بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • بۇ ئەسەرنى مەن http://iask.sina.com.cn نىڭ بوشلۇقىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم. بىر ئوقۇغان پېتى بىراقلا ئوقۇپ تۆگەتتىم. ئەسەرنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق. بىراق ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى ئەسكە ئالالمىدىم. بىلىدىغان قېرىنداشلار تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار.

  • بۇ ئېلكىتابلار2007-يىلى چىقىرىلغان‹‹ ئۇيغۇر كومپىيوتېر مەستانىلىرى تور ژۆرنىلى›› نىڭ 1-8-سانىغىچە بولغان سەككىز سان ژۆرنالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى: كومپىيوتېر خەۋەرلىرى، يۇمشاق دېتال سالونى، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن، كومپىيوتېر ئىشلىتىشتىن تەجرىبىلەر، سۇئال-جاۋابلار، كومپىيوتېردىكى ئەپچىل چارىلەر... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  • بۇ ئېلكىتابلار2009-يىلى چىقىرىلغان‹‹ ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى تور ژۆرنىلى›› نىڭ 1-2-سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى: ئىگىلىك تىكلەش، سودا ۋە ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى... قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  • 1.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋۇكاتلار قانۇنى 2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە-كېسىم قانۇنى 3. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى 4. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 5. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىراسخورلۇق قانۇنى 6. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى 7. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى 8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى 9. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى 10. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى.

  • مەزكور ئېلكىتابنى ئەينى ۋاقىتتا ‹‹بىلىك مۇنبىرى›› دىن ئەرتاش ئەپەندى تۈزۈپ تارقاتقان. كىتاب: بىرىكتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەم يۇمشاق دېتاللىرى توغرىسىدا، كۈرۈش سەزگۈسىنىڭ ئاساسى، كومپىيوتېر دەرسخانىسى قاتارلىق ئۈچ سەھىپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كىتابنى بىر ئېچىۋالسىڭىز، چېكىنگىڭىز كەلمەيدۇ.

  • 1. ‹‹ئۇيغۇر 12مۇقامى›› نىڭ تېكستلىرى 2. ئانا (داستان)  3. فىليەتونلار توپلىمى(14فىليەتون)  4. غۇنچەم(دراما)  5. جىگدە تۈۋىدە(ھېكايە)  6. كېپەن ئىچىدىكى خىياللار(پوۋېست)  7. مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى  8. مىللىتارست شىڭ شىسەي دەۋرىدە ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئەسلىمە  9. مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن(داستان)  10. زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز(رومان)  11. خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى  12. ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان دىسكا ياساش يۇمشاق دېتالى(دەرسلىك)  13. توخۇ بېقىش تېخنىكىسى كىتابنى ئارقا بەتتىن چۈشۈرۈڭ.

  • 3D Studio MAX يۇمشاق دېتالى نۆۋەتتە كومپىيوتېر ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئىلغار بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھىلەش يۇمشاق دېتالى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئۆز تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي ئىشلىگەن مەشقلىرى ئاساسىدا تۆزۈلگەن بولۇپ، مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ ياخشى ھەمراھى بولغۇسى!

  • ئاتاقلىق ئالىم، يازغۇچى، شائىر ۋە جامائەت ئەربابى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ‹‹ئويغانغان زېمىن›› ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى يوللاندى. بۇ روماننى ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس دېتال ئىشلىتىلىدۇ. ( DjView阅读器) ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىز ئاۋۋال ‹‹ئويغانغان زېمىن›› ناملىق روماننىڭ ئىككى قىسمىنى ۋە DjView阅读器 دېتالىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسىنى پېرىستىن يېشىپ، ھەممىسىنى بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە قويۇپ، DjView阅读器 دېتالىنى قوزغىتىسىز.

  • ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىينىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى بولغان (تۈركىي تىللار دىۋانى) نىڭ 1-،2-،3- قىسمى توللۇق يوللاندى. بۇ ئەسەرنى ئوقۇشنى خالىغانلار چۈشۈرۈپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تەپسىلاتىنى ئارقا بەتتىن كۆرگەيسىز.

  • بۇ ئېلكىتابنى ‹‹شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى›› تور بېكىتىدىكى ‹‹سادا›› نامىدىكى بىر تورداش تۈزگەن بولۇپ، ئېلكىتاب ئومۇمىي سىغىمى: 20MB بولۇپ، جەمئىي30 بەت. مەزمۇنلار ناھايىتى سەر خىل. مەزكور ئېلكىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ئېلكىتاب ئوقۇش دېتالىنى قاچىلاش ھاجەت ئەمەس. پىرىس ھالىتىدە تۇرۇپلا sada.exe نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ. بارىلىق ھوقۇق-تۈزگۈچىگە مەنسۇپ.

  • ھەمىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر12مۇقامى ئۆز تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئەجدادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ تېخىمۇ بېيىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بىباھا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش-ئەقلى ئويغاق ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى. سىزلەرگە سۇنۇلغان ئۇيغۇر12مۇقامى ئېلكىتاب شەكلىدە بولۇپ، ئېلكىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا كىرىپ (بۇ خەتنى بېسىڭ) ئېلكىتاب ئوقۇش دېتالىنى چۈشۈرۈپ، كومپىيوتېرغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا بولىدۇ. ئېلكىتابنى بلوگ ئارقا بېتىدىن چۈشۈرۈڭ.

  • ئېلكترونلۇق كىتاب (ئېلكىتاب) كۆرۈش دېتالى. ھازىرقى نەشرى Foxit Reader 3.0.2009.1506 بولۇپ، ئېلكترونلۇق كىتابلارنى كۆرۈشتە مۇشۇ دېتالغا تايىنىمىز.

    elkitap korux detali

  • سيىت نوچى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا نامى كەڭ تارقالغان شەخس. داستاندا سيىت نوچىنىڭ بىر پۈتۈن ھايات كارتىنىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئەگەر قىزىقسىڭىز، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997