|
-
2011/02/24
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ئامبىرى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
مەزكور ماتېرىياللار ئامبىرىغا باشلانغۇچ1-يىللىقتىن تولۇقسىز9-يىللىقىچە بولغان14پەننىڭ1-، 2-مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن: دەرس ئۆلچىمى، دەرس ئۆلچىمىنىڭ يەشمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش قوللانمىلىرىنىڭ تىزىملىكى، ماتېرىيال ئالغۇچى، سانى، باھاسى، قايتۇرغۇچى ۋە قايتۇرغان ۋاقتى ئىنتايىن تەپسىلىي جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقىلغان
-
مەزكور ماتېرىيال ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكى كۇرژۇك يوقلىمىسى، كۇرژۇك پائالىيىتى مەزمۇنىنىڭ كالىندار پىلانى، كۇرژۇكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رويىخېتى، كۇرژۇكنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانى، ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلاردا يېتىلدۈرمەكچى بولغان بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەت نىشان ۋە مەكتەپنىڭ مەۋسۈملۈك ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىنىڭ پىلانى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۆزەم بىر قوللۇق پۈتتۈرگەن ئىدىم. تۆت يىلدىن بۇيان مەكتىپىزدە مۇشۇ ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. مەكتەپلەرنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى تېخىمۇ بېيىتىپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
بۇ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۈملۈك بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى يىللىقلار ۋە پەن تۈرى بويىچە خۇلاسە قىلىپ، بىر نۇسخىسىنى مائارىپ ئىدارىسىگە يوللاپ، يەنە بىر نۇسخىسى مەكتەپلەردە ساقلىنىدىغان ئېلكترونلۇق جەدۋەل بولۇپ، ئادەتتە بارىلىق مەكتەپلەر نۆۋەتتە مۇشۇ جەدۋەلنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئېلكترونلۇق جەدۋەلدە باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇقسىز9-يىللىقىچە بارىلىق يىللىقلارنىڭ بارىلىق پەنلىرى توللۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكەندە جەدۋەلدىكى فورمۇلاغا چېقىلماي، باشقا مۇناسىۋەتلىك كاتەكچىلىرىگە سانلىق مەلۇماتلارنى قويساق بولىدۇ.
-
2011/02/14
خىزمەت قالدۇرغانلارنى تىزىملاش جەدۋېلى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
بۇ ماتېرىيال دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلار بويىچە تىزىملاش خاتىرىسى، كېسەل سەۋەبىدىن دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خاتىرىسى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلارنىڭ خىزمەت قالدۇرۇش ئەھۋالىنى تىزىملاش خاتىرىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. ناۋادا جەدۋەل مەزمۇنلىرى سىزنى قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئۆزىڭىز خالىغان تۈرلەرنى قوشسىڭىز بولىدۇ.
-
2010/11/15
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلىك نەتىجە كارتىسى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇۋېتىشتىن ئىلگىرى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجىسىنى تولدۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ، مەكتەپ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
-
2010/11/15
ھەپتىلىك دەرس جەدۋېلى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
ئىلمىي مۇدىرلار ئۈچۈن دەرس جەدۋېلى تۈزۈش خېلى زېھنى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. بۇ دەرس جەدۋېلى سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۈكىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتسە قىلغان ئەجرىم بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ.
-
2010/11/15
ئىلمىي نەتىجە جەدۋېلى - [ئىلمىي بۆلۈم ماتېرىياللىرى]
مەكتەپلەردە تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئېلىكترونلۇق جەدۋەل دەل سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭىزنى توللۇق قاندۇرغۇسى.