» 2011/02/18يانتاقچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2011/02/18ياخشىلىق يەردە قالماس (بىرىنچى قىسىم) 2011/02/18ۋىجدانلىق مەلىكە 2011/02/18
收藏到:Del.icio.us