|
-
دېلو ئەھۋالى: 14 ياشلىق نۇر ئەخمەت بىلەن 13 ياشلىق رۇسۇل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇلۇپ، بىر قېتىملىق تەنتەربىيە دەرسىدە ئۇلار بىر-بىرىگە باشچىلاپ ئۈسۈۋالغان، نەتىجىدە رۇسۇل كۆزى زەخمىلىنىپ ئالتە ئاي داۋالانغان ۋە 10-دەرىجىلىك مېيىپ بۇلۇپ قالغان. رۇسۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى سوت مەھكىمىسىگە مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز سونۇپ، ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان. كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىش تاسادىپىيلىقتىن بولغان، شۇڭا مەكتەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقى، نۇر ئەخمەتنىڭ ۋەسىيسى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك، دەپ قارىغان. سوت مەھكىمىسى مەكتەپنى %40 مەسئۇلىيەتنى، نۇر ئەخمەتنىڭ ۋەسىيسى%10 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇغان.